Jump to content

مۇنزىچى سەپرا

ئورنى Wikipedia

مۇنزىچى سەپرا غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى پىشۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

[تەھرىر]

دورا نامى :مۇنزىچى سەپرا

تونۇش نامى :Muniziqi Saifula Heji

ياسالما شەكلى :ئەرەق

ئاساسلىق دورىسى :بىنەپشە

خۇسۇسىيىتى

[تەھرىر]

بۇ سۇس جىگەررەڭلىك سۇيۇقلۇق بولۇپ، خۇشپۇراق،تەمى تاتلىق.

مۇندەرىجە

[تەھرىر]
  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • خۇسۇسىيىتى
  • تەركىبى    
  • ياسىلىشى
  • داۋاسى
  • ئۆلچەم
  • ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى
  • ساقلاش
  • تەكشۈرۈش
  • پەرقلەندۈرۈش
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

تەركىبى    

[تەھرىر]
مۇنزىچى سەپرانىڭ ئاساسلىق مىقدارى
نامى مىقدارى نامى  مىقدارى نامى  مىقدارى نامى  مىقدارى
بىنەپشە 30  گرام  شاھتەررە   30 گرام نىلۇپەر    30   گرام چىلان      40  گرام
كاسىن ئۇرۇقى    40  گرام   كاسىن يىلتىزى    30  گرام قىزىلگۈل   30   گرام    تەرەنجىۋىل 80 گرام

ياسىلىشى

[تەھرىر]

يۇقۇرىدىكى 8خىل دورىغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ، ℃70~60 تا 4 سائەت چىلىغاندىن كېيىن 1 سائەت قاينىتىمىز،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 300ml ئەرەق يىغىۋالىمىز؛دورا قالدۇقىغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ 1 سائەت قاينىتىپ،سۈزۈپ،سۈزۈلمىنى بىرلەشتۈرۈپ،تىنچ تۇرغۇزۇپ،سۈزۈپ،سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنى مۇۋاپىق مىقداردا قۇيۇلدۇرۇپ،شېكەر ۋە چىرىشكە قارشى تۇرغۇچىلارنى قوشۇپ قىزىتىپ ئېرىتىپ،سوۋۇتۇپ،ئەرەق قوشۇپ ئومومى مىقدارنى 1000ml غا تەڭشەپ،تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

داۋاسى

[تەھرىر]

غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆلچەم

[تەھرىر]

ھەر بىر قۇتىغا 500ml دىن قاچىلىنىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى

[تەھرىر]

كۈنىگە 3 قېتىم،ھەر قېتىمدا 100ml دىن ئىچىلىدۇ.

ساقلاش

[تەھرىر]

ئېغىزى ھىم ئېتىلىپ، سالقىن سايە ئورۇندا ساقلىنىدۇ.

ئۆلچەم

[تەھرىر]

ھەر بىر قۇتىغا 500ml دىن قاچىلىنىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى

[تەھرىر]

كۈنىگە 3 قېتىم،ھەر قېتىمدا 100ml دىن ئىچىلىدۇ.

ساقلاش

[تەھرىر]

ئېغىزى ھىم ئېتىلىپ، سالقىن سايە ئورۇندا ساقلىنىدۇ.

تەكشۈرۈش

[تەھرىر]

بۇ دورا قاينىتىلما ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل، قوشۇمچە IJ) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

پەرقلەندۈرۈش

[تەھرىر]

دورىدىن 100ml ئېلىپ،20ml دىن ئېتىل ئاتسىتات قوشۇپ 2 قېتىم چەككىلەيمىز، ئېتىل ئاتسىتاتنى بىرلەشتۈرۈپ،پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،دورا قالدۇقىغا 1ml مېنتانول قوشۇپ ئېرىتىپ سىناق ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلايمىز. خۇپىسۇ (quercetin)سېلىشتۇرما دورىسىدىن ئېلىپ، مېنتانول قوشۇپ،ھەر1ml دورىدا 1 مىللىگرام دورا تۇتقان سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلايمىز.نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن،سىناق قىلىنغۇچى دورا ئېرىتمىسىدىنµl10، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورا ئېرىتمىسىدىنµl2 شۈمۈرۈپ ئېلىپ،نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل گرام لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (5∶4.5∶0.5) تولۇئول-ئېتىل ئاتسىتات-فورمات كىسلاتانى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %3لىك ئاليومىن ئۈچ خلورىد ئېتانول ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ،℃105 لۇق ھارارەتتە بىر قانچە مىنۇت قىزىتىپ،ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرلۇق(nm 365)لامپا ئاستىدا كۈزىتىمىز.سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىر]