مېدىيا ۋە تىل
مېدىيا ۋە تىلنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە
مۇھەممەت ئابدۇمىجىت
مېدىيا ھەققىدە ھەممىمىزنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر مەلۇماتى بار دەپ قارايمەن. ئەمما مېدىيا ۋە تىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك.
مېدىيا يېڭى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىردى. مېدىيانىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى تەشۋىقات بولمىسىمۇ، مېدىيادا قوللىنىلغان تىل ۋە كۆرۈنۈشلەر كىشىلەرنى مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچراتتى.
مېدىيانىڭ تۈرلىرىدىن بولغان ئۇچۇرلىشىش ۋاسىتىلىرى زامان ۋە ماكان ئۇقۇملىرىغا خاتىمە بېرىپ، دۇنيانىڭ كىچىك كەنتلىشىشىنى روياپقا چىقاردى. بۇ كەنتلىشىش كىشىلەرنىڭ تىل، ئۆرپ-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك شەكلى قاتارلىق ماددىي-مەنىۋىي قىممەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. مەن بۇ قىسقا يازمىدا تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، شۇنداقلا تىلنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا نىسبەتەن سەلبىي ئامىللارغا يول ئېچىشتا مېدىيانىڭ قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمەن.
تىل بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ۋە مەۋجۇتلۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىشىدىكى قىممەتلىك ۋاسىتە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تىل بىر مىللەتنىڭ بەلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ مىللەتنى باشقا مىللەتلەردىن ۋە كۈلتۈرلەردىن ئايرىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، تىلنىڭ تارىخى، فونېتىكا، لېكسىكا، گرامماتىكا قاتارلىق قۇرۇلمىلىرى يېزىق بىلەن ئىپادىلىنىپ ساقلىنىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.
ئۆتمۈشتە مەلۇم تىلدىكى كۈلتۈر، تارىخ، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق ئامىللار يېزىق ئارقىلىق قەغەزگە تۆكۈلۈپ، كىتاب، ژۇرنال قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنەتتى. رادىيونىڭ ئىجادى بىلەن تىلنى تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى تۇغۇلۇپ، يېزىققىلا تايىنىپ قېلىشقا خاتىمە بېرىلدى. تېلېۋىزورنىڭ ئىجادى بولسا تىلنى تىلغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئامىللار بىلەن يۇغۇرۇپ ئېكرانغا يايدى. رادىيو-تېلېۋىزوردىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئىنتېرنېتنىڭ بارلىققا كېلىشى تىلنىڭ قوللىنىلىش نىسبىتى ۋە قوللىنىش شەكلىنى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتۇردى.
يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، دۇنيانى كىچىك كەنتكە ئايلاندۇرغان ئىنتېرنېت ئۇللىق ئۇچۇرلىشىش ۋاسىتىلىرى ئالماشتۇرۇشقا سۇنغان قولايلىقى سەۋەبلىك كۈلتۈرىمىزگە، تىلىمىزغا مىسلىسىز تەرەققىياتلارنى بەخىش ئەتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ تەھدىتلەرمۇ بۇ بەخىشلەرنىڭ سىرتىدا قالمىدى.
بۇ تەھدىتلەرنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىكى تىل دېسەك بەلكى خاتالاشقان بولمايمىز.
مېدىيا بىلەن تىلنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟ مېدىيا تىلغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
قىسقىچە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى:
بىرىنچىدىن، مېدىيا تىلنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.** مەلۇم بىر تىلدا سۆزلەيدىغان كىشىلەر بارلىق سۆزلۈكلەرنى داۋاملىق ئىشلىتىپ تۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تىلنىڭ تامامىنى بىلىپ كېتىشى ناتايىن. تىل ۋە تىلغا ئائىت ئامىللار ئىككى خىل مېدىيا (ئەنئەنىۋىي مېدىيا: كىتاب، گېزىت، ژۇرنال؛ يېڭى مېدىيا: ئىنتېرنېت ئۇللىق ئۇچۇرلىشىش ۋاسىتىلىرى) ئارقىلىق ئۇ تىلنىڭ ئىستېمالچىلىرىنى تىل ۋە تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىككىنچىدىن، مېدىيا مەلۇم بىر تىلنىڭ تىلشۇناسلىرى تەرىپىدىن يەنە بىر تىلغا قوبۇل قىلىنغان يات تىلدىكى سۆزلەرنىڭ ئۇ تىلدا ئومۇملىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.** يات تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئاتالغۇلار مېدىيا تىلىدا كەڭرى تارقىلىش ۋە كۆپلەپ تەلەپپۇز قىلىنىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىستېمالىغا ئېلىپ كىرىلىدۇ.
ئۈچۈنچىدىن، مېدىيا تىلنىڭ ئىپادىلىنىش ئۇسۇلى، گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسى، لوگىكىلىق باغلىنىشىنى تەشۋىق قىلىپ، تىلنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.**
تۆتىنچىدىن، مېدىيا تىلى ئەدەبىيلىككە، ئىلمىيلىككە، ئېستېتىكىلىققا ئىگە بولۇپ، خەلقنىڭ ئېغىز تىلىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.** مېدىيادا قوللىنىلغان تىل بىر مىللەتنىڭ ئورتاق تىلى بولغاچقا، ئۇ تىلغا تەۋە بولغان يەرلىك شىۋە ۋە دىئالېكتلار ئارىسىدىكى پەرقنى ئازايتىپ، ئورتاق تىلغا ئىنتىلدۈرىدۇ.
بەشىنچىدىن، مېدىيادا قوللىنىلغان تىل تەربىيە ۋە تەشۋىقات تۈسىنى ئالغاچقا، بىر مىللەتنىڭ ئاممىۋىي، ئومۇمىي ئېڭىنىڭ بىردەكلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.**
يۇقىرىقىلار مەن ھېس قىلغان مېدىيانىڭ تىلغا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرلىرى. ئەمدى مېدىيانىڭ تىلغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىگە قاراپ باقايلى:
بىرىنچى، مېدىيا تىلشۇناسلار ياكى كەسپىي خادىملار تەرىپىدىن قوبۇل كۆرۈلمىگەن سۆزلەرنى ئۆز مەيلىچە ياساپ ئىشلەتكەندە، تىلنىڭ ساپلىقى ۋە ئېنىقلىقىنى غۇۋالاشتۇرۇۋېتىدۇ.**
ئىككىنچى، مېدىيا ئەجنەبىي سۆزلۈكلەرنى خالىغانچە قوبۇل قىلىپ تارقىتىشلىرىدا قوللانسا، خەۋەر مەزمۇنىنىڭ چۈشۈنىكسىزلىكىگە سەۋەب بولىدۇ.** يەنە بىر تەرەپتىن، قوللىنىلغان سۆز ئامما تەرىپىدىن قارغۇلارچە قوبۇل قىلىنىۋېلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا ئەدەبىي تىل بىلەن ئېغىز تىلى، ئەدەبىي تىل بىلەن ئاخبارات تىلى ئارىسىدا تىل ھاڭى پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
ئۈچۈنچىدىن، مېدىياچىلار بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، بىر تىلنىڭ ئامما تەرىپىدىن تىڭشىلىشىنى، قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.** شۇڭلاشقا مېدىياچىلارنىڭ جۈملىنى ئىپادىلەش شەكلى، بايان قىلىش ئۇسۇلى، جۈملە قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار ئۇ تىلنىڭ ئامما تەرىپىدىن قانداق ھەزىم قىلىنىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تۆتىنچىدىن، مېدىياچىلار قوللانغان تىل مىللەتنىڭ مۇناسىۋەت سەنئىتىنى نامايەن قىلىدۇ.** دىكتورنىڭ سالام قىلغاندا ئىشلەتكەن سۆزى، قوللانغان جۈملىسى شۇنداقلا ئېكرانغا ئەكس ئەتتۈرگەن بەدەن تىلى مىللەتنىڭ ئاممىۋىي مۇناسىۋەت ئېڭىنى ئىجابىي ياكى سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ.
يۇقىرىدا بەك ئىلمىي دېيىشكىمۇ بولمىسىمۇ، مېدىيا ۋە تىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىزاھلاشقا تىرىشتىم. بۇلار مېدىيا خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقانلارلا ئەمەس، ھەممەيلەن بىرەر مۇخبىرغا ئايلىنىپ بولاي دەپ قالغان كۈنىمىزنىڭ ئەقلىيئىقتىدارلىق تېلېفون تاراتقۇچىلىرىنىڭمۇ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.
مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.