Jump to content

مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين

ئورنى Wikipedia

مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين (مُحَاكَمَةُ اللُغَتَيْن؛ Muhakamat al-Lughatayn) ئىككى تىل مۇنازىرىسى دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇلۇغ شائىر ۋە مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋائىي تەرىپىدىن مىلادى 1499 - يىلى يېزىلغان رىسالە. ئەسەر ئۆز دەۋرىدىكى تۈركىي ئەدەبىي تىل (چاغاتاي تىلى) نىڭ شېئىرىيەتتىكى ئورنىنى ۋە شۇ ئارقىلىق چاغاتاي ئەدەبىياتىنى قوغداش مەقسىتى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، جۈملە تۈركىستاننىڭ تۈركىي تىللىق بودۇنلىرى، بولۇپمۇ كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەك خەلقلىرىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

نەۋائىي ئۆز ئەسىرىدە «تۈرك تىلى» دەپ ئاتىغان ئەدەبىي تىل شۇ دەۋردە ئۇلۇغ تۈركىستاندا ياشىغۇچى تۈرك تىللىق بۇدۇنلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەكلەر ئورتاق قوللانغان يازما ئەدەبىي تىل بولۇپ، قاراخانىيلار دەۋرىدە «خاقانىيە تۈركلىرىنىڭ تىلى» ياكى «كاشغەر تىلى» دەپ ئاتىلىپ، تۈرك تىللىق خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ 14 - ئەسىردىن كېيىنكى داۋامى ئىدى.

ناۋائىي بۇ ئەسىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىدا تۈرك تىلىنى پارس تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، تۈرك تىلىدىكى ئەۋزەللىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۈرك تىلىدا ئۇقۇمنى نازۇك جەھەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان سۆزلەرنىڭ كۆپلۈكىنى، بەزى ساھەلەرگە خاس بولغان سۆز -ئاتالغۇلارنىڭ موللۇقىنى، تۇيۇق يېزىش، قاپىيە كەلتۈرۈش قاتارلىق بەدىئىي ماھارەت ۋە سۆز تۈرلەش، سۆز ياساش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ كەڭلىكىنى نۇرغۇنلىغان مىساللار بىلەن ئىسپاتلايدۇ؛ تۈرك تىلى مۇشۇنداق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن شۇ چاغقىچە بىرەر كىم تەرىپىدىن ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئەۋزەللىكلەر يوشۇرۇن ھالەتتە قالغانلىقىنى، تۈركىي تىللىق شائىرلار، بولۇپمۇ ياش شائىرلار ياخشى مۇلاھىزە قىلمايلا پارس تىلىنى ئەۋزەل بىلىپ، شېئىرنى پارسچە يېزىشقا بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىي تىللىق شائىرلار بارغانسېرى ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى بىلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى زور ئېچىنىش بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا چاغاتاي تىلى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە بەل باغلىغانلىقىنى، ئىزدىنىش نەتىجىسىدە بۇ تىلنىڭ مول بايلىقىدىن خەۋەردار بولۇپ چەكسىز غۇرۇرلانغانلىقىنى، بۇ تىلنى پۇختا ئىگىلىگەن ئاساستا بەدىئىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىنى ئېگىلگەن ئەسەرلىرىنى يارىتىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى، ئاخىرىدا ئۆز ئىشىنىڭ خۇلاسەسى سۈپىتىدە بۇ ئەسەرنى يازغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ناۋائىينىڭ بۇ ئەسىرىنى ئەسەر يېزىلغان دەۋر شارائىتى، ناۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ چاغاتاي تىلى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتى تەرەققىياتىدىكى رولى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلساق، ناۋائىينىڭ چاغاتاي تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز، شۇنداقلا ناۋائىينىڭ يۈكسەك مىللىي غۇرۇرىدىن، ئۆز ئانا تىلىغا بولغان قايناق مۇھەببىتىدىن، ئۆز ئانا تىلىنىڭ بايلىقىنى نامايان قىلىپ، ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ئۆستۈرۈش يولىدىكى قەيسەرلىكىدىن قاتتىق تەسىرلىنىمىز.

خۇددى ناۋائىي مۇشۇ رىسالەسىدە كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، ناۋائىي دەۋرىدە شېئىرنى پارس تىلى بىلەن يېزىش تۈركىي تىللىق شائىرلار ئىچىدە تەبىئىي بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغانىدى، بۇ ئەھۋال ناۋائىي ياشىغان ھەم تۈرك تىللىق شائىرلار ئەڭ كۆپ توپلانغان مەدەنىيەت مەركەزى بولمىش ھىرات شەھرىدە تېخىمۇ ئېغىر ئىدى. بۇ شائىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى پارس تىلىنى ئۆز ئانا تىلىدىن ئەۋزەل كۆرەتتى، شېئىرنى پەقەت شۇ تىل بىلەنلا يازغىلى بولىدۇ، دەپ بىلەتتى. ئۆز ئانا تىلىنى بولسا، شېئىر يازغىلى بولمايدىغان تىل دەپ ياراتمايتتى. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى بىلمەيدىغان، ئۆز ئانا تىلى بىلەن يازاي دېسىمۇ يازالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىدى. تۈرك تىللىق شائىرلار ئىچىدە مۇنداق غەيرىي ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇشى تاسادىپىي بىر ئىش بولماستىن، بەلكى تۈرك تىللىق خەلقلەردە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئىسلام مائارىپى ئىزىغا چۈشۈرۈلۈشى نەتىجەسىدە ئەرەب، پارس تىللىرىنىڭ زىيالىيلار ئىچىدىكى تەسىرىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىپ بېرىشى، بەزى تۈرك خانلىقلارنىڭ، مەسىلەن، ئىراندا قۇرۇلغان سەلجۇقىيلار سۇلالىسىنىڭ پارس تىلىنى دۆلەت تىلى ۋە ئەدەبىي تىل قىلىپ قوللىنىشى، بۇ رايونلاردىكى پارس مەدەنىيەتىگە تېمۇرىيلەر سۇلالىسىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى، شۇ مۇناسىۋەتلەر بىلەن فىردەۋسى، سەلمان، نىزامى، سەئىدى، ئەنۋەرى، خۇسراۋ دېھلىۋى، ھافىز شىرازى، كاتىبى، جامى قاتارلىق كاتتا شائىرلار ۋەكىللىكىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك پارس ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىي تىللىق زىيالىيلار، بولۇپمۇ شائىرلار ئىچىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغانلىقى، ئۇنىڭ ئەكسىچە تۈرك ئەدەبىي تىلى ۋە تۈرك ئەدەبىياتى بويىچە تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاپ بېرىشى، چاغاتاي تىلى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتى ۋارىسلىق قىلغان ئەنئەنىلەرنىڭ ئۇنتۇلۇشقا باشلىغانلىقىدەك تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. گەرچە ئەتايى، سەككاكى، لۇتفى، خارەزمى قاتارلىق شائىرلار قەدىمكى تۈركىي ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي تىل ئاساسىدا ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ، چاغاتاي تىلىنىڭ شېئىرىي شەكلىنى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتىنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خۇددى ناۋائىي ئېيتقاندەك، بۇ تۈركىيگوي[1] شائىرلارنىڭ لۇتفىدىن باشقىسى يۇقىرىدا ئېيتىلغان پارس ئەدەبىياتنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تەڭلىشەلمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ھەدەپ كۈچىيىۋاتقان پارسىيگويلۇق[2] ئېقىمىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەنىدى. ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. ئەگەر ئىش شۇ يوسۇندا داۋاملاشسا، شانلىق ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلغان چاغاتاي تىلىنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئورنىدىن مەھرۇم بولۇشى، شەكىللىنىشكە باشلىغان چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ نابۇت بولۇشى تۇرغان گەپ ئىدى.

چاغاتاي تىلى بىلەن چاغاتاي ئەدەبىياتى دۇچ كەلگەن بۇ ئېغىر خەۋپنى ئەلىشىر ناۋائىي ھەممىدىن چوڭقۇر ھېس قىلدى. خۇددى ئۇنىڭ «شۇ ئېھتىمالغا ھەرگىز يول قويغىلى بولمايدۇكى، تۈرك بودۇنلارنىڭ تالانت ئىگىلىرى پۈتۈنلەي پارس تىلى بىلەن شېئىر يازسۇن - دە، تۈرك تىلى بىلەن يازمىسۇن، بەلكى كۆپچىلىكى يازالمىسۇن» دېگىنىدەك، ئۇنىڭ مىللىي غۇرۇرى ئۆز ئانا تىلىنىڭ بۇ تەقدىرىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشىغا يول قويمىدى. ناۋائىي چاغاتاي تىلىنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئورنىنى ۋە شۇ ئارقىلىق چاغاتاي ئەدەبىياتىنى قوغداش ئۈچۈن بەل باغلىدى. ناۋائىينىڭ قارىشىچە، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن چاغاتاي تىلىدا ھەممە جەھەتتىن يۇقىرىدىكى پارس ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان، ھەتتا ئۇلارنى بېسىپ چۈشىدىغان شېئىرىي ئەسەرلەرنى يارىتىپ، چاغاتاي تىلىنىڭ ھەرقانداق چوڭقۇر مەزمۇن ۋە نازۇك ئۇقۇملارنى ئىپادىلەشكە، ھەرقانداق بەدىئىي ماھارەتلەرنى كۆرسىتىشكە ۋە ھەرقانداق يىرىك شېئىرىي ئەسەرلەرنى يارىتىشقا يارايدىغان مۇكەممەل بىر ئەدەبىي تىل ئىكەنلىكىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، يەنە بىر تەرەپتىن چاغاتاي تىلىنى پارس تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ئەۋزەللىكلەرنى ئىلمىي يوسۇندا خۇلاسىلەپ كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك ئىدى. ناۋائىي شۇنى چوڭقۇر چۈشىنەتتىكى، بۇ ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ۋەزىپە بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىي ئەدەبىي تىلنىڭ ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان ئەنئەنىلىرىنى ۋە خەلق تىلىنى پۇختا تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ بايلىقىنى، ئۇنىڭدىكى بەدىئىي ماھارەت ئىمكانىيەتلىرىنى تولۇق ئېچىش ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت جەھەتتە جاپالىق ئەمگەك قىلىش زۆرۈر ئىدى. لېكىن، ناۋائىي ئۆزىنىڭ يۈكسەك مىللىي غۇرۇرىغا، قورقۇش ۋە بىپەرۋالىقتىن خالىي تەبىئەتىگە تايىنىپ، كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

ناۋائىي تۈرك ئەدەبىي تىلىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا توپلانغان، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەخمەت يۈكنەكى، ئەتايى، سەككاكى، لۇتفى، خارەزمى قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدە نەزمىي ئىپادىسىنى تاپقان ئەنئەنىلىرى ۋە خەلق تىلى ئۈستىدە قېتىرقىنىپ ئىزدەندى ھەم ئىزدەنگەنسېرى تېخىمۇ غۇرۇرلىنىپ، ئۆز ئىرادەسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. ناۋائىي ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەسىراتىنى مۇنداق يازىدۇ: «ئەقىل يېشىغا قەدەم قويغىنىمدىن كېيىن ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا تەبىئەتىمگە بەخشەندە قىلغان غارايىبچانلىق، ئەستايىدىللىق ۋە مۈشكۈلاتچىلىق روھىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تۈرك تىلى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى لازىم تاپتىم. مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگىنىمدىن كېيىن، مېنىڭ كۆز ئالدىمدا ئون سەككىز مىڭ ئالەمدىن ئارتۇق بىر ئالەم نامايان بولدى، مەن ئۇ يەردە توققۇز پەلەكتىن ئېشىپ چۈشكەن بىر زىبۇزىننەت ئاسمىنىنى كۆردۈم، دۇرلىرى يۇلتۇزلاردىنمۇ جۇلالىق بىر يۈكسەكلىك ۋە بۈيۈكلۈك خەزىنەسىنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ يۇلتۇزلاردىنمۇ گۈزەل گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن گۈلشەنىگە يولۇقتۇم. ئۇنىڭ ھەرەمى ئەتراپىغا ئادەم ئايىغى يەتمىگەن، غارايىباتلىرىغا ھېچكىمنىڭ قولى تەگمىگەنىدى. ئەمما خەزىنەسىنىڭ يىلانلىرى دەھشەتلىك، گۈلشەنىنىڭ تىكەنلىرى سانسىز ئىدى. مەن سەنئەت ئەھلىنىڭ دانالىرى مۇشۇ يىلانلارنىڭ ئۆتكۈر نەشتىرىدىن قورقۇپ، بۇ خەزىنەلەردىن بەھرىمەن بولالماي ئۆتۈپتۇ، نەزم قوشۇنىنىڭ گۈلدەستىچىلىرى مۇشۇ تىكەنلەردىن ئېھتىيات قىلىپ، بەزمىگە لايىق گۈل ئۈزەلمەي كېتىپتۇ، دەپ ئويلىدىم. مېنىڭ يۈكسەك ئىرادەم، قورقۇش ۋە بىپەرۋالىقتىن خالىي تەبىئەتىم بۇ يەردىن كېتىشىمگە يول قويمىدى، مەن بۇ يەرنى تاماشا قىلىپ تويمىدىم، تالانتىم لەشكەر بولۇپ، بۇ ئالەم مەيدانىدا ئات ئوينايتتى، خىيالىم قۇش بولۇپ، بۇ ئالەم ئاسمىنىدا ئېگىز پەرۋاز قىلدى، دىلىم سەرراپ بولۇپ، بۇ جەۋھەرلەر خەزىنىسىدىن ھېسابسىز قىممەتلىك ياقۇت ۋە دۇرلارنى ئالدى، كۆڭلۈم گۈل تەرگۈچى بولۇپ، بۇ گۈلشەن رەيھانزارىدىن چەكسىز خۇش پۇراق گۈللەرنى يىغدى».

شۇنداق قىلىپ، ئەلىشىر ناۋائىي چاغاتاي تىلىنىڭ مول لېكسىكالىق بايلىقىنى، فونېتىكالىق ۋە گىرامماتىكالىق قائىدەلىرىنى ۋە ئۇنىڭدىكى بەدىئىي ماھارەت ئىمكانىيەتلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، بۇ تىل بىلەن شۇ دەۋرنىڭ شاھ ئەسەرلىرى بولغان «خەزائىنۇلمەئانى» (چاھاردىۋان)، «خەمسە» قاتارلىق بەدىئىي ئەسەرلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى ھەم «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» ناملىق بۇ تىلشۇناسلىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى. ناۋائىينىڭ تۈرك تىللىق خەلقلەرگە چەكسىز ئىپتىخار بېغىشلاپ، يالغۇز پارسىيگويلارنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شەرق، پۈتۈن دۇنيانى قايىل قىلغان بۇ ئەسەرلىرى چاغاتاي تىلىنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئورنىنى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتىنى قوغداپ قېلىش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى بۇ تىل بىلەن بۇ ئەدەبىياتنى يۈكسەك بىر پەللىگە چىقىرىپ، پۈتۈن تۈرك تىللىق خەلقلەر ۋە پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ناۋائىي ئەسەرلىرى پۈتۈن تۈركىستان مەدرىسە، مەكتەپلىرىنىڭ مۇھىم دەرسلىكىگە ئايلىنىپ، چاغاتاي تىلى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشى ۋە راۋاجلىنىشى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى. تۈركىستان خەلقلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، ئۆزبەكلەر ئىچىدىن چىققان شائىرلار ئەۋلادمۇئەۋلاد ناۋائىي ئىزىدىن مېڭىپ، چاغاتاي تىلى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتىنى تاكى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە داۋاملاشتۇردى. غەربىي تۈرك تىل ۋە شىمالىي تۈرك تىلىنى ئەدەبىي تىل قىلغان تۈرك تىللىق خەلقلەر، شۇنىڭدەك شەرقتىكى باشقا خەلق زىيالىيلىرىمۇ ناۋائىي ۋەكىللىكىدىكى بۇ تىل بىلەن بۇ ئەدەبىياتنى سۆيۈپ ئۆرگەندى ۋە مۇشۇ ئېھتىياج ئۈچۈن چاغاتاي تىلىغا، بولۇپمۇ ناۋائىي ئەسەرلىرىگە بېغىشلانغان نۇرغۇن لۇغەت ۋە گىرامماتىكا قوللانمىلىرى بارلىققا كەلدى، مەسىلەن، 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تۈزۈلگەن «بەدايىئۇل لۇغەت» ناملىق چاغاتايچە - پارسچە لۇغەت، 16 - ئەسىردە تۈزۈلۈپ، كېيىن «ئابۇشقا» دەپ ئاتالغان چاغاتايچە - ئوسمانلىچە لۇغەت ۋە باشقىلار.

ناۋائىي قوغدىغان ۋە يۈكسەلدۈرگەن چاغاتاي تىلى نۇرغۇن جەھەتلەردە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئاساس بولۇپ، ئۇنى قەدىمكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن زىچ باغلاپ تۇرماقتا؛ بىزنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ ناۋائىيدىن كېيىنكى ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ناۋائىينى ئۇستاز تۇتۇپ، چاغاتاي ئەدەبىياتىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىچە ئېلىپ كەلدى؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بولغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتفۇللاھ مۇتەللىپ، نىم شېھىت، تېيىپجان ئېلىيېف ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى بۇ شائىرلارنىڭ ناۋائىي ۋەكىللىكىدىكى چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە بىۋاسىتە ۋارىسلىق قىلىپ يېتىلگەنلىكىدىن دالالەت بېرىدۇ. مانا بۇلارنى ئويلىساق، ناۋائىي تۆھپىسىنىڭ بىز ئۈچۈن تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.

ناۋائىينىڭ بۇ رىسالەسى بىزگە چاغاتاي تىلى تەتقىقاتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نۇرغۇن قىممەتلىك ماتېرىياللارنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى بىلەنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ ناۋائىينىڭ بۇ ئەسەردە چاغاتاي تىلىدىكى قاپىيە ئىمكانىيەتلىرىنى بايان قىلىپ، چاغاتاي يېزىقىدىكى «ۋاۋ» (و) ھەرپىنىڭ «ئوت» (كۆيىدىغان ئوت) ، «ئۆت» («ئۆتمەك» پېئىلىنىڭ بۇيرۇق شەكلى) ، «ئۇت» («ئۇتماق» پېئىلىنىڭ بۇيرۇق شەكلى) ، «ئۈت» («ئۈتلىمەك» پېئىلىنىڭ يىلتىزى) سۆزلىرىنىڭ تەركىبىدە كەلگىنىدەك، تۆت خىل لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشقا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى چاغاتاي تىلىدىمۇ خۇددى ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلىدىكىگە ئوخشاشلا تۆت خىل لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىنتايىن ئېنىق ھەم بىردىنبىر پاكىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ناۋائىي ئۆز رىسالەسىدە چاغاتاي تىلىنى پارس تىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىككى تىلنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئەمەس، بەلكى چاغاتاي تىلىنىڭ پارس تىلىغا قارىغاندا ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان نۇقتىلىرىنىلا نەزەردە تۇتىدۇ. مۇنداق قىلىش ئانچە مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ رىسالە پارس تىلى تۈرك تىلىدىن ئەۋزەل دەپ تونۇلۇپ كەتكەن شارائىتتا شۇ خىل تونۇشقا رەددىيە بېرىش نۇقتىسىدىن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن ناۋائىي كۆرسەتكەن شۇ نۇقتىلارغا ئاساسلىنىپ، تۈركىي تىل پارس تىلىدىن ئەۋزەل دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئەتراپلىق سېلىشتۇرۇلسا، پارس تىلىنىڭ تۈرك تىلىدىن ئەۋزەل جايلىرىمۇ تېپىلىدۇ. خالىس مەيداندا تۇرۇپ ئېيتقاندا، تۈرك تىلى بىلەن پارس تىلى بىر - بىرىدىن قالىدىغان تىللار ئەمەس. ناۋائىينىڭ تۆھپىسى دەل تۈرك تىلىنىڭ پارس تىلىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، پارس تىلى تۈرك تىلىدىن ئەۋزەل دېگەن تونۇشقا كۈچلۈك رەددىيە بەرگەنلىكىدە.

ناۋائىينىڭ بۇ رىسالەسىگە ھازىرقى كۆز بىلەن نەزەر سالساق، ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ دەۋر چەكلىمىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى نۇقسان، ھەتتا خاتا كۆز قاراشلارنىڭ بارلىقىنىمۇ كۆرىمىز. مەسىلەن، ئەسەردە تىللارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى بولمىغان دىنىي رىۋايەتلەر بويىچە چۈشەندۈرۈلىدۇ. تىللارغا دەرىجە بېرىلىپ، ئەرەب تىلى مۇقەددەس تىلغا، پارس تىلى بىلەن تۈرك تىلى ئادەتتىكى تىلغا، ھىندى تىلى بولسا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك تىلغا ئاجرىتىلىدۇ ۋە ھىندى تىلىغا قارىتا بىرمۇنچە كەمسىتىش، مەسخىرە قىلىش خاراكتېرىدىكى باھالار بېرىلىدۇ. ئەسەرنى ئوقۇغاندا مۇنداق نۇقتىلارغا تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇشنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك.[1]


[1] تۈركىيگوي ـــ ئەسەرنى تۈركىي تىل بىلەن يازغۇچى.

[2] پارسىيگويلۇق ـــ ئەسەرنى پارس تىلى بىلەن يېزىش.

مەنبە(لەر)

[تەھرىر]
  1. خەمىت تۆمۈر، ئابدۇروۋپ پولات نەشرگە تەييارلىغان «مۇھاكەمەتۇللۇغەتەيىن» نىڭ كىرىش سۆزى.