Jump to content

مېڭىدىن باشقا ھۈجەيرىنىڭمۇ ئۆگىنىش ئىقتىدارى بارلىقى ئىسپاتلاندى

ئورنى Wikipedia

مېڭىدىن باشقا ھۈجەيرىنىڭمۇ ئۆگىنىش ئىقتىدارى بارلىقى ئىسپاتلاندى

پەن-تېخنىكا تاراتقۇسى scitechdaily تۈنۈگۈن (11-ئاينىڭ 24-كۈنى ) ماقالە ئېلان قىلىپ، يەككە ھۈجەيرىنىڭمۇ ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، «مۇرەككەپ ئۆگىنىش ھەرىكىتى پەقەت نېرۋا سىستېمىسىغا ئىگە بىيولوگىيەلىك جانلىقلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ» دېگەن كۆز قاراشقا جەڭ ئېلان قىلدى.

تەتقىقاتچىلار كومپيۇتېردا تەقلىد قىلىش ئارقىلىق، ھۈجەيرىلەرنىڭ تەكرار غىدىقلاشقا قانداق ماسلىشىشىنى ئېچىپ بېرىپ، كېسەل داۋالاش ۋە ھېسابلاش بىيولوگىيە تەتقىقاتىنى يېڭى يۆنىلىش بىلەن تەمىنلىدى، «ھازىرقى زامان بىيولوگىيەسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات بىزنىڭ ھاياتلىقنىڭ ئاساسىي خاراكتېرى ۋە ھۈجەيرە ھەرىكىتىگە بولغان چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىدۇ. 

ئەنئەنىۋى تونۇشقا جەڭ ئېلان قىلىش: يەككە ھۈجەيرىنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى

بارسېلونا گېن گۇرۇپپىسى تەڭشەش-تىزگىنلەش مەركىزى (CRG) خارۋارد تېببىي شۆيۈەنىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، يەككە ھۈجەيرىلىك تۈكلۈك قۇرت Stentor roeseli نىڭ ئادەتلىنىش ھادىسىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يەككە ھۈجەيرىنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئۇزاقتىن بۇيان پەقەت مۇرەككەپ نېرۋا سىستېمىسىغا ئىگە جانلىقلارلا ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ، دەپ قارايدىغان ئەنئەنىۋى تونۇشقا جەڭ ئېلان قىلدى. 
تەتقىقاتچىلار كومپيۇتېردا تەقلىد قىلىش ئارقىلىق، ھۈجەيرىلەرنىڭ تەكرار غىدىقلاشقا ماسلىشىش جەريانىنى، يەنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەقلىد قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەككە ھۈجەيرىنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى تەتقىقاتىغا سەل قارالغانىدى، لېكىن ھازىرقى زامان تەجرىبىلىرى بۇ نەزەرىيەنى تېخىمۇ كۆپ ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى. 

تەتقىقات ئۇسۇلى: كومپيۇتېردا ھۈجەيرە ئۆگىنىش مېخانىزمىنى تەقلىدىي ئېچىپ بېرىش

تەتقىقات كوللېكتىپى ھۈجەيرە تەجرىبىسى ئېلىپ بارماستىن، بەلكى كومپيۇتېردا تەقلىد قىلىشتىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، ماتېماتىكىلىق تەڭلىمە ئاساسىدا ھۈجەيرە ئىچىدىكى بىيوخىمىيەلىك رېئاكسىيەنى تەقلىد قىلىپ، ئىز قوغلىغۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۇچۇرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى تەقلىد قىلدى. ئۇلار دائىم ئۇچرايدىغان ئىككى خىل مولېكۇلا كونتۇرى، يەنى مەنپىي قايتما ئىنكاس ئايلانما يولى ۋە غەيرى باغلىنىشلىق قايتما ئىنكاس كونتۇرى يولىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلدى.

بىر ھۈجەيرىلىك تۈكلۈك قۇرت Stentor roeseli نىڭ مىكروسكوپلىق سۈرىتى.
تەقلىد قىلىش ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار ھۈجەيرىلەرنىڭ بۇ مولېكۇلالارنىڭ قايتىش يولىنىڭ گۇرۇپپىلىنىشىدىن پايدىلىنىپ غىدىقلاشقا بولغان ئىنكاسىنى مىكرو تەڭشىگەنلىكىنى ھەمدە تېخىمۇ مۇرەككەپ ھاياتلىق شەكلىدە كۆزىتىلگەن ئادەت ئالاھىدىلىكىنى قايتا نامايان قىلغانلىقىنى بايقىغان.   
تەقلىدىي نەتىجە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ھۈجەيرە ئىچىدىكى مولېكۇلالارنىڭ قايتىش يولى رېئاكسىيەسىنىڭ سۈرئەت پەرقى (ۋاقىت ئۆلچىمىنى ئايرىش) ھۈجەيرە ئۆگىنىشىدىكى ھالقىلىق ئامىل بولۇپ، بۇ ھۈجەيرە قاتلىمىدىكى «ئەستە ساقلاش» نى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن. 

ئەھمىيىتى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر :ھۈجەيرە بىيولوگىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش

بۇ تەتقىقات بىزنىڭ ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئاساسىي قاتلىمىدىكى ئۆگىنىش ۋە ئەستە ساقلاش مېخانىزمىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە راك كېسىلىنىڭ دورىغا چىدامچانلىقى، باكتېرىيە، ئانتىبىيوتىكلارنىڭ دورىغا چىداملىقلىقى قاتارلىق ھادىسىلەرنى يېڭى چۈشەندۈرۈش تەپەككۇرى بىلەن تەمىنلىدى. 
تەتقىقات نەتىجىسى يەنە نېرۋا ئالىملىرى ۋە بىلىش ئالىملىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئادەتنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن غىدىقلاش چاستوتىسى ياكى كۈچلۈكلۈكىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلدى. 
كەلگۈسىدە، بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ تەجرىبە ئالىملىرىنىڭ يېڭى تەجرىبە لايىھەلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەقلىدىي نەتىجىنى دەلىللىشىدىن ھەم ھېسابلاش بىيولوگىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھاياتلىق جەريانىنى پىروگرامما تۈزۈپ كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىن ئۈمىد بار. بۇ تەتقىقات ھۈجەيرە بىيولوگىيەسى تەتقىقاتى ئۈچۈن يېڭى يۆنىلىش ئېچىپ بەردى، مۇھىم نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش قىممىتىگە ئىگە.

يەنى، يۇقىرى دەرىجىلىك جانلىقلار (ئادەم) نىڭ مېڭە، نېرۋا ھۈجەيرىسىدىن باشقا ئادەتتىكى ھۈجەيرىلەرنىڭمۇ ئۆگىنىش، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بار دېمەكچى. بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىننىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ قۇرۇلمىسىنىڭ بىر سىرى يېشىلىپ، تىببىي ئىلىمدىكى ھەل بولمىغان سۇئاللارغا جاۋاپ چىقىدۇ.


مەنبە: ئالپ سالونى