مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى تەھرىرلەيمەن

ئورنى Wikipedia

مەركىزىي نېرۋا (خەنزۇچە: 中樞神經系統) سىستېمىسى نېرۋا سىستېمىسنىڭ ئاساسىي قىسمى يۇلۇن ۋە باش بوشلۇقى ئىچىگە جايلاشقان مېڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.( مېڭە ۋە يۇلۇن شۇنداق ھەر خىل رېفلېكس يايى بولغان مەركىزى قىسمىدىن تۈزۈلدۇ)

مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى[تەھرىرلەش]

مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى يۇلۇن ۋە مېڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مېڭە بولسا ئادەم بەدىنىدىكى «قوماندانلىق شتابى» بولۇپ، ئاڭ، تەپەككۇر، تىل، ھېس-تۇيغۇ، ھەرىكەت(ئىچكى ئەزالارنىڭ ھەرىكىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىقلارنى تەڭشەپ ۋە كونترول قىلىپ تۇرىدۇ.

يۇقۇملىنىشى[تەھرىرلەش]

مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى بولسا باكتېرىيە، ۋىرۇس، زەمبۇرۇغ، پارازىت قۇرت، سپروفېتا قاتارلىق خىلمۇخىل كېسەللىك قوزغاتقۇچى ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى ئورۇن (مېڭە يۇلۇن پەردىسى، مېڭە ماھىيىتى، چوڭ مېڭە، كىچىك مېڭە، ئوتتۇرا مېڭە، يۇلۇن، مېڭە تور پەردىسى قاتارلىقلار) نى يۇقۇملاندۇرىدۇ. يۇقۇملىنىش ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئۆلۈم ياكى مەڭگۈلۈك مېيىپنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى ئادەتتە ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.

بىر خىلى ياللۇغلانغان ئورۇنغا قاراپ، مېڭە ياللۇغى، مېڭە-يۇلۇن پەردە ياللۇغى ياكى يۇلۇن ياللۇغى قاتارلىق، يەنە بىر خىلى كېسەللىك مۇسكۇللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ باكتېرىيە، ۋىرۇس، زەمبۇرۇغ ۋە پارازىت قۇرت قاتارلىقلار تەرىپىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن نام بېرىلىدۇ. ئادەتتە بۇ ئىككى خىل ئامىلنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنوز ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]