Jump to content

مەجازىي «ئۆلىمالىق» قاچانغىچە؟

ئورنى Wikipedia

مەجازىي «ئۆلىمالىق» قاچانغىچە؟

− پۇلنىڭ راست ياكى ساختىلىقىنى قانداق ئايرىيمىز؟

− بەلگە، ئالامەتلىرىدىن.

− بەلگە، ئالامەتلىرىدىنمۇ پەرقلەندۈرگىلى بولمىسىچۇ؟

− پۇل تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا سالىمىز؟

− ئەگەر ئاپپاراتمۇ ساختا چىقسىچۇ؟

−...

يۇقىرىقى دىيالوگدا دىققەتكە سازاۋەر ئىككى نۇقتا بار. بىرى ساختا پۇل، يەنە بىرى ساختا ئاپپارات. ساختا دېمەك ئەسلىدىكىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن، ئەسلىگە ئوخشاشتەك كۆرسىتىپ بازارغا سېلىنغان ۋە كۆز بوياش مەقسىتىدە ئويدۇرۇپ چىقىلغان نەرسە، دېمەكتۇر. دەرۋەقە، بۇ يەردە ئەسلىسى بىلەن ساختىسىنى ئايرىش ئۈچۈن ساختىنىڭ ساختىلىق تەرەپلىرىنى بىلىدىغان، ئالدانمايدىغان، كۆز بويامچىلىققا كۆز يۇمۇۋالماي سىگنال چالىدىغان تەكشۈرگۈچى ئۈسكۈنە بار بولۇپ، ساختا پۇلنىڭ ھەقىقىي پۇللار ئارىسىغا قىسىلىپ ئەسلىسىگە ئوخشاش نوپۇز ۋە قىممەت يارىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئاپپارات بولسا، ساختىنى تەكشۈرۈش يوللىرى ئىچىدە سىستېمىلاشقان مىكرو مودېلدۇر. ئاپپاراتنى ئومۇملاشتۇرغاندا پۇل - مۇئامىلە ساھەلىرىدە ئەسلىسىنىڭ ئورنىنى ساختىنىڭ ئىگىلىشى توسۇپ قېلىنمايلا قالماستىن ھەقىقىسى بىلەن ساختىسى ئوتتۇرىسىدىكى چەك - چېگرانى ئايرىپ ماڭغىلى، ھەقىقىنىڭ ئوبرازى، قىممىتى ۋە كۈچىنىڭ پاخاللىشىشىنى توسۇپ قالغىلى، قىممەتسىزلىشىشى ۋە زىيان - تالاپەتلەرگە سەۋەب بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مۇئامىلە دۇنياسىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ھەقىقەت ۋە سەپسەتىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت شەكلىمۇ بۇنىڭدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. بولۇپمۇ دىنىي ئۆلىما ۋە فىقھىدىن نېسىۋە ئالغانلارنىڭ شۇنداق. چۈنكى ساختا پۇل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ساختىلىقلىرى راستنىڭ ساختىسىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشىنى ئايرىيدىغان ئاپپارات ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ ئەمگىكى، ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق بەربات بولغىنىدەك، سەپسەتىنى بازارغا سالغۇچىلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشلىرىنىڭ كارغا كەلمەسلىكى، سۇغا چېلىشىشى، گويا ھەقىقىيدەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان  ساختىلىقلىرىنىڭ يەر بىلەن يەكسان بولۇشى ھەقىقەتنى كۈيلىگۈچى، ساختىلىقنى پاش قىلغۇچى ھەقىقەتسۆيەر ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى ۋە ئەمەلىي خىزمەت، پوزىتسىيەلىرى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى خۇددى ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك «تحريف الغالين وانتحال المبطلين وتأويل الجاهلين (ئاشقۇنلارنىڭ بۇرمىلاشلىرىنى پاش قىلىپ ئوڭشاش، سەپسەتىچىلەرنىڭ يالغان - ياۋىداقلىرىنىڭ ئەپت - بەشىرىسىنى ئېچىش، نادانلارچە دېيىلىۋاتقان جۆيلىمىلەرگە رەددىيە بېرىش)»تۇر. ئىلىم - ئەھلى مەيلى سىياسەت كوچىسىدا كېزىۋاتقان ياكى ئىجتىمائىي ساھەلەر قاينىمىدا يۈرۈۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ئۆزىنى ئىلىم ئەھلى ياكى «ئۆلىما» دەۋاتقان بولسا، مەزكۇر مەسئۇلىيەتلەر ئۇنىڭ ھېچبىر ۋاقىت قېچىپ قۇتۇلالماس مەجبۇرىيىتى، باش تارتىپ بولماس ۋەزىپىسى ۋە بۇرچلىرىدىندۇر.

ھەقىقىيلەر ئارىسىغا ساختىنىڭ قىستۇرۇلۇشى بىر مەسىلە بولغاندەك، ھەقىقىي دەپ قارالغان ئاپپاراتنىڭ بۇزۇلۇشى، ساختا ئاپپاراتقا ئوخشاش سىگنال بېرەلمەس بولۇپ قېلىشىمۇ بىر مەسىلە. بۇزۇق ئاپپارات بۇزۇق بولۇشىغا قارىماي ساختا پۇللارنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىگە، راستنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ئىشلىتىلىۋاتقان بولسا، دېمەك بۇمۇ ئەسلىسىنى ساختىلاشتۇرۇشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان بولىدۇ. يەنى مەزكۇر ساھە ياكى ئۇنىڭ رولىنى ئۆتىگۈچى ۋەزىپىدارلارنىڭ ئەسلىدىكى خىزمەت فۇنكسىيەسىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى ۋە ساختىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

شەيئىنىڭ ئەسلىسى ئورنىغا قىستۇرۇلىۋالغان ساختىنى ئايرىشقا ياردىمى بولىدىغان ياكى بولمىسا ئەسلىدىن ياتلىشىپ ساختىلاشقانلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەلگە - ئالامەتلەر بولغىنىدەك، ئۆلىمالىقنىڭمۇ دىن يۈكلىگەن «ھەقنى بايان قىلىش»، «ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ مالامىتىدىن قورقماسلىق» قاتارلىق بىر قاتار پىرىنسىپال قائىدىلەر، ئەخلاقىي نىزاملار، تەۋەللا - تەبەرراسى ئېنىق بولۇشقا ئوخشاش ئىمانىي خۇسۇسىيەتلەر بار. بۇ پىرىنسىپ ۋە خۇسۇسىيەتلەر ئىلىم ۋە ئۆلىما ئاتىقىنى كىيىۋاتقان توپنىڭ راستى بىلەن ساختىسىنى ئايرىشتا ئۆلچەم خاراكتېرلىك بەلگە، ئالامەتلەردۇر. چۈنكى دىن نەزىرىدە يۇقىرىقىدەك ئالامەتلىرى تېپىلمىغان ئۆلىمالىق قۇرئان تىلىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگىنىدەك: «كىتاب يۈكى ئارتىلغان ئېشەك»تىن پەرقسىزدۇر. (سۈرە جۇمۇئە، 5 - ئايەت)

دىندىكى ئۆلىما مودېلى يالغۇز زېھىندە مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلارنى يىغقان بولۇش، قارىسىغا يادلىغاننى ئەينەن ئوقۇپ بېرىش ياكى كىتابتىن نەقىل قىلىشقا ئۇستا بولۇش ياكى ئوقۇۋالغانلىرىنى شاتۇتىدەك تەكرارلاپ بېرەلەيدىغان بولۇش بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. قانداقتۇر بىرەر ئورۇن ياكى مۇئەسسەسەنىڭ دىپلومىنى بوينىغا ئېسىۋېلىش بىلەنمۇ ھەقىقىي ئۆلىمالىق سالاھىيىتى قولغا كەلمەيدۇ، ھەقىقىي مەنىدىكى لاياقەت ئىگىسى بولغانلىقنىمۇ كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ. ئەكسىچە ئىلىم  ئالىم بولغۇچىنىڭ ئەقلىگە، روھىيىتىگە، ئەمەلىي تۇتۇمى ۋە مەۋقە - مەيدانىغا تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. ئوقۇغانلىرى كۆپ بولغان ئەمەس، ئوقۇغانلىرى ۋۇجۇدىغا سىڭگەن، سىڭدۈرگەنلىرى ۋۇجۇدىنىڭ سىرتىغا، ئىش - ھەرىكىتىگە ئەكس ئەتكەنلەر ھەقىقىي ئىلىم ئەھلى ۋە ئۆلىمادۇر. ئەگەر ئەكس ئەتمىسە ياكى زېھنىدىكى ۋۇجۇد سىرتىغا تەسىر كۆرسەتمىسە، ئەكسىچە دىن ئۇنىڭ ئىككى كالپۇكىدا ئۆز خاھىشى ۋە تاللىشىنى دىنلاشتۇرىدىغان، خالىغانچە قالپاق ياساشلىرىغا سۇيىئىستېمال قىلىدىغان نەرسىسىگە، تاۋارغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن مال باھاسى مىسالى ئىناۋەت ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان دەسمايىسىگە ئايلىنىپ قالسا، بۇ ئىلىمنىڭ ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكۈچى نۇر ئەمەس، بەلكى يۈك بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنىدىن يۇقىرىقىدەك خۇسۇسىيەتلەر كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا، «ئۆلىمالىق» نامى ھەقىقىيلىقتىن ئۆتۈپ مەجازىيلىققا، خاس ۋە تىپىك ئوبرازغا ئەمەس، ۋىۋىسكىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. شەيئىنىڭ ۋەزنى ئۆز قىممىتىگە قاراپ بولغىنىدەك «ئۆلىمالىق»نىڭمۇ ھەم ئۆزىگە تۇشلۇق ۋەزنى بار. ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسلىق مەسئۇلىيىتىنى توشۇغۇچى بولغانلىق ئېتىبارىدىكى ۋەزنىدۇر. ئەگەر ئۆلىمالىق سۈپەت ۋارىسلىق سالاھىيەتكە ئايلانماستىن، نوپۇزنىڭ تونىغا، سۈپەتكە ئەمەس ۋىۋىسكىغا ئايلانسا، بىرىلىرىنىڭ قاش - قاپىقىغا بېقىپ رەڭ ئاچىدىغان ياكى رەڭسىزلىشىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالسا، بۇنى كۆتۈرۈۋالغۇچىلارمۇ ھەقىقىي ئىلىمنى ۋە ھەقىقىي سۈپەتنى ئەمەس، مەجازنى، ساختىلاشتۇرۇلغاننى يۈدۈۋالغان، قەدىرلەشكە ئەرزىگۈدەك ۋەزىننى ئەمەس كۆتۈرەلمىگەننى ساڭگىلىتىش دەرىجىسىدىكى يۈكنى ئارتىۋالغان بولىدۇ. ئۆلىمالىق ئىلىم ئارقىلىق جاھالەت يۈكىنى يەڭگىللەتكۈچى، نادانلىق كۈلپەتلىرىنى ئازايتقۇچى بولۇشى كېرەككى، تەييارتاپ ۋەزخانلار، جاھالەتنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن يايىدىغان جانباقارلار بولماسلىقى لازىم. ئىلمىي ساغلاملىق، پىكرىي مۇستەقىللىقنى ئاساس قىلىشى كېرەككى، سۆزلەۋاتقانلىرى بىلەن ئەمەلىي تۇتۇم ۋە مەيدان - مەۋقەسى ئۆزئارا سىغىشمايدىغان يەكپايلاردىن بولماسلىقى لازىم. ئەكسىچە بولغاندا ۋىۋىسكىلىق ئۆلىمالىقنىڭ ھەقىقىيلىقنى ياقلىغۇچىلار ئالدىدا ساختىلاشقان ئەپت - بەشىرىسى تېزلا چېنىپ قېلىشى، خەلقنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارسىزلىشىشى، يەشكەنسېرى چۇۋۇلىدىغان ماز پاختىغا، دەسسسىگەنچە پېتىقدىلىپ چىققىلى بولماس پاتقاققا، ۋاقتى ئۆتكەنچە دۇغلىشىپ سېسىيدىغان لاتقىغا، چۆرۈپ تاشلاشقا تېگىشلىك ئارتۇقچە يۈككە ئايلىنىپ قېلىشى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ، خالاس! «ئېيتقىنكى، ھەقىقەت كەلدى، (ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن) باتىل يوقالدى. ھەقىقەتەن باتىل يوقۇلۇشقا مەھكۇم بولۇپ كەلگەن ئىدى». (سۈرە ئىسرا، 81 - ئايەت).

-بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى