مېدىيا ۋە جامائەت پىكىرى
مۇھەممەت ئابدۇمىجىت
مېدىيا
مېدىيا ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان، ئۇقۇمغا نىسبەتەن بېكىتىلگەن بىر تەبىر بولۇپ باقمىدى. كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان خەۋەرلىشىش تېخنىكىلىرى مېدىيانىڭ تەبىرىنىمۇ، خاراكتېرىنىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىپ بارىدۇ. شۇنداقتىمۇ، تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى ئومۇمىي بىر تەبىر بېرىشنى توغرا كۆردۈم.
مېدىيا ئاساسلىقى ئەنئەنىۋىي مېدىيا ۋە يېڭى مېدىيا دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئەنئەنىۋىي مېدىيا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كلاسسىك مېدىيا ياكى كلاسسىك تاراتقۇ، ئاممىۋىي تاراتقۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇلار ئاساسلىقى ئىنتېرنېت بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى ئىنسانلار ئۇچۇر-ئالاقىدە قوللانغان كىتاب، گېزىت، ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزور، تېلېگرام، كىنو قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭى مېدىيا بولسا ئىنتېرنېت ئۇللانغان تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىگە بېرىلگەن ئومۇمىي نام دېيىشكە بولىدۇ.
جامائەت پىكرى
جامائەت پىكرى ئۇيغۇر تىلىدا بەك نادىر ئۇچرايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا ئۇقۇمنىڭ مەنىسى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە ئوخشىمىغان تەبىرلەر ئۇچرايدۇ. بۇ تەبىرلەر ئاساسەن ئىككى ساھەدە مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، بىرىنچىسى: سىياسەت (سىياسىيونلارنىڭ جامائەت پىكرى ئۇقۇمىغا بولغان قارىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى)؛ ئىككىنچىسى: باشقا ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ، بولۇپمۇ جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆز قارىشىدۇر.
سىياسەت تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن جامائەت پىكرى دۆلەتنىڭ ئۈچ ئاپپاراتى (قانۇن چىقىرىش، ئىجرا قىلىش، سوت) نىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمىنى بەلگىلەيدىغان ياكى جامائەت ئەربابلىرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ۋە شەكىللەندۈرۈلگەن ئۆلچەم دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.
بۇنىڭ ئەكسىچە، ئىجتىمائىي پەنلەردىكى جامائەت پىكرى چۈشەنچىسى كىشىنىڭ ئۆزى ئۆز مەۋقەسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ كۆز قارىشى ۋە ھەرىكىتىنى مەلۇم ئامىللار بىلەن بىرلىشتۈرىدۇ. بۇلار ئائىلىسى، خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئۇلار ئولتۇراقلاشقان توپ ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پىكىر ۋە ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (گۆكچە، 1996، 211) دەپ قارايدۇ.
گەرچە جامائەت پىكرى ئۇقۇمى ھەققىدە كۆپ خىل تەبىرلەرنىڭ بارلىقى، ئورتاق بىر تەبىرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن بىز ئومۇمىي قىلىپ: **كىشىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر تېما ھەققىدىكى ئومۇمىي قانائىتى (رازىلىقى، مايىللىقى)، كۆز قارىشى، تۇتۇم ۋە ھەرىكەتلىرى** دەپ بايان قىلساق بولىدۇ.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنى: **ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىگە نىسبەتەن مۇئەييەن بىر ۋاقىتتا، مەلۇم بىر ماكاندا، مەلۇم بىر كىشىلەر توپى ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن ھەممىباپ چۈشەنچە ۋە كۆز قاراشلارنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئۇقۇم** دەپ قارىساق بولىدۇ (ئەرەن ۋە ئايدىڭ، 2014، 198).
جامائەت پىكرى ئۇقۇمىنى چۈشىنىشتە **جامائەت** ۋە **پىكىر** سۆزىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم. جامائەتنى: **توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر كوللېكتىپ، توپ ياكى گۇرۇپ** دېسەك، پىكىرنى: **بۇ جامائەت ئارىسىدا كەڭ يېيىلغان ۋە ئۆزگە مېڭىسەگەن ئومۇمىي قىممەت قاراش ۋە رازىلىقنىڭ نامايەندىسى** دېيىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، نۆۋەتتىكى ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىمكانىيەتلەر جامائەتنى زامان ۋە ماكانغا باغلاپ قويمايدۇ. شۇنىڭدەك پىكىرمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ ۋە تارقىلىدۇ. جامائەت پىكرىنىڭ خاراكتېرى ۋە خۇسۇسىيىتىمۇ پاراللېل ئىلگىرىلەيدۇ. بىر جەمئىيەتتە، بۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان جامائەت ئارىسىدا بىرلا خىل پىكىرنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
جامائەت پىكرى بۇ جەمئىيەتنى مۇتەشەككىل قىلىدىغان خەلقنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ئاڭ سەۋىيەسى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بۇ جەمئىيەتنى باشقۇرۇشتا قوللىنىلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تاكتىكىلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
سىياسىي تۈزۈم سىياسىي مۇھىت ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا جامائەت پىكرىنىڭ ئاساسىنى ھازىرلايدۇ. سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئوخشىماسلىقى جامائەت پىكرى ۋە تەسىر كۆرسىتىش ساھەسىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىياسىي تۈزۈم باشقۇرغۇچى-باشقۇرۇلغۇچى مۇناسىۋىتىنى، ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىنى، قۇرۇلمىسى ۋە خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ (دېنىچكول 2006: 57).
نۆۋەتتە يەرشارىلىشىش ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن **باشقۇرۇشۇش** ئۇقۇمىنىڭ ئىجرا بولۇش جەريانىمۇ جامائەت پىكرىگە مۇناسىۋەتلىك ئامىللار قاتارىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باشقۇرۇشۇش ئۇقۇمى ئىلگىرىكى باشقۇرۇش ۋە باشقۇرۇلۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ بارىدۇ. سىياسىي ئاكتىيورلار پەقەتلا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، دۆلەتنىڭ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىگە پايدىلىق دەپ قارالغان ئىجتىمائىي ئورگانلار ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۆكۈمەت سىياسىي كۈچى بولمىسىمۇ، جامائەت ئارىسىدا ئەگەشتۈرۈش كۈچى ۋە كونترول قىلىش كۈچى بولغان ئورگان، تەشكىلات (ۋەقپى، جەمئىيەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى، ياشلار ئىتتىپاقى...)، دىننىي جامائەت قاتارلىقلار ئارقىلىق جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئاستىرىتتىن ئىشتىراك قىلىدۇ.
جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش ئۇقۇمى
جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش ئۇقۇمىنى **خەلقنىڭ رايىنى، رازىلىقىنى ۋە مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان ۋاسىتە ۋە جەرياننىڭ يىغىندىسى** دېيىشكە بولىدۇ. جامائەت پىكرى ھەردائىم باشقۇرۇش ۋە باشقۇرۇلۇش، يېتەكلەش ۋە يېتەكلىنىش، يۈزلەندۈرۈش ۋە يۈزلەندۈرۈلۈش ھادىسىسى ۋە جەريانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. جەمئىيەتنى كونترول قىلىۋاتقان سىياسىي كۈچلەر، جامائەتكە باشلامچىلىق قىلىۋاتقان سەرخىللار، مەشھۇرلار، سىياسىي، دىننىي، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۇنداق ياكى بۇنداق شەخسىي ياكى ئومۇمىي مەنپەئەتلەر ئۈچۈن خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق بولغاندا خەلقنى مۇئەييەن بىر رازىلىق ۋە مايىللىق (پىكىر) چەمبىرىكىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا خەلق، يەنى جامائەتنىڭ كۆپ سانلىقى يۇقىرىقى كۈچلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشسا، جامائەت پىكرى شەكىللەنگەن بولىدۇ.
جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرىدىغان كۈچلەر
جامائەت پىكرى سىياسىي تۈزۈلمە ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغىنىدەك، ئۇنى شەكىللەندۈرۈش ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇسۇلىمۇ شۇنىڭغا قارىتا بولىدۇ. بۇ يەردە بىز تەھلىلنى دېموكراتىك تۈزۈم ۋە ئۇ جەمئىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە قىلىمىز.
1. سىياسىي كۈچلەر
سىياسىي كۈچلەر جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىياسىي قارارلار، سىياسىي بەلگىلىمىلەر، سىياسىي چەكلىمىلەر، سىياسىي ئەۋزەللىكلەر، سىياسىي يېڭىلىقلار كىشىلەرنىڭ پىكرى ۋە پوزىتسىيەسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
1.1 ھاكىمىيەت
دېموكراتىك دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ دېموكراتىك ئاساسى كۈچلۈك كۆپ پارتىيەلىك دۆلەتلەردە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ داۋاملىق ئۆزلىرىگە بېلەت تاشلىشىغا مۇھتاج. خەلقنىڭ مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە بولغان رازىلىقى، مايىللىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، مائارىپ، قاتناش-ترانسپورت، سەھىيە قاتارلىق ئەلچىل خىزمەتلىرىنىڭ سالماقنى ئاشۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق كېيىنكى قېتىمقى سايلامدا «بۇ ھۆكۈمەت ياخشى» دېگەن ئاتموسفېرانى ياراتماقچى بولىدۇ.
1.2 مۇخالىپ پارتىيەلەر
مۇخالىپ پارتىيەلەر ياكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە قارشى پارتىيەلەر بولۇپ، بىر دۆلەتنىڭ ئاساسلىق سىياسىي كۈچلىرى قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئۆكتىچى پارتىيەلەر ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش ۋە خەلققە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش ئۈچۈن (نەزەرىيە شۇنداق) مەۋجۇت ھاكىمىيەتنىڭ قىلالمىغان، خاتا قىلغان ئىشلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق قوللىغۇچى توپلايدۇ.
1.3 ئاممىۋىي تەشكىلاتلار
ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئىنگلىزچىدە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، پۇل مەقسەت قىلىنمىغان قۇرۇلۇشلار دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. تۈركچىدە *sivil toplum kuruluşları* دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرچىدا تېخى نۇقۇل بېكىتىلگەن ئاتالغۇسى بولمىغاچقا، سىياسىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئىلمىي تەشكىلاتلار دەپ ھەر خىل ئاتالماقتا. ئەمەلىيەتتە بۇ تەشكىلاتلار ئاساسلىقى سىياسىي، كۈلتۈرەل، ئىقتىسادىي ۋە دىننىي ساھەلەردە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، دەرنەك (جەمئىيەت)، ۋەقپى، ئاكادېمىيە، ئۇيۇشما دېگەندەك ناملاردا ئۇچرىتىمىز.
ئاممىۋىي تەشكىلاتلار قايسى ساھەدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىرى ۋە كۈچى بولغاچقا، بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئەگەشتۈرىدۇ. كىشىلەرمۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسى، ئېھتىياج دېگەندەك ئامىللار تۈپەيلى بۇ ئورگانلارغا مايىل ياكى مۇھتاچ بولىدۇ. بۇ تەشكىلاتلار ۋە ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا پەيدا بولغان پىكىرلەر ئەگەشكۈچى ئەزا ۋە تەسىرىگە ئاساسەن كۈچىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەلۋەتتە، بەزى مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار تەشكىلات بىلەن بىر قانچە ئەزاسى بار تەشكىلاتنىڭ جامائەت پىكرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئوخشىمايدۇ. چوڭ تەشكىلاتلار جامائەت پىكرى ئارقىلىق ھاكىمىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. كىچىك تەشكىلاتلار بىۋاسىتە ھاكىمىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، جامائەت پىكرىنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە جامائەت پىكرىدە ئارىسالدىلىق پەيدا قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھاكىمىيەت ۋە مۇخالىپ پارتىيەلەر ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
1.4 مەشھۇر شەخسلەر
مەشھۇر شەخسلەر ئۆز ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان، خەلق تەرىپىدىن سۆيۈلگەن ۋە ئەگىشىلگەن كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. داڭلىق ناخشىچى، تەنھەرىكەتچى، ئارتىس، باي... بۇلارنىڭ مىسالى بولالايدۇ. مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان مەشھۇرلارنىڭ تاللىشى، ياخشى كۆرىشىگە قارىتا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پوزىتسىيە تۇتىدۇ. شۇڭا بۇلارمۇ جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرىدىغان ۋە جامائەت پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم كۈچلەر قاتارىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2. يۇمشاق كۈچلەر
2.1 لوبىچىلىق
ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالىغا بىر ئاز يات بولغان لوبىچىلىقنى قىسقا بىر جۈملە بىلەن ئىزاھلاشقا توغرا كەلسە، مۇناسىۋەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان سىياسىي، ئىجتىمائىي ئۇچرىشىشلار دەپ چۈشەنسەك خاتالاشقان بولمايمىز.
لوبىچىلىق پائالىيەتلىرى جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرىدىغان ئۇسۇللاردىن بىرى بولۇپ، مەلۇم دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىكى سىياسىي ئىمتىيازى، ئىجتىمائىي تەسىرى، ئاممىۋىي ئوبرازى يۇقىرى ئورۇن ۋە شەخسلەر (مەشھۇرلار، سەرخىللار، بايلار) شەخس ۋە جەمئىيەت سۈپىتىدە زىيارەت قىلىنىپ كۆزلەنگەن مەقسەت ئۈچۈن مايىللىقى قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ ھېسابتا ۋاسىتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق جامائەت پىكرى ياراتقانلىق بولىدۇ. يۇقىرىقىغا ئوخشاش خۇسۇسىيىتى بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ئارقىلىق ئۇلار ۋەكىللىك قىلىدىغان ئامما ياكى ئۇلارغا ئەگىشىدىغان، ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدىغان خەلق كۆزلەنگەن مەقسەتكە، يەنى جامائەت پىكرىگە يېتەكلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا مەقسەت-مۇددىئا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە جەريان ھەممىگە ئوچۇق بولىدۇ.
2.2 نامايان قىلىش پائالىيەتلىرى
نامايان قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇلدا جامائەت پىكرى يارىتىش جەريانى بىۋاسىتە بولىدۇ. ئەمما مەقسەت-مۇددىئا ئوچۇق-ئاشكارە بولمايدۇ. جامائەت پىكرى يارىتىشقا، باشقىلارنىڭ قوللىشىغا، مايىللىقىغا ئېھتىياجلىق كىشى ياكى گۇرۇپپىلار ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەردىن تالانتلىق، ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى ھەر خىل سەھنىلەرگە چىقىرىدۇ. بۇلار ناخشىچى بولۇشى مۇمكىن، ئارتىس بولۇشى مۇمكىن، كەشپىياتچى بولۇشى مۇمكىن، رەسسام بولۇشى مۇمكىن، شائىر بولۇشى مۇمكىن، قارى-قۇرئان بولۇشى، تەنھەرىكەتچى بولۇشى، مودېل بولۇشى... مۇمكىن.
بۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت ياكى رايوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇقىرىقى ئاممىباپ پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. ئورۇندىغان نومۇرلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مايىللىقىنى، ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىتلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازى ۋە تەسىرى ئارقىلىق جامائەت پىكرى قوزغاشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدۇ. بەزى دۆلەت ۋە گۇرۇھلار مەقسەتلىك ھالدا ئۆزىگە تەۋە كىشىلەردىن مۇشۇنداق مەشھۇر كىشىلەرنى مەخسۇس يېتىشتۈرۈپ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ.
2.3 ئەلچىل خىزمەتلەر ئارقىلىق جامائەت پىكرى يارىتىش
بۇ خىل ئۇسۇل بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزدا بەك ياقتۇرۇلۇپ كەتمىسىمۇ، سىياسەتچىلەر ئەڭ كۆپ مۇراجىئەت قىلىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىدېيەسى، كۆز-قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلدۇرۇش مەقسىتىدە قىلىنغان ياخشىلىق، خەير-ئېھسان خىزمەتلىرى بۇ خىل ئۇسۇللار قاتارىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ خىل ئۇسۇلدا ھاكىم پىكىر كۈچ بىلەن ئامما ئارىسىدا **ئېھتىياج** ۋە **ئېھتىيات** مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولىدۇ.
ئېھتىياج: ھاكىم پىكىر كۈچ ئىگىلىرى ئاممىنىڭ ئۆزىگە ئېھتىياجلىق بولۇشىنى، ئۆزىدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاممىنى ئۆزىگە نىسبەتەن ۋاپادارلىق تۇيغۇسىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىدۇ. بىزنىڭ تەبىرىمىزچە، يېگەننىڭ يۈزىنى قۇرۇق قىلماسلىققا ئۇرۇنىدۇ. نەتىجىدە ھاكىم پىكىر ناھايىتى تېزلا ئاممىۋىيلىشىدۇ ياكى ئاممىۋىيلىشىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللار جىمىقتۇرۇلىدۇ. ئېھتىيات: ھاكىم پىكىر ئىگىلىرى يالغۇز باسىدىغان جەريان بولۇپ، ھاكىم جامائەت پىكرىگە مۇخالىپ پىكىرلەرگە، سۇنىڭ قارشىسىغا ئاقىدىغانلارغا نىسبەتەن كۆرۈلىدىغان تەدبىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا جامائەت ئىچىدىكى مۇخالىپ پىكىرلىك سەرخىللارغا خىزمەت ئىشلەش، نەسىھەت قىلىش، ئۆتۈنۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ كۈچلەرنى جىمىقتۇرۇش نىشان قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇسۇللار ئاقمىسا، ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللار **يېتىم قالدۇرۇش، چەتكە قېقىش، ئوبرازسىزلاشتۇرۇش** قاتارلىق سەلبىي قىلمىشلاردۇر.
2.4 جەلپ قىلىش ئارقىلىق جامائەت پىكرى يارىتىش
بۇ ئۇسۇل تۈركىيەدە سايلام مەزگىلىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. «ئەگەر مەن سايلامدا غەلىبە قازانسام ئۇنى قىلىمەن، بۇنى قىلىمەن» دېيىش ئارقىلىق خەلقنىڭ مايىللىقى مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ سايلام مەزگىللىرىگىلا خاس بولۇپ قالماستىن، ھاكىم پىكىر كۈچ كەڭ ئاممىنى مەلۇم بىر خىل كۆز قاراش ئەتراپىغا توپلىماقچى بولسا، ئۇلارنىڭ ئەڭ نازۇك يەرلىرىنى تۇتقا قىلىدۇ. ئامما ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈلىدۇ. تاغار-تاغار ۋەدىلەرنى بېرىش ئارقىلىق ئاممىنى ئۆزىگە يۈزلەندۈرىدۇ.
مەسىلەن: سايلامدىن ئىلگىرى ئاق پارتىيە ياشلارغا ھەر ئايدا 10 گىگابايت ھەقسىز تور بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ج.ھ.پ. ئوقۇغۇچىلار كارتىسىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرىمىز دېدى. بۇ ئەمەلىيەتتە جەلپ قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئامما ئارىسىدا ھاكىم پىكىرگە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت. ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق كۈندىلىك ھاجەتلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدىغان تور ۋە ئەرزان ئاپتوبۇس كارتىسى ھازىر ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتىدۇ. ياشلار بىر-بىرىنى ئۆزلىرى ياخشى دەپ قارىغان ھاكىم پىكىر كۈچكە قىزىقتۇرۇۋاتىدۇ.
بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇنداق ئىشلار بولدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «10 مىڭ كىشىنى كاناداغا كۆچمەنلىككە ئالدۇرىمىز» دەپ ئوبرازىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. تۈركىيەدىكى سىياسىي تەشكىلاتلارمۇ ھېلى ئىقامەت، ھېلى نوپۇس ۋەدىلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرىيدۇ.
يۇقىرىقى بارلىق ۋاسىتە ۋە ئۇسۇللارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مېدىياغا مۇراجىئەت قىلىشتىن باشقا چارىلەرنىڭ ئۈنۈمى بەك تۆۋەن ياكى پايدىسىز بولۇپ، مېدىيا يۇقىرىقى جەريانلاردا كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئوينايدۇ.
مېدىيا ۋە جامائەت پىكرى
يۇقىرىدا ئۆزۈم ھېس قىلغان ۋە ئوقۇغان جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللار ۋە ئۇسۇللارنى خۇلاسە شەكلىدە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشتىم. ئەمدى مېدىيا بىلەن جامائەت پىكرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قىسقىچە مۇلاھىزە قىلىش بىلەن يازمىغا چېكىت قويىمەن.
مېدىيا تەبىئىيىتىدە بىر پىكىر، بىر مەدەنىيەت، بىر كۈلتۈر، بىر ئىدېيە ئېلىپ يۈرىيدۇ. مەيلى ئەنئەنىۋىي مېدىيالار بولسۇن، مەيلى زامانىۋىي ئىنتېرنېت ئۇللانغان تارقىتىش ۋاسىتىلىرى بولسۇن، تەبىئىيىتىدە مۇئەييەن بىر مەقسەتكە خىزمەت قىلىشنىڭ سىمالىرى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مېدىيا تۇنجى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئوڭ قولى بولۇپ كەلدى. تۇنجى قېتىم بارلىققا كەلگەن گېزىتمۇ سىياسىي خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىنى مەقسەت قىلىپ تارقىتىلغان. تۇنجى رادىيومۇ تەشۋىقات قۇرالى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. گەپنىڭ قىسقىسى، مېدىيا ۋاسىتىلىرى سىياسىي كۈچلەرنىڭ مەقسەت رامكىسىدا خەلقنى يېڭىلىقلاردىن ۋاقىپلاندۇرىدىغان، تەربىيەلەيدىغان، يۈزلەندۈرىدىغان، قوبۇل قىلدۇرىدىغان تۇيدۇرماس ھاۋا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەنئەنىۋىي مېدىيالارغا تەۋە بولغان گېزىت، ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزور قاتارلىقلاردىكى تارقىتىش خىزمەتلىرى مەلۇم بىر ئىدېيەۋىي كۈچنىڭ نازارەت قىلىشى، مەلۇم بىر نازارەت كادىرنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى، مەلۇم بىر تەھرىرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەھقىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاممىغا سۇنۇلىدۇ. تارقىتىلىدىغان مەزمۇنلار ھاكىم سىياسىي (ئىدېيەۋىي) كۈچكە قارشى كەلمەسلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى ھاكىم كۈچ جامائەت پىكرىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنى خالىمايدۇ.
1980-يىللاردىن كېيىن دېموكراتىك دۆلەتلەردە مېدىيا ساھەسى دۆلەت ئىگىلىكىدىن خۇسۇسىي ئىگىلىككە ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن شەخسىي مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى بارلىققا كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھاكىم كۈچنىڭ جامائەت پىكرىنى كونترول قىلىش مېخانىزمىسى رېلىستىن چىقىپ كەتتى. خەلق بۇرۇنقىدەك ھاكىم كۈچلەرنىڭ قاناللىرى نېمىنى تارقاتسا شۇنى راست دەپ ئۆتىدىغان دەۋرنى ئۇزۇتۇپ قويدى.
1990-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىنتېرنېتنى دۇنياغا ئېچىۋېتىشى نەتىجىسىدە دۇنيادا خىلمۇخىل خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى، مېدىيا ئەسلىھەلىرى بارلىققا كەلدى. يېڭى مېدىيا دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچىرەك ئىجتىمائىي تاراتقۇ دەپ قوللىنىلىشقا باشلىغان ئىنتېرنېت ئۇللانغان تارقىتىش ئەپلىرى جامائەت پىكرى ۋە مېدىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ تاشلىدى.
ئىلگىرى خەۋەر مەنبەسى بىرلا ئىدى، ھازىر بىر خەۋەرنى بىر قانچە مەنبەدىن ئوقۇش، ئاڭلاش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. ئىلگىرى خەۋەرلەر يالغۇز ھاكىم پىكىر كۈچ تەرىپىدىن تارقىتىلاتتى، ھازىر خەۋەرلەر ھەر خىل ئىدېيەۋىي كۈچلەر تەرپىدىن تارقىلىدۇ. بۇرۇن خەۋەر يازغۇچىلار كەسپىي كىشىلەر ئىدى. ھازىر ھەممە كىشى مۇخبىر، ھەممە كىشى فوتوگرافچى بولۇپ كەتتى. بۇرۇن نازارەت كۈچلۈك، خەۋەر ئەركىن ئەمەس ئىدى، ھازىر كونترول مېخانىزمىسى ناھايىتى چەكلىك، ھەتتا يوق دېيەرلىك بولۇپ قالدى.
پۈتۈن بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە جامائەت پىكرى ئۇقۇمى ۋە شەكىللەندۈرۈش جەريانى قايتىدىن شەكىللەندى. بىر سىياسىي كۈچنىڭ پۈتۈن ئاممىغا ھاكىم بولۇش ئەنئەنىسى يېمىرىلىپ تاشلاندى. تەرەققىي قىلغان مېدىيا ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى سايىسىدە ھەر خىل جامائەتلەر، پارتىيەلەر، تەشكىلاتلار ھەتتا كىچىك گۇرۇپپىلار ئۈچۈن بىر ستۇدىيە قۇرۇش بىر تېلېفون سېتىۋېلىشقا ئوخشاشلا ئاددىي بىر ئىشقا ئايلاندى. نۆۋەتتە ھەر بىر ئىدېيەۋىي ئېقىمنىڭ ئۆزىنىڭ مېدىيا مۇھىتى بار بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىدېيەۋىي ئېقىملار ئاممىنى ئۆز پىكرى ئەتراپىدا توپلاش ئۈچۈن ئۆزى مېڭىسەگەن پىكىر ۋە كۆز قاراشلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە جامائەت پىكرىمۇ مۇشۇنىڭغا ماس ھالدا شەكىللىنىشكە ۋە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.
مەندىن كۆپ سورىلىدىغان سوئاللاردىن بىرىسى: «قانداق قىلغاندا خەلقنى بىرلىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا خەلقنى بىر يەرگە ئەكەلگىلى بولىدۇ؟» دېگەن سوئال. يۇقىرىدا يازغانلىرىمدىنمۇ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي پىكرى ماراپ ياتىدۇ. خەلقنى بىرلىشتۈرمەك، بىر يەرگە ئەكەلمەك تەس ئەمەس. بىر يەرگە كېلىپ بىر پارچە رەسىمگە چۈشۈش، بىر ۋاخ تاماق يېيىش تېخىمۇ ئاسان ئىش، ئەمما پىكىر ۋە كۆز قاراشلار بىرلىككە كەلمەي، كەلتۈرۈلمەي تۇرۇپ مىڭ بىر يەرگە كېلىپ كەتسۇن، مىڭ بىللە تاماق يەپ كەتسۇن، بۇ كۆرۈنۈشلەر ھاياجان تۈگىگەندە ئاخىرلىشىدۇ.
ئىچكى مايىللىق، ئىچكى رازىلىق، ئومۇمىي قانائەت** جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللار بولۇپ، بۇلار ئىشقا ئاشقاندا جامائەت پىكرىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغىلى، ھەتتا سىياسىي ئاكتىيورلارنى مەجبۇرىي ھەرىكەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. مېدىيا جامائەت پىكرى يارىتىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك قۇرال بولۇپ، **تەشۋىقات** ئۇنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئەڭ چىركىن ئۇسۇلى. مېدىيانىڭ خەۋەرلەندۈرۈش، مەنىۋىي زوق بېرىش، تەربىيەلەش، مۇكاپاتلاش، شەرەپ تۇيغۇسى ئاتا قىلىش، كۈلتۈر يارىتىش، ئەنئەنىگە قايتۇرۇش قاتارلىق روللىرى ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك لايىھەلەر بىلەن ئىچكى نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، مىللىي ئاڭلارنى ئويغۇتۇپ، تەبىئىي ۋە ئۆچمەس جامائەت پىكرلىرىگە ئوت ياققىلى بولىدۇ.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
1. Gökçe, Orhan (1996) Kamuoyu Kavramının Anlam ve Kapsamı. Kurgu Anadolu Üniversitesi İletişim Bilimleri Fakültesi Uluslararası Hakemli İletişim Dergisi, 14(14): 211-227.
2. Eren, Veysel; Aydın, Abdullah (2014) Sosyal Medyanın Kamuoyu Oluşturmadaki Rolü ve Muhtemel Riskler. KMÜ Sosyal ve Ekonomik Araştırmalar Dergisi, 16(1): 197-205.
Sosyal Bilimler Dergisi, 5(10): 49-66.
3. Dinçkol, Bihterin (2006) Yönetilenlerin “Öz” Yönetimi-Kamuoyu. İstanbul Ticaret Üniversitesi Sosyal Bilimler Dergisi, 5(10): 49-66.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى