مۇھەممەت نىياز

ئورنى Wikipedia

  مۇھەممەت نىياز، ئەر، ئۇيغۇر، 1963-يىل 6-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ قۇمۇلدىن، 1982-يىلى 10-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 3-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  1982-يىلى 10-ئايدىن 1986-يىلى 3-ئايغىچە، ئىلى ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم تارماق ئەترىتى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى تاشبۇلاق تەكشۈرۈش پونكىتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن؛

  1986-يىلى 3-ئايدىن 1987-يىلى 8- ئايغىچە، قۇمۇل شەھىرى ئەرداۋگۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى بولغان؛

  1987-يىلى 8-ئايدىن 1991-يىلى 11- ئايغىچە، قۇمۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان (1987-يىلى 9-ئايدىن 1989-يىلى 7- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپى بويىچە ئالىي تېخنىكوم سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

  1991-يىلى 11-ئايدىن 1993-يىلى 12- ئايغىچە، قۇمۇل شەھىرى ئاستانە يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (1992-يىلى 5-ئايدىن 1992-يىلى 7- ئايغىچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

  1993-يىلى 12-ئايدىن 1995-يىلى 7-ئايغىچە، قۇمۇل شەھىرى قارادۆۋە يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى بولغان؛

  1995-يىلى 7-ئايدىن 1996-يىلى 10-ئايغىچە، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياردەمچىسى، قارادۆۋە يېزىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛

  1996-يىلى 10-ئايدىن 1998-يىلى 2-ئايغىچە، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياردەمچىسى، شەھەرلىك پىلان كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  1998-يىلى 2-ئايدىن 1999-يىلى 12-ئايغىچە، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياردەمچىسى، شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك ساھەسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  1999-يىلى 12-ئايدىن 2001-يىلى 2-ئايغىچە، قۇمۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (1997-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 8-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە سىرتتىن ئوقۇغان)؛

  2001-يىلى 2-ئايدىن 2003-يىلى 8- ئايغىچە، قۇمۇل ۋىلايەتلىك سودا گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولغان (بۇ ئارىلىقتا، 2001-يىلى 9- ئايدىن 2002-يىلى 7-ئايغىچە، تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

  2003-يىلى 8-ئايدىن 2008-يىلى 9- ئايغىچە، قۇمۇل ۋىلايەتلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (بۇ ئارىلىقتا 2003-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 1-ئايغىچە، داليەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

  2008-يىلى 9-ئايدىن 2009-يىلى 1- ئايغىچە، قۇمۇل شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان؛

  2009-يىلى 1-ئايدىن 2016-يىلى 1- ئايغىچە، قۇمۇل شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان (بۇ ئارىلىقتا، 2012-يىلى 9-ئايدىن 2013-يىلى 1-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك مىللىي كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ‹64-قارارلىق›دا ئوقۇغان)؛

 2016-يىلى 1-ئايدىن 2017-يىلى 5- ئايغىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان؛

  2017-يىلى 5-ئايدىن 2018-يىلى 11- ئايغىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛

  2018-يىلى 11-ئايدىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى بولغان. (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)

موللاق ئېىتىشى[تەھرىرلەش]

2019-يىلى 31-ئۆكتەبىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى مۇھەممەت نىياز ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولۇپ، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. خەلق تورى