Jump to content

مەردلىكنىڭ بازىرى كاساتلاشتىمۇ؟

ئورنى Wikipedia

مەردلىكنىڭ بازىرى كاساتلاشتىمۇ؟

1

بىر توپلۇم مۇئەييەن نىزام ۋە تەرتىپ ئىچىدە پائالىيەت قىلىش باسقۇچىغا ئۆتمىگەندە مەزكۇر توپلۇم ئەزالىرى ئارىسىدا ئۇلارنىڭ تۈرلۈك كۆز قاراش، يۆنىلىشكە ئىگە بولۇش ۋە پەرقلىق ئېقىملارغا تەۋە بولۇش ئېتىبارى بىلەن ئارىلىرىدا تۈرلۈك تارتىشمىلارنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى، شەخسلەر ياكى كوللېكتىپ ئارا ئىچكى سۈركىلىشلەرنىڭ، نىزالارنىڭ تۇغۇلۇپ تۇرۇشى، يىغىلىپ قالغان قورساق ئۇرۇشۇشلىرىنىڭ بەلگىلىك نۇقتىغا يەتكەندە پارتلاپ تۇرۇشى ساقلانغىلى بولمايدىغان ھادىسىلەردىندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر ئىشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، جەريانى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ يەنە كۆرۈنگەن ۋە كۆرۈنمىگەن يۈزىمۇ بولىدۇ. كۆرۈنگەن يۈزى ھەر تەرەپنىڭ ئىددىئالىرى ئاساسىدا پەرقلىق ئىزاھلىنىشى، پەرقلىق مۇددىئالار ئاساسىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى تەبىئىي. لېكىن بەزى ھادىسىلەر باركى، كۆرۈنگەن يۈزىمۇ، كۆرۈنمىگەن يۈزىمۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىدىن بۇرۇۋېتىلىدۇ، مەسىلىنىڭ خاراكتېرى مۇئەييەن گۇمان ۋە قارىسىغا ئىددىئا قىلىش ئاساسىدا توپلۇمنى مەسىلىنىڭ گۇۋاھچىلىرى قىلىش ياكى ئۇلارنى ۋاقىپلاندۇرۇش باھانىسىدە شەخسىي ئاچچىقنى جامائەت نەپرىتىگە سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق چىقىرىشقا يۈزلەندۈرۈلىدۇ. تېخى يېقىندىلا تۆر تالىشىش جېدىلىدىن كېلىپ چىققان «كۆزگە ياغاچ تىقىش» ۋەقەسىنى بۇنىڭ مىساللىرىدىن دېيىشكە بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى مەسىلە بىرىنىڭ يەنە بىراۋلار بىلەن بولغان سۈركىلىشىشى ياكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىگە قىر كۆرسىتىشى ۋە ئۆزىنىڭ گېپىنى گەپ ئېتىش يولىدىكى تىركىشىشىنىڭ ۋەقە تۇغدۇرۇش دەرىجىسىگە بېرىشىلا ئەمەس. شۇنداقلا مەسىلە ۋەقە تۇغدۇرغۇچى بىلەن يارىدار بولغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى دەۋا دەستۇرنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدا جەريان قىلىش بىلەن چەكلىنىش ياكى چەكلەنمەسلىكىمۇ ئەمەس. بەلكى مەسىلە يارىلانغۇچىنىڭ بىردىنلا شەخستىن ئالغان زەربىنى كوللېكتىپقا دۆڭگىشى، ئۆزىنى ھەقلىق چىقىرىش يولىدا يارىدار قىلغۇچىنى بىرىنىڭ پېشكىسى قىلىپ، ئۇنىڭ تەلىماتى بىلەن قىلغان قىلىپ كۆرسىتىشى، قانداقتۇر بۇرۇنلاردا ھەمدەستىخانلىق ياكى سەپ ئايرىپ ماي تارتىشىشلارنىڭ ئالدى - كەينىدىكى كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن، قورساقتا غۇم بولۇپ ساقلىنىپ قالغان ئىشلارنى خەلقنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا سۇيىئىستېمال قىلىدىغان تەرزدە ئوتتۇرىغا سۆرەپ چىقىشى ۋە بۇنى ئۆزى سۈركىلىشىش جەريانىدا تارتىۋالغان ئەزىيىتىگە سۇيىئىستېمال قىلىپ قوللىنىشى قاتارلىق ناخۇشلۇقلاردۇر. بولۇپمۇ يارىدار بولغۇچىنىڭ بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن قارشى تەرەپ تەشكىلات ھەققىدىكى ئەينى چاغدا كۆرگەن ۋە بىلگەن خاتالىق ياكى ئۆزى ئىددىئا قىلىۋاتقان ياڭلىشلىقلارنى لىللا تەنقىد قىلىشى مەسئۇلىيەت، پاش قىلىشقا تېگىشلىكنى ئۆز ۋاقتىدا پاش قىلىشى زىيالىيلىق بۇرچ بولۇشىغا قارىماي سۈكۈتنى تاللاپ كۆز يۇمغانلىقى، بۈگۈنكى ئۆزى زەربە يەيدىغان چاغقا كەلگەندە كونا ئادىتى بويىچە ئاۋۋال ماسلىشىپ مەلۇم نۇقتىغۇچە دوست تارتىشىپ ماسلىشىش، كېيىن چىقىشالمىغاندا، زىيان بېشىغا كەلگەندە، باشتىكى ئىشپەش تارتىشىشتا ئۈنگە ئېلىۋالغان ياكى خاتىرىلەپ قويغانلىرى بىلەن تەھدىد سېلىپ ئۆزىنى ئەلجامائەتكە قەھرىمان ياكى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغۇچى قىلىپ كۆرسىتىش، ئەتراپىغا ھېسداشچى توپلاش تىپىدىكى ئادەتلىنىپ كەتكەن كونا ئۇسۇل بويىچە قارشىسىدىكى توپ ياكى تەشكىلاتقا «چاۋاڭنى چىتقا يايىمەن، بۇرۇن دېمىگەنلىرىمنى ئەمدى دەيمەن» ئۇسۇلىدا سەكرەپ چىقىشى كىشىنى تەئەججۈپكە سالىدۇ. يەنە كېلىپ شەخستىن ئالغان زەربىنى تۇتقا قىلىپ ۋەقەنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقىنى نەق مەيداندا ئەمەسلەرگىمۇ دۆڭگىشى، ئۆز گۇمانىنى ھۆكۈم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ مەسىلىنى كوللېكتىپقا، ياكى قارشىسىدىكى تەشكىلاتقا ئارتىشى قانچە بىمەنىلىك ۋە ئۇششۇقلۇق بولغان بولسا، بۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ جامائەت پىكرى توپلاشقا ئەسقاتىدىغان يوللارغا باش ئۇرۇپ ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ھېسداشچىلارنى كۆپەيتىشكە يارايدىغان تۈستە ئاڭلىتىش ئارقىلىق كونا - يېڭى رەقىبلەرنىڭ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشلىرىغا ۋەسىيلە بولۇشى، ئۆز ئىددىئاسى ئۈچۈن چاۋاك چالغۇچىلارنى ئاۋۇتۇشقا زورۇقۇشى قاتارلىقلارنىمۇ مەردلىككە، مۇرۇۋۋەتكە، ئەقەللىسى زىيالىيلىق ئەخلاقىغا ئۇيغۇن دېگىلى بولمايدۇ.

تەرەپلەر ئارا سۈركلىشىش يۈز بېرىپ، مەيلى بۇ سۈركىلىشىشنى كىم باشلاتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۈركىلىشىشلەردىن بىرەر ۋەقە كېلىپ چىققان بولسا، ۋەقە سەۋەبلىك قانۇن ئورۇنلىرىغا شىكايەت قىلىنغان بولسا، ئىشنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۆلىمى ياكى جازاسى شىكايەت ۋە دېلو تۇرغۇزۇش ئاساسىدا زىيان - زەخمەتنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمى مەسىلىنى ئايرىشقا يېتەرلىك بولىدۇ ۋە شۇ ئاساستا مەسىلىنىڭ يارىدار بولغۇچى ۋە يارىلانغۇچى ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىنىشى كېرەك بولىدۇ. مەسىلىنىڭ قانۇنىي تەرىپى مۇشۇ تەرزدە ئىككى تەرەپنىڭ ياكى ئىككى شەخسنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا كۇپايە. ھالبۇكى بۇ مەسىلىدە كىم كىمگە نېمە دېگەن، ياكى كىم كىمگە زوتالىق قىلغان ياكى ئاتىكاچىلىقلارغا قارىتا قوپال ياكى يۇمشاق مۇئامىلە قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەسىلە مەزكۇر سۈركىلىشىش ياكى تارتىشمىلاردىن تەرەققىي قىلىپ ۋەقە تۇغدۇرۇشقا تەرەققىي قىلغان، سەلبىي ھادىسە كېلىپ چىققان بولسا، مەسىلىنىڭ جاۋابكارلىقى ئاشۇ سۈركىلىشىشىتىكى شەخس ياكى شەخسلەر ۋە ۋەقە تۇغدۇرغۇچى شەخس دائىرىسىدىن ھالقىماسلىقى زۆرۈر. ناۋادا بىر تەشكىلات بېشى ياكى بىر كوللېكتىپنىڭ كاتتىبېىشى (ۋەقەنىڭ ئۈستىدە يوق بولۇشىغا قارىماي) تەرىپىدىن ھەقىقەتەن ۋەقە تۇغدۇرۇشقا ياكى بىرىنى كالتەكلەش ھەققىدە بۇيرۇق ياكى تەلىمات سوققانلىقى ئېنىق پاكىتلىق بولسا، ئاندىن مەسىلىنىڭ باش ئۇچى ئۇنىڭغا ياكى ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى تەشكىلاتقا ھالقىسا ئۇنىڭ يولى باشقا. ئۇنداق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يالغۇز تاياق يىگۈچىنىڭ مۇئەييەن توپ ياكى تەشكىلاتقا مەنسۇپ بىرى تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچرىتىلىشىنى باھانە قىلىپ پاكىتسىز ھالدا تەشكىلات ۋە كاتتىباشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توپنى ئۆزىنى ئۇرغانلىق ياكى ئۇرغۇزغانلىق بىلەن ئىتتىھام قىلىشى، قانداقتۇر نەچچە ۋاقىتتىن بېرىقى مۇناسىۋەت يىرىكلىكلىرىنى، ياكى ئۆزلىرى بىلىشىدىغان قورساق ئۇرۇشۇشلىرىنى ئۆزىنىڭ غەرىزىگە يارايدىغان، ھېسداشلىق قوزغايدىغان دەرىجىدە ئورتىغا تۆكۈشى، ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئاۋۋالقى ياپتى ئۇچۇرلارنى پاكىت ۋە دەلىل قىلىپ كۆرسىتىپ جامائەت پىكرىنى قوزغاشقا تۇتۇنۇشى ئىنسابقىمۇ، دەۋا - شىكايەت قائىدىسىگىمۇ يات قىلمىشتۇر. چۈنكى، دەۋا - شىكايەتنىڭ ئەقەللىي قائىدىسى «البينة على المدعى»، يەنى دەۋاگەر بىر ئەيىبنامىنى ياكى ئىتتىھام ۋەياكى شىكايەتنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان ئىكەن پاكىت كەلتۈرۈشى شەرت. ئۇنداق بولمىغاندا، خۇددى مۇجتەھىد ۋە مۇجەددىد ئىماملاردىن ئىمام ئىبنى دەقىقىل ئىيىد يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ ئىزاھاتىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىدەك: «بىرلا تەرەپنىڭ ئىددىئاسىغا بېقىپ ياكى شۇنىڭلا ئاڭلىتىشىنى ئاساس قىلىپ ھۆكۈم قىلماسلىق»، مەسىلىگە بىر تەرەپنىڭ ئاڭلىتىشىغا قاراپ باھا پىچماسلىق شەرئىي ۋە قانۇنىي تەقەززادۇر. ھالبۇكى، مەزكۇر ۋەقە ئىشىدا ئەيىبلەنگەن تەشكىلات مەنسۇبلىرىمۇ، نەق مەيدان شاھىتلارمۇ بۇ ئىشتا تەشكىلىي ئادەم ئۇرغۇزۇشنىڭ بولغانلىقىنى رەت قىلىشتى. بەلكى مەسىلىنىڭ ئادەم زەخمىلەندۈرۈش دەرىجىسىگە بېرىشتەك جىنايەت ياكى خاتالىقنىڭ سادىر بولۇشىنى تەشكىلات مەنسۇبلىرىنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئورتاق ئاۋازدا ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى، يارىدار بولغۇچىنىڭ قانۇنىي يول بىلەن ھەققىنى مۇداپىئە قىلىش ھەققى بارلىقىنى تەرەپ - تەرەپتىن ئىپادىلەشتى. يارىدار قىلغۇچى شەخسمۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن قىلغانلىقىنى، قىلغان ئىشىغا ئۆزى ئىگە ئىكەنلىكىنى، بىرىنىڭ بۇيرىقىغا ئاساسلىنىپ ئادەم زەخمىلەندۈرىدىغان بالا ياشتىكى بىرى ئەمەسلىكىنىمۇ تەكىتلىدى. بۇنداق ئەھۋالدا بۇنىڭغا قارشى ئىددىئالارنى تۆكۈپ كەلگەن ۋە زىيان - زەخمەتنى تەشكىلات بېشى ياكى تەشكىلات مەنسۇبلىرى بىر بولۇپ قىلغۇزغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان يارىدارنىڭ ياكى زىيانلانغۇچىنىڭ ئىشى نېمە بولۇشى كېرەك؟ چوقۇمكى، ئۆزىنى زەخمىلەندۈرۈشكە بۇيرۇق بەرگەنلىككە ياكى ئۇرغۇزۇشقا بۇيرۇغانلىقنى دەلىللەيدىغان ئېنىق پاكىتنى كەلتۈرۈشى كېرەك. لېكىن يارىدار بۇنى قىلالىدىمۇ، ئەلۋەتتە ئۇنداق قىلالمىدى. ئەكسىچە شەخستىن كەلگەن زەربىنى كوللېكتىپقا ياكى تەشكىلاتقا پاكىتسىز دۆڭگەش ۋە بۇنى ئۇلار ئۆز ئۈستىگە ئالمىغىنىدا قانداقتۇر بۇندىن بۇرۇن ئۆزى كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن يوچۇقلىرىنى خەلقىئالەمگە يايىدىغانلىق بىلەن تەھدىد قىلىپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. زىيانلانغانلىقنى تۇتقا قىلىپ ئۆزى دەلىل كەلتۈرەلمەيدىغان بىر ئىشتا قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋالغان كۆرۈنۈشنى ۋە ئۇنىڭ يوچۇقىنى ئاشكارىلايدىغانلىق بىلەن تەھدىد سېلىشنى، تەھدىدكە زورلاپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ پاكىتسىز دەۋاسىنى ھەقلىق چىقىرىش يولىدا قارشى تەرەپنىڭ ئۆزى دەۋاتقان ئىددىئالارنى بوينىغا ئېلىشقا قىستاش شەكلىدىكى چاقىرىقلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قانداقمۇ زىدىيەتلىشىش مەنتىقىسىگە، دەۋا - دەستۇر قائىدىسىگە ئۇيغۇن دېگىلى بولسۇن؟! ئۆزىگە زەربە كەلمىگۈچە مىللەتكە ياكى خەلققە قىلىنىۋاتقان ناھەقچىلىقلارنى ۋە پاش قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ۋاقتى زامانىدا يۇشۇرالايدىغان، ھەققانىي تۈردە ئۆز زامانىدا تەنقىد قىلىشتا كۆز يۇمۇۋالىدىغان، تاياق نۆۋىتى ئۆزىگە كەلگەندە، زىيانلانغاندا ئاندىن پاش قىلىش، زۇۋان سۈرۈپ رەسۋا قىلىدىغانلىقىنى جار سېلىش ئارقىلىق سۈنئىي جامائەت پىكرى توپلاشقا ئۇرۇنىدىغان، تۇغدۇرۇلغان ۋەقەگە تەشكىلاتنىڭ بۇيرۇق بەرگەنلىكىگە دائىر پاكىت كەلتۈرەلمىگەننى ئاز دەپ، ئۇلارنى زورىغا «بىز ئۇرغۇزدۇق» دېيىشى ئۈچۈن نەچچە ۋاقىتتىن بېرىقى يېپىپ قويغان دەپتەرنى ئاچىدىغانلىق بىلەن تەھدىد سېلىپ يۈرىدىغان بىر زېھنىيەتنى قانداقمۇ زىيالىيلىق ئەخلاقىغا رىئايە قىلغۇچى، زىممىسىدىكى زىيالىيلىق بۇرچقا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچى، مەردلىككە، مۇرۇۋۋەتكە ئۇيغۇن زېھنىيەت دېگىلى بولىدۇ؟! «مېنى چاقمىغان يىلان مىڭ يىل ياشىسۇن»، مەنتىقىسى بويىچە نەچچە ۋاقىتتىن ھەر تۈرلۈك تۆرەلمە سالاچىلىقنى ياشاپ، يېرىكلەشمىگەندە يېپىشقا بولمايدىغان ئەيىپلەرنىمۇ يېپىپ ياكى سۈكۈتتە تۇرۇپ، زەربە ئۆزىگە كەلگەندە بولسا، شەخستىن ئالىدىغان ئاچچىقنى ھەممىگە تەڭ پۈركۈپ دەلىلسىز ۋە پاكىتسىز ئىددىئالار بىلەن جامائەت پىكرى ياساپ ئۆچ ئېلىشتەك تەنتەكلىكلەرنىڭ كۈنىمىزدە ئىلىم ئەھلى دېيىلىۋاتقانلار ئارا يۈز بېرىۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ بۇنداق «كۆپەپ يېتىۋېلىش» تىپىدىكى پاسسىپلىقنىڭ ئۆزىنى دىنىي زىيالىي دەپ ئاتاۋاتقانلاردىن يۈز بېرىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭغا تەڭكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلىشى، ھەمدە توپلۇمدىكى بۇ دەرىجىدە ئوڭاي ئوۋلىنىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ شامالنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان قۇرۇق غازاڭدىنمۇ تېز ئۆزگىرىشچانلىققا مايىل بولۇپ كېتىشى، ئۆزى شاھىت بولمىغان ئەمما ئاڭلىتىلغانلارنى بىرلا تەرەپنىڭ ئىدداسىغىلا قۇلاق سېلىپ قىززىق قان بولۇپ كېتىدىغان دەرىجىدە تەنتەكلىكنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق رېئاللىقلارنى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە پوزىتسىيە تۇتۇشتىكى يەڭگىلتەك مىجەزىمىزنىڭ ئوڭايلا ئوۋلىنىپ كېتىشكە ھەر زامان تەييار ئىكەنلىكىدەك تىراگېدىيەمىزنى يورۇتۇپ بېرىدىغان كېچىك بىر كارتېنا، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

2

بۇ يەردە يەنە بىر دىققەت تارتىش كېرەك بولغان نۇقتا مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ، مەسىلىنىڭ بىرلا تەرىپىنىڭ ئاساس قىلىۋېلىنىشى، بۇنى باھانە قىلىپ كونا - يېڭى رەقىب سانالغانلارنىڭ دەيدەيگە چۈشۈپ كېتىشلىرى، ئىشنىڭ شەخسلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەنلىكى ئوپئوچۇق تۇرغىنىغا باقماي، بىر تۈركۈم قىزىققان ياشلارنىڭ مۇشۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ قارشى تەرەپ تەشكىلات ۋە كوللېكتىپنى ھەر تۈرلۈك قورساق بوشىتىش ئوبيېكتى قىلىپ كېتىشىدۇر. ئەلۋەتتە، نۆۋەتتىكى مەۋجۇت تەشكىلاتتا مونوپوللۇق خاھىشلىرىنىڭ يىلتىز تارتىپ كەتكەنلىكى، ئۆز ئېقىمىنىڭ سىرتىدىكىلەرنى يەكلەش ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ھەر تۈرلۈك تەنقىدلەشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقى ئۇلار ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىسۇن ياكى ئۇنىمىسۇن بىر رېئاللىق. بىز ھەم بۇ تۈرلۈك مەسىلىلەردە ھەر ۋاقىت ئۆز ۋاقتىدا كۆز يۇمماستىن دادىل تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان تەرەپلەردىن بىرى. يەنە كېلىپ تەنقىدلىنىۋاتقان ۋە خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان بىر قاتار سەلبىي مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت تەشكىلاتتا بارلىقىمۇ ئۇلارنىڭ تىلى ئىنكار قىلغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتى كۆپ ۋاقىتلاردا دەۋاتقانلىرىنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلمەكتە. يەنى، مەۋجۇت تەشكىلاتنىڭ تىلىدا دەۋا قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئەكسىچە تۇتۇم ۋە ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىنكار قىلغۇسىز بىر رېئاللىق. لېكىن ھەر مەسىلە ئۆزىنىڭ ھەققانىي ئورنىدا تەنقىدلىنىشى، تېگىشلىك ئورنىدا ۋە توغرا ئۇسلۇبتا ئەيىبلىنىشى، قارشى تۇرۇلۇشى، نەپرەتمۇ ئۆزىنىڭ يولىدا قىلىنىشى، يوللۇق نەپرەتلەرنى ياغدۇرۇش كېرەك بولغاندىمۇ ناھەق يول بىلەن بىرىلىرىنىڭ دېپىغا سەكرەپ، ياكى دەيدەيگە سېلىشلىرىغا، ھېسسىيات سۇيىئىستېمال قىلىشلىرىغا ھاياجانلىنىپ ئەمەس، بەلكى پاكىتلىق ۋە پۇت تىرەپ تۇرغىدەك داۋلى ئاساسىدا قىلىش، ھەمدە قارشى تەرەپ تەشكىلاتمۇ رەت قىلىشقا ماجالى قالمىغۇدەك دەرىجىدە توغرا مەۋقەنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ نارازىلىق ۋە ئەيىبلەشلىرىنى ئورتاغا تۆكۈش ، قارشىلىق ياكى ئۆكتىچىلىكنى نامايىش قىلىش ئىشنىڭ ئادابى ۋە ئەخلاقى جۈملىسىدىندۇر. ھەمدە بۇ تەرزدە ئىش ئېلىپ بېرىش ئۆز نۆۋىتىدە ئەيىبلىنىۋاتقان نۇقتىلارنى قارشىسىدىكى تەشكىلات ياكى توپنىڭ بوينىغا ئالماسلىقىغا ھەددى ۋە ھەققى بولمايدىغان دەرىجىدە يوللۇق بولغان بىر تۈرلۈك ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتى ياكى يوللۇق قارشىلىق ئۇرۇنۇشى بولغان بولىدۇ.

شۇ ئېنىق بولۇشى كېرەككى، ئەخلاق مىزانىمىزنىڭ دەستۇرى بولغان قۇرئان بىزگە مەلۇم بىر توپ ياكى قەۋمگە بولغان غۇم ياكى نەپرەتنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە لىللا مەيدان تۇتالماسلىقىمىزغا، ئادىل بولالماسلىقىمىزغا ئېلىپ بارماسلىقىنى تەلىم بېرىدۇ (سۈرە مائىدە، 8 - ئايەت). سۈننەتمۇ بىزگە مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ خىيانىتىگە خىيانەت بىلەن جاۋاب قايتۇرماسلىقنى تەلىم بىرىدۇ (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان). يەنى مەيلى ئۆكتىچىلىكتە بولسۇن، ياكى ساڭا قىلىنغان تەڭسىزلىككە بولسۇن، چەكتىن ئاشمىغان ھالدا يولىدا ۋە توغرا يوسۇندىن چىقمىغان ئاساستا ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلىم بەرگەندۇر. بۇ شۇنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇكى، بىراۋنىڭ ئادىمىيەتسىزلىكى سېنىڭمۇ ئادىمىيلىكتىن چىقىپ تۇرۇپ يول تۇتۇشۇڭنى دۇرۇس قىلمايدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئادىمىيلىكىدىكى نۇقسانلىققا قاراپ كىشىنىڭمۇ ئادىمىيلىكتىن چىقىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشى مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش جۈملىسىدىن ئەمەستۇر. شۇنىڭدەك بۇ يەنە ئادىمىيلىكى تىرىك بىر مۇسۇلماننىڭ ئادىمىيلىكى ئۆلگەن بىرىلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەرەپلىرىدىن بىرىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەسىلىگە پەرقىنى ۋە مۇسۇلمانلىق كىشىلىكىنى يوقىتىپ قويمىغان ئاساستا ئاڭلىقلىق بىلەن يۈزلىنىش مەلۇم مەنىدىن مەردلىك ئەخلاقىنىڭ ئىجتىمائىي توپتا ھېلىھەم تىرىك ئىكەنلىكىنى، يىمىرىلمىگەنلىكىنى، ھەقنى ھەق، ناھەق ناھەق دېيىشتە پاكىت ۋە دەلىل ئاساسىدا يول تۇتۇشنى پىرىنسىپ قىلىدىغان ئادالەتپەرۋەرلىك روھىنىڭ كوللېكتىپ ئاڭدىن كۆتۈرلۈپ كەتمىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان تۇتۇم ۋە پوزىتسىيەلەر جۈملىسىدىندۇر. پاكىتى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان، قورساق ئۇرۇشلىرىنى يېغىپ تۆشەپ ھېسسىيات ئوۋلايدىغان ۋە دەلىللەنمىگەن بىر ئىددىئالارغا رام بولۇپ دەرھال ئاتاكىغا ئۆتۈپ شەخسىيەتكە تېگىشلەر، ياكى دەۋاگەرنىڭ پەرەز ۋە تەخمىندىن ھالقىمايدىغان ئىددىئالىرىغىلا قۇلاق سېلىپ تۇرۇپ ھاياجانلىنىپ كېتىشلەر، ئۆزىنىڭ يىغىلىپ قالغان قورساق كۆپىكىگە ماس كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ تەڭكەشچىسى بولۇشلار ئەمەلىيەتتە كىشىلىك خاراكتېرنى قايسى دەرىجىدە بولغىسا، ئوخشاشلا پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ مەسىلىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي ياكى ئۆكتىچىلىك ئويۇنلىرىغا سۇيىئىستېمال قىلىشلارمۇ بىر تۈرلۈك مەردلىك ۋە مۇرۇۋۋەت كىرىزىسىگە يول ئاچىدىغان تۇتۇملاردىندۇر.

مەسىلە شۇكى، شەخىس ئاچچىغىدا تەلۋىلىك قىلىپ قېلىشى، ھەق - ھوقۇقى تاجاۋۇزغا ياكى زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىشى سەۋەبلىك بەزى چەكتىن ئاشۇرۇشلارغا تۇتۇنۇشى تامامەن مۇمكىن. بۇ ئۇنىڭ پىسخىكىسىدىكى، بېشىغا كەلگەن پالاكەتكە قايسى دەرىجىدە سوغۇققان مۇئامىلە قىلالايدىغانلىقىغا چېتىلىدىغان مەسىلە. لېكىن ئۇنىڭ بىراۋدىن ئازار يېگەنلىكى، ئۇۋالچىلىق تارتقانلىقى ئۇنىڭ ھەممە ئىددىئالىرىنىڭ راست ۋە ئەمەلىيەت بولۇشىنى تەستىقلاش ئۈچۈن يېتەرسىزدۇر. ئەگەر بىرى تەرىپىدىن ئۆزىگە يەتكەن ماددىي ئەزىيەتنىڭ بەدىلى ئەزىيەت بەرگۈچى بىلەن قانۇنىي ھېساب كىتاب قىلىش بولماستىن، ئەكسىچە ئىشنىڭ خاراكتېرى بىردىنلا ئاساسسىز دەۋالار، ياپتى ئۇچۇرلارنى دەستەك قىلىپ تەشكىلاتنى ۋەقە تۇغدۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش، ئادەم زەخمىلەندۈرۈشكە بۇيرۇق سوقۇش بىلەن ئەيىبلەشكە ئۆزگەرسە، ئىشنىڭ تەرەققىياتى جودا ئۇلغايتىشقا قاراپ ئىلگىرىلىسە، بۇنداق بىرلا تەرەپلىك ئىددىئالارنىڭ ئاقىۋىتى توپلۇمنىڭ روھىيىتىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇشقا، خاتاغىمۇ توغرا ئۇسۇلدا تاقابىل تۇرۇش ئېڭىنى چالغىتىپ قالايمىقانچىلىققا ئېلىپ بارسا بولمايدۇ. شەخسلەر ئارىسىدىكى سۈركىلىشىش ۋە ئازارلىشىشلاردا خەلق رايىنى ئەتەي ئۆز ئىددىئاسىغا بۇراش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئويناشقا، مەسىلىنى تولۇقسىز ۋە پاكىتى تۇتمايدىغان ئىددىئالارغا جوراش ئارقىلىق ئۆچ ئېلىش تىپىدىكى خاھىشلارغا سۇيىئىستېمال قىلىنسا تېخىمۇ بولمايدۇ. بولۇپمۇ چىقىشىپ ئۆتكەندە كۆز يۇمماسلىققا تېگىشلىككىمۇ خوش غوجام بولۇشۇپ تەڭ لەپەر ئوينايدىغان، چىقىشالمىغان چاغدا بىردىنلا ئۆرۈلۈپ ئۆز مەسىلىسىنى بىر باھانىلەرگە چېتىپ تۇرۇپ «چاۋاڭنى چىتقا يايىمەن» شەكلىدىكى ئۇرۇشقاق خوتۇن تەرزىدىكى ماجېرالارغا ئايلاندۇرۇش، شەخىسنىڭ نەق مەيداندىكى تارتىشمىلارغا قارىتا قىززىق قانلىقتىن تۇغدۇرغان ناھەق ئادەم زىيانلاندۇرۇش ۋەقەسىنى ئاساسسىز ھېسسىي ئىددىئالارغا جوراپ كوللېكتىپلاشتۇرۇپ ھەق ناھەقنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىش، مەسىلىگە زورىغا سىياسىي ئۆكتىچىلىكنى قىستۇرۇشقا زورۇقۇش، ئەسلىدىنلا بىر داستىخانداش بولۇشۇپ كەلگەن تىپلارنىڭ مۇناسىۋەت يىرىگلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ ياكى شۇنى باھانە قىلىپ چىقارغان نىزالارغا پۇت-پاچاق ياساپ ۋەقەنىڭ جەريانى ۋە خاراكتېرىنى بۇرمىلاش ۋە خەلق رايىدىن ئۆزىگە ھىماتچى تىكلەپ مەقسەتكە يەتمەكچى بولۇشتەك مەرتلىككە زىت ھادىسىلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا، خەلقنىڭ زېھنىنى زورىغا مەشغۇل قىلىپ سۈنئىي كۈنتەرتىپ ياساپ ئويناشقا تېخىمۇ يول قويۇپ بولمايدۇ.

-بۇرھان مۇھەممەد

2021-12-20

------

تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان «مەردلىكنىڭ بازىرى كاساتلاشتىمۇ» ناملىق تېمىغا چۈشكەن، ئەمما غايىب قىلىۋېتىلگەن بىر تۈركۈم ئىنكاسلار ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات:

  مەلۇم بولغىنىدەك، مەزكۇر تېما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇرھان ئۇلۇيول ئىسىملىك يولداش، تېمىغا قارشى نەچچە سائەتلەپ ئاۋارە قىلىشنى توختاتمىدى. مەزكۇر يولداشنى تېمىنىڭ چېتىشلىق ئوبيېكىتلىرىدىن بىرى بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇخاتەب ئېلىپ جاۋاب قايتۇرۇۋاتقاندا يېزىپ بولغان بەزى ئىنكاسىنى ئۆچۈرۈۋېلىپ گەپ يورغىلىتىشنى توختاتمىدى. قۇسۇق ئىچمەي تىل ھاقارەتسىز پىكىر قىلىش ئەسكەرتىلگەندە بولسا، مەن قۇسۇق ئىچمىدىم، ئۆزگەرتىۋالمىدىم دەپ تۇرۇپ تىل ھاقارەتنى كوچا تىل سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈپ ئەسكىلىك قىلدى. تارتىشمغا بولالمىغاندا بولسا، يانچۇقچى لۈكچەكلەر تىلىدا ھاقارەت قىلىپ تەھدىدلەر بىلەن تېرە تاراقشىتىشنى داۋام قىلدى. سەن بىر زىيالىي تۇرۇپ ئانا تىلنى بۇلغىماي سەۋىيەلىك ياز دېسە، تولغىقى تۇتقان مېكىياندەك سەھىپىنى باشقا كىيىپ چىچاڭشىپ ھەر يەرنى بۇلغىماقچى بولۇپ تېخىمۇ قەبىھ تىللار بىلەن ھاقارەتنى كۈچەيتتى. نەتىجىدە بۇ دەرىجىدىكى ساپاسىز تىل ئىگىسىنى مۇخاتەب ئالمايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىگىنىمىزدە، مەزكۇر كۆكەرمە ئۇششۇق بايقۇش ئۆزى قۇسقاننى پاك پاكىز سۈمۈرۈۋېلىپ غىمىسسىدە بولۇپ ئاغزى بۇرنىنى ئېيتىۋالىدىغان تەبىئىتىنى ئاشكارا قىلىپ توختاپتۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاپقۇرلاپ قۇسۇپ، كەينىدىن چېلەكلەپ قايتىدىن بىر يولىلا ئېچىۋېتىشتىن ئۇيالماپتۇ. شۇنداق قىلىپ مەزكۇر يولداش بولۇۋاتقان تارتىشمىلارغا كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق گۇۋاھ بولۇشىدىن ئەندىكىپ گويا چاشقان يەپ كەينىدىن ئېغىزىنى يالاپ يۈرۈپمۇ بولسا ئېيتىۋېلىپ ھېچنېمە بولمىغاندەك كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنىدىغان ئوغرى مۈشۈكنىڭ قىلىقىنى قىلىش ئارقىلىق ئەسلىدىكى ناچار تەبىئىتىنى، قالپاقلىق ساپاسىزلارنىڭ تىپىك ئوبرازىنى نامايان قىلدى. قوپال قىلىپ ئېيتقاندا ئەسلىدىنلا ئۆزىنىڭ تەنقىدكىمۇ ئەرزىمەيدىغان نائەھلى تەلۋە ئىكەنلىكىنى ئۆز قىلمىشى بىلەن ئاشكارىلاشتىن ئايانمىدى. ئاخىرى بېرىپ مەزكۇر يولداش خېمىرتۇرۇچىدىنلا ئەخلاقتىن يوقسۇن بىر تەلۋە ئىكەنلىكىنى سازايە قىلىشتىن ئۇيالمايلا قالماستىن، بارچە يېزىشقان ئىنكاسلارنى، ۋاقىت سەرپ قىلىپ دېيىشكەن دىيالوگلارنى، پولىمىك ۋە تاكاللىشىشلارنى يۇيۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئادىمىي ئەخلاقتىن چەتنىگەن بارچە ھاقارەتلىرىنى ئۆچۈرۈۋېلىپ «تىللاپ قاچارلىق» قىلدى. نەتىجىدە مەزكۇر يولداش بۇ قىلىقى ۋە قىلمىشى تۈپەيلى ھەدىستىكى مۇناپىقنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى بولغان «بىراۋ بىلەن تۇتۇشۇپ قالغاندا ئېغىز بۇزارلىق قىلىدۇ»، دېگەن سۈپەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاش ئارقىلىق تېخىمۇ نەزەردىن چۈشتى. شۈبھىسىزكى، بۇنداق تەلۋىلىكنىڭ دىياگنوزى روھىي كېسەللىك، چىدىماسلىق ۋە مەزكۇر مەردلىك تېمىسىدا ئۇچىغا چىققان نامەردلىكنى ئەڭ سۈپەتسىز ۋە ساپاسىز بىر شەكىلدە سادىر قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەستۇر. ئورتاداكى ھەقىقەت شۇ: مەزكۇر تېمىغا چۈشكەن ھېچبىر ئىنكاس ياكى دىيالوگ سەھىپە تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلمىدى، بەلكى مەزكۇر يولداش دەيدىغان تىل ئاھانىتىنى دەۋېلىپ باشتىن ئاخىر ھەممە ئىنكاسلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋالدى. شۇ قاتاردا سەھىپىمىز تەرىپىدىن قارشى تەرەپكە يازغان ئىنكاسلارمۇ، ئېتىرازلارغا قايتۇرغان جاۋابلارمۇ قوشۇپ يوق بولدى. ۋاقىپ بولۇنغاي!

باشتىن كەچۈرگەن يۇقىرىقى تەجىرىبىلەرگە ئاساسەن سەھىپىمىز بۇ دەرىجىدە ساپاسىز ۋە ئەخلاق يوقسۇنى بىرىنى ئەسلا قارشى ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن سەھىپىدىكى ھەرقانداق بۇلۇڭ پۇشقاقتا مەزكۇر يولداش كۆرۈلۈپلا قالسا ئوغرى چاشقاننى قوغلىغاندەك قوغلاپ، ئىنكاس-يازمىلىرىنى سۈپۈرۈپ ماڭىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

ھۆرمەت بىلەن ئويغاقلار دۇنياسىدا-بۇرھان سەھىپىسى


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى