مۇھەممەت توختى
مۇھەممەت توختى، 1963- يىلى 7- ئايدا پىچان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، 1981-يىلدىن 1986-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ سىياسەت فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلدىن تا ھازىرغىچە سىياسەت ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە ، دوتسېنت ۋە ماركىسىزىم نەزەرىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.
تەتقىقات نىشانى : ماركىسىزىمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ،مىللىي مائارىپ نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەتى قاتارلىقلار .
ئاساسلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى : دۆلەت دەرىجىلىك پەن تەتقىقات تۈرىنىڭ ئۈچ تۈرىگە، ئاپتونوم رايونلۇق پەن تەتقىقات تۈرىنىڭ ئۈچ تۈرىگە قاتناشقان،ئىككى تۈرگە رىياسەتچىلىك قىلغان ؛ ئەللىكتىن ئارتۇق ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى ئېلان قىلغان ،ئىككى بۆلۈم ئەسەر يازغان .