مېدىيانىڭ ئىككى چوڭ كۈچى ۋە شەكىللەندۈرۈش جەريانى
مۇھەممەت ئابدۇمىجىت
ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ياكى تاراتقۇ دەپ ئاتىلىۋاتقان تېلېۋىزور، رادىيو، مەتبۇئات (كىتاب، گېزىت، ژۇرنال)، كىنو، تىياتىرلار... كۈنىمىزدە يەر شارىۋىي بىر تىلغا ئايلاندى. ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر بۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ **مېدىيا** دەپ ئاتايدۇ. تاراتقۇ، ۋاسىتە سۆزلىرى جۈملە ئىچىدە مەزمۇنغا قاراپ تەقسىملىنىپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
مېدىيا نەزەرىيەسى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان ھەرخىل تۈرلەرگە ئايرىلدى: كىلاسسىك تاراتقۇ، ئاممىۋىي تاراتقۇ، يېڭى تاراتقۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ، رەقەملىك تاراتقۇ، سەپلىمە تاراتقۇ، ئانائېقىم مېدىيا، رادىكال تاراتقۇ، ئاز سانلىقلار تاراتقۇسى، ئېزىلگەنلەر تاراتقۇسى، چەتكە قېقىلغانلار تاراتقۇسى... گېزىتچىلىك، خەۋەرچىلىك، كىنوچىلىق، تىياتىرچىلىق، درامما... ۋە ھاكاۋازا دېگەندەك. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس خىزمەت پىرىنسىپى ۋە كاتېگورىيەلىرى بار بولۇپ، مەن تۆۋەندە بۇ مېدىيالارنىڭ ھەممىسىگە خاس بولغان ئىككى خىل تەسىر كۈچىنى ۋە شەكىللەندۈرۈش جەريانىنى تونۇشتۇرىمەن.
1. جامائەت پىكرى يارىتىش كۈچى
مېدىيانىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى خەۋەرلەندۈرۈش، پىرىنسىپى تەرەپسىزلىك، نىشانى دېموكراتىك جەمئىيەتنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش. غەربتە، ھەتتاكى تۈركىيەدە مېدىيا **تۆتىنچى كۈچ** دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. قانۇن چىقىرىش، ئىجرا قىلىش ۋە تەپتىشتىن قالسىلا مېدىيا نازارەتچى تۆتىنچى كۈچ دەپ قارىلىدۇ. مېدىيانىڭ تۆتىنچى كۈچلۈك ئورنى دېموكراتىك سىستېمىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ بىرئاز تۆۋەنلىسىمۇ، جامائەت پىكرى يارىتىش كۈچى ئارقىلىق يەنىلا سىياسىي كۈچلەر بىلەن خەلقنىڭ كۆۋرۈكى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ.
مېدىيا جامائەت پىكرىنى قانداق يارىتىدۇ؟ بۇنىڭدا تۆت باسقۇچ بار بولۇپ، **ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىش، قوبۇل قىلدۇرۇش، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش**تىن ئىبارەتتۇر. ھەرىكەتكە ئايلانغان قىسمى مېدىيانىڭ كۈچىنى نامايان قىلغان ۋاقتىدۇر.
بىرىنچى باسقۇچتا، مەلۇم خىل ئىدىيە، پىكىر، كۆز قاراش، ۋەقە، يېڭىلىق، تراگېدىيە، تارىخ (مېدىيادا تارقىتىلىدىغان مەزمۇن) قاتارلىقلار سىياسىي كۈچلەر، مىللەتنىڭ ياكى مەلۇم بىر جەمئىيەتنىڭ سەرخىللىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا تاشلىنىپ سىستېمىلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ **ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچى** دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزمۇننى ئوتتۇرىغا تاشلىغۇچىلار رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە يېتەكچىلەر قاتلىمىغا تەۋە. بۇ باسقۇچ مەزمۇنلار تېخى مېدىياغا ئەكس ئەتمىگەن باسقۇچ بولۇپ، مەزمۇنلار سىستېمىلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئىجابىي ۋە سەلبىي مەقسەتلەردە ئوخشاشلا ئۈنۈم بېرىۋېرىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ تارقىتىش باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە سەرخىل يېتەكچىلەر قاتلىمى تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزمۇن ئوتتۇرا تەبىقىدىكىلەر ئارىسىغا سۇنۇلۇپ، بەس-مۇنازىرە قوزغاش باسقۇچىدۇر، ئوتتۇرا تەبىقىدىكىلەرنىڭ تىلى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاۋام پۇقرا يېتەكلىنىدۇ. ئوتتۇرا تەبىقىدىكىلەر خالاپ-خالىماي رەھبەرلىك قاتلىمى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلدۇرماقچى بولغانلىرىنى تەشۋىق قىلىپ بېرىدۇ.
كىچىك مىسال: تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغان سايلام مەزگىلىدە، شەھەر ۋالىيلىرى، ناھىيە ھاكىملىرى، يېزا باشلىقلىرى، كەنت مۇدىرلىرى، مېدىيا مەنسۇپلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى، ياشلار ۋەكىللىرى ھەتتاكى ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يېقىنلىقىنى، ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ جەرياندا قىلماقچى بولغان خىزمىتى، پىروژېلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ. بۇ ۋەكىللەر سىياسىي سىستېمىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتلىرى بولۇپ، ھەممىسى ئۆز ساھەسىدە مەلۇم تەسىرگە ئىگە. بۇلار جەمئىيەتتە پىرېزىدېنتتىن ئالغان تەلىماتىنى خەلقنىڭ رايىغا سۇنىدۇ. يىغىن، يىغىلىشلاردا بۇلاردىن سىگنال بېرىدۇ.
بۇ باسقۇچ قىسمەن مېدىيا ۋاسىتىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىدىغان جەريان بولۇپ، كۆپىنچە يۈزتۇرانە تەشۋىق، يۈزتۇرانە يەتكۈزۈش ئاساس قىلىنىدۇ. مۇراجىئەت قىلىنىدىغان مېدىيالارغا مەزمۇن ۋە نىشان ئوچۇقمۇ-ئوچۇق دېيىلمەيدۇ، پەقەت چەكلىك تەكشۈرۈپ بېقىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. جەمئىيەتتە ئاڭلىق، ھوشيار، مەلۇم ساھەگە ۋەكىل قىلالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا خىتاب قىلىدۇ ۋە بۇلار ئارقىلىق تۆۋەن قاتلام ياكى جەمئىيەتنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاۋام پۇقرالارغا يەتكۈزۈشنى پىلانلايدۇ. تارقىتىش باسقۇچى ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي تارقىتىش بولماستىن، بەس-مۇنازىرە قوزغاش، دىققىتىنى تارتىش باسقۇچى دېيىلسە تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.
ئۈچۈنچى باسقۇچ قوبۇل قىلدۇرۇش باسقۇچى. بۇنى چۈشەندۈرۈش، ئىشەندۈرۈش، قايىل قىلىش، يۈزلەندۈرۈش باسقۇچى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ باسقۇچتا بارلىق ۋاسىتىلەرگە (ئاساسلىقى مېدىيا) مۇراجىئەت قىلىنىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈچۈنچى باسقۇچتا خەلق يا خالاپ قوبۇل قىلىدۇ ياكى باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇپ قېلىش ئەندىشىسى ياكى چەتكە قېقىلىپ قېلىش تەشۋىشى بىلەن رەھبەرلىكنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلىغىنىنى قوبۇل قىلىشتىن باشقا چارىسى بولمايدۇ. قوبۇل قىلمىسىمۇ ئۈنىنى چىقارمايدۇ.
تۆتىنچى باسقۇچ ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش باسقۇچى. ئالدىنقى ئۈچ باسقۇچ دېموكراتىك، كۆپ پارتىيەلىك دۆلەت سىستېمىسىغا قىياس قىلىنغان. ھەرىكەت ئاۋام پۇقرانىڭ ئومۇمىيۈزلۈك تەرەپ تۇتۇشى بىلەن، كۆزلەنگەن ئىدىيەنى كۈچلەندۈرۈشكە قاراپ يۈزلىنىشى بىلەن ئەكس ئېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاۋام-پۇقرانىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن رەھبەرلىك قاتلىمى ياكى يېتەكچى سەرخىللار ئۆز نىشانىغا يەتكەن بولىدۇ.
بۇلارنى ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش تەشۋىقاتىغا قىياس قىلساق، ئەلۋەتتە نەتىجە يارىتىش مۇمكىن. ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقان تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئۇيغۇرنىڭ ئاڭلىق، ۋىجدانلىق سەرخىللىرى بىرىنچى باسقۇچنىڭ رولىنى ئۆتەلەيدۇ. يەنى تەشۋىقات پىروگراممىسى تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇ ئارقىلىق مېدىيانىڭ كۈچىنى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن قوللىنالايدۇ. بىر دۆلەتتە رايونلار ئارا، دۇنيادا دۆلەتلەر ئارا قانداق تەشۋىقات قىلىمىز؟ قايسى تەشۋىقات ئۇسۇلى ئەڭ ئۈنۈملۈك؟ كىم-كىملەرگە ئاڭلىتىمىز؟ كىم-كىملەر ئارقىلىق ئاڭلىتىمىز؟ مەزمۇن، جەريان، نىشان نېمە؟ بۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلغاندا، بىرىنچى باسقۇچنى قولدا تۇتقۇچىلار بولغان سىياسىي تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە مىللەتنىڭ سەرخىللىرى ھازىرقىدەك تىلى قۇرۇپ جاپا تارتىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى، توغرا ئىشنى قىلىش مۇھىم بولغانغا ئوخشاش، ئىشىنى توغرا قىلىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم ۋە ھوسۇللۇقتۇر.
ئىككىنچى باسقۇچقا كەلسەك، ئۇيغۇرنىڭ سەرخىللىرى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ پىروگراممىلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ساھە ۋە ۋەكىللىك كىشىلەرگە سۇنىدۇ. يەنى، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ سەرخىللىرى دۆلىتى ئۈچۈن بىرىنچى قاتلام بولسا، ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ئىككىنچى قاتلام، يەنى تارقىتىپ بەرگۈچى قاتلام ھالىتىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. مۇمكىنمۇ دېيىلسە، مۇمكىن. تۈركىيەدە ئۈلكە ئوجاقلىرى، كادىرلار ئۇيۇشمىسى، ئالپەرەنلەر بىز ئۈچۈن مەيدانلاردا، ئېكرانلاردا [ھەرىكەت قىلماقتا]. ئەپسۇس، بىزنىڭ سەرخىللىرىمىز ئۇلارنى يېتەكلىمەيدۇ، [بەلكى] يېتەكلىنىدۇ. مېنىڭ ياخشى بالا ئىكەنلىكىمنى مەن ئۆزۈمنى مەدھىيىلەپ تونۇشتۇرسام تەسىرى ياخشىمۇ ياكى مەلۇم بىر جامائەت ئەربابىمۇ؟ ئوخشاش سوئال تەشۋىقات لىنىيەسىدە سورۇلۇشى زۆرۈر.
ئۈچۈنچى باسقۇچ، ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى كۆپ سانلىق پۇقرالارنىڭ ئۇيغۇرنى تونۇشى، ئۇيغۇرغا ھېسداشلىق قىلىشى، ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا كىشىلەر بېلەت تاشلىغان پارتىيەلەرنىڭ مىللەت ۋەكىللىرىگە، باشلىقلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى ئۈمىد-ئىستەكلىرىنى يەتكۈزىدۇ. كوچىلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىشقا، مېدىيالار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پىروگرامما ئىشلەشكە ئۆتىدۇ. كۈچلۈك جامائەت ئارزۇسى، جامائەت پىكرى ھاكىمىيىتىنى داۋاملىق قولدا تۇتۇشقا ياكى ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشقا ھېرىسمەن پارتىيەلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ھۆكۈمەت خەلقنىڭ مايىللىقىنى، مەۋجۇت سايلام ئاۋازىنى، خەلقنىڭ قوللىشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئورۇنداشقا مەجبۇر بولىدۇ. جامائەت پىكرى سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە قورقىدىغان ئامىللاردىن بىرى بولۇپ، بۇ كۈچ ئامىلى مېدىيانىڭ تەشۋىقات، جامائەت پىكرى يارىتىش، كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا خىتاب قىلىش كۈچى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.
تۆتىنچى باسقۇچ، بىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە خەلق بىز ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن چاغدا، ھاكىمىيەت بىز ئۈچۈن قەدەم ئاتىدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا: بىز بۇ تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ھاكىمىيەتتىن نېمىنى تەلەپ قىلماقچى؟ ئۇلار بىزگە نېمە قىلىپ بېرىشى كېرەك؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىرىنچى باسقۇچنىڭ ئاكتىيورلىرى بولغان سىياسىي رەھبەرلەر ياكى سەرخىللار، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئەتراپلىق ئويلىشى كېرەك.
2. كۈن تەرتىپ يارىتىش كۈچى
كۈن تەرتىپ ئۇقۇمى جامائەت پىكرى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئىجتىمائىي كۈن تەرتىپ ۋە سىياسىي كۈن تەرتىپ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.
ئىجتىمائىي كۈن تەرتىپ ئاۋام ئارىسىدا ئېغىزدىن چۈشمەي بەس-مۇنازىرە قىلىنىدۇ. ئاۋامنىڭ زېھنى مەزكۇر مەسىلىنىڭ ھەل بولۇش-بولماسلىقى ئەندىشىسىدە سىياسىي كۈچلەرگە مەركەزلىشىدۇ. مېدىيا بۇ ئەسنادا سىياسىي كۈچلەر بىلەن ھاكىمىيەت ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولنى ئۈستىگە ئالىدۇ، سىياسىي كۈچلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى خەلققە سۇنىدۇ، خەلقنىڭ ئىستەكلىرىنى سىياسىي كۈچلەرگە [يەتكۈزىدۇ].
سىياسىي كۈن تەرتىپ يارىتىلغان جامائەت پىكرى تەسىرىدىن دۆلەت مەسىلىسىگە ئايلىنىپ، پارلامېنتنى، دۆلەتنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنى مەشغۇل قىلىدۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئىستەكلىرى ئۈچۈن بىر جاۋاب بېرىشى كېرەك، ۋە بۇ جاۋاب قىسمەن بولسىمۇ خەلقنىڭ ئىستىكىنى ئورۇنداش بىلەن لاياقەتلىك بولىدۇ.
مىسال: فرانسىيەدىكى ئىشچىلار نامايىشى بىر ئايغا يېقىن داۋاملاشتى، ماكرون نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئېلىنغان سىياسىي قارارلارنى ئالتە ئاي كېيىنكىگە سۈردى. ئىشچى مائاشىنىڭ تۆۋەنلىكى، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق نامايىشنىڭ مەنبە كۈچىگە قارشى تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، فرانسىيەدىكى نامايىشنىڭ شەكىللىنىشى ۋە نامايىشچىلارنىڭ توپلىنىشىدا مېدىيا، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار مىسلىسىز تەسىر كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ئۇ قەدەر چوڭ ۋە دۆلەت ئەسلىھەلىرىنى زىيانغا سالغۇدەك نامايىش قىلىشنىڭ ئورنى يوق. مەقسەت ئاۋام پۇقرانىڭ دىققەت-نەزىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشتۈرەلەشتۇر. ھۆكۈمەتمۇ خەلقنىڭ رايىغا، جامائەت پىكرىگە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلايدۇ. يۇقىرىقى بايانلاردا مېدىيانىڭ كۈچى كونكېرت تونۇشتۇرۇلمىغان بولسىمۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر بىر كۆز قاراش ۋە نەتىجە مېدىيانىڭ يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئىككى خىل كۈچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى