مۇھەممەد فەرىد ۋەجدىي

ئورنى Wikipedia

مۇھەممەد فەرىد ۋەجدىي (مُحَمَّد فَرِيد بْنُ مصطفى وَجدِي): مۇھەممەد فەرىد ئىبنى مۇستافا ۋەجدىي. (ھ. 1295 – 1373 / م. 1878 – 1954) ئىسلامىي ساھەدە مىسىرلىق يازغۇچى ۋە ئىسلاھاتچى. ئون نەچچە يىل «ئەلئەزھەر» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرلىكىنى قىلغان. 10 توملۇق «ھىجرىيە 14 – مىلادىيە 20 - ئەسر ئىلىم - مەرىپەتلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى»نى 10 يىلدا يازغان. «ئىسلام خەلقئارالىق ئەبەدىي دىن (الإسلام دين عام خالد)» قاتارلىق قىممەتلىك بىرقانچە كىتابى نەشر قىلىنغان.