مېنى سۆيەتتىڭ
مېنى سۆيەتتىڭ
چىمەنگۈل ئاۋۇت
ھىلال تىرناقلىرىنى ئېلىۋاتقان قىز
كاككۇكتەك كۈلۈپ كەتتى سۈزۈك، بەك سۈزۈك،
ھىلال تىرناقلىرىنى ئېلىۋاتقان قىز.
نېمىلەر ئېسىدىن كەچتىكىن ئۇنىڭ،
ئىشىكى چېكىلدى بوش ھەم تۇيۇقسىز…
ئۇ شۇنداق ئورنىدىن تۇرغانتى يۇمران،
شاپتۇلنىڭ چېچىكى يەرگە تۆكۈلدى.
ئاھۇدەك تەلمۈرۈپ ئاقماقتا ۋاقىت،
نەم چاچلار غۇنچىدەك قات-قات تۈگۈلدى…
كۆرگىلى بولىدۇ قاراڭغۇلۇقنى،
ئىشىكنىڭ يوچۇقى ئىللىقتۇر، ئىللىق.
پەشتاقتىن چۈشۈۋاتقىنى ئوماق بىر موماي،
ھاياتلىق بار ئۇنىڭ سېۋىتىدە لىق…
كۈتۈش
ئاپتاپقا قاقلىدىم يالغۇزلۇقۇمنى،
قىسمەتنىڭ پايانى كۆرۈندى تىمتاس.
سەن نەدە مەغرۇرسەن ئېزىلدى باغرىم،
كۆزۈمنى بوش يۇمۇپ قىپ باقتىم قىياس.
كىملەرنى ياد ئەتتىڭ، كىملەرنى كۈتتۈڭ،
مېھرىمدە بارلىقىڭ بولماقتا ئايان.
ئالدىراش يولنى كېسىپ ئۆتكەنسەن بەلكىم،
ئاخىرىنى ئويلاشتىن قىلىمەن گۇمان…
تېرەكلەر قارايدۇ ماڭا بەك غەمكىن،
بويۇڭدەك بىر ئىشەنچ پارلايدۇ يارقىن.
قەلبىمدە سەن ئامان قالىسەن جېنىم،
يەنىلا مەن كەبى سۆيەلمەس ھېچكىم…
مۇڭ باسقان كۆزلىرىڭنى ئەسلىيەلەيمەن،
سەن چۇقۇم ئۆيۈڭدىن چىققان لاۋۇلداپ.
مانا يەنە بىر كۈن ئۆتتى مىڭ تەستە،
يۇلتۇزلارغا قوشۇلدۇم يولۇڭغا قاراپ…!
مېنى سۆيەتتىڭ…
ئەجەب بىر سۆيۈملۈك ئىدىم سەن ئۈچۈن،
چىدايتتىڭ ھەممىگە يەنىلا تىمتاس.
رېئاللىق مېھرىمنى پارە قىلسىمۇ،
سەن يەنە ئۆزۈڭدىن ئالاتتىڭ قىساس.
شۇ كۈنى كۆزۈڭگە قارىماي تۇرۇپ،
ئېسىمدە قولۇڭنى كۈچەپ سىققىنىم.
شۇنچىلىك بىپەرۋا، شۇنچىلىك چوڭقۇر،
ھېچكىمنى سېنىڭدەك سۆيۈپ باقمىدىم.
بىلىسەن پىغانىمنى، بارلىقىمنى ھەم،
پەقەت سەن بولغاچقا ياشىدىم خۇشال.
نەپرەتكە ئەرزىمەس ئۆتكەن كۈنلىرىم،
مەڭگۈلۈك ئازابتۇر بىز ئۈچۈن بۇ ھال…
كىملەرنىڭ باغرىدا ياش تۆكەي مەيلى،
كىملەرگە ئۆزۈمنى بىر ئۆمۈر ئاتاي.
سەن ئامراق ناخشىدەك ئېزىلىپ تۇرۇپ
كەل سېنىڭ دەردىڭنى دەردىمگە قاتاي…
…ئايالمۇ يامغۇر
تەبىئەت تۆكىدۇ مېنىڭ يېشىمنى،
لېۋىمنى چىشلەيمەن چىدامىڭ ئۈچۈن.
ئۆزۈمدىن، مېھرىڭدىن كېچەلمەيمەن، بەس،
بىپەرۋا بولغىن سەن ۋە ياكى ئۆكۈن.
ئەينەكمۇ يىغلايدۇ گۈلگە قوشۇلۇپ،
تېرەكلەر تىكلىنىپ تۇرار بەھۇزۇر.
شاخلارنى سىلكىتىپ باقمىدىم تېخى،
پاتقاقلار چېچەكلەپ كۆيمەكتە مەغرۇر.
چوڭ يولدا كۈنلۈكسىز كېتىۋاتىمەن،
يىرتىلغان پايپىقىمدا چاقنايدۇ بىر نۇر.
چېچىمنى چۇۋۇشقا بارمىدى رايىم،
بىلمەيمەن مەن ھازىر ئايالمۇ، يامغۇر…
باغرىمدەك سۈزۈك ھەم باغرىمدەك چوڭقۇر
سىقىلىپ، سىلكىنىپ ھوزۇرلانماقتا يەر.
ئويلىسام ساڭىلا دەپ باقماپتىمەن،
ياشىغۇم كەپ قالدى ھەممىدىن بەتتەر…!
شۇ كۈنى
شۇ قەدەر يېقىملىق بۇژغۇنلار ۋاقىت،
ھوردالغان ئەينەككە سىزدىم بىر رەسىم.
تاملارغا جىمجىتلا چاچرىغان ئوتنى،
كۈلقىزمۇ كۈل قىلماي يىغدى بۇ قېتىم.
كۈلكەمنى ھېچ كىمدىن يوشۇرالمىدىم،
بۇرنۇڭنى ئەجەبمۇ ئوخشىتىپتىمەن.
گۈل قىلىپ كۆكلەتتىم قىلىقلىرىمنى،
قەلبىمدە يەنىلا ئۇلۇغسەن تىمەن.
ئىزدەپمۇ يۈرمىدىم ئالتۇن كەشىمنى،
ئەركىكىم قولۇڭنى تۇتتۇم ئاۋايلاپ.
كۈمۈشرەڭ بىر مەپە تاراقلاپ كېلىپ،
ئىشىكىم ئالدىدا توختىدى شۇ تاپ…
مەنبە: «بارسا كەلمەس يول» (2007) ناملىق شېئىرلار توپلىمى