Jump to content

مەجنۇنتال

ئورنى Wikipedia

مەجنۇنتال تال-تېرەكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى 10 -−20 مېتىر، سۇس سارغۇچ يېشىل ياكى سۇس قىزىل رەڭلىك كىچىك شاخلىرى ئىنچىكە، يۇمشاق بولۇپ، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ ئۆسىدۇ، ئاددىي يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. تار-ئۇزۇن تېمىنە شەكىللىك بولۇپ، ئادەمنىڭ قېشىغا ئوخشايدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

[تەھرىر]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :مەجنۇنتال


تەۋەلىكى :ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى

كەنجى سىنىپى :ئارخىخلامىدالار كەنجى سىنىپى

ئائىلىسى :تېرەك-سۆگەت ئائىلىسى

تۈركىمى :تېرەك-سۆگەت تۈركىمى

ئۇرۇقدېشى :سۆگەت ئۇرۇقدېشى

مەجنۇنتال ھەققىدە

[تەھرىر]

مەجنۇنتالنىڭ قامىتى ئەۋرىشىم، چىرايلىق، شاخلىرى پەسكە ساڭگىلاپ شامالدا ئىرغاڭلاپ تۇرىدۇ، خۇددى يېشىل كىيىملىك قىزچاق ئۇسسۇلغا چۈشۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. كىشىلەرگە باھارنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈپ، گۈزەللىك ھۇزۇرى بېغىشلايدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «قىزچاق دەرەخ» دېيىشىدۇ.

مەجنۇنتال يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، ماسلىشىشچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇپ، كۆپەيتىش ئاسان، ئۆسۈشى تېز، جىنسسىز كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا بىر بۆلەك تال شېخنى سۇندۇرۇپ ئېلىپ يەرگە سانجىپ قويسىلا يىلتىز تارتىپ بىخلىنالايدۇ. «تال چىۋىقنى سانجىپ قويساڭ مۇنداقلا، پاتلا ئولتۇرارسەن سايىسىدا» دېگەن تەمسىل تال دەرىخىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

سىرتقى كۆرىنىشى

[تەھرىر]

مەجنۇنتال تال-تېرەكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى 10 −20 مېتىر، سۇس سارغۇچ يېشىل ياكى سۇس قىزىل رەڭلىك كىچىك شاخلىرى ئىنچىكە، يۇمشاق بولۇپ، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ ئۆسىدۇ، ئاددىي يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. تار-ئۇزۇن تېمىنە شەكىللىك بولۇپ، ئادەمنىڭ قېشىغا ئوخشايدۇ. ئاتىلىق-ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە، پوتلىسىمان گۈل رېتى تىزىقسىمان بولۇپ، تۈكلۈك قۇرتقا ئوخشايدۇ. گۈلى ئوچۇق سېرىق، ئاتىلىق گۈلىنىڭ چاڭدىنى سۇس قىزغۇچ سېرىق، ھەسەل بېزى بار، ھاشارات ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان گۈل. چېچەكلەش مەزگىلى فېۋرال-مارت ئايلىرى بولۇپ، مېۋىسى ئاپرېل ئېيىدا پىشىدۇ، غوزا مېۋىسىدىن ئۇششاق ھەم ئاق رەڭلىك يىپسىمان تىۋىتلىق ئۇرۇقلىرى چېچىلىپ چىقىپ شامالدا لەيلەپ ئۇچىدۇ، مانا بۇ، «ئاسماننى قاپلىغان قار ئۇچقۇنلىرىدەك» سۆگەت توزغىقىدۇر.

ئىشلىتىش قىممىتى

[تەھرىر]

تال دەرىخىنىڭ ياغىچى يېنىك، يۇمشاق، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك ئۆرۈش سىزىقلىرى رەتلىك بولۇپ، ئۆي جاھازلىرى، دېھقانچىلىق سايمانلىرى، پەنەركە، قېرىنداش قاتارلىقلارنى ياساش ۋە قەغەز ئىشلەشنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. تال چىۋىقلىرىدىن ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋە نەپىس ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى توقۇشقا بولىدۇ. شاخ-يوپۇرماقلىرى ھەم يىلتىز قوۋزىقىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، بەلغەم بوشىتىش، شامالداشتىن مۇداپىئەلىنىپ قىزىتمىنى تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈملىرىگە ئىگە.

تال دەرىخى كۆكەرتىش ئاۋانگارتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نەملىككە چىداملىق، بوران-چاپقۇن ۋە دولقۇنلاردىن قورقمايدىغان ئېگىلمەس دەرەخ بولغاچقا، دولقۇندىن مۇداپىئەلىنىپ، تۇغان-قاشلارنى قوغداشتىكى تازا كۆڭۈلدىكىدەك دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ.


مەنبەلەر

[تەھرىر]

    مەنبە:ئىزدە قامۇسى