مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزىدىكى يېڭى بۆسۈش
مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزىدىكى يېڭى بۆسۈش
Neuralink ئىنژېنېرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىركەت مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزى ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق بىر مايمۇنغا رېئاللىقتا مەۋجۇت بولمىغان جىسىملارنى «كۆرسەتكەن»، بۇ شىركەتنىڭ «ئەمالارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش» نىشانىغا قاراپ باسقان ئەڭ يېڭى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا، Neuralink ئىنژېنېرى Joseph O'Doherty تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «Blindsight» (قارىغۇ كۆرۈش) دەپ ئاتالغان بۇ ئۈسكۈنە مايمۇننىڭ مېڭىسىدىكى كۆرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك رايونلارنى غىدىقلاش ئارقىلىق كۆرۈش تەقلىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، مايمۇن سىناق جەريانىدا كەم دېگەندە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ۋاقىت ئىچىدە، نەزىرىنى تەتقىقاتچىلار «ئۇنىڭ مېڭىسىدە كۆرۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلماقچى بولغان جىسىم» غا قاراتقان.
بۇ Neuralinkنىڭ Blindsightنىڭ تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىشى بولۇپ، بۇ مېڭە-كومپيۇتېر ئارايۈزى ئۈسكۈنىسى كۆزنىڭ ئىقتىدارىنى تەقلىد قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئۇ مېڭە-كومپيۇتېر ئارايۈزى تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىزدىنىش ساھەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەنئەنىۋى تېبابەت داۋالىيالمايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ چېگراسىنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنماقتا. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، باشقا بارلىق ھايۋانات تەجرىبىلىرىگە ئوخشاش، ھازىرچە بۇ نەتىجىلەرنىڭ ئىنسانلارغا تەتبىقلىنىش-تەتبىقلانماسلىقى ئېنىق ئەمەس، بۇ ئۈسكۈنە تېخى ئامېرىكىدا ئىنسانلارغا ئىشلىتىشكە ئىجازەت ئالمىدى.
ماسك ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: Blindsight نىڭ قىسقا مۇددەتلىك نىشانى «ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش»، ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانى بولسا «ئادەتتىن تاشقىرى كۆرۈش قۇۋۋىتى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مەسىلەن ئىنفىرا قىزىل نۇرنى ھېس قىلىش دېگەندەك.
Neuralinkئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا بۇ ئۈسكۈنىنى مايمۇنلاردا سىناق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل ئىنسانلاردا تەجرىبە باشلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ — ماسك بۇ يىل 3-ئايدا بۇ ئارزۇسىنى ئاشكارا بىلدۈرگەن.
تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزى تېخنىكىسى ساھەسىدىكى شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، Neuralink يەنە پالەچ بىمارلارغا مېڭە-كومپيۇتېر ئارايۈزى ئۈسكۈنىسىنى ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە كومپيۇتېر بىلەن ئالاقە قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە.
ماسكنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىرغىچە 5 ئادەم Neuralink نىڭ ئۈسكۈنىسىنى مېڭىسىگە ئورنىتىشىنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 3 كىشى 2024-يىلى، يەنە 2 كىشى 2025-يىلى ئورنىتىشنى قوبۇل قىلغان. O'Dohertyنىڭ نۇتقىغا ئاساسلانغاندا، بەزى بىمارلار ھەپتىسىگە 60 سائەتكىچە ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىدىكەن. ماسكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلگۈسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزى ئۈسكۈنىلىرى پالەچ كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە، ھەتتا مېڭىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن.
ماسك يەنە ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، شۇ ئارقىلىق «رەقەملىك دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقلىي ئىقتىدار ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپنى تۆۋەنلىتىش» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
O'Dohertyنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كەلگۈسىدە Neuralinkشىركىتى Blindsight سىستېمىسىغا بىر كۆزئەينەك سەپلەپ، ئۆزەكنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتمەكچى.
ئۇ تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: مايمۇننىڭ مېڭە كۆرۈش پوستلاق قەۋىتى ئىنسانلارنىڭكىگە قارىغاندا مېڭە يۈزىگە تېخىمۇ يېقىن بولغاچقا، ئۇچرىشىش ئاسانراق؛ ئىنسانلاردا بولسا، Neuralinkئۆزىنىڭ ئوپېراتسىيە ماشىنا ئادىمىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزەكنى مېڭىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر رايونلىرىغا ئورناتماقچى.
ئۇنىڭدىن باشقا، نورمال گەپ قىلالمايدىغان بىر ئادەم مېڭىسىگە مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزى ئورنىتىلغاندىن كېيىن ناخشا ئېيتالايدىغان بولغان.
ئېغىر دەرىجىدىكى تىل توسالغۇسىغا گىرىپتار بولغان بىر ئەر مېڭىسىگە ئورنىتىلغان ئۈسكۈنىگە تايىنىپ، نورمال سۆزلىيەلەيدىغان ۋە ناخشا ئېيتالايدىغان بولدى. بۇ ئۈسكۈنە ئۇنىڭ نېرۋا پائالىيىتىنى سۆزگە ئايلاندۇرالايدۇ، ئۇ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇ تاللىغان سۆزلەرنى تەكىتلەپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ 3 خىل ئاۋاز بويىچە بىر قاتار نوتىلارنى غىڭشىپ ئېيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئۇ سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ بىمارنىڭ سۆزلىگەن ۋاقىتتىكى مېڭە ئېلېكتىر پائالىيىتىنى يېشىدۇ. بۇ ئۈسكۈنە بىر ئادەمنىڭ نىيىتىنى قايتا نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە تەبىئىي تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆپەيتىپ چىقالايدىغان تۇنجى BCI(مېڭە كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزى) ھېسابلىنىدۇ. ئاھاڭ، ئاۋازنىڭ ئېگىز-پەسلىكى، ئۇرغۇ قاتارلىق تەبىئىي تىل ئالاھىدىلىكلىرى مەنىنى ۋە ھېسسىياتنى ئىپادىلەشكە ياردەم بېرىدۇ.
قاتناشقۇچىنىڭ ئاۋازىنى تەقلىد قىلغان بىر سىنتېزلانغان ئاۋاز، ئۇنىڭ نېرۋا پائالىيىتى سۆزلەش نىيىتى سىگنالىنى تارقاتقان 10 مىللىسېكۇنت ئىچىدىلا ئۇنىڭ سۆزىنى قىلىپ بەردى. 6-ئاينىڭ 11-كۈنى «تەبىئەت» (Nature) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسى دەسلەپكى BCI لارغا قارىغاندا زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. دەسلەپكى BCI لار ئادەتتە 3 سېكۇنت ئىچىدە ئاۋاز چىقىراتتى، ياكى پەقەت ئىشلەتكۈچى پۈتۈن جۈملىنى تەقلىد قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئاۋاز ھاسىل قىلالايتتى.
گوللاندىيە ماسترىخت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كرىستىيان ھېرف: «بۇ BCIساھەسىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئىش» دېدى، «بۇ ھەقىقىي، ئۆزلۈكىدىن، ئۈزلۈكسىز سۆزلەش دېگەنلىكتۇر».
بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان كىشى 45 ياشلىق بىر ئەر بولۇپ، ئۇ بىر خىل ھەرىكەت نېرۋا ھۈجەيرىسى كېسەللىكى — مۇسكۇل ئاترۇپىيەلىك يان تەرەپ قېتىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئېنىق سۆزلەش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالغان. بۇ كېسەللىك مۇسكۇل ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىغان نېرۋىلارغا، جۈملىدىن سۆزلەشكە كېرەكلىك نېرۋىلارغىمۇ زىيان سالىدۇ. گەرچە ئۇ يەنىلا تەلەپپۇز قىلالىغان ۋە سۆزلىيەلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئاستا ۋە ئېنىق سۆزلىيەلمەيتتى.
كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ 5 يىلدىن كېيىن، بۇ ئەر ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، ھەرىكەتنى كونترول قىلىدىغان مېڭە رايونىغا 256 دانە كرېمنىيلىق ئېلېكترود ئورناتتى، ھەر بىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.5 مىللىمېتىر.
ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى داۋىس شۆبىسىدىكى
Maitreyee Wairagkar ۋە خىزمەتداشلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىش ئالگورىزىمنى مەشىقلەندۈرۈپ، ھەر 10 مىللىسېكۇنتتا بىر قېتىم مېڭىدىكى سىگناللارنى تۇتالايدىغان قىلدى. گۇرۇپپىنىڭ سىستېمىسى بۇ ئەرنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان كونكرېت سۆزلىرى ياكى ئاساسىي فونېمىلارنى — سۆزلەرنى تەشكىل قىلىدىغان ئاۋاز تارماق بىرلىكلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ چىقارماقچى بولغان ئاۋازلارنى شۇئان يەشتى يەشتى.
Wairagkarچۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەمىشە ئوي-پىكىرلىرىمىزنى سۆز بىلەنلا ئىپادىلىمەيمىز. بىزنىڭ يەنە ئۈنلۈك سۆزلىرىمىز ۋە لۇغەتتە بولمىغان بەزى ئىپادىلىك تەلەپپۇزلىرىمىز بار. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز بۇ پۈتۈنلەي چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ئۇسۇلنى قوللاندۇق».
بۇ گۇرۇپپا يەنە سۈنئىي ئەقىل ئالگورىزىمنى مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق، بىمارنىڭ كېسەل بولۇشتىن بۇرۇنقى زىيارەت ئۈنئالغۇلىرىغا ئاساسەن، سىنتېزلانغان ئاۋازنى خاسلاشتۇرۇپ، ئۇنى بىمارنىڭ ئۆز ئاۋازىغا ئوخشاش ئاڭلىنىدىغان قىلدى.
تەتقىقاتچىلار قاتناشقۇچىدىن «ئا»، «ئو»، «ھىم» دېگەنگە ئوخشاش ئۈنلۈك سۆزلەرنى چىقىرىشقا تىرىشىشنى ۋە ئويدۇرما سۆزلەرنى دېيىشنى تەلەپ قىلدى. BCI بۇ ئاۋازلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھاسىل قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقىم لۇغەتكە ئېھتىياجى بولماي تۇرۇپ نۇتۇق ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
بۇ BCIنى ئىشلىتىپ، بۇ ئەر سۆزلەرنى ئېيتالايدىغان، ئوچۇق سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيدىغان ۋە يەشكۈچنىڭ مەشىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرى سىرتىدىكى بەزى سۆزلەرنى ئىشلىتىپ دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى قىلالايدىغان بولدى. ئۇ تەتقىقاتچىلارغا سىنتېزلانغان ئاۋازنى ئاڭلاپ «خۇشال بولغانلىقىنى»، بۇنى ئۆزىنىڭ «ھەقىقىي ئاۋازى» دەك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
باشقا تەجرىبىلەردە، BCIقاتناشقۇچىنىڭ بىر جۈملىنى سوئال جۈملە ياكى بايان جۈملە قىلىپ ئېيتماقچى بولغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلىدى. بۇ ئۈسكۈنە يەنە ئۇنىڭ بىر جۈملىدە قايسى سۆزلەرنى تەكىتلىمەكچى بولغانلىقىنى ھۆكۈم قىلالايدىغان بولۇپ، شۇنىڭغا ئاساسەن سىنتېزلانغان ئاۋازنىڭ ئاھاڭىنى تەڭشىدى. Wairagkar مۇنداق دېدى: «بىز ئىنسانلار تىلىدىكى بارلىق بۇ مۇھىم ئېلېمېنتلارنى كىرگۈزۈۋاتىمىز». ئىلگىرىكى BCI لار پەقەت بىر خىل ئاھاڭدىكى نۇتۇقنىلا ھاسىل قىلالايتتى.
شىۋېتسارىيە جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سىلۋىيا مارچېسوتتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئىقتىدارى «بىمارلارنىڭ كۈندىلىك ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» بولۇپ، «بىر خىل ئۆلچەملىك ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن بىر رېئال تۇرمۇشتىكى قورالنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ».
مەنبە: ئالپ سالونى