مەردانە ياشا، بالام
مەردانە ياشا، بالام
ئەخمەت ئىمىن
ئاڭلىدىم، ئىش ئورنۇڭدىن قالدۇرۇلۇپسەن، بالام.
لېكىن، مەيۈسلەنمە. سەن: «كۈندە ئەتىگەندە ئىدارىگە بارىمەن، كەچتە ئۆيگە قايتىمەن، كۈنۈم شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋېرىدۇ» دەپ ئويلىغانمىدىڭ؟ ھاياتنىڭ ھەمىشە بىر خىل رەۋىشتە ئۆتمەيدىغانلىقىنى مەن دېمىسەممۇ، ھازىر سەن دۇچ كەلگەن رېئاللىق ساڭا دەپ بولدى. راست، ساڭا كۈلۈپ قارىمىدى، لېكىن سەن رېئاللىققا كۈلۈپ قاراشنى ئۆگىنىۋال، ئاچچىق كۈلسەڭمۇ مەيلى، ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭدىن ئاچچىق ساۋاقنى يەكۈنلىۋالارسەن. مەن ئوڭۇشسىزلىققا ئوچرىغاندا، دادام ئەجەب كۈلۈشنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرىدۇغۇ، دەپ ئەجەبلىنىۋاتامسەن؟ بۇنىڭغا جاۋابىم مۇنداق:
كۈلكە – ھاياتقا مۇھەببەت قوزغايدىغان ئامىل؛ كۈلكە – بوشاشقانغا كۈچ بەرگۈچى.
بىر چاغلاردا ساڭا، ئىنسانغا تۇغۇلۇشىدىمۇ يىغا، ئۆلۈشىدىمۇ يىغا ھەمراھ بولىدۇ، پەقەت ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىلا كۈلكە ھەمراھ بولۇشى كېرەك، دېگەنىدىم. بۇ «ئىنسان مەۋجۇتلا بولۇپ تۇرىدىكەن، كۈلۈپ ياشىشى، ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشى كېرەك» دېگىنىم. ئىنسان خۇشاللىققا موھتاج، سەنمۇ شۇنداق، ھەممەيلەن شۇنداق. خۇشخۇي، خۇشال يۈرىدىغان ئادەملەرگە قارا، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئادەملەر نېمانداق جىق، ئۇلارغا ئەگىشىدىغانلار نېمانداق كۆپ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ خۇشاللىققا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى قاندۇرىدۇ. دەردمەنلەر كۆپىنچە تەنھالىق ئىچىدە قالىدۇ، مەن سېنى تەنھالىق ئىچىدە قالدۇرماسلىق ئۈچۈن بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن، بالام.
تەنھالىقتا ئولتۇرىۋەرسەڭ، دەرد چېكىۋەرسەڭ، بېشىڭنى كۆتۈرەلمەي قالىسەن. بېشىڭنى كۆتۈر، ئەتراپىڭغا باق، ساڭا ئىلھام ۋە مەدەت بېغىشلايدىغان نەرسە ئەتراپىڭدا كۆپ. شوتلاندىيە باتۇرىنىڭ مۇنۇ ھېكايىسىنى ئاڭلىغانمىدىڭ: ئۇ دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ يېڭىلىپتۇ، تەڭسىز جەڭدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ بىر ئەسكى ئۆيگە كىرىپ يوشۇرۇنۇپتۇ. ئۇ ئويلاپتۇ، دۈشمەنلىرىنى ئويلاپتۇ، ئۆزلىرىنى ئويلاپتۇ، ئۆزىنى ئويلاپتۇ، قايتا - قايتا يېڭىلگىنىنى ئويلاپتۇ. ئويلا - ئويلا، ئوي - خىيالنىڭ ئاخىرىغا چىقالماي، ئاخىر چارچاپ ئوخلاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەن ئەسكى ئۆيگە كۈن چۈشكەندە كۆزىنى ئېچىپتۇ، قانداقتۇر بىر خىل ئۈمىدسىزلىك ۋە گاڭگىراش ئىچىدە ئەتراپىغا قاراپتۇ، تورۇسقىمۇ قاراپتۇ. تورۇستا لەيلەپ تۇرغان بىر تال تور ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. ئۆمۈچۈك تور تارتىۋاتقانىكەن، بىر قېتىم تارتىپتۇ، لېكىن قاملاشماپتۇ؛ ئىككى قېتىم تارتىپتۇ، يەنە بولماپتۇ؛ ئۈچ قېتىم، تۆت قېتىم، بەش قېتىم، ھەتتا ئالتە قېتىمدىمۇ تور يەنە ئۈزۈك پېتى تورۇستا لەيلەپ تۇرۇپتۇ. ئۇ ئۆمۈچۈك يەتتىنچى قېتىم يەنە ئەجىر قىپتۇ، بۇ قېتىم ئۇ مەقسىتىگە يېتىپتۇ: تور ئىككى تال چەنزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا رەسمىي تارتىلىپتۇ. شوتلاندىيە باتۇرى ئۆمۈچۈكتىن كۆزىنى ئۈزمەي ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپتۇ ۋە شۇ تۇرغىنىچە نۇرغۇن يىللار كۈرەش قىلىپ، ئاخىر ئەركىن شوتلاندىيەنىڭ پادىشاھى بولۇپتۇ... ئۇ ئۆمۈچۈكتىن نېمىنى بايقىغان، بىلەمسەن، بالام؟ ئۇ چىدام، غەيرەتنىڭ نېمىلىكىنى بايقىغان! ئىرادىنىڭ نېمىلىكىنى بايقىغان! ئۆمۈچۈك تەكرار مەغلۇبىيەت ئالدىدا روھسىزلانمىغان، بەل قويۇۋەتمىگەن، نىيىتىدىن يانمىغان، ئاخىر مەقسىتىگە يەتكەن.
شۇڭا، ساڭا دەيدىغىنىم: ھاياتلىق يولۇڭنى مەردانىلىك بىلەن داۋاملاشتۇر.
ھاياتلىق يولى پايانداز سېلىنغان شاھانە يول ئەمەس. بۇ يولنىڭ پۇتلىرىڭنى قانىتىدىغان ئۇچلۇق شېغىل - تاشلىرى بار، تاپىنىڭغا سانجىلىدىغان شوخا - تىكەنلىرى بار، ئۈستىباشلىرىڭغا چاچرايدىغان لاي - پاتقاقلىرى، دىققەت قىلمىساڭ، موللاق ئاتقۇزۇۋېتىدىغان ئوي - ئازگاللىرى بار.
ئېھتىياتچان بول، لېكىن بىقارار بولما. دەرھال قارار چىقىرىش زۆرۈر بولغان چاغلاردا، «كۆمسەم پىشارمىكىن، ياپسام تۇتارمىكىن» دەپ تولا ئىككىلىنىپ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويما.
ھوشيار بول، لېكىن زىنھار گۇمانخور بولما. گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ. بۇ «زىيادە گۇمانلىنىپ ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويما» دېگەنلىك؛ بۇ «قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەننى ئويلىماي، قانداق قىلسا بولىدۇ؟ دېگەننى كۆپ ئويلا» دېگەنلىك.
سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلا، لېكىن خىيالپەرەس بولما؛ غايىلىك بول، لېكىن قۇرۇق ئارزۇ بىلەن چۈشىلىپ قالما. پىكىرلىك بولۇش بىلەن قۇرۇق خىيالنىڭ پەرقى پەقەت ئۇنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش - بولماسلىقىدىلا.
ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەۋەككۈلچىلىك قارىماققا قارىمۇقارشىدەك تۇرسىمۇ، لېكىن ئىككىسىنىڭ ھەمجەھەتلىكى ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. مەن ئۇ ئىككىسىنى ئاستىنقى چىش بىلەن ئۈستۈنكى چىشقا ئوخشىتىمەن. ئاستى - ئۈستى چىش تەڭ ھەرىكەتكە كەلمىگۈچە، ھېچنېمىنى چىشلەپ يېگىلى بولمايدۇ.
بالام، بۇ دۇنيا رىقابەت دۇنياسى، ئاجىزلار ھامان شاللىنىدۇ، كۈچلۈكلەر مۇقەررەر تاللىنىدۇ. لېكىن ئاجىزلىقمۇ، كۈچلۈكلۈكمۇ نىسپىي بولىدۇ. ئاجىز ئاجىزلىقىغا تەن بەرمەي تىرىشىۋەرسە، كۈچلۈككە ئايلىنىدۇ؛ كۈچلۈكلەر كۈچلۈكلۈكىگە قانائەت قىلىپ بىر ئىزدا توختاپ قالسا، ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. مەسىلە تىرىشىشتا، توختىماي تىرىشىشتا، سەن ھازىر ئۆزۈڭنى ئاجىز چاغلاۋاتىسەن، لېكىن سەن راستىنلا ئاجىزمۇ؟
دېڭىزچىلارنىڭ بىر ھېكايىسى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ، ئاڭلاپ تۇر:
دېڭىزدا بىر ماتروس كاپىتان بىلەن قىزىرىشىپ قاپتۇ، كاپىتان غەزەپلىنىپ ئۇ ماتروسنى پاراخوتتىن قوغلىۋېتىپتۇ. بۇ چاغدا قىرغاق تېخى يىراق ئىكەن. ماتروس بىر قولۋاققا ئولتۇرۇپ كومپاس بويىچە بەلگىلىۋالغان نامەلۇم قىرغاققا قاراپ ئۈزۈپتۇ، ئۇ يول بويى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلاپتۇ، ئۆزىنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئىشتىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئىچى ئېچىشىپتۇ. بىرھازادىن كېيىن دېڭىزدا دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ ئۇنىڭ قولۋىقىنى ئاغدۇرۇۋېتىپتۇ. ئۇ قىرغاققا قاراپ ئۈزۈپتۇ، دولقۇن بىلەن ھەپىلىشىپ بەزىدە چۆكۈپتۇ، بەزىدە لەيلەپتۇ، ئاشۇنداق چۆكۈشلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز دېڭىز ئاستىدىن بىر نېمە بايقاپتۇ. شۇ ھامان ئۇنىڭغا مۇنداق بىر خىيال كەپتۇ: «مۇشۇ چۆككىنىمچە بېرىپ ئۇنى قولۇمغا ئېلىپ باقاي، يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم». ئۇ غەيرەت بىلەن دېڭىز ئاستىغا شۇڭغۇپ ھېلىقى نەرسىنى قولىغا ئېلىپ قارىسا، ئۇ ئالامەت يوغان بىر گۆھەر ئىكەن. ئۇ گۆھەرنى قولىغا ئېلىپ سۇ ئۈستىگە ئۆرلەپتۇ. كەينى – كەينىدىن ئۇرۇلغان دولقۇنلار ئۇنى ئالغا سىلجىتىپ قىرغاققا چىقىرىپ قويۇپتۇ. ئۇ شۇ گۆھەر بىلەن كاتتا بايغا ئايلانغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنى زىيارەت قىلىپ كەپتۇ. ئۇ چوڭقۇر ئويلانغان ھالدا: «مەن ئالدى بىلەن كاپىتانغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئەگەر ئۇ مېنى قوغلىۋەتمىگەن بولسا، ماڭا ئۇنداق دېڭىزدا ئۈزۈش پۇرسىتى بولمىغان بولاتتى؛ ئاندىن مەن دولقۇنلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، دولقۇنلارنىڭ زەربىسى بولمىسا، دېڭىز ئاستىغا چۆكمەيتتىم، گۆھەرگىمۇ ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم؛ يەنە شۇ دولقۇنلارنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، قىرغاققىمۇ يېتەلمىگەن بولاتتىم. مەن پۇرسەت دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ئەمدى بىلدىم. پۇرسەت – كېمىدىن ھەيدىلىش ئىكەن» دەپتۇ.
بۇ ھېكايىدىن نېمىنى چۈشەندىڭ، بالام؟ ئادەم غەيرەت - شىجائىتىنى يوقاتمىسا، تەۋەككۈلچىلىك روھىنى يوقاتمىسا، ئۇنىڭغا پۇرسەت ھامان تېپىلىدۇ. تىرىكچىلىك پۇرسىتى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتى ھەممىلا جايدا بار. ئۇ پەقەت تىرىشچانلارغىلا مەنسۇپ، جۇشقۇنلارغىلا مەنسۇپ. يىگىرمە يىللاپ ئوقۇپ مۇقىم ئىش ئورنى تاپالمىسىمۇ، ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي، مەكتەپتە ئۆگەنگەن چەت ئەل تىلى بىلىمى بويىچە كۇرس ئېچىپ بېيىپ كەتكەنلەرنىمۇ كۆرۈۋاتىسەنغۇ؟ مۇقىم ئىش ئورنىنى ئۆزلىكىدىن تاشلاپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكىلەپ كۈندىن - كۈنگە روناق تېپىپ كېتىۋاتقانلارنىمۇ كۆرۈۋاتىسەنغۇ؟ دېمەك، جەمئىيەتتە كېمىدىن ھەيدەلگەنلەرمۇ بار، كېمىدىن ئۆزلۈكىدىن ئايرىلغانلارمۇ بار، كېمىگە يېقىن يولىيالمىغانلارمۇ بار، لېكىن ھەممىسى ياشاۋاتىدۇ، سەنمۇ ياشىشىڭ كېرەك، لېكىن مەردانە ياشىشىڭ كېرەك.
كىشىلەرنىڭ كۆزىگە تەلمۈرمە، دۇنيادا تەمەخورلۇقتىن يامان نەرسە يوق. «ھەق شەيدۇللا» دەپ قول سوزغان كىشىلا دىۋانە ئەمەس، يەنە تەمەخورمۇ ئەڭ چوڭ دىۋانە، لېكىن ئۇ ئۆزىنى سىپتا نىقابلىۋالغان دىۋانە.
خۇشامەتچى بولما، ئۇ قەدىر - قىممىتىڭنى يوقىتىدۇ. قەدرىنى يوقاتقان ئادەم غۇرۇرىدىن ئايرىلىدۇ. غۇرۇرسىز ئادەم – ئۇستىخانسىز قۇرت. لۆمشۈك نىجاسەت قۇرتى ھامان كىشىلەر ئايىغىدا يانجىلىشقا مەھكۇم.
دوستلۇققا خىيانەت قىلما. بەزىدە سەمىمىيلىك ھارامزادىلىكنىڭ، سادىقلىق قارا نىيەتلىكنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىسىمۇ، لېكىن سەمىمىيلىك، ساداقەتلىك ھامان ئالتۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇ توپا - چاڭ ئاستىدىمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتمايدۇ.
دۇنيادا ئۆزىنى ئويلىمايدىغان ھاياتلىق ئىگىسى بولمايدۇ. بۇنى ياشاش زۆرۈرىيىتى بەلگىلىگەن، لېكىن بۇ تۈپەيلى ھەرگىز شەخسىيەتچى بولۇپ قالما. بارلىق ئىشتا ھېچكىمگە، ھېچنېمىگە ئېتىبار بەرمەي ئۆزىنىلا ئويلاش، ئۆز مەنپەئەتىنىلا ئويلاش ئادەمنى كىشىلەر نەزىرىدىن چۈشۈرۈۋېتىدۇ. ئىنتايىن شەخسىيەتچى ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كەلگەندە يامان يولدا ماڭماي قالمايدۇ. بۇ ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان نەپسانىيەتچىلىكنىڭ ئاقىۋىتى، شۇڭا نەپسانىيەتچىلىك چىرمىۋالغان ئادەم خۇددى بوينى باغلاقلىق ئىت، كۆرگەنگە كاڭشىپ قاۋايدىغان، بىر تال سۆڭەك تاشلاپ بەرسە توختايدىغان؛ باغلاقتىن قويۇپ بەرسە، قىلچە گۇناھى يوق ئادەمنىڭ پاچىقىدىن چىشلەيدىغان.
توغرا يولدىن ئازما، مەلئۇنلۇق يولىغا ماڭما، مەيلى ئەڭ يېقىن ئادىمىڭ ئۇ يولدا ماڭغان بولسىمۇ، مەيلى ئەڭ ئىشەنگەن ئادىمىڭ ئۇ يولدا ماڭغان بولسىمۇ، ھەتتا ئەتراپىڭدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ يولدا ماڭغان بولسىمۇ. كۆپچىلىك ئېيتقان سۆزنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ دۇرۇس بولۇپ كېتىشى، كۆپچىلىك ماڭغان يولنىڭ ھەرقاندىقىلا توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن. دۇنيادا نۇرغۇن توغرا يوللار ئەڭ دەسلەپتە ئىنتايىن ئاز ئادەملەرنىڭ مېڭىشى بىلەن ئېچىلغان. ئېسىڭدە بولسۇن، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «كۆپچىلىك» ئىنسانىيەت ئۇقۇمىنىڭ ئالدىدا يەنىلا زەررىچە نەرسە.
ماڭغان يولۇڭ توغرا بولسىلا، مەيلى ئۇ يولدا ماڭغانلار ئاز بولسىمۇ، ھەتتا بولمىسىمۇ، يولۇڭدىن يانما. ئون ئادەم قارشى چىقسىمۇ مەيلى، يۈزى قارشى چىقسىمۇ مەيلى، ئەتراپىڭدىلەرنىڭ ھەممىسى قارشى چىقسىمۇ مەيلى، توغرا يولۇڭدىن ھەرگىز يانما. مەيلى ئۇ بارسا كېلەر يول بولسىمۇ؛ بارسا كېلەر، يا كەلمەس يول بولسىمۇ؛ ھەتتا بارسا كەلمەس يول بولسىمۇ. نۇرغۇن مۆجىزىلەر بارسا كەلمەس يولدا بايقالغان.
بالام، ساڭا قىسقىچە دەيدىغانلىرىم مۇشۇ. ئاخىرىدا يەنە تەكىتلەيدىغىنىم: ياشا، لېكىن مەردانە ياشا!
2002 - يىلى 3 - ئاي
(ئەخمەت ئىمىن: «سۆيىمەن سېنى دۇنيا»، 1 - قىسىم، 653 – 659 - بەتلەر)