Jump to content

مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى - كىرىش سۆز

ئورنى Wikipedia

مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى

ناپولېئون خېئول

كىرىش سۆز

ناپولېئون خېئول دېگەن ئىسىمنى ئامېرىكىدا ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدۇ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئىلمىنى ئىجادىيلىق بىلەن ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقى ئۇنى كىشىلىك مۇناسىۋەت، بەرپاچىلىق، باشقۇرۇش، رەھبەرلىك ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردە دالى كارنىگدىنمۇ كاتتا ئورۇنغا ئىگە قىلدى.

خېئول 1888 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋېرگىنىيە شتاتىدىكى بىر كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. بۇ پەرزەنتلەرنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن تەربىيىلەيدىغان، پەرزەنتلەرنى تۆھپە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرىغان ئائىلە ئىدى.

خېئول 18 ياشقا كىرگەندە ئۇنىۋېرسىتېتقا چىققان ھەم بىر ژۇرنال تەھرىراتىدا ئىشلىگەن. بەختكە يارىشا، ئۇ پولات - تۆمۈر پادىشاھى، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئالىمى كارنىگنى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتىلگەن. كارنىگ خېئولنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىجادچانلىقنى ناھايىتى تېزلا بايقاپ قالغان، ئۇنىڭدىن ئامېرىكىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەشنى خالايدىغان - خالىمايدىغانلىقىنى سورىغان.

_ تولىمۇ خالايمەن، _ دەپ جاۋاب بەرگەن خېئول شۇ ھامان.

كارنىگ ھۆرمەتكە لايىق ئۇستاز ئىدى. ئۇ نۇرغۇن ۋاقتىنى خېئول بىلەن بىرلىكتە «مۇۋەپپەقىيەت ئىلمى» مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشقا سەرپ قىلغان ھەم خۇسۇسىي دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، سودا - سانائەت، ئىلىم - پەن، پۇل مۇئامىلە ساھەلىرىدىكى ئاجايىپ نەتىجىگە ئېرىشكەن يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىگە خەت يېزىپ، خېئولنى ئۇلارغا تونۇشتۇرغان.

شۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىل جەريانىدا، دوكتورلۇق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ناپولېئون خېئول فورد، روزۋېلت، روكفىللىر، ئىدىسۇن، ئىبېل قاتارلىق مەشھۇر زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 دىن ئارتۇق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنى زىيارەت قىلغان ھەم تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان. توپتوغرا 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە سەككىز توملۇق كىتابى «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش قانۇنىيەتلىرى»نى تاماملىغان.

بۇ كىتاب مىليونلىغان كىشىنى دۆلەتمەن ۋە مەرتىۋىلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ قامۇسىغا ئايلانغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە خېئولمۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى نامى مەشھۇر ئالىم بولۇپ قالغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، خېئول ئامېرىكىنىڭ ئىككى زۇڭتۇڭى ۋېلسۇن ۋە روزۋېلتنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ، بۇ ئىككى زۇڭتۇڭ چىقارغان قارارلارغا تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ قارارلار ئامېرىكا تارىخىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدە زور رول ئوينىغان. نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ھەممە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، پۈتۈن زېھنىي كۈچىنى يىغىپ كىتاب يېزىش بىلەن مەشغۇل بولغان. خېئول 1937 - يىلى «بېيىتىش ھەققىدە ئويلىنىش» ناملىق كىتابنى تاماملىغان. بۇ مەشھۇر ئەسەر ھازىرغىچە 10 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇرمەنگە ئىگە بولدى.

1960 - يىلى، خېئول ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارى كىلماندستون بىلەن بىرلىشىپ يازغان «ھەممە كىشىگە مۇۋەپپەقىيەت يار بولسۇن» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان. بۇ كىتاب كىشىلەرنى ئاڭ، خاراكتېر ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىپ، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بايلىققا ئېرىشىشكە رىغبەتلەندۈرگەن ھەم خېئولنى زور شەرەپكە ۋە ئىززەت - ھۆرمەتكە نائىل قىلغان.

ناپولېئون خېئولنىڭ نەچچە ئون يىللىق تەتقىقاتى ئۇنىڭ كىتابىدىكى ئەڭ قىممىتى بار قانۇنىيەت خاراكتېرىنى ئالغان 17 ماددىلىق قائىدىگە مۇجەسسەملەنگەن. بۇ قائىدىلەر تۆۋەندىكىچە:

1. ئاكتىپ روھى ھالەت يېتىلدۈرۈش

2. نىشان ئېنىق بولۇش

3. كۆپرەك يول مېڭىش

4. توغرا پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش

5. يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزىنى تۇتۇش

6. رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش

7. ئۆزىگە ئىشەنچ باغلاش

8. كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خاراكتېر يارىتىش

9. يېڭىلىق يارىتىپ ئۇتۇق قازىنىش

10. تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بولۇش

11. پۈتۈن ئوي - پىكرىنى مەركەزلەشتۈرۈش

12. ھەمكارلىق روھى بولۇش

13. مەغلۇبىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىش

14. ئالغا ئىنتىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاش

15. ۋاقىت ۋە پۇلنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش

16. سالامەتلىكنى ئاسراش

17. ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش

بۇ 17 قانۇنىيەتكە ئىنسانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ھەننىۋا سۇبيېكتىپ ئامىل كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ «مۇۋەپپەقىيەت ئىلمى»دىن ئىبارەت سىرلىق دەپ قارالغان بۇ ئىلىمنى كونكرېت، مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان ئۇسۇل - پرىنسىپلارغا ئايلاندۇرغان. شۈبھىسىزكى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىنى ئىزدەپ يۈرگەن مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ مەنزىلگە يېتىشى ئۈچۈن 17 ماددىلىق پۇختا پەلەمپەي راسلاپ بەرگەن.

خېئولنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئىلمى دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا بازارلىرىنى قاپلاپ كەتكەن «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىلمى»، «بېيىش ئىلمى» دېگەن كىتابلار دوكتور خېئولنىڭ 17 ماددىلىق قانۇنىيىتىگە يول قويۇشقا، دېدۇكسىيە ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلار خېئولنىڭ «مۇۋەپپەقىيەت ئىلمى»نى تولۇقلىغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن.

خېئول «ناپولېئون خېئول فوند جەمئىيىتى» قۇرغان. بۇ فوند جەمئىيەت ئامېرىكىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ «بىلىم ئاشۇرۇش ئىنىستىتۇتى» بولۇپ قالغان، خېئولنىڭ ئۆزىمۇ «مىليونىرلارنى بەرپا قىلغۇچى» دەپ ئاتالغان، 17 ماددىلىق قانۇنىيەت «دۆلەتمەنلەرنى ئاپىرىدە قىلىش»نىڭ قائىدە - پرىنسىپلىرى دەپ تەرىپلەنگەن.

ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، سودا - سانائەت، ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى دۆلەتمەن، مەرتىۋىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلاردىن 17 ماددىلىق قانۇنىيەتنىڭ ھىممىتىگە ۋە تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ھېچكىم يوق.

ئامېرىكىنىڭ 26 - نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى روزۋېلت، 27 - نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى خارۋارد. تافت، 28 - نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى فىرانكىلىن. روزۋېلت، 32 - نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ۋۇئودررۇف. ۋېلسۇن، ئاپتوموبىل پادىشاھى ھېنرى. فورد، نېفىت پادىشاھى روكفىللېر، نەشرىيات پادىشاھى خايفو رېند، كوداك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئىتومان قاتارلىق كىشىلەر «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ 17 ماددىلىق قانۇنىيىتى»نىڭ شاھىتلىرى، مەنپەئەتدارلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىدۇر.

ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئاتىسى گەندى ناپولېئون خېئول بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭ بۇ كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ناپولېئون خېئولنىڭ «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى»نى پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا ئۆگىنىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ھىندىستانلىقلارنىڭ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلغان. گەندىنىڭ بۇ ئارزۇسى تولۇق ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن قانچىلىغان ھىندىستانلىق دۆلەتمەننىڭ ئاشۇ «دەستۇر» سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

خېئول 1910 - يىلى فىلىپپىنلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتچى گويسارنىڭ سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى بولغان. خېئول گويسارنى سىياسىي جەھەتتىن مەسلىھەت بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، ئۆزىنىڭ «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى» بىلەن بەھرلەندۈرۈپ ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېڭىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن. 24 يىلدىن كېيىن گويسار فىلىپپىننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان.

غەرب سودا ساھەسىدىكىلەر ئارىسىغا كەڭ تارالغان «دۇنيادىكى ھەممىدىن ئۇلۇغ مال ساتقۇچى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئوگ. مانگورند خېئولنىڭ «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى» ناملىق كىتابنىڭ قايتا نەشرىگە يازغان كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېگەن:

گەپنى ئۆز تەجرىبەمدىن باشلاش خىيالىدىمەن، نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، ئۆزۈمنىڭ ھاماقەتلىكى ۋە خىلمۇخىل سەۋەنلىكلىرىم تۈپەيلىدىن ھەممە قىممەتلىك نەرسەمدىن – ئائىلەمدىن، مال دۇنيايىمدىن، ئۆي بىساتىمدىن ۋە خىزمىتىمدىن مەھرۇم بولدۇم، ھەتتا قاق - ساپاي بولۇپ، تولىمۇ ئوسال ئەھۋالدا قالدىم، شۇنىڭ بىلەن ھەريەر - ھەريەردە سەرسان - سەرگەردان بولۇپ، جان بېقىشنىڭ تۈرلۈك ئامال - چارىلىرىنى ئىزدەشكە باشلىدىم.

.........

ئاخىر خېئولنىڭ ئەسىرىدىن ئۆزۈم ئېھتىياجلىق جاۋابنى تاپتىم. ئوگ. مانگورند كىشىلىك ھاياتىغا خېئول كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىگە ئەنە شۇنداق قارىغان، كۆڭۈل قويغان ئوقۇرمەن. «دۇنيادىكى ھەممىدىن ئۇلۇغ مال ساتقۇچى» ناملىق كىتابتا ئوگ. مانگورندنىڭ ناپولېئون خېئولنىڭ 17 ماددىلىق قانۇنىيىتىنىڭ ئەسلىي روھىنى پۈتۈنلەي گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ناپولېئون خېئول 17 ماددىلىق قانۇنىيەتنى تەجرىبە قىلىپ كۆرگەن: بىر قېتىملىق تەجرىبىدە سودا - سېتىقتىن قىلچە تەجرىبىسى يوق 3000 مال ساتقۇچى مەشىق قىلدۇرۇلغان. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئالتە ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا 1 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل تاپقان ۋە خېئولغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ ھەر بىرى 30 مىڭ دوللار بەرگەن.

پاراخوت دوكارى روبېرت. داللادېز مۇنداق قارىغان: «ئەگەر مەن 50 يىل ئىلگىرى مۇشۇ 17 ماددىلىق قانۇنىيەتنى ئۆگەنگەن بولسام، سەرپ قىلغان ۋاقتىمنىڭ يېرىمىدىلا ھازىرقى نەتىجىگە ئېرىشەركەنمەن.»

كىشىلىك مۇناسىۋەت ئۇستازى كارنىگ خېئولنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تولىمۇ سۆيۈنۈپ مۇنداق تەرىپلىگەن: «ئۆمرۈمدىكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىمنىڭ بىرى – خېئولنىڭ «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى» دېگەن ئەسىرىنى تاماملىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىم بولدى. بۇ ئىش مېنىڭ بايلىقىمدىنمۇ مۇھىم ئىدى. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىلمى ئىقتىساد پەلسەپىسى سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە بېيىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئۇسۇل بولۇپلا قالماستىن، كىشىلەرنىڭ ئىچكى مىجەز، خاراكتېرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ مول، باي كىشىلىك تۇرمۇشتىن بەھر ئېلىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان كاتتا ئىلىم – ئۇ سوقرات، پلاتونلارنىڭ ۋە ئەنئەنىۋى تەپەككۇر - ئىدىيە تارىخىنىڭ پەلسەپە سىستېمىسىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدۇ.»

بۈيۈك كەشپىياتچى ئىدىسون خېئولغا يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن: «ئۆزلىرىنىڭ شۇنچىۋالا ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى»نى تاماملىغانلىرىغا رەھمەت - ھەشقاللا ئېيتىمەن... بۇ تولىمۇ مۇكەممەل پەلسەپە، ئۇنى ئۆزلىرىگە ئەگىشىپ ئۆگەنگەن كىشى، شۈبھىسىزكى، غايەت زور ئۈنۈمگە ئېرىشكۈسى.»

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، يۇقىرىقى كەچۈرمىشلەردىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، 17 ماددىلىق قانۇنىيەت شەرھلەنگەن خېئولنىڭ «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى» ناملىق بۇ ئەسىرىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ قالىسىز.

بۇ كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتى، مىجەز - خاراكتېرى، كەيپىياتى، روھىي ھالىتى، ئىدىيىسى ۋە ھەرىكەت - قىلمىشىدىكى ناچار، قاتمال ئادەتلەرنى يېڭىۋاشتىن تەڭشەيدىغان قىممەتلىك ئەسەردۇر.

بۇ سىزنىڭ تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلەشنى، پىسخىكىلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى ئېچىشنى، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا يېتىشنى ئۆگىتىدىغان ئىلمى مەشغۇلات قوللانمىسىدۇر.

كىشىلەر، گۈزەل ئارزۇدا بولۇڭلار؛

كىشىلەر، گۈزەل ئارزۇيۇڭلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇڭلار؛

كىشىلەر، گۈزەل ئارزۇيۇڭلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ قورالى «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى»نى ئىگىلەڭلار.