Jump to content

مۇھەببەتنىڭ دوزىخىدا ئۆچۈپ قالماس ئوت

ئورنى Wikipedia

مۇھەببەتنىڭ دوزىخىدا ئۆچۈپ قالماس ئوت

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد


يارى جاندىن چىقىپ كەتسە يالغۇز ئۆلمەس كىم،

دۇتار چالغان كىمكىن باغدا مەستخۇش، مۇلايىم؟

بەرمەسمۇ ھە، تاشقا سادا، تۇپراققا ناۋا

قارىغۇغا ھاسا بەرگەن قادىر خۇدايىم؟!

بىر جان بىلەن بىر جان ئىكەن ئاشىق – بىقارار،

قاتىل كۆزلەر چاقناپ تۇرار يۇلتۇزلار ئارا.

ھەر بىر گۈلنىڭ نەپرىتىدە تىكەنلەر قىلىچ،

ساقىيارمۇ يۈرەكتىكى جاراھەت – يارا؟

سىلاپ ياتسام يۇلتۇزلارنىڭ نەم چاچلىرىنى

يورۇپتۇ تاڭ، كۈلۈمسىرەپ غەمگۈزار ئاپتاپ.

شاد كۆڭلۈمنىڭ دەرۋازىسى كەڭرى ئېچىلىپ

قۇياش نۇرى يۈزلىرىمنى تۇرۇپتۇ سىلاپ...

دىللار مۇزلاپ، بۇ ئالەمنى قاپلىماسمۇ جۇت

مۇھەببەتنىڭ دوزىخىدا ئۆچۈپ قالسا ئوت؟

ئۆكۈنمەيمەن، ئەسلەپ تۇرار مېنى مەڭگۈگە

چۈنكى يارىم دېدى ماڭا: ئۇنۇتقىن، ئۇنۇت!


2008 – يىلى 23 – ئىيۇن . خوتەن


مەنبە: غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: «بەرگى خازان»، 56-بەت