Jump to content

مۇھەممەتجان راشىدىن: ۋىجدان

ئورنى Wikipedia

مۇھەممەتجان راشىدىن: ۋىجدان

[تەھرىر]

مېنىڭ ياقامدىن سىقتى،

ۋىجدان مىنى بالاغا تىقتى.

مەن ۋىجداندىن نىجاتلىق كۈتسەم ،

جىمى پىشكەل ۋىجداندىن چىقتى .

شۇڭا بىرى ئۇنداق ۋىجداننى،

يوقات نېرى سېتىۋەت دېدى.

ساڭا ئوخشاش ۋىجدان دېگەننىڭ.

چىشلىرىنى چېقىۋەت دېدى.

ئايالىممۇ دېدى ۋىجدان دەپ .

قالمىدىغۇ كۆرمىگىنىڭىز .

بىر ئۇستىخان بىر تېرە بولۇپ،

قالدى پەقەت ئۆلمىگىنىڭىز.

پۇلىڭىز بار ۋىجدانىڭىز يوق،

كىم ۋىجدانغا بەردى بىر ناننى.

ئاچ-توق يۈرەر باللىرىڭىز،

سېتىۋېتىڭ ئۇنداق ۋىجداننى.

بۇ گەپلەرگە چىداش ئاسانمۇ ،

ئۆلىۋالاي دېسەم جان تاتلىق.

ئاسمان يىراق چىقىپ كەتمەككە،

كىرىپ كېتەي دېسەم يەر قاتتىق.

ماڭا كەسىپ تولىغۇ ئاخىر،

نان ساتىمەن ۋىجدان ساتمايمەن.

قانداق كۆنەي ۋىجدانسىز ياشاپ،

قان ساتىمەن ۋىجدان ساتمايمەن.