مەتبۇئاتچىلىقىمىز قەلەم ئىگىلىرىگە موھتاج
مەتبۇئاتچىلىقىمىز قەلەم ئىگىلىرىگە موھتاج
بۈگۈنكى 20 - ئەسىر دۇنياسىغا قاراپ باھا بەرگىنىمىزدە، دۇنيانىڭ بۇنچىلىك تەرەققىي قىلىشىغا گېزىتچىلىك، مەجمۇئەچىلىكتىن ئارتۇق پايدا كەلتۈرگەن نەرسە بولمىسا كېرەك. مۇشۇ خىل نۇقتىئىنەزەر ئاساسىدا دۇنيانىڭ پۈتۈن مەملىكەتلىرى مەجمۇئەچىلىك ئىشلىرىغا يەنىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. مەدەنىي مەملىكەتلەرنىڭ ئادەتتىكى شەھەرلىرىدىمۇ گېزىتلەر 10 — 100 گىچە مىليون - مىليون تىراژلىق بولۇپ بېسىلىپ تارقايدۇ. 10 — 20 لىگەن مەجمۇئەلەر نەشر قىلىنىدۇ. ھەتتا سائەتلىك گېزىتلار، ئەتىگەنلىك، كەچلىك گېزىتلار نەشر قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن مەدەنىي ئەللەردە گېزىت ۋە مەجمۇئەچىلىككە نەقەدەر ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بۇلا ئەمەس، بىر مەملىكەتتە گېزىت، مەجمۇئەلەر قانچە كۆپ بولسا، ئۇنىڭدىن پايدىلانغۇچىلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. مەدەنىي مەملىكەتلەردە گېزىت ۋە مەجمۇئەلەرنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا، ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىدىغان ئوقۇرمىنىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. دېمەك، مەدەنىي مەملىكەتلەردە بىر تەرەپتىن سان - ساناقسىز گېزىتلەر نەشر قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ چىققان گېزىت، مەجمۇئەلەر خەلق ئاممىسىنى جەلپ قىلىپ ئۆزىگە تارتالايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرگىنىمىزدە، قەلەم ئىگىلىرىنىڭ كۆپلىكى ۋە ئۇلارنىڭ يازغان ماقالىلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى مەلۇم بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قانداقلىكى جايدا گېزىت - مەجمۇئەلەر چىقىدىكەن، چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئىلمىي جەھەتتىن كۆپلىگەن قەلەم ئىگىلىرىگە ئېھتىياج چۈشىدۇ. قەلەم ئىگىلىرى قانچە كۆپ بولسا، گېزىت - مەجمۇئەلەرنىڭ مەزمۇنى، سۈپىتىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ماقالىلەر قانچە ئىلمىيلەشسە، مەجمۇئە، گېزىتلەرمۇ شۇنچە مول - ھوسۇللۇق بولىدۇ.
يۇرتىمىزدا، گېزىت، مەجمۇئەچىلىك ئىشلىرىغا قەدەم تاشلانغىلى خېلى يىللار بولدى. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا گېزىت، مەجمۇئەلىرىمىز ئاز، قەلەم ئىگىلىرى كۆپ بولۇپ، گېزىتخانىلاردا ماقالىلەر نۆۋەت ساقلاپ تۇراتتى. ئەمدىلىكتە بولغاندا، گېزىت - مەجمۇئەچىلىك ئىشلىىرىمىز خېلى راۋاجلىنىپ كۆزگە كۆرۈندى. قىسقارتىپ ئېيتساق، يالغۇز ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدە 10 غا يېقىن گېزىت ۋە مەجمۇئە ئورۇنلىرى بار. شۇغىنىسى بۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆز يۈگۈرتكەندە، مەزكۇر گېزىت ۋە مەجمۇئەلەرنىڭ مەزمۇنىدا ئانچە بەك چوڭ ئۆزگىرىشمۇ يوق.
شۇ قاتاردا بىزنىڭ «ئالتاي» مەجمۇئەيىمىز ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ چىقىۋاتقان «ئەرك» گېزىتىمىزنىڭ مەزمۇنىدىمۇ ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش يوق. بۇنى ئۈچىنچى خىل ئۇسۇلدا چۈشەندۈرگەن ۋاقتىمىزدا، گېزىت ۋە مەجمۇئەيىمىزدە چوڭقۇر ۋە ئىلمىيلەشكەن ماقالىلىرىمىز يوق دېيەرلىك.
ئۇنداقتا، ئالدىمىزغا مۇنداق بىر سوئال تاشلىنىدۇ: نېمە ئۈچۈن ئىلمىي ماقالىلەر يېزىلمايدۇ؟ ئىلمىي نەرسىلەر قەيەرگە كەتتى؟
بۇنىڭغا جاۋاب بېرىدىغان بولساق، ئىلمىي ماقالىلەر ھېچ بىر يەرگە كەتكىنى يوق. بىزدە قەلەم ئىگىلىرى ناھايىتىمۇ ئاز. ھەتتا بار بولغان قەلەم ئىگىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ھۇرۇن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاز ساندا چىقىۋاتقان گېزىت، مەجمۇئەلەرمۇ ماقالىلەر بىلەن تەمىنلەنمەي قالىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە بەش - ئونلىغان گېزىت، مەجمۇئەلەرنىڭ ماقالىلىرىنىمۇ تەمىنلەپ بولالمىساق، كېيىن بىزنىڭ گېزىت، مەجمۇئەچىلىك ئىشلىرىمىز راۋاج تېپىپ 100 — 200 چە بولغاندا قانداق قىلامىز؟ بۇ كۆرۈنۈش بۈگۈنكى مەتبۇئات ئاشىنالىرىنىڭ ناھايىتىمۇ چوڭ ئەندىشىسىدۇر. بۇنىڭ چوقۇم ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم.
شۇ ۋەجىدىن ئالتاي نەشرىيات ئىدارىمىزمۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىغا قارىماي، گېزىت، مەجمۇئەلىرىمىزگە بېسىلغان ماقالىلەرگە قەلەم ھەققى بېرىشنى بەلگىلىدى. بىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىمىز شۇنچە قىيىن بولسىمۇ، ئاساسىي مەقسىتىمىز گېزىت - مەجمۇئەلىرىمىزنى يەنە بىر قەدەر ئىلمىي پەللىگە كۆتۈرۈپ، خەلقىمىزنىڭ تەلىپىنى قانائەتلىنەرلىك بىر ھالغا كەلتۈرۈش ۋە خەلقىمىزنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشتۇر. بىز بۇ مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق قەلەم ئىگىلىرىنى كۆپەيتەلىسەك، يۇرتىمىزدىكى پۈتكۈل مەتبۇئاتچىلىرىمىزغىمۇ پايدىسى تېگىدۇ. گېزىت - مەجمۇئەلىرىمىز قانچە مەزمۇنلۇق، قانچە مەنىلىك چىقسا، خەلقىمىزمۇ شۇنچە كۈچلۈك رىغبەت بىلەن باغلاپ پايدىلىنىدۇ ۋە پايدىسىنى كۆرىدۇ. مۇشۇ يول ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ بىلىم ئېلىشىغىمۇ كەڭ يول ئېچىلغان بولىدۇ.
يۇرتىمىزدىكى پۈتكۈل قەلەم ئىگىلىرىنىڭ قۇۋۋەت - قابىلىيىتىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مىللىي مەتبۇئاتىمىز ئۇشبۇ روھىي كۈچ بىلەن مەدەنىي مائارىپ ساھەسىدە بۈيۈك يېڭىلىقلارنى بەرپا قىلالايدۇ. شۇڭا ھەربىر قەلەم ئىگىسى بولغان زىيالىي بۈگۈنكى يېزىقچىلىق ساھەسىدىكى ئەركىنلىكىنى ۋە مەتبۇئات ھۆرلۈكىنى قەدىرلىمىكى لازىم.
بىزنىڭ ھازىرقى مەتبۇئاتچىلىق ئىشلىرىمىز ماددىي جەھەتتىن مۇنداقلا تەرەققىي قىلىپ كەتسەيۇ، ئەمما ئىلمىي جەھەتتىن بۈگۈنكىدەك قىينىلىدىغان ئەھۋالدا بولساق، مەتبۇئاتچىلىق ئىشلىرىمىزنىڭ كېلەچىكىنى پۈتۈنلەي قاراڭغۇلاشتۇرۇپ قويغان بولىمىز. ئەگەر بىز ھازىرقى مەتبۇئاتچىلىقىمىزنى كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىزغا قالدۇرۇشنى ئويلىساق، چوقۇم ھەربىر يۇرتدىشىمىز قولىغا قەلەم ئالمىقى زۆرۈر.
مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 81 - سان، 1947 - يىل، 17 - سېنتەبىر.
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى