مېنىڭ ئىككى ئاپام بار
مېنىڭ ئىككى ئاپام بار
(ھىكايە)
ئەزىز ئىمىر يانغىن
ئايشەم مۇئەللىم ئەمدىلا بىر كۈنلۈك جاپالىق خىزمىتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ ، ئۆيگە كىرىپ تۇرىشىغا تېلفۇن ئەنسىز جىرىڭلىدى .
-ياخشىمۇسىز !
تېلفۇندىن ناتۇنۇش بىر ئايالنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتاتتى .
-ياخشىمۇسىز!
-سىز ئايشەم مۇئەللىم بۇلامسىز ؟ -تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سۇئالدىن ئايشەم مۇئەللىم سەل گاڭگىراپ قالغانىدى . چۈنكى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانىلىرى تېلفۇن قىلغان بولسا ھەرگىز بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلمىغان ، ئۇنىڭ ئويىدا بولسا <<سىلى >>دىگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىشى كىرەك ئىدى .
-شۇنداق ، مەن ئايشەم مۇئەللىم بۇلىمەن . ئۆزىڭىز كىم بۇلىسىز ؟
-مەن ...مەن -قارشى تەرەپ بىردىنلا دۇدۇقلاپ قالدى، بۇ ھالدىن ئايشەم مۇئەللىم سەل غەلىتىلىك ھىس قىلىپ قالغانىدى .
-مەن ...مەن زۇلپىيە بۇلىمەن .
<< زۇلپىيە >> بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ ئايشەم مۇئەللىم چۆچۈپ، تېلفۇن تۇتقان قوللىرى بىلىنەر-بىلىنمەس تىترەپ ، يۈرەك سۇقۇشى بىردىنلا تېزلىشىپ كەتتى .
-ھەئە بىلدىم ،-ئايشەم مۇئەللىمنىڭ ئاۋازى بىردىنلا پەسلەپ نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى .
-گۈلمىرە ، گۈلمىرە قان راكى بۇلۇپ قاپتۇ .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايشەم مۇئەللىمنىڭ بېشىدىن بىر قاپاق سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك ئەندىكىپ كەتتى .
-نىمە ؟ نىمە دەيدىغانسىز ؟
-شۇنداق، بۇنى ئەسلى سىزگە بۇرۇنراق دىسەك بۇلاتتى. گۈلمىرە كۈندە ئاپامنى كۆرىمەن دەپ تۇرىۋىلىپ ...
ئايشەم مۇئەللىم ئۆزىنى شۇنچە تۇتىۋىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ ، كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى. ئۇ گۈلمىرەنى يوقلاپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلفۇننى قويدى -دە ئۈن سېلىپ تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
- ئاھ، بۇ نىمە كەلگۈلۈك ئەمدى، بىچارە قىزىم،ئەجەپمۇ خوۋلۇق كۆرمىدىڭ . كۆزۈڭ تېخى كۆرمىسە، ئەمدى بۇ كىسەل ...جېنىم قىزىم ،ئاپئاق قىزىم ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك ؟- ئايشەم مۇئەللىم قىزى گۈلمىرەنىڭ سۈرىتىنى قۇچاقلىغىنىچە ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ بۇ دۇنيانىڭ بۇنچىۋالا رەھىمىسزلىكىدىن زارلىنىپ كەتتى .
بۇندىن بەش يىل بۇرۇن بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى قاتتىق ئېغىر يارلانغان، قىزى گۈلمىرەنىڭ كۆزى شۇ ئىشتىن كىيىن كۆرمەس بۇلۇپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ گۈلمىرەنى ئاپارمىغان نە دوختۇرخانىلىرى قالمىغان، ئاخىرى زار-زار يىغلاپ رىئاللىققا بويسۇنغان ئىدى . ئايشەم مۇئەللىمگە تېخىمۇ ئېغىر كەلگىنى يولدىشى قەيسەر ئۈچ يىلدىن كىين بىر ئايال بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن ،سوتتىن گۈلمىرەنى قەيسەرگە بۈلۈپ بەرگەن ئىدى . ئايشەم مۇئەللىم ئېرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ ئۇزۇنغا قالمايلا قايتا توي قىلىۋالغانلىقىنى ، ئايالىنىڭ ئىسمىنىڭ زۇلپىيە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان، ئۇزۇن يىلدىن بېرى جاپالىق قۇرۇپ چىققان ئىناق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان بۇ ئايالغا ناھايىتى ئۆچ بۇلۇپ قالغانىدى . لىكىن ئۇ نىمىمۇ قىلالىسۇن ، ئاچچىق تەقدىرگە تەن بىرىپ ، شۇندىن بېرى ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئوقۇغۇچى تەربىيلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس خىزمەت ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن . ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ تۇيۇقسىز تېلفۇن قىلىپ قىزى گۈلمىرەنىڭ ئاق قان كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن گاڭگىراپ قالدى . ئىككى -ئۈچ كۈندىن بېرى مەيلى نىمىلا ئىش قىلسۇن ، قىزىنىڭ سىماسى كۆز ئالدىدىن كەتمەي ئازابلىنىپ يۈردى .
ئۇ ئاخىرى ئويلىنىش ئارقىلىق قىزىنى يوقلاپ بارماقچى بولدى . ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق ئازابلىرىغا، ئىناق ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بۇلىشىغا سەۋەبچى بولغان زۇلپىيەنى كۆرۈشنى خالىمىسىمۇ، بىر بېسىپ -ئىككى بېسىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدى. شۇ تاپتا كاللىسى قۇپقۇرۇق، پەقەت قىزى گۈلمىرەدىن باشقا ھېچقانداق ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . ئۇ غەيرەتكە كىلىپ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى جانسىز قوللىرى بىلەن بىرنى باستى . ئارقىدىنلا خۇددى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا ئىشىك ئېچىلىپ ، ياش بىر ئايال ئىشىكنى ئاچتى . ئۇ دەل گۈلمىرەنىڭ ھازىرقى ئاپىسى زۇلپىيە ئىدى .
- سىز ئايشەم مۇئەللىمغۇ دەيمەن ... قانداق ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟
ئايشەم مۇئەللىم زۇلپىيەنىڭ سالىمىغا سۇسلا جاۋاب قايتۇرۇپ ، <<گۈلمىرە قەيەردە ؟>>دىگەندەك قىلىپ ،ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى .
-ۋاي ، قېنى ئۆيگە كىرىڭ . گۈلمىرە تېخى بايىلا سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى چاقىرىپ ، ئاپام قاچان كىلىدۇ ، دەپ ياتاتتى . مانا ئۆزىڭىزمۇ كىلىپ قاپسىز ...-زۇلپىيەمۇ سەل تەمتىرەپ قالغان ، يۈزلىرىنى بىرخىل خىجىللىق قاپلىۋالغان ئىدى .
ئايشەم مۇئەللىم ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەلدى ، ئۆي ئىچى چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ، پاكىز ، ئازادە بۇلۇپ ، كىشىگە بىرخىل يېقىشلىق تۇيغۇ بېغىشلايتتى.ئايشەم مۇئەللىمنىڭ كۆزلىرى تۇيۇقسىز تام ئۈستىگە چىرايلىق رامكا بىلەن ئېسىپ قۇيۇلغان سۈرەتكە چۈشىشى بىلەنلا قەدەملىرى توختاپ قالدى. ئۇ ئېرى قەيسەر ۋە قىزى گۈلمىرەنىڭ بىر ياشقا كىرگەندە بىللە چۈشكەن سۈرىتى ئىدى .
-ھەئە ، ئۇ رەسىمنى ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۋاتقاندا تېپىۋىلىپ ئېسىپ قويغان ئىدىم - زۇلپىيە ئايشەم مۇئەللىمنىڭ سۈرەتكە قاراپ قېتىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئالدىراپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى . ئايشەم مۇئەللىمۇ بۇنداق ياخشى مۇئامىلىگە ئۇچراپ قېلىشىنى ئويلىمىغان، شۇتاپتا پۈتۈن جىسمىنى ھەيرانلىق ھەم ئىسەنكىرەش چۇلغىۋالغانىدى .
-گۈلمىرە ، تاتلىق قىزىم ، كىم كەلدى تېپىپ بېقىڭە .
-بىرەر دوستىڭىز كەلگەندۇ ھەقاچان .
-ئاپىڭىز كەلدى قىزىم ، ئايشەم مۇئەللىم كەلدى.
-مېنى تولا ئالدىماڭ . ئاپام ئاخشام چۈشۈمدە بالىلار بايرىمىدا كىلىمەن دىگەن . بالىلار بايرىمىغا تېخى ئۇزۇن ۋاقىت بار .
-ئايشەم مۇئەللىم ، گەپ قىلىڭە .
-بۇ مەن قىزىم . تاتلىق قىزىم ، ئوماق قىزىم ، بۇ مەن . مەن كەلدىم جېنىم قىزىم ...-ئايشەم مۇئەللىم كۆزلىرىنى تۇرۇسقا تىكىپ جىمجىت ياتقان قىزى گۈلمىرەنى كۆرۈپ ئىچى ئېچىشىپ كەتتى -دە ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئېتىپ بۇغۇلۇپ يىغلاپ كەتتى .
-ئاپا، بۇ راستىنلا سىزما ؟مەن چۈش كۆرمەيۋاتقاندىمەن ...-گۈلمىرە شۇنداق دىگەچ ئاپىسىنىڭ يۈزلىرىنى سىيلاپ كەتتى .
-جېنىم قىزىم ، ئاپئاق قىزىم ، تاتلىق قىزىم ...-ئايشەم مۇئەللىم ھاياجاندىن قىزىنى تېخىمۇ چىڭ باغرىغا بېسىپ ، ئۇنىڭ چاچلىرىنى پۇراپ ، تېخىچە ئىسەدەۋاتاتتى .
-ئايشەم مۇئەللىم ، سىز گۈلمىرە بىلەن پاراڭلاشقاچ تۇرۇڭ . مەن تاماق ئىتەي ،-زۇلپىيە شۇنداق دىگىنىچە تاشقىرى ئۆيگە چىقىپ كەتتى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىمۇ ياش تامچىلىرى يىپىدىن ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلمەكتە ئىدى .
-ئاپا ، ئەمدى مېنى تاشلاپ كەتمەڭ . كۈندە سىزنى قۇچاقلاپ ، ھىدىڭىزنى پۇراپ ياتسام دەيمەن .
-ماقۇل قىزىم .. ماقۇل ..مەن ئەمدى سىزدىن ئايرىلمايمەن !
شۇنداق قىلىپ ئۇ گۈلمىرە بىلەن شۇنداق قىزغىن پاراڭلاشتى، ئۈچى بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشىپ ، بەكمۇ كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشتى.كەچ كىرىپ ئايشەم مۇئەللىمنىڭ قايتىدىغان ۋاقتىمۇ بۇلۇپ قالغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىردەم ئولتۇرسا يولدىشى قەيسەرمۇ ئىشتىن چۈشۈپ كىلەتتى. ئايشەم مۇئەللىمنىڭ ئۇنى كۆرگىسى يوق ئىدى ، بۇرۇنقى ئازابلىرىنىڭ قايتا قوزغىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى . شۇڭا ئالدىراپلا قىزى گۈلمىرەگە يەنە يوقلاپ كىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ۋەدە بەرگەندىن كىيىن خوشلىشىپ ماڭدى .
-رەھمەت سىزگە زۇلپىيە . مەن سىزنىڭ بۇنچىۋالا ياخشى ئىكەنلىكىڭىزنى، گۈلمىرەگە بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن . دوختۇرلار نىمە دەيدۇ . قانداق قىلساق ئۇنىڭ كىسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بۇلىدىكەن ،-ئۇ ئىشكىتىن چىقىۋىتىپ سورىدى .
-دوختۇرنىڭ دىيىشىچە يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيسى قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كىسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بۇلىدىكەن . لىكىن قەيسەرنىڭمۇ ، مېنىڭمۇ يىلىكىمىز ماس كەلمىدى . تورغا ، گېزىتلارغا ئېلان چىقاردۇق . تېخىچە خەۋىرى يوق ...-زۇلپىيە شۇلارنى دىگەچ كۆزلىرىدىكى ياشلىرىنى چاندۇرماي سۈرتىۋەتتى .
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ تېز ئۆتمەكتە ئىدى . ھەش -پەش دىگۈچە بىر ھەپتىمۇ ئۈتۈپ كەتتى . گۈلمىرەگە ماس كىلىدىغان يىلىك تېخىچە تېپىلمىغان ئىدى. ئايشەم مۇئەللىم نەچچە قېتىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ئۇلاردىن مەسلىھەت سورىدى. دوختۇرلارمۇ ئۇنىڭغا يېقىن ئۇرۇق -تۇققانلارنىڭمۇ ماس كىلىشى نىسبىتىنىڭ بەكمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، تەكشۈرۈپ چىققاندىلا ماس كىلىدىغان -ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتتى .
ئايشەم مۇئەللىم ئېرى قەيسەر ، زۇلىپىيەلەر بىلەن نەچچە قېتىم مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن ، ئاخىرى ئۆزىنى تەكشۈرتۈپ ماس كىلىپ قالسا ئوپراتسىيە قىلىدىغان بۇلۇپ كىلىشتى.
ئوپراتسىيە مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشقان ئىدى، گۈلمىرەنىڭ كىسىلىمۇ بارا-بارا ياخشىلىنىشقا باشلىدى. لىكىن باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىۋاتقىنى ئۇنىڭ كۆزىدىكى مەسلە ئىدى . ھازىر ئايشەم مۇئەللىمۇ زۇلپىيە بىلەن ھەدە -سىڭىلاردەك ياخشى ئۆتىدىغان بولغانىدى. زۇلپىيە ئايشەم مۇئەللىمنى ھەدە دەپ چاقىراتتى ، ئايشەم مۇئەللىم پات-پات قىزىنى كۆرگىلى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىلىپ تۇراتتى . ئايشەم مۇئەللىممۇ يولدىشى قەيسەرگە ، زۇلپىيەگە بولغان ئاداۋەتنى تامامەن ئۇنتىغان ، ئېرى قەيسەر بىلەنمۇ يېقىن دوستلارغا ئوخشاش قىزغىن مۇئامىلە قىلىشىپ ئۈتىدىغان بولغانىدى . ئۇلار ھەرقېتىم خۇشال ھالدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىدا گۈلمىرەنىڭ كۆزىگە قاراپلا ھەممىسى ئازابلىنىپ كىتەتتى .
-مەن كۆزۈمنى گۈلمىرەگە بەرسەم بۇلارمىكىن ...-تۇيۇقسىز ئېيتىلغان بۇ سۆزدىن ئايشەم مۇئەللىم بىلەن قەيسەر ھەيران قالدى . زۇلپىيە ئۆز كۆزىنى گۈلمىرەگە بەرمەكچى بولغانىدى.
-ياق ..بۇنداق قىلساق قانداق بۇلىدۇ . سىز تېخى ياش . ئەگەر گۈلمىرەنىڭ كۆزى ساقىيدىغانلا ئىش بولسا مەن كۆزۈمنى ئۇنىڭغا بىرەي ،-ئايشەم مۇئەللىممۇ ئۇلاپلا سۆز قاتتى .
-ياق ھەدە . سىز گۈلمىرە ئۈچۈن چوڭ قۇربانلىقتىن بىرنى بىرىپ بولدىڭىز . ئەمدى مەنمۇ ئۇنىڭ ئانىسى بۇلۇش سالاھىيتىم بىلەن بىر ئىش قىلىپ بەرمىسەم يۈرىكىم چىدىمايدۇ .
-ئۇنداق قىلساق قانداق بۇلىدۇ ؟
-ھېچقانداق بولمايدۇ. قاراڭ، ئۇنىڭ سەبىيلىكىگە ، گۈزەللىكىگە . ئۇ شۇنچە كىچىك تۇرۇپ ھاياتنىڭ گۈزەللكىدىن بەھرىمەن بۇلالمىسا نىمىدىگەن ئادىلسىزلىق. ئەگەر ئۇنىڭ كۆزى ساقىيىدىغانلا ئىش بولسا مەن ھەممىگە رازى ...
ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۈتۈپ گۈلمىرە ئىككىنچى قېتىملىق ئوپراتسىيدىنمۇ ئوڭۇشلۇق چىقتى. دوختۇر ئۇنىڭ كۆزىدىكى داكىنى ئاستا -ئاستا ئېلىشقا باشلىدى. ئايشەم مۇئەللىم بىلەن قەيسەرنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا تىكىلگەن ، ئىچ -ئىچىدىن بىر خۇشاللىق بالقىيتتى .
-ئاپا -دادا . مەن كۆرەلىدىم . مەن كۆرەلىدىم . ۋاھ....مەن راستنلا كۆرەلىدىم ... -گۈلمىرە خۇشاللىقىدا ۋارقىرىۋەتتى . ئايشەم مۇئەللىم بىلەن قەيسەر تەڭلا ئېتىلىپ بېرىپ قىزىنى باغرىغا بېسىشتى.
- ئاپا -دادا ، زۇلپىيە ئاپام قېنى ؟
-زۇلپىيە ئاپىڭىز سىزنى ئۆيدە ساقلاۋاتىدۇ قىزىم ،-قەيسەر شۇنداق دىگىنىچە گۈلمىرەنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلاپ پىشانىسىگە توختىماستىن سۈيۈپ كەتتى . كۆزلىرىدە ياش تامچىلىرى لىغىرلاپ قالغانىدى .
قۇياش ئۆتكۈر نۇرلىرىنى سېخىيلىق بىلەن ئەتراپقا چېچىپ تۇراتتى . پۈتۈن كائىنات خۇشاللىق جىلۋىسىگە چۆمگەن ، ئەتراپتىن قاينام -تاشقىنلىق ھاياتنىڭ سىمالىرى پالىلدايتتى .
گۈلمىرە دادىسى بىلەن ئانىسى ئايشەم مۇئەللىمنىڭ قۇللىرىنى تۇتىۋىلىپ قىن -قىنىغا پاتمىغان ھالدا خۇشاللىق ناخشىسىغا جۈر بولماقتا ئىدى .
- مىنىڭ ئىككى ئاپام بار ، بىرى زۇلپىيە ئاپام ،يەنە بىرى ئايشەم ئاپام ...مىنىڭ ئىككى ئاپام بار ...
ئىنتايىن سەبىي ، تەبىئىي ئېيتىلغان بۇ ناخشا ئاۋازى كۆك ئاسمانغا قۇشۇلۇپ كەتكەنىدى ...
مەنبە: يانغىن ئەدەبىيات سالونى