مۇنەۋەر ساۋۇت

ئورنى Wikipedia

قاتما قۇم رەسىمىنىڭ ئىجادچىسى-مۇنەۋەر ساۋۇتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى


مۇنەۋەر ساۋۇت 1971-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان. ئۇ 1994-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن.

2002-يىلى قاتماقۇم گۈزەل-سەنئەت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى مۇنەۋەر ساۋۇت تەكلىماكاندا ساياھەت يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قىلىۋاتقان مەزگىلىدە كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقتىن رەڭلىرى ۋە دانچىلىرى ئوخشاش بولمىغان قۇمنى بايقايدۇ. ئوخشىمىغان قۇملار ئارىسىدىن رەڭگى ئەڭ سۈزۈك، دانچىلىرى ئوخشاش بولغان قۇملارنى ئايرىپ ئېلىپ بۇنى ناھايىتى ئىنچكىلىك بىلەن كۆزىتىدۇ.

2003-يىلى مۇنەۋەر ئىككىنچى ئاكىسى دىلمۇرات، يولدىشى ئالىمجان بىلەن بىرلىكتە قاتما قۇم رەسىمنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا باشلايدۇ.

2005-يىلى ئۇلار مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇق ئىدارىسىغا قاتماقۇم رەسىمنىڭ پاتېنت مۈلۈك ھوقۇق ئىلتىماسنامىسىنى سۇنىدۇ، ھەمدە 2007-يىلى غۇلجا شەھرىدە مىللىي قول ھۆنەرۋەنچىلىك بويۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش خىزمىتىدە نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولغانلىقتىن 2007-يىلى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالىنىدۇ. ئۇلارنىڭ 2008-يىلى ئىلى ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قاتماقۇم مەھسۇلاتلىرى 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ساياھەت خاتىرە بويۇملىرىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسىنىڭ كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.