Jump to content

مېسوپوتامىيە

ئورنى Wikipedia

مېسوپوتامىيە __ غەربىي ئاسىيادىكى تىگىر ھەم ئىفرات دەريالىرى ئارىلىقىدىكى تۈزلەڭلىك بولۇپ، بۇ ئورۇننىڭ ئاساسىي قىسمى ئىراق تەۋەسىگە، ئاز قىسمى سۈرىيىنىڭ شەرقىي، ئىراننىڭ كارولىن دەريا بويلىرى ھەم كۋريتىنىڭ بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

[تەھرىر]

نامى :مېسوپوتامىيە

مەمۇرىي رايون شەكلى :تۈزلەڭلىك


جۇغراپىيەلىك ئورنى :ئېقىندى تۈزلەڭلىك، ئىراق چېگرىسى ئىچىدە

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

[تەھرىر]

غەربىي ئاسىيادىكى تىگىر ھەم ئىفرات دەريالىرى ئارىلىقىدىكى تۈزلەڭلىك بولۇپ، بۇ ئورۇننىڭ ئاساسىي قىسمى ئىراق تەۋەسىگە، ئاز قىسمى سۈرىيىنىڭ شەرقىي، ئىراننىڭ كارولىن دەريا بويلىرى ھەم كۋريتىنىڭ بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالىي قىسىملىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز-پەس بولۇپ، جەنۇبقا بارغانسېرى پەسىيىپ بارىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 200 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.

مۇندەرىجە

[تەھرىر]
  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
  • كېلىماتى
  • ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

كېلىماتى

[تەھرىر]

مېسوپوتامىيە رايوننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار ئوتتۇرا دېڭىز كېلىماتىغا تەۋە. قالغانلىرى سۇبتىروپىك بەلباغ قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق كىلىماتقا تەۋە. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى شىمالىي قىسمنىڭ 500 مىللىمېتىر، جەنۇبىي 100 مىللىمېترغىمۇ يەتمەيدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى

[تەھرىر]

مېسوپوتامىيە ئىراقنىڭ مۇھىم سانائەت، يېزا ئىگىلىك رايونى، بۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتى قوناق ۋە خورما ئۆستۈرۈشكە بەك قولاي، شۇڭا ئىراق خورما ئۆستۈرۈشتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىر]