مۇنىرە ئەنسەردىن

ئورنى Wikipedia

تەرجىمھالى[تەھرىرلەش]

مۇنىرە ئەنسەردىن 1971-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1977-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 17-باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1980-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەرزەنتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1993-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەت ئەل تىلى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگرامما رىياسەتچىسى بولغان.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات باش دىكتورى، مۇدىر مۇھەررىر ئۇنۋانى بار. ئاساسلىق «شىنجاڭ خەۋەرلىرى»، «ئاخبارات چۈشلۈك گېزىتى»، «ئاخبارات كېچىلىك ئاپتوبۇس» ھەمدە سۆھبەت پىروگراممىسى «بۈگۈن فوكۇسلاش» نىڭ دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىك خىزمىتىنى قىلغان.

1994-يىلىدىن 2009-يىلى 6-ئايغىچە بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چەت ئەل پىروگراممىلىرى مەركىزىنىڭ رېژىسسورى، رىياسەتچى بولغان.

شان-شەرىپى[تەھرىرلەش]

2003-يىلى 5-نۆۋەتلىك پايتەخت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

2004-يىلى دىكتور، رىياسەتچىلەر ئەسىرى «دۇنيا ياخشىمۇسىز» شەرەپ بىلەن جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىلمىي جەمئىيىتى 16-نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىك ئەسىرى تېلېۋىزىيە دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىك  2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2006-يىلى بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئايال ئىشچى-خىزمەتچى» بولۇپ باھالانغان.

2007-يىلى «بەش ھالقىنىڭ تۇتاش دوستانە شەھەر بايقىغان ئەسەرلىرى ئاڭلىتىشى»دا شەرەپ بىلەن  2006-يىللىق «يارقىن  لوڭقىسى» بېيجىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى تېلېۋىزىيە ئىجتىمائىي ئالاقە تۈرىدىكى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «موسكۋا ساياھىتى» نىڭ سۈرەتكە ئېلىش رېژىسسورلىقى، قوشۇمچە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قىلغان.

2012-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 10 مۇنەۋۋەر ئاخبارات خىزمەتچىسىنىڭ بىرى بولغان.

دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىك ئەسىرى 2012-يىللىق شىنجاڭنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە دىكتور، رىياسەتچىلەر ئەسەرلىرى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. توپلاش ۋە ئۇنى لېنتىغا ئېلىشقا قاتناشقان  ئاخبارات خەۋىرى «تاشقورغان ناھىيەسى خاتىرىسى» 2011-يىللىق شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مۇنىرە نەسردىن يەنە كۆپ قېتىم چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. چوڭ تىپتىكى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە خەۋەر قاتنىشىدىغان ۋە  تاشقى كۆرۈنۈشنى زىيارەت قىلىدىغان خىزمەتلەرنى قىلغان. مەسىلەن، ئۇدا ئىككى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى، 2012-يىلى يېڭى يىللىق ئالاھىدە پىروگراممىسى «ئۇچۇپ ئۈتىۋاتقان تەڭرىتاغ»، «جەبدەس، چاققان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق يۈەنشياۋ تەنتەنىسى» 2013-يىلى تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى قەدىمىي مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن سىرىنى تەكشۈرمەك قاتارلىق بىۋاسىتە ئاڭلىتىشتا، كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە ھەر مىللەت تاماشىبىنلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

كىنو فىلىم[تەھرىرلەش]

1993-يىلى ئىشلەنگەن تارىخىي ھېكايە فىلىم «مەلىكە ئاماننىساخان» دا 16-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر مۇقام ئۇستازى مەلىكە ئاماننىساخاننىڭ رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالغان

مەنبە[تەھرىرلەش]

نۇر تورى