مۈڭگۈزى ئىچىگە ئۆسۈۋاتقان «مەزلۇم»لۇق
مۈڭگۈزى ئىچىگە ئۆسۈۋاتقان «مەزلۇم»لۇق
(1)
گەپچىلىكنى ئاقتۇرۇش ئۈچۈنمۇ بىر ئۇسلۇب، مېتود كېتىدۇ. بەزى ماڭقۇرتلارنىڭ ساپاسىزلىقى ۋە بىلىمسىزلىكىگە باقماي جۆيلۈشلىرى كىشىنىڭ غىدىقىنى قوزغىماي تۇرالمايدۇ. ھېچقانداق باغلىنىشى يوق بىر نەرسىلەرنى زورىغا بىر - بىرىگە چېتىشتۇرۇپ مەسىلە ئويدۇرۇپ چىقىپ ئارقىدىن ئۇنىڭغا قالپاق ياساپ پىپەن قىلىش پەقەتلا تاجاۋۇزچىسىنىڭ دەرگاھىدىن قوغلانغانلىق دىرامىسىنى پەش قىلىپ ئۇنىڭدىن مەدەت كۈتىدىغان، پۇقرالىقىدىن مەھرۇم بولغاندا، يەنى ئۈچ تالىقىنى تولۇق ئېلىپ ئىلىناشقۇدەك يېرى قالمىغاندا قارشى ئوبيېكتنىڭ يامان غەيۋىتىنى قىلىپ ھېسداشچىلارنى ئەتراپىغا يىغىپ يۈرۈپ ئىچىنى بوشىتىدىغان بىشەم خوتۇننىڭ كۈنىگە قالغان ماڭقۇرتلاردىن، «ئۇرغۇچىسىغا ئامراق» تاسمىلىق شالغۇت زېھنىيەتلەردىن كۈتۈش مۇمكىن. قارىغۇدەك بولساق، بۇ خىل شالغۇتچە تۇتۇم يۇقۇملۇق كېسەل مىسالى روھىيىتى ئاسارەت زەھىرىدە زەئىپلىشىپ كەتكەن بىر تۈركۈم ئاۋامۇنناسقىمۇ يۇقۇۋاتقاندەك.
ئېسىمىزنى ئاختۇرۇپ كۆرسەك سەرسانچىلىق ھاياتىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى بەزى بىنورمال ھادىسىلەر بىلەن پىچىم ۋە قېلىپ جەھەتتە، تۇتۇم ۋە پوزىتسىيە جەھەتلەردە مۇئەييەن ئوخشاشلىقلارنى تەكرارلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىش تەس بولمىسا كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە كوچا كېزەر تىلەمچىلەر تائىپىسىنى مىسال قىلىش مۇمكىن. بىر زامانلار كۆپىنچە يۇرتلاردا قەيەردە ئاۋاتلىق بولسا، شۇ يەردە تىلەمچىلەر تائىپىسى سەپ تۇتۇپ بىر كوچىنىڭ ئېغىزىنى ئىگىلەپ ياتىدىغان ئىشلار ئەۋج ئالاتتى. ئىجتىمائىي بۇلغىنىش ۋە ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكنىڭ يامرىشى نەتىجىسىدە دىۋانىلەر تائىپىسىنى شەكىللەندۈرگۈچىلەر بارا-بارا ھەقىقىي دىۋانىلەر بولماستىن، جانباقارلار تائىپىسى ئاساسىي ئېقىمنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ قالدى. سەدىقە بەرسە دۇئا قىلىدىغان، بەرمىسە قارغايدىغان، كوي بەرسە تازىم قىلىدىغان، موچەن بەرسە يامانلاپ غودۇڭشىيدىغان جانباقتىلارنىڭ كۆپىيىشى بۇ تائىپىنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىغا بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەرنى سىڭدۈرۈپ ئېلىپ كىرىشكە باشلىغان ئىدى. ھەر تەبىقىدە چىرىكلىشىش بولغاندەك كېيىنكى چاغلاردا بۇ تائىپە ئارىسىدىمۇ روھىنى شەيتانغا ساتقان «تىلەمچىلەر»مۇ پەيدا بولۇپ قالدى. بۇنداق تىلەمچىلەر كۈندۈزى تور رومال ئارتىپ تىلەمچىلىك قىلسا، ئاخشاملىرى كىيىم يەڭگۈشلەپ ئىشرەتخانىلاردا تىلەپ تاپقانلىرىنىڭ مېغىزىنى چاقىدىغان ياكى چاققۇزىدىغان بىر تۈركۈم لېۋەنلەر سارىيىنىڭ كاندىدات ئەزالىرىغا ئايلىنىۋېلىشقان ئىدى. بۇلارنىڭ دىۋانىچىلىق ساھەسىگە قوشقان تۆھپىلىرى نەتىجىسىدە دىۋانىچىلىق ئېھتىياجنىڭ بىنورمال تەقەززاسىدىن بىنورمال كەسىپكە، بىنورمال كەسىپتىن بىنورمال شىركەتكە، بىنورمال شىركەتتىن بىنورمال گۇرۇھقا ئايلىنىپمۇ ئۈلگۈردى. ئاخىرىدا دىۋانىچىلىقمۇ بىنورمال كەسىپ ھالىتىدىكى بۇلغىنىشىنىڭ يۇقىرىقى چېكىنى، غۇرۇرسىز ۋە نومۇسسىز داپشاقلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقانىدى.
كۈنىمىزگە قايتىپ كېلىدىغان بولساق، مانا بۇ يۇقىرى پەللىنىڭ كۈنىمىزدە سىياسەت كوچىسىدا تىمىسقىلاپ يۈرۈۋاتقان كۆز كۆرۈنگەن شالغۇت زېھنىيەتلىك تىپلار تەرىپىدىن سىياسەت ئاتموسفېراسىدىمۇ يارىتىلىشقا ئۇرۇنىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. قارىغۇدەك بولساق، بۇنداقلار ئاھانەت ۋە ھاقارەت خۇسۇسىدا خېلى چىڭقىلالايدۇ. لېكىن ئىزاغا چۈشۈپ قېلىشتىن، ساپاسىزلىقى، بىلىمسىزلىكى ۋە چۈپرەندىلىكى سازايى بولۇپ ئۆزىنىڭ يۈزىنى ئۆزى تۆكۈۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ كەتمەيدۇ. خامېلېئونلارچە رەڭ ئۆزگەرتىشلىرى، تۇتۇرۇقسىزلىقلىرى قەدەمدە ئۇچراپ تۇرىدۇ. يۈز ئۇ قەدەر قېلىنكى، نومۇس قىلماسلىقتا ھېلىقى چۈمبەللىك تىلەمچىلەرنىڭ يۈزى بىر ياقتا قالىدۇ. ھەتتا چۈمبەللىك تىلەمچىلەرنىڭ ئۇۋىسى بولغان ئىشرەتخانىغا چۈشۈپ قايتىدىغان دائىملىق خېرىدارلارنىڭ يۈزىمۇ سىياسەت كوچىسىدىكى مەزكۇر داپيۈزلار ئالدىدا قېلىنلىقتا چېنىپ قالىدۇ. چۈمبەللىك چاغلىرىغا قارىسىڭىز ماڭدامدا بىر خىتاينى راسا تىللىغان كۆرۈنىدۇ. لېكىن قارىسىڭىز ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ تىللاشلىرىنىڭ مۇستەملىكچىلىككە قارشىلىقتىن بەكرەك، ياۋۇزلۇقىغا قارىتا ئىكەنلىكىنى، قانخورلىشىشتىن بالدۇرراق توختاپ ئەسلىدىكى سۆڭەك تاشلاپ باش سىلايدىغان، پەپىلەپ باقىدىغان كۈنلەرگە قايتىشىنى ئارزۇلاشتىن، ئۇنىڭ ئىدىيەسىگە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەيدىغان كۈنلەرنىڭ قايتا كېلىشىگە بولغان تاماگەرلىكتىن ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ساداقەتچى زېھنىيىتى ئىتنىڭ سۆڭەك تاشلىغان خوجايىنىغا بولغان ساداقەتچى زېھنىيىتىدىنمۇ بېسىپ چۈشىدۇ. ئىت سۆڭەك تاشلىمىغان خوجايىنىدىن ۋاز كېچىشنى بىلىدۇ. لېكىن روھىيىتى باسقۇنچىسىغا كۆيۈپ قالغان بۇ «ساداقەتمەن» تىپلار بولسا، مۇستەملىكىچى باسقۇنچىلىرىدىن ئالدىراپ ۋاز كېچەلمەيدۇ. ئادا - جۇدالىق جاكارلىيالمايدۇ. ئەكسىچە تاجاۋۇزچى كۈچ قانچە مەيدىسىدىن ئىتتىرىگەنچە قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ كۆرىدۇ. ھەتتا ئارىلىرىدا پاسپورتىنى كېسىپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويسىمۇ، كۆزۈمدىن يوقال، دەپ قوڭغا تەپكەن تەرزدە ماكانىدىن ھەيدەپ چىقارسىمۇ، مېنى پۇقرالىققا ئالمىدىڭ دەپ قاقشاپ ئۆلۈكىنى ساتىدىغانلارمۇ چىقىپ تۇرىدۇ. قىزىق يېرى بۇ تىپتىكى تاسمىلىق شالغۇت زېھنىيەتلەر پات - پات مىللىتىنىڭ سىياسىي قىممەتلىرى ۋە مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە ئۆزىنىڭ ئالاقىسى يوقلىقىنى ئىپادىلىمىگۈچە كۆڭلى تىنماي كېتىدۇ. خىتايدا يېزىپ كۆنۈپ كەتكەن «تەكشۈرۈشنامە»تىپىدىكى يازمىلارنى يېزىپ ئەل - جامائەتكە ئېلان قىلمىغۇچە، يازغىلى پۇرسەت تاپالمىغاندا كامېراغا قاراپ ئولتۇرۇپمۇ بولسا دەۋالمىغۇچە، «ساداقىتى»گە يۈز كېلەلمەيۋاتقانلىقىنى، قۇيرۇقىنى جايىدا شىپاڭشىتالمىغانلىقىغا بولغان ئۆكۈنۈشلىرىنى ئېزىلگەن، ھەق - ھوقۇقى تارتىۋېلىنغانلارنىڭ سىياقىدا ئىزھار قىلىۋالمىغۇچە ئارام تاپمايدۇ.
(2)
«ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە» دېگەن سۆز بۈگۈن «مەزلۇمنڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە» دېگەنگە ئۆزگىرىۋاتقاندەك بىر كەيپىيات شەكىللىنىشكە باشلاپ تۇرۇپتۇ. يۇقىرىقى تەمسىل ھەقىقەت سۈيى بىلەن ئېرىغدالمىغان تۇيغۇ ۋە مۇددىئالىرىنى، دۇرۇستلۇق ۋە سەمىمىيەتتىن نېسىۋېلەنمىگەن مەقسەت ۋە ئارزۇلىرىنى رايىشلىق تۈسى بېرىلگەن تاشقى تۇتۇم ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن يوشۇرۇشقا تىرىشىدىغان، مۇلايىم كۆرۈنۈپ ئەمما پىنھانلىق ئىچىدە ھەقىقىي بەتبەشىرە خاراكتېرى بويىچە ئىش تۇتىدىغان ئالا كۆڭۈل كىشىلەرگە قارىتىلغانلىقى مەلۇم. نە ئاجايىبكى بۈگۈنكى خېلى كۆرۈنەرلىك سالماقنى ئىگىلىگەن ۋە بىر قانچە يىل مابەينىدە ۋەتەندىكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا قارىتا ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقانلار توپىدا بىردىنلا ئۈنى كېسىلىش ياكى پەسىيىش ھالىتى باش كۆتۈرۈپ قالدى. ئالاقە ئۈزۈلۈشى، شۇمخەۋەر تەرزىدە كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق خەۋەرلىرى سەۋەبلىك زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا خاس تۇتۇملار بىلەن مۇستەملىكچىلىككە قارشى تۇرۇش لازىملىقىنى، زالىمغا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قوللاپ - قۇۋۋەتلەش لازىملىقىنى تونۇپ يەتكەندەك كۆرۈنگەن بۇ توپ مانا ئەمدى ئالاقىنىڭ قىسمەن ئېچىۋېتىلىشى بەدىلىگە گويا بىرەر ئىچكى توختاملىشىشنىڭ نەتىجىسىدە شۈكلۈككە چۆمۈشۈۋاتقاندەك بىر ھالەتكە قاراپ يۈزلىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇ تۈردىكى ئەھۋاللار ئەمەلىيەتتە خاراكتېرگە سېڭىپ كەتكەن قۇللۇق زېھنىيەتنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئالاقە ئۈزگەندە جاھاننى باشقا كەيگۈدەك مەزلۇم قىياپىتىدە ھەرىكەت قىلىش، ئالاقىنى ئېچىۋىتىشىگە ئۈلگۈرۈپ مۇستەملىكىچىنىڭ ئۇشبۇ «رەھىم - شەپقىتى»دىن دەرھال تەسىرلىنىپ پەسكويغا چۈشۈشكە باشلاش، قايتا ئۇنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولۇپ يەنە قايتا ئالاقە مەھرۇملۇقىدىن نېسىۋېلەنمەسلىكى ئۈچۈن «مەزلۇم (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى)»غا خاس قارشىلىق روھىنى بىردىنلا ياۋاش پۇقراغا ئايلىنىش ۋەزىيىتىگە يەڭگۈشلەش، تاجاۋۇزچىنىڭ پۇقراسىغا ئايلىنىش سالاھىيىتىنى يېڭىلاشقا تۇتۇنۇش قاتارلىقلار دەرۋەقە «مۈڭگۈزى ئىچىگە قاراپ ئۆسۈپ كۆنۈپ قالغان مەزلۇملۇق»نىڭ ئىپادىلىرىدىندۇر.
قەدىمكىلەر ئېيتىدۇكى: «زالىم ئۆز نۆۋىتىدە تەڭرىنىڭ يەر يۈزىدىكى قامچىسىدۇر». بۇ يەردىكى «قامچا» قانداقتۇر زالىمنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈشكە دالالەت بولماستىن، بەلكى زوراۋانلىق ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ ئىپتىدائىي قورالىغا ئىشارەت بولۇپ، قامچا جازالاش ۋاسىتىسى ياكى كۈچ ساھىبىنىڭ ئاجىز ياكى مەھكۇم ئۈستىدىن ئېلىپ بارىدىغان ئەدەپلەش قورالىدۇر. قامچا يەنە ئەقىل ۋە مۇستەقىل غايىدىن يوقسۇنلاشقان، ھۆر ئىرادىسىنى ئىشلىتىشتىن ئاجىز كەلگەن، ئەشرەفلىكتىن «ھەقىر»لىققا چۈشۈپ كېتىۋاتقان كىشى ئۈچۈن ئەقلىنى يىغدۇرۇش، كاللىسىنى سىلكىتىشكىمۇ ئىشلىتىلىپ كەلگەن. قامچا يەنە خوجايىننىڭ قولىغا چىققىنىدا قۇلنى تىزگىنلەشنىڭ، ئۇنى خورلاشنىڭ قورالىمۇ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قامچا غاپىلنىڭ غەپلىتىنى، ئەقىلسىزنىڭ ئەقلىنى قايتۇرۇپ كېلىش، سەگىتىش ئۈچۈن سىمۋول سۈپىتىدە تەمسىللەردىمۇ ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن. بۇ مەنىدىن زالىمنىڭ قامچىسى مەزلۇم ئۈچۈن، شۇنداقلا ئەقىل كۆزى كور قېلىۋېتىلگەن، قەلب تۇيۇمى سەزمەس قېلىۋېتىلگەن، غەپلەت ئۇيقۇسىنى كەلتۈرگۈچى خۇرۇچلارغا مەست بولۇپ ھەقنىڭ ئادالىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئورنىغا، زالىمنىڭ زۇلمىتى ئارقىسىدىكى قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم بولۇپ ھالاك بولۇشقا قاراپ كېتىۋاتقان توپلۇم ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر شەكىلدە چېلىنغان سىگنال، كېلىۋاتقان ھالاكەتكە قارشى ئويغىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇتقۇچى ئاچچىق رېئاللىقتۇر.
بىراق، بۇنداق سىگنال ياكى ئاچچىق رېئاللىقلارمۇ كار قىلمايدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. زالىم قاچانكى قامچىسىنى كۆتۈرسە چارىسىزلىكتە ئۇنىڭغا قارشى ئوت بولۇپ يانىدىغان، ئەمما قامچا ئورنىغا زەھەر يالىتىلغان شېكەر سۇنغىنىدا ئۇنىڭغا بولغان ئەسىرلىكنى ئىمتىياز ۋە ئەۋزەللىك جۈملىسىدىن چاغلايدىغان ماڭقۇرت زېھنىيەتلەر ئەنە شۇ كار قىلماس ھالغا كېلىپ قالغانلار بولۇپ، بۇنداقلار نە ئويغىنىشتىن، نە رېئاللىقنى تونۇپ يېتىشتىن مەھرۇمدۇر. بۇنداقلار بۇخىل ئېغىر تىپتىكى زەربىلەردىن سەگىشنى، سىگنالدىن ئاگاھ بولۇپ يىللاردىن پەپىلەپ، قورقىتىلىپ ياشاشنىڭ بۈگۈنكى زىيانلىرىدىن ئىبرەت - ساۋاق چىقىرىشنى، يەنە كۈنلەر ئۆتۈپ بۇ سىگنالنىڭ تېخىمۇ ئېغىر شەكىلدە تەكرارلىنىشىنىڭ، ئۈزۈل - كېسىل ھالاكەت بىلەن نەتىجىلىنىپ تەڭرى غەزىپىگە لايىقلاشقان «ھەقىر» ئىنسانلار توپىدىن ئورۇن ئېلىپ قېلىشتىن، زالىملىرى بىلەن بىر سەپتە ھەشر قىلىنىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ. قىسقىسى، بۇنداق بىر تارىخنىڭ جاۋابكارلىرىغا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، پىداكار بولۇش لازىملىقىنىمۇ ئاڭقىرىمايدۇ. زۇلۇمنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن مەسىلىنىڭ ئاداققى يېشىمى بولغان قامچىنى ۋە قامچا كۆتۈرگەن قولنى كېسىپ تاشلىماقتىن، قامچا كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماس ھالغا كەلتۈرۈشتىن باشقا چىقىش يولى يوقلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ ياكى چۈشىنىپ يېتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئەكسىچە، بۈگۈنكىدەك ۋاقىتلىق ساق قېلىشنى، ئۆزىگە كەلمىگەن ئائىلىۋى قىرىلىشنى باشقىلارنىڭ چەرخ پەلىكىدىن ئاشماي كېلىۋاتقانلىققا دەڭسەپ بۇنى زالىمنىڭ ئۆزىگە قىلىنغان بىر تۈرلۈك «رەھىم - شەپقىتى» قاتارىدىن چاغلايدۇ. كۆز ئالدىدا بۇ قىرىلىشنىڭ ئەڭ ئەشەددىي تۈسىنى ياشاۋاتقان، ھەر كۈنى دېگۈدەك مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىش تىراگېدىيەسىنى ياشاۋاتقانلارغا قاراپ بولسىمۇ ئازغىنە پىداكارلىق كۆرسىتىشكە، قارشىلىق روھىنى كۈچەيتىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ۋاقىتلىق ئالاقە راۋانلىقى بەدىلىگە ئالدىنىپ بۇزۇلغان سۈكۈتلىرىنى «رايىشلىق سۈكۈتى»گە ئايلاندۇرۇشنىڭ پەقەتلا نۆۋەتنى كېچىكتۈرۈشتىن باشقىغا كار قىلمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ماھىيەتتە «سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش» تىپىدىكى دۈشمەن تاكتىكىسىغا، تاجاۋۇزچىلارنىڭ قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش نەيرەڭلىرىنىڭ ئىشقا يارىشىغا تەڭكەش قىلىش بولىدىغانلىقىدەك نازۇك رېئاللىقنى كۆرۈپ يېتەلمەيدۇ. مانا بۇ بىر قانچە يىل ما بەينىدىكى ئالاقە مەھرۇملۇقى تۈپەيلى بۇزۇلغان سۈكۈتنىڭ، مەۋقە ۋە مەيدان ئايرىشلارنىڭ، نەپرەت ۋە قارشىلىشىش روھىنىڭ قانداقتۇر ئويغانغانلىقتىن، زالىمنىڭ قامچىسىدىن سەگىگەنلىكتىن بولماستىن، ئەسلى روھىيەتتە بار بولغان «زېھنىي قۇللۇق»نىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ، ھېلىھەم زالىمىدىن «مىھرى - شەپقەت» كۈتۈشنىڭ ئىپادىلىرىدۇر. شۇنداقلا بۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرىقى قارشىلىشىش تۇتۇملىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە پەقەتلا پىچاق سۆڭەككە يەتكەندىن كېيىنكى تىپىرلاش خاراكتېردىكى ياكى بولمىسا مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقى دەسسەلگەندە كۆرسىتىدىغان تەبىئىي رېفلېكسى تۈرىدىكى ئىنكاس قايتۇرۇش جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنىڭ ئەمەلىيەتلىرىدىندۇر. بۇنداق بىر روھىيەت، بۇنداق بىر زېھنىيەتلىك تائىپىلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەبىقىلىرىدە كەڭ كۆلەمدە تېپىلىپ تۇرۇشى بولسا، ئىجتىمائىيلىققا چاپلاشقان ئىللەتنىڭ يامراش ئالدىدىكى سىگنالى، پاجىئە ئۈستىگە تۇغۇلغان ۋابا خاراكتېرلىك پاجىئەلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.
شۇبھىسىزكى، «مەزلۇم» بولۇش (كېلەچەككە دائىر مۇئەييەن پىلان-غايە چىقىش قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا) رايىش پۇقرا بولۇشنىڭ قازىنىنى ئېسىشقا، قانداقتۇر تاجاۋۇزچىنىڭ پۇقرالىقىنىڭ تەمەسىدە ئۇنىڭغا قارشى سۈكۈت يولىنى تاللاشنى يوللۇقلاشتۇرۇشقا باھانە بولالمايدۇ. بەلكى مەزلۇم بولۇش بەزىدە ئۆز ئالدىغا بىر ئىمتىيازدۇركى، ئۇ ئىنسانغا زالىمنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك قارشىلىقنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ھەققىگە ئىگە قىلىدۇ، كوللېكتىپ مەسئۇلىيەتنى ھەر بىر شەخس ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ يەنە زالىمغا قارشى ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرماستىن ھەر تۈرلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشنى مەشرۇئلاشتۇرغۇچى سالاھىيەت ئاتا قىلىدۇ. بۇنداق بىر سالاھىيەت ياكى «ئىمتىياز»نىڭ كىشى ئۈچۈن ئۆتمۈشىدىن دەرس چىقىرىپ بۈگۈنىدە سىلكىنىشكە، كېلەچىكى ۋە ئەۋلادلىرى ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەشكە ئۈندەك بولۇشى زۆرۈر، ئەلۋەتتە. ئەكسىچە ھالدا تاجاۋۇزچىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى «دۆلىتى» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان، ئۇ زۇلۇم قىلمىسىلا بايرىقى ئاستىدا خاتىرجەم كۈن كەچۈرۈش تاماسىدا ئۇنىڭغا بولغان سەمىمىيىتىنى ئاستىرىتتىن ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللاردا ئىپادىلەپ تۇرۇشقا يارايدىغان تۇتۇملارغا زورۇقۇش بۈگۈنكىدەك قاتمۇقات - قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇۋاتقان تاجاۋۇزچىلارنىڭ تومۇر تۇتۇشلىرىغا بەزلىنىپ بەرگەنلىك، ئويۇنغا دەسسەپ بەرگەنلىك بولىدۇ. بۇزۇلغان سۈكۈتىنى رايىش پۇقرالىق تۇتۇملىرىغا ئالماشتۇرۇشلار بولسا، ماھىيەتتە تاجاۋۇزچى كۈچلەرنىڭ «قىرغىنچىلىق يوق»، «چېگرا تاقىلىش مەۋجۇت ئەمەس»، «ئالاقىدىن مەھرۇم قويۇش» سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزمىدۇق، دەيدىغان پىروپاگاندالىرىنى راستقا چىقىرىپ بېرىشكە خىزمەت قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇنداق رايىش پۇقرالىق تۇتۇملىرى زالىم تاجاۋۇزچىلارغا قارىتا «مەن ۋە ئائىلەم ئارىسىدا ئالاقە ئوچۇقلا بولسا، بىزگە چېقىلمىساڭلارلا زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلىرىڭلارغا قارىتا ئارتۇق سۆزۈم يوق»، مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان كۆز قىسىش ئىشارەتلىرىنى بېرىشتىن باشقا مەنىگە جورالمايدۇ. چۈنكى ۋەزىيەت ئوتتۇرىدا، تۇتۇملارمۇ ئوتتۇرىدا.
خۇلاسە
ئوقۇمۇشلۇقلار سېپىدىكى نوپۇزغا تايىنىپ «تاسمىلىق شالغۇتلۇق» تۇتۇمىنى بازار تاپقۇزۇش بىلەن، يوشۇرۇن ھالدىكى «رايىش پۇقرالىق» سېپىگە ئۆتۈش ھادىسىلىرى مىللەت ئىستىقبالى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىچىدىن خوراتقۇچى «ۋابا»لىق جەھەتتىن پەرقسىز تۇتۇم، ئىجتىمائىي ئىللەت ۋە مەرەزلىكلەر جۈملىسىدىندۇر. ئەگەر بۇ تۈر ئىللەت ۋە زېھنىي مەرەزلىكلەر ئاسارەتلىك دەۋرلەردە نورماللىق بىلىنگەن، ئەمما بۈگۈنكىدەك سۈرگۈندى، قوغلاندى، قاچقۇن ۋە مۇساپىرلىقتا سەرسان ياشاشقا مەجبۇر قېلىش تۈپەيلى مەسىلىنىڭ بىنورماللىقى ئۇقۇلغان تۇرۇپمۇ يۇقىرىقىدەك بىنورماللىققا تولغان ئىللەتلىرىمىز قايتىدىن تىرىلمەيدىغانغا ئۇجۇقۇش ئورنىغا ئەدەشكە قاراپ كېتىۋاتقان بولسا، بۇ بىزنىڭ ھېلىھەم «تەڭرى قامچىسى»دىن سىلكىنىشنى بىلمەستىن، زۇلۇمغا ئاشىنا بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى، ئاڭسىزلىقىمىزغا قارىتىپ تەككۈزۈلگەن ئۇقۇبەت قامچىلىرىنى يەپ تۇرۇپمۇ ئاڭلىقلىشىشنى ئىچىمىزدىن رەت قىلىدىغان خاھىشقا ئىگە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنداقلا مەزلۇملۇقتىن ئىبارەت تاجاۋۇزچى زالىمغا قارشى ھەر تۈرلۈك قارشىلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئېڭىمىزنى ھەرىكەتتىن توختىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. ھەمدە مەزلۇملۇق سۈپىتىمىزدە ھەرىكەت ۋە قارشىلىق قىلىشتا ۋاسىتە تاللىماسلىق ئىمتىيازلىرىغا ئىگە بولۇشىمىزغا قارىماي قەھرىمانلارچە ياشاش ئىمتىيازى ۋە سالاھىيىتىنى چۆرۈپ تاشلاۋاتقانلىقىمىزنى، قىسقىسى، زالىمنىڭ قولىدا ھالاك بولۇشقا مايىللىق ئىچىدە كېتىۋاتقانلىقىمىزنى، ھەقكە كەلگەندە بويۇن تولغاشقا، مۇستەملىكچىگە كەلگەندە ئۇنىڭدىن شەپقەت كۈتۈپ پەردە ئارقىسىدا ناماقۇللۇق كۆزىنى قىسىشقا تەييار ھالەتتە ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەجەبا بۇلار زۇلۇمغا ھەقلىقلىشىشنىڭ، قامچىلىنىشمۇ ئازلىق قىلىدىغان ھالاكەتنى ئاڭسىزلارچە تىلەپ تېپىشنىڭ بېشارىتى بولماي نېمە؟! ئەجەبا بۇ ئەھۋاللار قەيەرگە چاڭگا سالسا، شۇ چاڭگىسىدا ئوۋلىنىشنى كۈتۈپ ياتىدىغان ئولجىغا ئايلىنىپ كۈن كەچۈرۈشنى قۇرتۇلۇش بىلىدىغان، دۈشمىنىگە بولغان قارشىلىقىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشتەك باتۇرانىلىقتىن كۆرە ئۇۋىسىدا كۆپىيىپ سېسىپ يوقىلىشنى ئەلا بىلىدىغان ماڭقۇرتلۇقنىڭ ئىپادىلىرى بولماي نېمە؟!
- بۇرھان مۇھەممەد
2021-09-25
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى