مېھماندوست ئۇيغۇلار ۋە تۆرنى بەرمەس ئامېرىكىلىقلار

ئورنى Wikipedia

ئامېرىكىلىق دوستلۇرۇمنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغاندا بىر ئىش ماڭا بەك قىزىق تۇيۇلدى. ئامېرىكىلىقلار ئۆيىگە كەلگەن مېھماننى تۆرگە باشلىمايدىكەن. بۇ يەردە تۆر دېگىنىم شىرەنىڭ ئۇدۇل تەرىپى دېگەنلىك. بۇ «تۆر» دە ئادەتتە ئەر ساھىپخان ئولتۇرىدىكەن. مەسىلەن، مەن دوستۇمنىڭ تەكلىبى بىلەن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارغان بولسام تۆردە دادىسى ئولتۇرىدىكەن. ئەگەر مەن دوستۇمنىڭ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىنغان بولسام، بۇ سورۇنغا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولسا دوستۇم تۆردە ئولتۇرىدىكەن. ئاتا-ئانىسى مېھمانلار قاتارىدا ئولتۇرىدىكەن. تۇل ئايال پروپېسسورلارنى بۇ قائىدىگە تازا ئەمەل قىلىپ كەتمەيدىغاندەك ھىس قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بۇ ئىش كۆزۈمگە چېلىقمىدى. بىر قېتىم بىر ئۇيغۇر مېھمان ئېسىدە يوق ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆيىدە تۆردە ئولتۇرۇپ قاپتۇ. بۇ چاغدا ساھىپخان ھىچ تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا مېھمانغا «بۇ دېگەن مېنىڭ ئورنۇم، سەن خاتا ئولتۇرۇپ قاپسەن. بۇ ئوروندىن باشقا ئورۇندا ئولتۇرغىن» دەپ قوپۇرىۋېتىپتۇ.

بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بېرىپ تەكلىپ بويىچە قونۇپ قالدىم. ئەتىسى قارىسام دوستۇمنىڭ ئانىسى ئۆزى ناشتا قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىزگە ناشتىلىق يوق. شۇنىڭ بىلەن دوستۇم ئىككىمىز سىرىتقا چىقىپ قورساقنى غەملەپ كەلدۇق. شۇ كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئادىتى بويىچە تاتلىق تۈرۈملەردىن يىدۇق. ھازىرلىغان نەرسىلەر خېلى باردەك قىلغان لېكىن بىزگە ئازراقلا قويۇپ قالغىنىنى توڭلاتقۇسىغا سېلىپ قويدى. داستىخان بىر پەستە قۇرۇقدېلىپ قېلىۋاتسىمۇ ئايال ساھىپخان توڭلاتقۇسىدىن ھېلىقى تاتلىقلارنى چىقارمىدى. مەن ئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا ئۇنداق مېھماننى تاماقتىن كېيىنكى تاتلىق تۈرۈمگە چارقىرىپ قويۇپ داستىخانغا شۇنىڭدىن باشقا ھىچ نېمە تىزمايدىغان ئامېرىكىلىقلارنى خېلى كۆردۈم.

ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە بەك ئىززەتلىك ۋە يېقىنلىق يۈزىسىدىن بولمىسا باشقىلارنى ئۆيىگە مېھمانغا چاقىرمايدۇ. چۈنكى ئۆي ئۇلارنىڭ خۇسۇسى ھاياتىدىكى ئارامگاھ بولغاچقا باشقىلارنى ئاسان يېقىن يولاتمايدۇ. باشقىلارغا ئۆينىڭ ئادرىسىنى دەپ بەمەيدۇ ھەم سورۇمايدۇ. ئەمما سىرىتتا، رىستۇرانلاردا بىر بىرىنى مېھمان قىلىش تولىمۇ نورمال بىر ئىش. يۇرتىمىزدا رىستۇرانپەرەسلىك ئەۋج ئالغان يىللاردا ئۆيىدە قوي ئۆلتۈرسە ئەزىزلەنمىگەندەك كەيپىياتتا بولۇپ رىستۇرانغا چاقىرسا ھاياجانلىنىدىغان پۈچەكلىك باش كۆتۈرگەن ئېدى. مەن بۇنىڭدىكى سەۋەبنى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھۆرمەتنى، ئەزىزلىكنى جامائەت ئالدىدا يەپ ئىچىپ كۆرەڭلىك، داغۋازلىق قىلىشتىن ئىزدەۋاتقانلىقىغا باغلاپ چۈشىنىمەن. يەنە بىرى ئۇيغۇرلاردا ئۆيدە ھاراقخورلۇق قىلىش ھەزەر قىلىنىدىغان خاھىش بولغاچقا رىستۇراننىڭ بۇنىڭغا قولايلىق ياراتقانلىقىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك.

ئۇيغۇرلاردىكى مېھماننى تۆرگە باشلاش ئادىتى بىلەن ئامېرىكىلىقلاردىكى مېھمانغا تۆرنى بەرمەسلىك ئوتتۇرىسىدا ھالقىلىق تەپەككۇر پەرقى بارمىكىن دېگۈم كېلىدۇ. مەنچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا تۆرنى بەرمەسىلىكىگە ئۇلارنىڭ مۇتلەق مەنچىللىكنى مەركەز قىلغان تەپەككۇر ئادىتى سەۋەپ بولغان. بۇ خىل تەپەككۇردا شەخسنىڭ خاھىشى، ئىھتىياجى، غايىسى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ. ئامېرىكىلىقلاردا ھاياتتىكى بارلىق توغرا - خاتا، ياخشى- يامان، پايدىلىق پايدىسىز قاتارلىق ئامىللارغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاچقۇچى شەخسنىڭ قولىدا. بۇ ئاچقۇچنى قانداق قوللۇنۇش شەخسنىڭ ھوقۇقى. پەقەت قانۇنغا خىلاپ بولمىسىلا بۇنداق تەپەككۇر چەكلىنىشتىن مۇستەسنا. ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇنداق تەپەككۇر ئادىتى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىمۇ ئەكىسلىنىدۇ. ئۇلار ئائىلىۋىي ھاياتتا ئۆزىنى بىرىنجى ئورۇنغا، ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئىككىنجى ئورۇنغا، ئاتا- ئانىسىنى ئۈچىنجى ئورۇنغا قويىدۇ. نەچچە بالىسى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئائىلىسىدىن كۆڭلى قالغان ھامان ئاجرىشىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىدا بىر بالىسىنى ئۆگەينىڭ قولىغا قويمايمەن دەپ تۇل ئۆتۈپ كەتكەن ئايال ياكى ئەر يوقنىڭ ئورنىدا. مېھماننى تۆرگە باشلاش ياكى تۆردە ئۆزى ئولتۇرۇش ئۇيغۇرلار ۋە ئامېرىكىلىقلاردىكى تەپەككۇر پەرقى ئەمەس بەلكىم ئادەت پەرقى مەسىلىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

شۇنداق، مېھماننى تۆرگە ئېلىش ئالماسلىق ئادەت مەسلىسى بولۇشى ئىھتىمال، ئەمما مېھماندارچىلىقتا زىيادە ئىسراپخورلۇق قىلىش، ئۆز ئىقتىسادى ئەھۋالىغا نامۇناسىپ مىھمان ئۇزۇتۇش ئۇيغۇر مېھماندوستلۇقىدىكى پۈچەكلىك بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇيغۇردىكى مېھمانخانىسىنى شۇنچە كاتتا بېزەشكە چىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشخانا، مۇنچا، خالا قاتارلىقلارنىڭ راھەت ئازادە، چىرايلىق بولۇشىغا سەل قارىشى باشقىلارنىڭ باھاسى ئۈچۈن ياشايدىغان پۈچەكلىكنىڭ بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن. تەپسىلىرەك ئويلاپ باقساق ئامېركىلىقلاردا «خەق قانداق ئويلاپ قالار»، «مۇنداق قىلسام سەرت تۇرارمۇ»، «دوست دۈشمەننىڭ ئالدىدا مۇنداق قىلىپ كۆرسىتىپ قوياي»، «كىم دېسە، پۇستانى دەپ قالسۇن» دېگەن سۆزلەنمىلەرنىڭ كۆپ تىلغا ئېلىنماسلىقىدىن ئۇيغۇردىكى يۇقارقى قاراشنىڭ ئەكسىگە ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى ئاڭقارغاندەك بولىمىز. يۇرتلىرىمىزدا ئەۋج ئالغان مىھماندوستلۇق نامىدىكى داغۋازلىق، ھەشەمەتخورلۇقتا بەلكىم، ئۆزىنىڭ ئاجىز رىيال ھالىتىگە يۈزلىنەلمەسلىك ۋە بۇ ھالەتنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا پەدەزلەپ كۆرسىتىش، ئۆزىنى ھازىرقى ھالىتىدىن يۈكسەكرەك تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە شۇ تەسەۋۋۇرىدىكى ئوبرازى ئۈچۈن خەقنىڭ ئالدىدا زورۇقۇشتەك روھىي بىنورماللىق ئەكىس ئەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بۇ يەردە ئاساسى شەكىللەندۈرگۈچى ئامىل جەمئىيەتتە ئەۋج ئالغان ۋە ئادەتكە ئايلانغان ساختىلىق، تۆۋەننى سىلىق قۇرۇق گەپ بىلەن ئالداپ يۇقۇرىغا خۇشامەت قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ھەشەمەتلىك يەپ ئىچىپ ئىسراپخورلۇق قىلىش، خەلققە بىرنى ئون كۆرۈشكە ۋە كۆرسىتىشكە كۆندۈرۈش قاتارلىق جەمئىيەتلەشكەن چىركىنلىكلەر بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار مېھماندوستلۇق جەھەتتە ئامېرىكىلىقلاردىن پەرقلىنىدۇ ھەمدە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ تامامەن ئوخشىمايدۇ. مېھماننى ئەھۋالىغا يارىشا ئۇزۇتۇش، مېھمانغا ئۆيدىكى بارىنى ئالدى كەينىنى سۈرۈشتۈرمەي ئاتىۋەتمەسلىك ئاللىقاچان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. ئەمما ئۇلار ئامېرىكىلىقلاردىنمۇ كەسكىن پەرق قىلىدۇ. مىھماننى ۋەتەندىكىدەك تۆرگە ئالىدۇ. ئۆيىدە قوندۇرىدۇ، قولىدىن كېلىشىچە خىزمىتىدە بولۇپ خۇرسەن قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۆيىدە بارنى ئىمكان بار قويالىغانچە مېھماننىڭ ئالدىغا قويۇپ قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. ئامېرىكىدىكى تۈركىيە تۈركلىرى بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلاردىن بەكرەك ئامېرىكىچىلىشىپ كەتكەن. ئۇلار تۆرنى مىھماندىن تالاشمىغان بىلەن داستىخاننى ئۇيغۇردەك مول ھازىرلىمايدۇ.


ئالدىنقى: ئۇيغۇرلار ۋە ئامېرىكىلىقلاردا يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى ۋە دېڭى

كـىيىنكى: كارۋاننىڭ نەسلى ۋە كېمىچىنىڭ پۇشتى