مېۋە

ئورنى Wikipedia

ئۆسۈملۈكلەر ئىنسانلارنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مېۋە ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ھەر خىل خۇش پۇراقلىق ۋە مەززىلىك ھۆل مېۋە - چېۋىلەر، ساقلاشقا چىداملىق ۋە قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان ھەر خىل قۇرۇق يەل - يېمىشلەر، يەنە «ئۆمۈرنى ئۇزارتقۇچى مېۋە» دەپ نام ئالغان خاسىڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسىدۇر.

مېۋە ئادەتتە مېۋە شۆپۈكى بىلەن ئۇرۇقتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پىشقان مېۋىلەرنىڭ مېۋە شۆپۈكى ھۈجەيرىلىرى دىففېرېنسىيىلىنىپ سىرتقى مېۋە شۆپۈكى، ئوتتۇرا مېۋە شۆپۈكى ۋە ئىچكى مېۋە شۆپۈكىدىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، شاپتۇلنىڭ تىۋىت تۈكلۈك سىرتقى قەۋىتى سىرتقى مېۋە شۆپۈكى، ئوتتۇرىسىدىكى شىرنىلىك گۆشلۈك قىسمى ئوتتۇرا مېۋە شۆپۈكى، مەركىزىدىكى قاتتىق ئۈچكىسى ئىچكى مېۋە شۆپۈكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مېغىزى بولسا ئۇرۇقىدۇر.

مېۋىلەر ئادەتتە ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: يەنى بىر گۈلدە پەقەت بىر تاللا ئانىلىق بولۇپ بىرلا مېۋە ھاسىل قىلسا، ئۇ ئاددىي مېۋە دېيىلىدۇ؛ بىر گۈلدە نۇرغۇنلىغان ئايرىلىپ ئۆسكەن يەككە ئانىلىقلار بولسا ھەم ھەربىر ئانىلىق بىر ئاددىي مېۋە ھاسىل قىلىپ، ئوخشاش بىر غولغا توپلىشىپ ئۆسكەن بولسا، ئۇ توپ مېۋە دېيىلىدۇ. مەسىلەن، بۆلجۈرگەن، نېلۇپەر، ئاق ماگنولىيە قاتارلىقلار؛ بەزى مېۋىلەر پۈتۈن گۈل رېتىدىن يېتىلىپ پىشىدۇ، بۇلار مۇرەككەپ مېۋە دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ئاناناس، ئەنجۈر، ئۈجمە (جۈجەم) قاتارلىقلار.

ئاددىي مېۋىلەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار گۆشلۈك، سۇلۇق ۋە شىرنىلىك كېلىدۇ. مەسىلەن، ئۈزۈم، پەمىدۇر، ئىبنوس (ھالۋابىدىت) قاتارلىقلارنىڭ ئوتتۇرا مېۋە شۆپۈكى گۆشلەشكەن بولۇپ، يۇمشاق ھەم شىرنىلىك بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆزلۈكىدىن يېرىلىدىغان قاسىراقلىق مېۋىلەرمۇ بار، مەسىلەن، باقىلە، كۆك پۇرچاق قاتارلىق پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىلىرى. ئۇلار پىشقان چاغدا دۈمبە - قورساق سىزىقىنى بويلاپ يېرىلىدۇ، بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بەزى قوش قانىتى بولغان قاناتلىق مېۋىلەرمۇ بار، مەسىلەن، قارىياغاچ، زەرەڭ، لاپىن دەرىخى قاتارلىقلارنىڭ مېۋىلىرى. بۇ مېۋىلەرنىڭ مېۋە شۆپۈكى ئۇزىراپ ئۆسۈپ بىر جۈپ قاناتقا ئايلانغان بولۇپ، شامال كۈچىگە تايىنىپ لەپىلدەپ ئۇچىدۇ ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇرۇقىنى تارقىتىدۇ. مېۋە مەركىزى تاشتەك قاتتىق ئۈچكىلىك مېۋىلەرمۇ بار، مەسىلەن، شاپتۇل، ئۆرۈك، چىلان، ئالۇچا قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىلىرى. ئۆزلۈكىدىن پارتلاپ يېرىلىدىغان غوزەك مېۋىلەرمۇ بار، مەسىلەن، سېمىزئوت، پاقىيوپۇرمىقى، خېنە قاتارلىقلارنىڭ مېۋىسىدىكى ئۇرۇقلار شامالنىڭ تەۋرىتىشى بىلەن ئېتىپ چىقىرىلىدۇ ياكى پۈركۈپ چىقىرىلىدۇ.

مېۋىلەر يەنە ھەقىقىي مېۋە ۋە يالغان مېۋە دەپ بۆلۈنىدۇ. ئۇرۇقداندىن يېتىلىپ كەلگەن مېۋە ھەقىقىي مېۋە دېيىلىدۇ. باشقا قىسىملاردىن يېتىلىپ كەلگەن مېۋە يالغان مېۋە دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ئالما، نەشپۈت ۋە دولانا قاتارلىقلارنىڭ مېۋىلىرى.

كۆپ ساندىكى مېۋىلەر مېۋە دەرىخىنىڭ شاخلىرىدا مېۋىلەيدۇ، لېكىن كاكائو دەرىخى، كارىكا دەرىخى (كۇلى بېھىسى)، بولو دەرىخى (ئاتروكارپۇس دەرىخى) قاتارلىقلارنىڭ مېۋىلىرى بولسا ئاساسىي دەرەخ غولىدا مېۋىلەيدۇ؛ توغراق چىنار (جۇڭگو چىنارى)، شىزاڭ خېلۋنگىيە چاتقىلى قاتارلىقلارنىڭ مېۋىسى يوپۇرمىقىدا مېۋىلەيدۇ؛ خاسىڭنىڭ مېۋىسى بولسا يەر ئاستىدا مېۋىلەيدۇ.