Jump to content

مېتان باكتېرىيەسى

ئورنى Wikipedia

پاتقاق سازلىقتا ياكى سۇ ئوتلىرى باراقسان ئۆسكەن كۆلچەكتە پۈۋلەپ ھاۋا كۆپۈكچىلىرىنى پەيدا قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان سانسىزلىغان كىچىك جانىۋارلار ياشايدۇ. ئۇلار مېتان باكتېرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

[تەھرىر]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :مېتان باكتېرىيىسى

ئالاھىدىلىكى :ماددا ئالمىشىش ئارقىلىق مېتان گازى قويۇپ بېرىش

قىسقىچە مەزمۇنى

[تەھرىر]

2پارچەمېتان باكتېرىيىسىمېتان باكتېرىيىسى يەر شارىدىكى ئەڭ قەدىمكى جانىۋار ھېسابلىنىدۇ. يەر شارى پەيدا بولۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مۇدھىش ئوكسىگېنسىز مۇھىت مىجەزى شۇ مۇھىتقا ماسلاشقان تۇنجى تۈركۈم جانىۋارلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇلار ئوكسىگېن بولمىسىمۇ نەپەسلىنەلەيتتى، ھاياتىنى تەييار، ئاددىي كاربوناتلار، فورمىئاتلار قاتارلىق ماددىلارغا تايىنىپ ساقلايتتى، ھالبۇكى، ئۇلاردا ھاياتلىق تەنچە—ھۈجەيرە بولغاچقا، تەبىئىي ھالدا كۆپىيىشكە باشلىغان. مانا بۇلار جانلىقلارنىڭ ئەجدادى بولغان مېتان باكتېرىيىلىرىدۇر. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، يەر شارى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، مېتان باكتېرىيىلىرى ماھىيىتىنى ئۆزگەرتمەي، ئوكسىگېن خالىمايدىغان مىجەزىنى ساقلاپ كەلدى. ھازىرقى زاماندىكى مېتان باكتېرىيىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق مەنبەسى تېخىمۇ كېڭەيدى، ياۋا ئوت-چۆپلەر، دەرەخ غازىڭى، شاخ-شۇمبا، ئاشخانىدا ئېشىپ قالغان تاماقلار، ھايۋانلارنىڭ گەندە، سۈيدۈكلىرى، ھەتتا ئەخلەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېتان باكتېرىيىلىرىنىڭ مەززىلىك تائاملىرىدۇر. سازلىق ۋە سۇ ئوتلىرى باراقسان ئۆسكەن كۆلچەكنىڭ تېگىدە ئوكسىگېن ئىنتايىن كەمچىل بولىدۇ، مېتان باكتېرىيىلىرى بۇ يەرگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ بىر ۋاخ يەپ تويۇۋالغاندىن كېيىن، راھەتلىنىپ نەپەسلىنىپ يەل پۈۋلەپ چىقىرىدۇ. بۇ يەل پاتقاق گازى كۆپۈكچىلىرىدۇر.

مۇندەرىجە

[تەھرىر]
  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • قىسقىچە مەزمۇنى
  • ئىشلىتىلىشى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئىشلىتىلىشى

[تەھرىر]

پاتقاق گازى كۆپۈكچىسى پاتقاق گازى بىلەن تولۇپ تۇرىدۇ. پاتقاق گازىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى مېتان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھىدروگېن، كاربون چالا ئوكسىد، كاربون(\u2163) ئوكسىد قاتارلىقلارمۇ بولىدۇ. ئۇ ئەرزان ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ، ئۇنىڭدا چىراغ يورۇتۇشقا، تاماق ئېتىشكە بولىدۇ. ئىشلىتىشكە ھەم پاكىز، ھەم قۇلايلىق، يەنە بېنزىن، دېزىل مېيىنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ، شۇڭا ئۇ كۆڭۈلدىكىدەك بىر خىل گاز يېقىلغۇ ھېسابلىنىدۇ.

ھازىر دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر يېقىلغۇ يېتىشمەسلىكنىڭ غېمىنى يەۋاتىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىپ پايدىلىنىش دۇنياۋى خاراكتېرلىك جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى. كىچىككىنە مىكرو ئورگانىزملار بولسا ئىنسانلارنىڭ غېمىگە ھەمدەم بولۇپ، ئېنېرگىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئىشلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىلىرىنى قوشماقتا. چەت ئەللەردە نۇرغۇنلىغان زاۋۇتلار ماشىنىلىرىنى پاتقاق گازىنى يېقىلغۇ قىلىپ ھەرىكەتلەندۈرمەكتە. دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا، بولۇپمۇ يېزىلىرىدا پاتقاق گازى كۆلچەكلىرىنى ياساپ، مىكرو ئورگانىزملارنى سۈنئىي يېتىلدۈرۈپ پاتقاق گازى ئالماقتا. مۆلچەرلىنىشىچە، بىر كۇب مېتىر پاتقاق گازى6000 كىلوۋات ئەتراپىدا ئىسسىقلىق ئىشلەپچىقىرىپ، بىر ئات كۈچىگە ئىگە ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلنىڭ24 سائەت ئىشلىشىنى تەمىنلەپ بېرەلەيدىكەن؛ 60 −100 ۋات ئېلېكتر لامپۇچكىسىنىڭ يورۇقلۇقىغا توغرا كېلىدىغان پاتقاق گازى چىرىغىنى5 −6 سائەت يورۇتالايدىكەن. پاتقاق گازى ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇپ بىئولوگىك ئېنېرگىيىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

مېتان باكتېرىيىلىرىنىڭ يېمەكلىكلىرى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ئورگانىك ماددىلارنى پاتقاق گازى ئېچىتىشنىڭ خام ئەشياسى قىلىشقا بولىدۇ. پاتقاق گازى كۆلچىكى مېتان باكتېرىيىلىرىنى ئوكسىگېن كەمچىل مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ يەردە پاتقاق گازى باكتېرىيىلىرى خۇشاللىق بىلەن ئەمگەك قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پاتقاق گازى ھاسىل قىلىدۇ. يىلىغا ئىككى تۈمەن توننا ئىسپىرت ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت ئەگەر ئىسپىرت ئىشلەشنىڭ بارلىق كېرەكسىز سۇيۇقلۇقىدىن پايدىلىنىپ پاتقاق گازى ئىشلەپچىقارسا، ھەر يىلى1100 كۇب مېتىر پاتقاق گازى ئالىدۇ، بۇ9000 توننا كۆمۈرگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېتان باكتېرىيىلىرى «چايناپ» ئېشىپ قالغان لاتقىلار زىرائەت ئۈچۈن بىرىنچى دەرىجىلىك ئوغۇت بولۇپ، ئوغۇتلۇق ئۈنۈمى ئادەتتىكى مەھەللىۋى ئوغۇتلارنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىر]