مەدرەسە مۇستەنسىرىيە

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى مەدرەسە مۇستەنسىرىييە)

مەدرەسە مۇستەنسىرىيە (ئەرەبچە: المدرسة المستنصرية) بىر تارىخى مەدرىسە بولۇپ، بۇگۈنكى ئىراقنىڭ باغداد شەھرىگە جايلاشقان. مەدرىسە مۇستەنسىرىييە ئىلمى قۇرئان، ئىلمى ھەدىس، فىقھە، تېبابەتچىلىك ئىلمى ۋە ئىلمى ھېساب قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىتىشكە زور ئەھمىيەت بەرگەن، خەلىپە مۇستەنسىر فىقھە ئىلىملىرىنى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۈچۈن مەخسۇس بىنا ئاجرىتىپ، ئەھلى سۈننەنىڭ تۆت چوڭ فىقھە مەزھىپىنىڭ كىتابلىرىنى تالىپلارغا ئوقۇتقان، مىلادىيە 1067-يىلى قۇرۇلغان تۇنجى ئىسلام ئالىي بىلىم يۇرتى — نىزامىيە مەدرىسەسى ئەشئەرىيە مەزھىپىنىڭ ئەقىدە ئىلمىنى، شۇنداقلا شافىئىي فىقھە مەزھىپىنىڭ كىتابلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە تەشەببۇس قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەلىم-تەربىيە ۋە نىزام-تۈزۈملىرى كېيىن نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ، جۈملىدىن ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تەقلىد قىلىش ۋە تەتبىقلاش ئۆرنىكى بولۇپ قالغانىدى. 300 يىلغىچە داۋام قىلغان نىزامىيە مەدرىسەسى ئۆزىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى ئىلغار تەجرىبىلىرى بىلەن مىلادىيە 1335-يىلى مۇستەنسىرىييە مەدرىسەسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، خەلىپە مۇستەنسىر بۇ جەھەتتە ياخشى باشلىنىش ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان سالىھىييە مەدرىسەسىمۇ تۆت چوڭ فىقھە مەزھىپىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇتىدىغان بولغان، ئاندىن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خەلىپىسى مۇئتەسىمنىڭ ئايالى مىلادىيە 1251-يىلى مەدرىسە بەشىيرىييەنى قۇرۇپ، ئۇنى مەدرىسە مۇستەنسىرىييەگە قوشۇۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن تۆت چوڭ فىقھە مەزھىپىنىڭ كىتابلىرى ئوقۇتۇلىدىغان مەدرىسەلەر بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلانغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مۇستەنسىرىييە مەدرىسەسى ئىسلام مەدرىسە مائارىپى تارىخىدىكى تۆت چوڭ فىقھە مەزھىپىنىڭ كىتابلىرى تەڭ ئوقۇتۇلۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان تۇنجى ئىسلام مەدرىسەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا مەزكۇر مەدرىسە يەنە تېبابەتچىلىكئىلمى، ئىلمى قۇرئان ۋە ئىلمى ھەدىس ئۈچۈنمۇ ئايرىم ئوقۇتۇش بىنالىرىنى تەسىس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەدرىسە ئىلمى قۇرئان، ئىلمى ھەدىس، تۆت چوڭ فىقھە مەزھىپىنىڭ كىتابلىرى، ئەرەب تىلى، تېبابەتچىلىكئىلمى ۋە ئىلمى ھېساب قاتارلىق ئىلىملەرنى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئۈستىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال مەدرىسە بولۇپ شەكىللىنىپ، ئىلگىرىدىكىدەك تېبابەتچىلىك ئىلمىگە ئايرىم مەدرىسە تەسىس قىلىدىغان ئۇسۇلدىن تۈپتىن پەرقلەنگەن.

مەدرىسە مۇستەنسىرىييەنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسى دۆلەتنىڭ چوڭ ئەربابلىرىدىن مەخسۇس تاللانغان، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئىراق، شام ۋە مىسىردىن كەلگەن چوڭ ئالىم-ئۆلىمالار ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلارغا يەنە ياردەمچى مۇدەررىسلەر تەيىنلەنگەن، تالىپلار مەخسۇس تاللانغان. ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا ھەربىر فىقھە مەزھىپىگە خاس بولغان ئۇستازنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىككى، سول تەرىپىدە ئىككى ياردەمچى مۇدەررىس ئولتۇرىدىغان ھەم ئۇلار ئۇستاز تالىپلارغا ئۆگىتىدىغان فىقھىي بىلىملەرنى تىڭشايدىغان، ئاندىن تالىپلارغا قايتىدىن تەكرارلاپ بېرىدىغان ئۇسۇل قوللىنىلغان. مەدرىسەگە يەنە مەخسۇس تېبابەتخانا قۇرۇلغان بولۇپ، تېبابەتچىلىك ئىلمى ئاشۇ تېبابەتخانىدا نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلۈپ ئوقۇتۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىمارلارنى داۋالاش ئىشلىرىمۇ تەڭ ئېلىپ بېرىلغان.

خەلىپە مۇستەنسىر مەزكۇر مەدرىسە ئۈچۈن زور مەبلەغنى ۋەخپە قىلىپ، تالىپلارنى يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، تۇرمۇش خىراجىتى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگەن، ئالىم-ئۆلىمالار، ئۇستاز-مۇدەررىسلەرنىڭ تۇرمۇش راسخوتى ۋە تۇرالغۇ جايىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققان. خەير-ساخاۋەت ئەربابلىرىمۇ مەدرىسەنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلارنى ۋەخپە قىلىپ، مەدرىسەنىڭ يىللىق كىرىمىنى زور دەرىجە ئاشۇرۇپ بەرگەن. ئېيتىلىشىچە، مەدرىسەنىڭ يىللىق كىرىمى 70 مىڭ مىسقالدىن ئارتۇق ئالتۇن قىممىتىگە يەتكەنىكەن. مەدرىسە مۇستەنسىرىييەدە يەنە مەخسۇس قىرائەتخانا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 80 مىڭدىن ئارتۇق كىتاب ساقلانغان، ئۇستاز-مۇدەررىسلەر ۋە تالىپلارنىڭ بۇ مول بىلىم خەزىنىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرى قىزىقىدىغان ئىلىم-بىلىملەر ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ناھايىتى ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىلگەن.

مەدرىسە مۇستەنسىرىييە مىلادىيە 1233-يىلىدىن 1638-يىلىغىچە بولغان تۆت ئەسىر ئىچىدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ ناھايىتى چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئەمما موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ باغدادقا تاجاۋۇز قىلىشى(مىلادىيە 1258-يىلى) بىلەن مەزكۇر مەدرىسە ئوقۇتۇشنى بىر يىلدەك توختىتىپ قويغان، تېمۇرلەڭنىڭ باغدادقا ئىككى قېتىم تاجاۋۇزچىلىق قىلىشى(مىلادىيە 1392-يىلى ۋە 1400-يىلى) سەۋەبىدىن مۇستەنسىرىييە مەدرىسەسى قاتارلىق مەدرىسەلەر تاقىلىپ، بىرمۇنچىلىغان ئالىم-ئۆلىمالار مىسىر ۋە شام قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىگە كېتىپ قالغان، بىر قىسىم ئەدىبلەر، مېمارچىلار، ئالىم-ئۆلىمالار تېمۇرلەڭنىڭ قوشۇنى بىلەن سەمەرقەندكە ئېلىپ كېتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەدرىسەدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئىككى ئەسىرچە توختاپ قېلىپ، مىلادىيە 1589-يىلىغا كەلگەندە قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، مىلادىيە 1638-يىلىغا كەلگەندە رەسمىي تاقالغان.

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئادىل ھاجى كېرىم، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.