مېھرابتىن چايان چىقتىمۇ؟
مېھرابتىن چايان چىقتىمۇ؟
كونىلاردا «ئادەم خىلى بىلەن، قۇش جۈپتى بىلەن» دەيدىغان گەپ بار. نەچچە كۈن ئاۋۋال سەھىپىمىزدە «شاياتۇن ئەدىبلىككە، يەكچەشمە خېرىدارلىققا»، دېگەن ئوبزورىمىز ئېلان قىلىندى. ئوبزور چىقىشى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ھەر ساھە ئەربابلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىزچىل سەھىپىگە ئەگىشىپ كېلىۋاتقان كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، ئوبزوردا تىلغا ئېلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئوخشاش سەگەكلىك بىلەن دىققەتتە بولىۋاتقانلىقلىرىنى تۈرلۈك ئىپادە ئۇسۇللىرى بىلەن ئىپادىلەشكەن بولدى. ئەلۋەتتە بۇ ئويغاقلار دۇنياسىنىڭ نەپەرلىرىنىڭ كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ، تىل بىرلىكىنى دىل بىرلىكى بىلەن مۇستەھكەملەش يولىدىكى ئاۋانگارتلارنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇنى ئۆز نۆۋىتىدە ھايانكەشلىك ۋە تەڭكەشچىلىك ئويۇنلىرىنىڭ خەلقى ئالەم ئالدىدا ئىستىگەنچە ئوينىلىشىغا، داپشاقلىق سەنئىتىنىڭ نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە، ئەمەلىيەتتىن مۇقەررەرلىككە قاراپ راك مىسالى يېيىلىشىغا سۈكۈتنى بۇزۇش رېفلېكسى دېيىشكە ھەم بولىدۇ. ھالبۇكى، ئوبزوردا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك، تەنقىدلىنىۋاتقان مەسىلە مەزكۇر ھايانكەش ئەدىبلىكنىڭ شاياتۇن ئەدىبكە ئايلانغانلىقى، مىللەتنى، مىللەت ئەۋلادلىرىنى سەپسەتىۋازلىققا رام قىلىپ زېھنىنى فورماتلاش، ئىچىنى شالغۇت ئىدىيەلەر بىلەن توشقۇزۇشتا ئەزۋەيلەش خاھىشى قاتارلىقلار بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. بەلكى بۇنىڭغا ھەمشېرىكلەرنىڭ، ئۇنىڭ بازىرىنى چىقىرىپ كۆزلەنگەن مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ھەمدەمچى بولۇپ بېرىۋاتقان «تەڭكەشچىلىك» مەسىلىسىمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان. ئەلۋەتتە، تەڭكەشچىلىك مەسىلىسى ماقالىدە ئەسكەرتىلگىنىدەك، ھايانكەش ئاپتورنىڭ ئۆز ئىپادىلىرىنى ئاساس قىلغان. مەسىلە تەڭگەشچىلىك بولغاندا قانداق چۈشىنىش مۇمكىن، ئۇنداق بولمىغاندا قانداق چۈشىنىش مۇمكىن، بولۇپمۇ مىللەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىدىيەۋى ئاڭ ساپاسىغا چوماق سېلىشتا نامى پۇر كەتكەن بىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاتىقى دىنىي ساھەگە چېتىشلىقى بولغانلار، سىياسىي ۋە مىللىي مائارىپچىلىق دەۋاسى قىلىپ مەكتەپ ئاچقانلار دەرسلىك قىلىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ، دېگەنلەر تەھلىل قىلىنغانىدى. مۇھىمى ناۋادا بۇ رەسمىيلەشمىگەن تەڭكەشچىلىك بولۇپ، ئاپتور بۇنى ئويدۇرغان بولسا، بۇ ئاپتورنىڭ كاززاپلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتلىنىشى بولىدىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەنىدى. ھەتتا راست بولغان ئەھۋالدا، مەسىلىنى ئەقىلگە، ئىلىمگە، دىنىي مەۋقەگە ئۇيۇشىدىغان بىر شەكىلدە تەڭكەشچىلىكىنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىمىزنىمۇ چالا قويماي ئەسكەرتىپ ئۆتكەنىدۇق.
ئوبزوردا نېمە دېيىلگەنلىكى، نېمىنى كۆزدە تۇتقانلىقىمىز ۋە قانداق تەرەپلەردىن تەنقىدىي مەيدان تۇتۇۋاتقانلىقىمىز شۇنداق ئېنىق بولۇشىغا قارىماي، يېتىلىۋاتقان ھايانكەشلەرنىڭمۇ ئولتۇرالماي كەتكەنلىكلىرى مەلۇم بولدى. ئۇۋىسىغا ياغاچ تىقىلغان ھەرىدەك چۇۋۇلۇپ چىقىشسىمۇ ئارىلىرىدا تەنقىدنىڭ سەۋىيەسىگە بويى يەتكۈدەك جاسامىتى، جاسارىتى بارلارنىڭ بولمىغانلىقى قارشى تۇتۇمنىڭ نېمىلەرنى جوكۇلداپ توختاپ قالىدىغانلىقىمۇ مەلۇم نەرسە ئىدى. مۇھىمى تەنقىدتىن نېسىۋىسىنى ئالغانلارنىڭ ئىپادىسى. گەرچە شاياتۇن ئەدىبلىكنىڭ مۇشاۋۇرلىرىنىڭ نېمىلەرنى دەپ كۆكەرمىلىك قىلالايدىغانلىقى، نېمىلەر بىلەن ئۆزىنى ئالىيجاناب كۆرسىتىپ ئەتراپتىن ھېسداشچىلار توپى تەشكىللەشكە تىرىشىدىغىنىمۇ يىللاردىن تۇتۇشۇپ قېلىش جەريانىدا تەجرىبە بولغان ئىشلار. ھەر ھالدا دىن ئەھلى بولغانلارنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقتىن چەتنىمىگەن، ئىجتىمائىي ئاتموسفېرادا كىيىلىپ قالغان ياكى كىيىۋالغان قالپىقىغا، مەسە - كالاچلىرىنىڭ ئىناۋىتىگە يارىشا جاۋاب قايتۇرۇشى، بولۇپمۇ تەڭكەشچى تەرەپنىڭ ئىنكاسىدىن دىن ئەھلى سۈپىتىدە كۆرۈنۈۋاتقانغا تۇشلۇق جىددىيلىك، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلىقتىن يىللار مابەينىدە مەدداھلىق سەۋىيەسىدە بولسىمۇ بىر نەرسىلەرنى دەپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «ئۇستاز» ئاتىقىغا لايىق ساپالىق بىر ئىنكاسنىڭ چىقىشى كۈتۈلەتتى. چۈنكى، گەرچە ئوقۇش تارىخى نۇقتىسىدىن تۇتامى بار بىرەر مەكتەپ يۈزى كۆرمەي ئۆتكەنلىكى بىلىنگەن، ئانچىكى ئەرەبچە كىتاب كۆرۈش قابىلىيىتىگە تايىنىپ، ئىسلام دۇنياسىدىكى بىر قىسىم سۈپەتلىك ۋەز - تەبلىغلەرنى «made in china» ئۇسلۇبىدا پىششىقلاپ ئىشلەپ، ھەر تۈرلۈك چىرايدا ئوبراز يارىتىش ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ قىلىنغان تەبلىغلەر سايىسىدە ئاۋامدىن ئېرىشكەن ئىمتىيازلاردىن پايدىلىنىپ يۈرۈپ مىللەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي دەۋاسىدا گەپ ساھىبلىرىدىن بولغاندۇ، شۇ سايىدە مەكتەپ ئاچقاندۇ، دىنىي ۋەزنىڭ دەسمايىسىدە يېگەن ناننىڭ تۇزىدىنمۇ بولسا گېلى قېقىلىپ چالا ئوقۇپ «ئۇستاز» ئاتالغاننىڭ دەردىنى ھېس قىلىپمۇ بولسا كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشنى ئويلاپ ئىگە - چاقىسىزلارنى يىغىپ مەدرىسە، قارىيخانا، مەكتەپ ئاچقاندۇ، دەپ ياخشى گۇمان بىلەن ئويلاپ مۇخاتەب ئېلىنغان «تەڭكەشچى»زاتنىڭ ئىنكاسىنىڭ شۇنىڭغا يارىشا بولۇشى كۈتۈلەتتى. چۈنكى بۇ مەسىلە ئوچۇقلىمىغا موھتاج، راتسىيونال بىر شەكىلدە مەنتىقىيلىقى بولۇشى كېرەك بولغان بىر مەسىلە. ئۇنداق بولمىغاندا ئىشنىڭ ئىچ يۈزى نوقۇل شاياتۇن ئەدىبلىك بىلەن تۈگىمەيدۇ، بەلكى دىنىي ساھەنىڭ «موللا ئابدۇراھمان»لىرىنىڭ، «شاپتۇل»داموللا تىپلىرىنىڭ يېڭى نەشرلىرى بولغان «ئەينۇ» داموللىلىققا بېرىپ تاقىلىشقا بارىدۇ. چۈنكى شالغۇت زېھنىيەت نەقەدەر مۇستەملىكىچى كۈچنىڭ قاپىقىغا ياغ توشۇسا، «ئەينۇ» داموللىلىقمۇ ئۇنىڭ خاسىيەتلىك ئۈزۈكىگە، ئىستىگەندە ئولتۇرغۇزۇپ، ئىستىگەندە تۇرغۇزۇشقا، ئىستىگەندە قوزغىلىپ يەنە ئىستىگەندە رېلىسنى بۇراشقا ئىشلىتىدىغان سېھىرلىك ھاسىسىدۇر. شۇڭا بۇ يەردە تەڭكەشچى تەرەپنىڭ مەسىلىنى ئايدىڭلىققا كىرگۈزۈشى، ئىش تەھلىلدىكىدىن باشقا تۈستە بولسا، ئۇ بويىچە ئىزاھات بېرىشى كۈتۈلمەكتە ئىدى.
شۇنداق تەسەۋۋۇرلار بولۇۋاتقاندا سەھىپىگە «(Yurt Oglani) يۇرت ئوغلانى» ئىسىملىك بىر تورداشتىن قارشى ئىنكاس چۈشتى. ئىنكاس مۇشۇ تېما ئاستىغا چىقىرىلغان مەزمۇنلارنى جەريان قىلغان بولۇپ، ئىككى قەپەسلىك ئىنكاسلىشىش پەقەتلا تور ئىسمى شەكلىدە زاكونلىشىپ مېڭىلدى. ئەمما ئۈچىنچى قايتۇرغان ئىنكاس كىشىنى ھەقىقەتەن چۆچۈتتى. چۈنكى ئۈچىنچى ئىنكاس ئالدىنقى ئىككى ئىنكاسقا بېرىلگەن جاۋاب ۋە زاكونلارنىڭ داۋامى ئىدى. ئەمما بىرلا پەرقى مەزكۇر ئۈچىنچى ئىنكاسنىڭ تور ئىسمى «(Kuseni Abukusen) كۈسەنى ئابۇكۈسەن» دەپ يېزىلغان ئىدى.
قاق يىگىرمە مىنۇت تۇرغان، خۇددى شەپكىدىن توشقان چىققاندەكلا باشقا ئىسىمدا، يەنى تەنقىدنىڭ مۇخاتەبلىرىدىن بىرى بولغان «تەڭكەشچى»گە ئائىت ئىسىمدا يېزىلغان بۇ ئىنكاس تاكى «مۇساجان ياقۇپ» ئىسىملىك توردىشىمىز، يەنى ئالدىنقى ئوبزورىمىزغا يېزىلغان ئەڭ ساپالىق ئىنكاسنى يازغان قېرىندىشىمىز تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغانغا قەدەر تۇردى. ساپالىقلار قاتارىدا مۇخاتەب ئېلىپ تەنقىدلەنگەن «تەڭكەشچى»دىن بۇ كۈتۈلمىگەن جاۋابلار كىشىنى ھەقىقەتەن ئەجەبلەندۈرسە، يىللاردىن «ئۇستاز»، «ئۇستاز»، دېيىلىۋاتقان بۇ گۈزەل ئاتاقنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر تۈكۈرۈككىمۇ ئەرزىمەيدىغان خاراكتېردىكى بىرىنىڭ نام - ئاتىقى بولۇپ قالغىنى ئېچىندۇردى. نەتىجىدە يۇرت ئوغلانى دېگەن ئىسىمدا ئۆزىنىڭ ئىچ يۈزىنى مەخپىي تۇتۇپ، تاشقىي يۈزىنى كۈسەنى ئابۇكۈسەن سەھىپىسىدە كۆرسىتىپ كەلگەن، چىقارغان نەرسىلىرىنى ئۆزى سۆزلەپ ئۆزى تارقىتىدىغان بۇ ئارتىسنىڭ خاراكتېرىنى رېئال دۇنيادا قىلىپ يۈرگەن «ئەينۇ»لىقىنى تور دۇنياسىدا قاملاشتۇرالمىغانلىقى، نا ئۇستىلىقى، يىگىرمە مىنۇتقا قەدەر، بىرى كېلىپ نوقۇمىغانغا قەدەر پەرقىگە بارمىغۇدەك دەرىجىدە كالامپايلىقى ئاشكارىلاپ قويدى. ئۇنداقتا ئىچ يۈزى بىلەن تاشقى يۈزى ئىككى خىل بۇ «تەڭكەشچى»نىڭ ئىنكاسىدىكى تۇتۇملىرى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ:
1. سەمىمىيەتسىز «موللا» ئىكەنلىكىنى
چۈنكى بىرىنچىدىن: ئارتىسلىقمۇ بۈگۈن فىلىم فېستىۋاللاردا دەرىجىسى بويىچە تەقدىرلەنگەندەك، بىزمۇ ئەلۋەتتە مەزكۇر ئاتالمىش «ئۇستاز»نىڭ ھەر تۈرلۈك چىراي ئوبرازىغا كىرىپ رول ئېلىپ تۇرۇپ سۆزلەپ كەلگەن تەبلىغلىرىنى «تەقدىرلىمەي» تۇرالمايمىز. چۈنكى رول ياخشى ئېلىنسا تاماشىبىن ئۇنى كۆتۈرىدۇ. بولۇپمۇ، دىنىي ئەركىنلىك بوغۇلغان، خەلق دىنغا ئۇسسۇزلاشقان بىر زامانلاردا تەبلىغلىرى يېشىل چىراغقا ئېرىشىلسە، خېلى مەزگىللەرگىچە، يەنى تورنى يىغىدىغان زامانلار كەلگەنگە قەدەر تەبلىغلىرى چايخانىمۇ چايخانىلاردا، ئۆي ۋە ماشىنا ئىچىلىرىدە كەڭرى يايراشقا مۇۋەپپەق بولسا، ئەلۋەتتە بۇ خىل «تەبلىغ»نىڭ خەلق ئارىسىدا يۈز ئىناۋەتنى قوشۇپ تۇتالايدىغانلىقىدا شەك يوق. ئالىملار، ئىلىم بىلەن ھەشر - نەشر بولغانلار پەرق ئەتكەن «ئارتىس»لىقنىڭ ئاۋامنىڭ كۆزىدىن قېچىشى بەكمۇ نورمال. دېمەك تەبلىغچىلىقى تامام. ئەمما موللىلىقى، ئۇستازلىقى، ساپالىقلىقىغا كەلسەك ھەممىسىدە نۆل ئىكەنلىكى، «قارا قورساق» ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. چۈنكى موللا ئىلىم ئەھلىدۇر. ئىجتىمائىي ياكى سىياسىي مەيداندا قانچە رول ئېلىۋاتقان بولمىسۇن، ئۇنىڭ ئىلىم ياكى ئىلمىي مەسىلىسىز كۈنى ئۆتمەيدۇ. قانداقتۇر كۈنىمىزدىكىدەك، بۈگۈنكى زامان ئەرەبچىسىنى يۆگەشتۈرۈپ، مەخرەجلىرىنى تەجۋىدى بىلەن چىقىرىپ تۇرۇپ سۆزلىيەلەيدىغان بولۇش، قەيەردىندۇر ئاڭلىۋالغان، دورىۋالغاننى تەكرارلاش موللىلىق ئەمەس. كىتاب ۋە ئىلىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نوقۇل سۆزلەيدىغان تەبلىغى ئۈچۈنلا ماتېرىيال ۋاراقلاش بولغان، تەبلىغىنىڭ تېمىسىغا دائىر ئاڭلىغان، كۆرگەن ۋىدىيولاردىن سۈزۈپ ئېلىپ ئۇنى ئۇيغۇرچە مونتاژلاپ شاتۇتىتەك ئېكراندا تەكرارلاپ بېرىش موللىلىق ئەمەس، بەلكى ئەينۇلۇقتۇر، ئارتىسلىقتۇر. شۇنداقلا موللا ئۆزىنىڭ تەبلىغلىرىدە خەلقنى ئاڭلىقلاشتۇرىدىغان، ھەر تۈرلۈك دىنىي ئايىنىشلارنى ۋاقتىدا تەنقىدلەپ تۇرۇشنى بىلىدىغان كىشىدۇر. چۈنكى ئەمرىمەئرۇپ، نەھيى مۇنكەر خىزمىتى تەنقىدسىز ئادا قىلغىلى بولىدىغان خىزمەت ئەمەس. ئىلىم بىلەن، تەنقىد بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشى ئۈچۈن تەنقىدلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشمۇ ئىلمىي، ساپالىق شەكىلدە، تەنقىدنىڭ سەۋىيە - ساپاسىغا، پىروتوكوللىرىغا چۈشۈرۈپ قايتۇرۇشى ئەقەللىي ئىشتۇر. چۈنكى سالاھىيەت بۇنى تەلەپ قىلىدۇ، سەمىمىيەت بۇنى تەقەززا قىلىدۇ.
لېكىن بۇنى قىلىش ئورنىغا، چۈشىنىشمەسلىك بولغان تەقدىردە ئەقەللىي ئىپادە بىلدۈرۈش، بايانات بېرىش ياكى ئىزاھلاپ قويۇش كېرەك بولغان بىر ئىشتا، ئەتەي باشقا بىر ئىسىمدىكى قىياپەت بىلەن سەھىپىگە ئۈسۈپ كىرگەنچە قوپاللىق بىلەن ئاغزىغا كەلگەنچە سۆزلەش، ۋالاقلاش، تەنقىدنىڭ تېمىسىنى بۇراش... بۇنىڭ ھېچبىرى موللا قىلىدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇنداق ئالىجوقىلىق، ئۆز ئىسمىمدا بولمىغانكىن نېمە دېسەم خەلق ئۇقمىغانكىن بولۇۋېرىدۇ شەكلىدە تېتىقسىزلىشىش بىر موللىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. بۇ پەقەت بولسا بولسا ھەپتىيەكنى ئوقۇڭ دەپ تۇتقۇزۇپ قويسا، ساۋاقنى تەكرارلىغاچ بىر ياندىن ھەپتىيەكنىڭ ۋاراقلىرىنى غاجاپ يەپ ئوينايدىغان ياغاچ قۇلاق بالىلارچە قىلىقتىن پەرقى يوق بىر ئىشتۇر. «ئۇستاز» ئاتىقىدىكى بىرى ئۈچۈن ئۇنىڭ تەنقىد ۋە تەنقىدچىلىكتىن، بولۇپمۇ بۈگۈنكى موللىلىقنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللىي ئەخلاقىدىن، ئىلمىي تەرەققىياتىدىن خەۋىرى بولمىغان ئارتىس موللىنىڭ قىلىقىدۇر. ئارتىس موللىنىڭ قىلىقىنىڭ قانداقلىقىمۇ مەزكۇر «ئۇستاز»نىڭ ئۆز قولى بىلەن ئىسپاتلانغان بولدى.
2. قارا قورساق «موللا» ئىكەنلىكىنى
چۈنكى، مەزكۇر «تەڭكەشچى»زات تەنقىدنى ئوڭ تۇتۇپ ئوقىيالمىغىنىغا باقماي تۈگەل تەنقىدنى چۈشۈرۈش، ئالىجوقا باھالارنى تەكرارلاپ پىپەن قىلىش ئارقىلىق «مەدەنىي دۇنيا»دا ياشاپ تۇرۇپمۇ يازما كۈلتۈرگە يات ئىكەنلىكىنى چاندۇرغان. كاللىسىدا قالغىنى تەنقىدلىنىۋاتقان تېما ۋە مەسىلىلەرنىڭ ئېغىر - يېنىكلىك دەرىجىسى ئاساسىدا دېيىلگەن سۆزلەرلا بولغاچ مەزمۇنغا دائىر ھېچقانداق تەنقىدىي ياكى قارشى پىكىر بايان قىلمىغان. تۈگەل قارىلاش تىپىدىكى گەپلەرلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەگەر ماقالىنىڭ سەۋىيەسىگە بويى يەتمىگەن بولسا، بۇنداق ئۆكتەملىك بىلەن كىرىپ گەپ باشلىماستىن، مەسىلىگە قارىتا ئۆز چۈشەنچىسى، ماقالىدا دېيىلىۋاتقان تېمىلاردىكى خاتا ياكى پەرقلىق كۆز قارىشى بولسا دەپ بېقىپ تەنقىد قىلغۇچى بىلەن قايسى دەرىجىدە كۆز قاراش ئوخشاشماسلىقى بار، بۇنى دەڭسەپ كۆرۈشىمۇ ئەقەللى ئىش ئىدى. ئەمما ئۇنداق ئىش يوق، كىرىپلا يازمىغا مۇناسىۋەتسىز تۆھمەتنى توقۇپ ئىتتىپاقدىشىغا بولاشقان شەكلىدە تېمىغا ئارىلاشقان. بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپ ئاچقانلىق بىلەن گىدىيىپ يۈرۈۋاتقان، بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى دېگەن سۈپىتىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقان بىر ئادەم ئىككى ئېغىز يازما بىلەن تەنقىدكە ئىلمىي يۈزلىنەلمىسە، ئۆزىنىڭ ئاككونتىدا يازمىغان تەقدىردىمۇ، باشقا ئىسىمدا بولسىمۇ ئۆز كۆز قارىشىنى تۆكەلمىسە، بۈگۈنكى كۈندە بۇندىن ئۆتە قارا قورساقلىق بولسۇنمۇ؟!
3. پىتنىخور «موللا» ئىكەنلىكىنى
«ئاخۇنۇم بىسمىللىسىدىن مەلۇم بولۇر»، دېگەندەك مەزكۇر «تەڭكەشچى» زات كىرىپلا بىرىنچى ئىشى كۆز قاراش بايان قىلىش بولمىغان، ئەكسىچە يوق يەردىن تۈك ئۈندۈرۈپ ھېلىقى شالغۇت يازارنى سەن «يەكچەشمە» دېدىڭ، دەپ تىللاپ چۈشىدۇ. ھالبۇكى، ماقالىنىڭ ھېچيېرىدە ئۇنداق بىر جۈملە مەۋجۇت ئەمەس. پەقەتلا تېما ئىسمىدىكى «يەكچەشمە» خېرىدار دېگەن سۆزنىلا تۇتۇۋېلىپ گويا ئاقمىسىمۇ قەستەن كىتاب ئاپتورىنى شۇنداق دېدىڭ دەپ يامىشىپ تۇرۇۋالغان. يەنى، گويا شۇنداق دەپ توپنى قارشى تەرەپنىڭ ئۇششۇقلۇق قىلىشىغا ئاتسا، ياكى شۇنداق بىر چۈشەنچە باردەك تۇيغۇ بەرسە، ئوقۇرمەنلەر شۇ گەپنى تۇتۇۋېلىپ ماقالىدىكى ئۆزىگە دائىر، تەڭكەشچىلىككە دائىر مەزمۇنلار ئۇنتۇلۇپ ياكى ئۇنىڭ ھەققىدىكى پىكىرلەر بىر ياقتا قالىدىغاندەك. ساپالىق ئىنكاس يېزىۋاتقانلارغا قاراپمۇ بولسا، بۈگۈنكى سەۋىيەدە ئۇنداق تۇتۇرۇقسىز بىشەملىكنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى، ئۇنداق ئەرزان پىتنىخورلۇقنىڭ تۇتمايدىغانلىقىنى پەملىيەلمەيدىغان دەرىجىدە ئاڭقاۋ بولۇڭ بارمۇ؟!
4. ساپاسىز «موللا» ئىكەنلىكى
بۈگۈنكى موللىلىق نوقۇل مەتىن يادىلاپ، ئىبارە چىگىشلىرىنى ھەل قىلىپ ئۆتۈش بىلەن كۇپايىلىنىدىغان موللىلىق ئەمەس. ۋەتەن ئىچىدىكى بۇ خىل ئوقۇش شەكلى شۇ زامان شارائىتىدە شۇنداق كۇپايىلىنىشكە مەجبۇر قىلغان بولسىمۇ، مۇھاجىرەت دۇنياسىدا بۇنداق بولۇۋېلىش بىلەن توختاش يېتەرلىك بولمايدۇ. بولۇپمۇ مەيداندا «ئۇستاز» ئېتى بىلەن كېزىپ يۈرىدىغانلار داۋاملىق تۈردە بىلىمىنى يېڭىلاپ تۇرۇشى، تەجدىد قىلىپ تۇرۇشى لازىم. بولۇپمۇ ئۇيغۇرنىڭ سەھنىسىدە «ئۇستاز»، «موللا» بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئەقەللىي دەرىجىدە چۈشىنىپ ھەزىم قىلىدىغان سەۋىيەدە بولۇش كېرەك. ھېلىقى «تەڭكەشچى» موللىدەك زىيالىيلارنىڭ ئارلىقىغا قىسىلىۋېلىپ: مەن «پەننى مەكتەپتە جىق ئوقۇمىغان»، دەپ قويۇپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرماسلىقى، گەپچىلىك بىلەن ساپاسىزلىقىنى يوشۇرۇپ قالالايمەن، دەپ ئويلاپ قېلىشى توغرا ئەمەس. ئۇنداق كېتىۋەرگەنلىك خۇددى مەزكۇر «تەڭكەشچى» ئېيتقاندەك: «ۋەتەندىكى ئۆلىمالار باشقا پىلانېتتا ياشايدۇ» دېگەنگە ئوخشاش چاكىنا ھۆكۈملۈكنىڭ ئەسلىدە ئۆزىگە لايىقلىقىنى تەن ئالغانلىقتۇر. «تەڭكەشچى» زاتنىڭ ئىچ يۈزى بولمىش يۇرت ئوغلانى ئىسمىدا يازغانلىرى دەل ئۆزىنىڭ ئاشۇنداقلىقىنى سازايە قىلىش بولۇپ، نە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان ئوبزورنى جايلاپ ھەزىم قىلالىغان، نە باشقىلارنىڭ كەتمىنىنى چېپىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ كىتابىنى ئوقۇۋېتىپ ئاندىن يان بېسىشقا ئۇرۇنغان. ئەكسچە ھەر ئىككىسىنى قاملاشتۇرالماي بىلجىرلاش تۈسىدە تاغدىن سۆزلىنىۋاتسا گەپنى باغقا بۇراشقا ئۇرۇنۇپ ئەسكىلىك قىلىشقا ئۇرۇنغان. مانا بۇ تەبلىغچى موللامنىڭ ئىچ يۈزىنىڭ قۇرت مىغىلدىمىسىمۇ، بىرە ئۇۋا قوڭغۇزنىڭ مىدىراپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ، ساپاسىزلىقتىن قازناق ياساپ ئىچ دۇنياسىنى چىرىتىپ ياشاۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
5. چاكىنا «موللا» ئىكەنلىكى
ئىچ يۈزىنى بىر ئىسىمدا، تاشقى يۈزىنى يەنە بىر ئىسىمدا كۆرسىتىپ ياشاۋاتقان بۇ بىچارە «تەڭكەشچى ئۇستاز» ھەر ئىككى يۈزىنى ئاشكارا قىلغان ئىسمىدا يازغان ئىنكاسىدا ئېنىق قىلىپ «مەن تېخى نەشر قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇمىدىم» دەپتۇ. ھەم ئوقۇماي تۇرۇپ يان باسقان. ھەم ئوقۇماي تۇرۇپ كىتابنى دەرسلىك قىلىشقا پۈتۈشكەن. ھالبۇكى ھەر ئىككى ئىسىمدا يازغان ئىنكاسنىڭ بىرەرسىدە مەزكۇر ئۇيغۇر بۇلاقسىمان كىتابلارنىڭ دەرسلىك قىلىشقا پۈتۈشكەنلىك خۇسۇسىدا ئۇچۇر بېرىپ قويمىغان. ھەتتا كۈسەن ئىسمىدا يازغان ئىنكاسىنى ئۆچۈرۈۋالغاندىن كېيىنمۇ كىتابنىڭ دەرسلىك قىلىنىشى خۇسۇسى ھەققىدە ئايرىم ئىزاھاتمۇ بەرمىگەن. دېمەك بۇ ئەزۋەيلەشنى داپشاق يازار بىلەن قوشۇلۇپ خور ھالىتىدە ئىجرا قىلىش پوزىتسىيەسى.
ئادەمنى ھەيرەتكە سالىدىغان تەرىپى شۇكى، شۇنچە مىليون مەبلەغلەرنى تىلەپ قاقشاپ يۈرۈپ يىغقان، «مەكتەپ» سالىمىز دەپ ۋەتەندىكى تالايلىغان مەرىپەتپەرۋەر بايلارنىڭ بۈگۈنكىدەك قاماقتا يېتىش، قاراڭغۇ زىندانغا مەھكۇم بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى كۆزگە ئىلىپ تۇرۇپ بەرگەن، قان - تەرى بىلەن تاپقان مەبلەغلىرىنى سەرپ قىلىشى سايىسىدە، ھەمدە مۇسۇلمان جەمئىيەتلەردىن ھال ئوقۇپ تۇرۇپ يىغىلغان ئىئانىلەرگە تايىنىپ سالغان (ھازىرچە تايىنىپ دەپ تۇرايلى) بىر مەكتەپنىڭ مەسئۇلى بولۇۋاتقان بىر شەخسنىڭ ئۆزى ئوقۇپمۇ باقمىغان كىتابنى دەرسلىك قىلىشقا پۈتۈشۈشى، ئۈستىلىك تەنقىدلەنسە قايتۇرغان ئىنكاسنىڭ بۇ قەدەر پەس ۋە چاكىنا ئۇسۇلدا بولۇشى دىنىي ساھە ئۈچۈن، شۇنداقلا مىللىي مائارىپ ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىر پاجىئە!
مەسىلىنىڭ ئوبزور قىلىنىشىمۇ قانداقتۇر قەغەزنىڭ قارا سىياھقا بويۇلۇشى، ياكى قانداقتۇر بىرە مەكتەپنىڭ دەرسلىك تاللىشى مەسىلىسى ئەمەس، ئەكسىچە ئاشۇنچە بەدەللەر سايىسىدە قۇرۇلغان، نەچچە يۈزلىگەن قارا كۆزلەرنىڭ، يەنى كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزلىرى دېيىلىۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇشلۇقى مەسىلىسىنىڭ بۇ قەدەر ھايانكەشلىكلەرنىڭ، ئىچكى ۋە تاشقى ماسلىشىش تۈسىنى ئېلىپ قېلىشىنىڭ بىنورماللىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكتىن ئىدى. چۈنكى بۇ يەردە كۆرۈلۈۋاتقىنى بىنورماللىق. بىنورماللىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا سوئال تاشلىماسلىق، سۈكۈت قىلىش قەلەم تۇتقۇچىنىڭ ئىشى ئەمەس. شۇنداق تۇرۇپ تەنقىدىمىزگە مەكتەپ مۇدىرى بولغۇچىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ بۇ قەدەر چاكىنىلارچە، بۇ قەدەر ئەينۇلارچە، بۇ قەدەر ئالىقاپچە، بۇ قەدەر ساپاسىز، بۇ قەدەر ئەخلاقسىز شەكىلدە بولۇشى بەكلا ئېچىنىشلىق ۋە قورقۇنچلۇقتۇر. بۇنداق ئەھۋالدا جەزمەن بۇ ھەقتە سوئال تاشلاش، ئەۋلادلىرىمىز زادى قانداق قۇرۇلمىلارنىڭ ئامانىتىگە قويۇلۇۋاتىدۇ؟ بۇلاڭچىدىن قېچىپ قويمىچىغا تۇتۇلۇۋاتامدۇ يوق، بۇنى قايتىدىن دەڭسەش كېرەك بولۇپ تۇرۇپتۇ.
خۇلاسە
مېھراب كەلىمىسىنىڭ يىلتىزى «جەڭ» مەنىسىدىكى «حرب»سۆزىدىن كېلىپ چىققان. بۇ مەنىدىن مېھراب «جەڭگاھ» مەنىسىدە بولۇپ، رەزىللىك مەنبەسى بولغان شاياتۇنغا قارشى مەنىۋى كۈرەش مەيدانى، نەپسنى تەربىيە قىلىشتا قىبلىگاھقا يۈزلىنىدىغان مۇقەددەس ماكاندۇر. شۇنداقلا پەيغەمبەرنىڭ ماقامىنى سىمۋول قىلغان يېتەكچىلىكنىڭ، ھەقىقەتكە، ھىدايەتكە، ئاللاھ يولىغا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ماقام ئورنى. ئىمام ئەنە شۇ ماقامنىڭ روھىنى مۇھاپىزەت قىلغان كىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەقىل بۇزۇلسا بەدەن يولدىن ئاداشقىنىدەك، مېھراب بۇزۇلسا، قۇببەنىڭ چۆكۈشى، بۇ چۆكۈشنىڭ مېھراب تامان بارچە يۈز كەلتۈرگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇقەررەر. مېھراب مەنىۋىياتى ساغلام كىشىلەرنىڭ، تىلى ۋە دىلى بىر بولغان، ئىچى ۋە يۈزى بىر بولغانلارغا تېگىشلىك بولغان، شۇلارغا لايىق بولغان ماكاندۇر. ئۇنىڭ ساغلاملىقى جامائەتنىڭ مەنىۋىياتىنىڭ ساغلاملىقىدۇر. ئۇنداق بولمىغاندا، يەنە كېلىپ «جەڭگاھ» بولمىش مېھراب پەيغەمبەر ئىلمىدىن مول نېسىۋە ئالغانلارنىڭ قولىدا بولماستىن، شەيتان بىلەن ئىتتىپاقداش بولغۇچىلارغا، تەڭكەشچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكىنىدە، مېھرابتىن چىقىدىغىنى چايان، جامائەتكە يېتىدىغىنى ئۇنىڭ زەھىرىدىن باشقا نەرسە بولمايدۇ.
دىن ئەھلى بولغىچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تەنقىدكە سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتۇشنى كۈتۈپ تەنقىد يازدۇق، ئەمما بىزگە قايتقان جاۋاب كۆرۈنۈشتىكى مېھراب ئەھلىگە يارىشىدىغان جاۋاب بولماستىن، مېھرابتىن ئۇۋا ياساپ يۈرگەن چاياننىڭ جاۋابى بولدى. ھەيھات!!!
-بۇرھان مۇھەممەد
2022-08-18
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى