Jump to content

مۈشكۈل يول

ئورنى Wikipedia

مۈشكۈل يول

لى بەي


كۆرۈنەر بۇ چوڭ كوچا گۇياكى كۆك ئاسمانسىمان،

چىققىلى تەنھا ئۆزۈم جۈرئەت قىلالمايمەن ھامان.

ماڭا نۇمۇس ئەگىتىش چاڭئەندە بىر توپ كىشىنى،

ئىت، تۇخۇ سوقۇشتۇرۇپ، ئويناپ قىمار، ئالماق ھايان.

خەنجىرىم چېكىپ تۇرۇپ ھەسرەتتە كۈيمەيلەن بۇدەم،

خانغا خۇشامەت قىلىشتىن پايدا يوقتۇر ھېچقاچان.

قىلىدۇ خەنشىڭنى زاڭلىق شەھرى خۇۋەييىڭ ئادىمى،

خەن سۇلالە بەگلىرى جاشىڭنى بەك كۆرگەن يامان.

بارمۇ يادىڭدا كۇگۇينى يەن بېگى ئىززەتلىگەن،

كۆرسىتىپ ھۆرمەت ئۇلارغا، قىلمىغان ئەسلا گۇمان.

شەپقىتى، مېھرىگە جۇي شىن ھەم لۇيى مەمنۇن بولۇپ،

بارچە كۈچ ۋە ئەقلىنى جۇۋۋاڭ ئۈچۈن بېغىشلىغان.

بۈككىدە گۈللەر، گىياھلار باستى جۇۋۋاڭ قەبرىنى،

ئاشۇ خۇاڭجىنتەينى ئاۋات ئەيلىگەي كىممۇ بۇئان.

شۇ قەدەر مۈشكۈل – جاپالىق ماڭغىلى بۇ يول بىلەن،

بارىدۇ ئۆتكۈنچىلەر تىنماي ئۆتۈپ ئۇيان – بۇيان.