مەسۇت ئۆزىل

ئورنى Wikipedia
   مەسۇت ئۆزىل(Mesut Özil) ، ا 1988-يىلى 15-ئۆكتەبىر گېرمانىيە گېلسېنكىرشىن شەھىرىدە تۇغۇلغان . ھازىر ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئارسېنال كۇلۇبىدا توپ تېپىدۇ. 
    ئۆزىل ئائىلىسى ئەسلى تۈركىيەنىڭ زونگۇلداك دېگەن يېرىدىن ، مەسۇتنىڭ بوۋىسى ئالدىنقى ئەسىر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۈركىيەدىن كىرگۈزگەن ئەمگەك كۈچلىرى قاتارىدا گېرمانىيە كىلىپ ئولتۇراقلاشقان ، ھەم بۇ يەردە ئۆي-ئوچاقلىق بولغان . مەسۇتنىڭ دادىسى مۇستافا گېلسېنكىرشىنغا كەلگەندە ئاران 2 ياش ئىدى ، ئاپىسى گۈلزار گېرمانىيەدە تۇغۇلغان . بۇ ئىككەيلەن توي قىلغاندىن كېيىن تۆت پەرزەنتلىك بولغان ، پەرزەنتلەرنىڭ ئىككىسى ئوغۇل ئىككىسى قىز ، مەسۇت ئىككىنچى بالا . ئاكىسى مۇتلۇ (ھازىر مەسۇتنىڭ ۋاستىچىسى) ۋە ئىككى سىڭلىسى نەسە ۋە دۇغيۇ . 
    مەسۇت كىچىكىدىنلا پۇتبولغا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان . ئۆيىدىن 200 مىتېر يىراقلىقتىكى «مايمۇن قەپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان مەيدان ئۇنىڭ پۇتبولدىكى بۆشۈكى ھېسابلىنىدۇ . بۇ يەرنىڭ ئەتراپى سىم تور بىلەن ئورالغان ، توپا يەر ، شۇڭا بۇ يەردە مۇسابىقە ئوينىسا چىقىپ كېتىش بولمايدۇ ، مۇسابىقىمۇ توختاپ قالماي راۋان ئىلىپ بېرىلىدۇ . مەسۇت داۋاملىق ئاكىسى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن توپ ئوينىغاچقا بەدەن ۋە بوي جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكنى توپدۇرۇش ئۈچۈن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا پىشقان تېخىنىكا ۋە چاققان ھەرىكەت يىتىلدۈرگەن . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يەر ئۇنىڭ ھازىرقى ماھارەتلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىكەن .
    مەسۇتنىڭ چولپان بولۇشىدا مۇستافا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان دېيىشكە بولىدۇ . مەسۇت يەتتە ياش ۋاقتىدىلا ئۇ رۇل رايونىدىكى چوڭ-كىچىك كۇلۇبلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى باشلىۋەتكەن . يەتتە ياشلىق مەسۇتنىڭ تۇنجى كىرگەن كۇلۇبى غەربىي فالىيا04 بولدى ، ھەم بۇ يەردە ئۈچ يىل تۇردى . ئۇندىن كېيىن ئالدى كېيىن بولۇپ گېرمانىيە ياشلار پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىكى شىمالىي شالكې ۋە فالكې كوماندىسىغا يۆتكەلدى ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئەمدى 11 ياش ئىدى . كىچىك مەسۇت قەيەرگە بارسا كوماندىنىڭ يادروسى بولاتتى ، ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ياردەم پاس بېرىشتىن سىرت ، كىرگۈزگەن توپلىرىمۇ ئوخشاش كۆپ ئىدى . فالكې كوماندىسىدا بىر يىل تۇرۇپلا ئۇ يەنە كۇلۇب يۆتكەلدى . قىزىل ئاق ئېسسىن ، بۇ گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە خېلى نەتىجە ياراتقان كۇلۇب ھېسابلىناتتى . مەسۇت بۇ كوماندىدىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن ، 16 ياشتىلا 19 ياشلىقلار كوماندىغا ئۆرلىدى . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدا بۇرۇلۇش بولدى . شالكې04 كۇلۇبى ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىتى .
    شالكې04 ياشلار كوماندىسىدا ئۇنىڭ ئىپادىسى ئوخشاشلا ئىنتايىن قالتىس بولۇپ ياشلار لوڭقىسىنىڭ چېمپيونلىقىغا ئېرىشتى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە شالكې ياشلار كوماندىسىغا كىرىپ ئازغىنە 15 ئايدىن كېيىنلا بىرىنچى سەپ كوماندىسى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىردى . بىراق دەسلەپ ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولمىدى ، 17 ياشلىق مەسۇتنىڭ زەردار ھېسابلىنىدىغان كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولۇشى ئوڭاي ئەمەس ئىدى . مەسۇت توختىماي تىرىشىش نەتىجىسىدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلىدى . بىراق شالكې راكىتىچنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن كىرىزىس باشلاندى . شالكې باش ترېنېرى سلومكا مەسۇتنىڭ تالانتىغا ئىشەنچ قىلالمىدى . مەسۇت كوماندا يۆتكىلىشكە دۇچ كەلدى .
    مەسۇتنىڭ يېڭى كوماندىسى ۋېردېر برېمېن ، يۆتكىلىش ھەققى 4 مىليون 300 مىڭ ياۋرۇ ، كوماندىنىڭ باش ترېنېرى توماس شاف دەسلەپتىلا مەسۇتنى ھەجۇم كۈچى قىلىپ ئىشلەتتى ، ئۇ كوماندا يادروسى بولغان دىئېگو بىلەن كوماندىنى يىتەكلەپ ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىردى ، ئەپسۈس چېمپيونلۇقنى دونېسك كان ئىشچىلىرىغا تارتقۇزۇپ قويدى . بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مەسۇت توپ كىرگۈزدى ، لېۋېركۇسېننى غەلبە قىلىپ چېمپيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتى . بۇ يىل مەسۇتقا بىر چېمپيونلۇق ئازلىق قىلاتتى ، ئۇ گېرمانىيە ياشلار كوماندىسىغا چاقىرتىلىپ كوماندا بىلەن بىرلىكتە ياۋرۇپا ياشلار لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى . شۇندىن باشلاپ مەسۇت پۈتۈن ياۋرۇپاغا تونۇلدى .
    مەسۇتتىن كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ قىيىن بولغان قارارنى سورالغاندا ، ئۇنىڭ ئىككىلەنمەيلا بەرگەن جاۋابى : تۈركىيە ۋە گېرمانىيە دۆلەت تەۋەلىكىنى تاللاش بولدى . (ئۇنىڭ ئېيتىشىچە رېئال مادرىدتىن ئارسېنالغا يۆتكىلىش قارارىمۇ بۇنىڭ ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەسكەن .) ھەقىقەتەن شۇنداق ، بۇ قارار دۆلەت كوماندىسى تەنتەربىيە جەھەتتىن سىرت يەنە سىياسىي تەرەپكىمۇ تەسىر قىلىدۇ . گېرمانىيە باش مىنىستىرى مىركېلنىڭ سۆزى بويىنچە ئۇ گېرمانىيە ئۈچۈن گېرمان روھى بىلەن تاشقى ئىرقنىڭ مۇكەممەل بېرىكمىسى ھېسابلىناتتى . دۆلەت ياشلار كوماندىسىنى تاللاشتا ئۇ ئىككىلەنمەستىن گېرمانىيەنى تاللىدى ، چۈنكى بۇ يەر ئۇ ئۆسۈپ يىتىلگەن ۋە ئۇنى تەربىيلىگەن ماكان ئىدى . ئۇ چاغدا ئۇ :«ھازىر مېنىڭ گېرمانىيە ياشلار كوماندىسىغا كىرگۈم بار ، دۆلەت كوماندىسى تاللاش ئىشىنى كېيىنچە ئويلىشىمەن .» دېدى . بەلكىم ئۇ مۇشۇ ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن كېيىنمۇ گېرمانىيە ئۈچۈن توپ تېپىشنى قارار قىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى . دۆلەت كوماندىسى يىغىدىغان ۋاقىتتا ، شۇ چاغدىكى تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى فاتىھ تېرىم ئۆزى گېرمانىيەگە بېرىپ مەسۇتنى قايىل قىلماقچى بولدى . بىراق بۇ قىتىم ساھىن بىلەن ئالتۇنتوپنى قايىل قىلغاندەك ئوڭاي بولمىدى . مەسۇتمۇ تۈركىيە خەلقىدىن كەلگەن چوڭ بىسىم ئاستىدا گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىغا قوشۇلدى . ئۇ يەنىلا ئۆزىنى يىتىلدۈرگەن بۇ دۆلەت ئۈچۈن توپ تىپىشنى ئويلايتتى . ئۇ توختىماي تۈركىيەلىكلەردىن كەلگەن «خائىن» دىگەن ئاتاققا دۇچ كىلەتتى ، ھەتتا كېيىن رېئال مادرىدتا سەپداش بولغان خەمىت ئالتۇنتوپمۇ ئۇنى ئوچۇق-ئاشكارە تەنقىد قىلغان ئىدى . بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ تاللاش كىشىلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىگە ئېرىشتى ، گېرمانىيە دۆلەت ئىچىدىمۇ باش مىنىستىر مىركېلدىن تارتىپ ھەممە ئۇنى شەرتسىز قوللىدى .
    2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى ھارپىسى ، مەسۇت لېفنىڭ گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى چوڭ تىزىملىكىگە كىردى . كاپىتان باللاك يارىلىنىش سەۋەبى بىلەن تىزىملىككە كىرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ، ھەر ساھە بەك ياش ھېسابلانغان گېرمانىيە كوماندىسىدىن بەك چوڭ ئۈمۈد كۈتۈپ كەتمىدى . بىراق تۇنجى مەيدان ئاۋىسترالىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ قارىشى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى . كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىكى گېرمانچە زەمبىرەكسىمان ھۇجۇم غايىپ بولۇپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئالماشقىنى لاتىن ئامېرىكا ئۇسلۇبىدىكى ياۋرۇچە تىپىش ئۇسۇلى ئىدى . تۇنجى مەيدان ئوڭۇشلۇق غەلبە قىلغاندىن كېيىن ، ئىككىنچى مەيداندا ئوڭۇشسىزلىق كۆرۈلدى ، كىلوز قىزىل كارتا بىلەن بالدۇرلا مەيداندىن چۈشۈرىۋىتىلىپ ، گېرمانىيە رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقە ناھايىتى مۇھىم بولۇپ قالدى . مەسۇت ئاچقۇچلۇق توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنى شاللاش مۇسابىقە باسقۇچىغا باشلاپ كىردى . گېرمانىيە شاللاش مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىلا ئېنگلاند كوماندىسىغا دۇچ كەلدى . ئېنگلىزلار ھېسابتا پۈتۈن مەيداننىڭ بىر مىنۇتىدىلا ياخشى ئوينىدى . بۇ بىر مىنۇتتا ئىككى توپ كىرگۈزدى ، بىراق قاپقا سىزىقىدىن بىر مېتىر ئىچىگە كىرگەن ئىككىنچى توپ رېپىر تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرىۋىتىلدى . بۇ توپمۇ مۇسابىقىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالدى ، گېرمانىيلىكلەر غەلبە بىلەن قايىتتى . كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن بولدى ، چوڭ ئۈمۈد كۈتۈلگەن مېسسى ئانچە بەك ئىپادە كۆرسىتەلمىدى . 0-4 گېرمانىيە مەغلۇپ كەلدى ، مۇسابىقىدىن كېيىن لېف ئىنىق قىلىپ :«بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا مەسۇت مېسسىنى بىسىپ چۈشتى .» دېدى . بىراق ئۇلارنىڭ يولىنى بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپيونى ئىسپانىيە توسۇپ قويدى . ئاخىرىدا گېرمانىيە ئۇرۇگۋاينى يېڭىپ ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى . مەسۇتنىڭ دۇنيا لوڭقىسى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى ، ئۇ پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى ، ئالدى بىلەن گۇاردىئولا ، ئاندىن فلورىنتىنو پېرېز . كېيىنكى بىكەت سانتىياگو بېرنابۇ .
    مەسۇت كىچىكىدە ئەسلى بارسېلونا مەستانىسى ئىدى . بىر كىشى ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان كۇلۇبىنى ئۆزگەرتتى . زىنېدىن زىدانې ، مەسۇتنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق پۇتبول ئىلھامىنىڭ كىلىش مەنبەسى ئىدى . 2001-يىلى ياۋرۇپا چېمپيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن كېيىن ، مەسۇت پۈتۈنلەي مادرىد مەستانىسىغا ئايلاندى ، شۇندىن باشلاپ ئۇ چۈشىدىمۇ زىدانې توپ تەپكەن ئۇ كۇلۇبتا توپ تېپىشنى ئويلايتتى . ئىرانلىق ۋاستىچى رېزا فازلى مەسۇتنىڭ شالكې04 دىن باشلاپ توختاملاشقان ۋاستىچىسى ، دەل مۇشۇ كىشى رېئال مادرىد تارىخىدىكى ئەڭ ئەرزىگەن توختامنىڭ بىرىنى پۈتتۈردى . فازلى ئەمەلىيەتتە دۇنيا لوڭقىسىدىن بىر يىل بۇرۇنلا مادرىد تەرەپ بىلەن مەسۇتنىڭ يۆتكىلىش ئىشىنى سۆزلەشكەن . بىراق ئۇ يىلى كرىستىئانو رونالدو ، كاكا ۋە بېنزىما يېڭىدىن بېرنابۇغا قوشۇلغاچقا بۇ سودا پۈتمەي قالغان . مەسۇت دۇنيا لوڭقىسىدا پۈتۈنلەي داڭق چىقاردى ، فلورىنتىنو بۇ تۈرك  توپچىنى چوقۇم بېرنابۇغا ئىلىپ كېلىشكە بەل باغلىدى . مەسۇتنى تۇتۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلگەن برېمېن ئامال بار مادرىدتىن تېخىمۇ كۆپ يۆتكىلىش ھەققى ئۈندۈرىۋىلىشنى ئويلايتتى . يېرىم يولدا بارسېلونامۇ چىقىپ ئىشنى قالايمىغان قىلىپ باقتى ، گۇاردىئولا ئۆزى مەسۇت بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنى قوشۇۋىلىش ئويى بارلىقىنى بىلدۈردى ، بىراق ئۇنىڭ ئاڭلىغان جاۋابى :«ھازىر مېنىڭ پەقەت رېئال مادرىدقىلا بارغۇم بار .» بولدى . مورىنىيو مەسۇتنىڭ مادرىدنى تاللىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىلى ھېسابلىناتتى ، پورتۇگالىيلىك بۇ ترېنېر قاچاندىندۇر باشلاپ مەسۇتنىڭ كۆڭلىنى رام قىلىۋالغان ئىدى .مادرىد تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە فازلىنىڭ برېمېنغا بىسىم ئىشلىتىشى ئاستىدا ، بۇ سودا ئاخىرى پۈتتى . يۆتكىلىش ھەققى 15مىليون+3مىليون ياۋرۇ لەيلىمە سومما بولدى . مەسۇت ئاخىرى رېئال مادرىد ئەزاسى بولدى . 2009-يىلى فازلى پاردېزا بىلەن كۆرۈشكەندىن باشلاپ ، مەسۇت رەسمىي مادرىدقا قوشۇلغانغىچە ساق 414 كۈن ۋاقىت كەتكەن ئىدى .
    داڭلىق توپچىلارنىڭ باشقا دۆلەت كۇلۇبىغا يۆتكەنگەندىن كېيىنكى تۇنجى بولۇپ دۇچ كېلىدىغىنى تىل مەسىلىسى . ئېنگىلىزچە سەۋىيسىمۇ ئانچە ياخشى بولمىغان مەسۇت ئۈچۈن تېخىمۇ ھەم شۇنداق . مادرىددىكى تۇنجى قىتىملىق مەشىق دەرسىدە مەسۇت ھاڭۋىقىپلا قالدى ، ئۇ مورىنىيونىڭ گېپىنى بىر جۈملىمۇ چۈشىنەلمىدى . دەسلەپ ۋاقىتلاردا مورىنىيو بىلەن ھېدرا ئىككەيلەن مەسۇتنى ئۇياقتىن-بۇياققا تارتىپ يۈرۈپ جەڭ تاكتىكىسى چۈشەندۈرەتتى . مورىنىيو مەسۇت ئەڭ قايىل ترېنېرلارنىڭ بىرى ، ئەمەلىيەتتە مورىنىيو ئۇنىڭ رېئال مادرىدقا قوشۇلىشىنى مۇھىم بىر سەۋەبى ئىدى ، بېرنابۇدا ئۇ مەسۇتنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىدە چوڭ رول ئوينىدى . مورىنىيو باشتىن-ئاخىرى ئۇنىڭغا قاتتىق تەلەپ قويدى ، ئۇ ئاساسەن مەسۇتنى ماختاپ باقمىغان ئىدى .(بۇ يىل مەسۇت ئارسېنالغا قوشۇلغاندا ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 10-نومۇر دېدى .) مەسۇتنى ھەر قىتىم مەيداندا تولۇق يۈگۈرمەيدۇ دەپ ئاغرىناتتى . شۇنداق بولسىمۇ ، ئۆزىل ئاتا-بالا مورىنىيو تىلغا ئېلىنسا ئېيتىدىغىنى يەنىلا تەشەككۈر ئىدى ، ئۇلار چىن كۆڭلىدىن مورىنىيوغا رەھمەت ئېيتىشاتتى .
    بېرنابۇ توپ مەستانىلىرىنىڭ ناھايىتى قۇسۇرچان ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تېزلا ماھىل قىلىش ناھايىتى مۈشكۈل بىر ئىش ، رېئال مادرىدتا توپ تەپكەنلەردە شۇنداق بىر بىسىم بولىدۇكى ، ئۇلار ئازراقلا خاتالىق ئۆتكۈزسە ياكى ئىپادىسى ياخشى بولمىسا ھەر ۋاقىت بېرنابۇ 80 مىڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ تىللىشىغا ۋە شۈلىشىگە ئۇچرىشىشى مۇمكىن . بىراق مەسۇت رېئال مادرىدتا تۇرغان ئۈچ يىلدا بىرەر قىتىممۇ بۇنداق «ئىمتىياز» غا ئېرىشىپ باققان ئەمەس . ئۇ كوماندىغا كېلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بېرنابۇلىقلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىۋالغان ، كرىستىئانوغا ئوخشاش كاتتا چولپان نۇرى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ئەينى يىلقى زىدانېغا ئوخشاش سېھىرگە ماھىل ھۇجۇم تەشكىللىشى ئارقىلىق . ئۇ كوماندىغا قوشۇلۇپ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا(2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى) بېرنابۇ توپ مەستانىلىرىنىڭ چاۋىكىغا سازاۋەر بولغان ، بۇنداق ئىمتىياز بېرنابۇدا ھەقىقەتەن ئاز كۆرىلىدۇ . بۇندىن سىرت گارېس بېلنىڭ كوماندىغا قوشۇلۇش مۇراسىمىدا بىر توپ مەستانىلارنىڭ فلورىنتىنوغا «ئۆزىلنى ساتماڭ !» دەپ توۋلاشلىرى بۇ نوقتىنى تېخىمۇ تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى . سەپداشلىرىمۇ ئۇنىڭ قابىلىيتىدىن ھەيران قېلىشقان ئىدى ، ئالونسودىن تارتىپ راموس ۋە كاسىللاسقىچە ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلىشاتتى . سابىق مۇئاۋىن كاپىتان گۇتى مۇ ئۇنىڭ قابىلىيتىگە قايىل بولدى . شۇنىسى ئىنىقكى بېرنابۇ ئىچى-سىرتى مەسۇتنى ئەتىۋارلايتتى ، ياخشى كۆرەتتى . ئۇ بېرنابۇلىقلارنىڭ يۈرىكىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى .
    كرىستىئانو رونالدونىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىلدىكى ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى كىم ؟ جاۋابى شۈبھىسىزكى مەسۇت ئۆزىل . مەسۇت ئۈچ يىلدا كرىستىئانو ئۈچۈن 27 ياردەم پاس بەرگەن ، ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى شىرىكى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ . رونالدو كۆپ قىتىم زىيارەت جەريانىدا تەكىتلەپ :«مەسۇت ئىككىمىز ناھايىتى ياخشى دوستلاردىن ، ئۇ مېنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن توپ تىپىشنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇ ھەقىقەتەن بەك قالتىس .» دېگەن . مەسۇتمۇ كرىستىئانونىڭ بۈگۈنكى دۇنيادا بىرىنچى ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشىنىدۇ . مەسۇت رېئال مادرىد ئۈچ يىلدىكى 159 مەيدان مۇسابىقىدە ، 71 ياردەم پاس بېرىپ ، 27 توپ كىرگۈزگەن . مەسۇت كىرگۈزگەن توپلاردا كرىستىئانونىڭ بەرگەن ياردەم پاسلىرىمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە . (ئەسلى ئەسەردە بۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلار بار ، تېخى تەرجىمە قىلمىغاچقا  تەپسىلى يېزىلمىدى .) ئەمدىلىكتە بۇ ئىككەيلەن ئىككى يولنىڭ ئادىمى بولۇپ ، ئوخشىمايدىغان ئىككى كوماندىنىڭ يادرولىرىدىن بولماقتا . توپ مەستانىلىرىنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەت داۋاملىق ئۇلارنى قوللاپ ، ئۇلارنىڭ مەيداندىكى كۆرسەتكەن ئىپادىلىرىدىن ھوزۇرلىنىش خالاس .
    كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە مەسۇت ناھايىتى ئۇياتچان ھەم تارتىنچاق بىر توپچى ، بىراق ئۇنىڭ سەپداشلىرىدىن سورىسىڭىز ئۇنداق قارىماسلىقى مۇمكىن . ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ باققانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلىدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قىلغانلار ئۇنى ناھايىتى يۇمۇرىستىك دەيدۇ . شۇڭا ئۇنى ھەممە سەپداشلىرى ياخشى كۆرىدۇ . رېئال مادرىدتا راموس ، بېزىما ، ھېدرا قاتارلىقلار داۋاملىق مەسۇت بىلەن بىللە يۈرەتتى . راموسنىڭ مەسۇتقا يان بىسىپ ئۇنىڭ كىيىمىنى ئىچىگە كەيگەنلىكىنى ھەممە بىلىدۇ ؛ بېنزىما مەسۇت بىلەن ئوخشاش دىن ئىتقادى بار ، شۇڭا ئۇلارمۇ ياخشى دوستلاردىن ؛ ئۇنىڭ ھېدرا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ گەپ كەتمەيدۇ ، گېرمانىيە ياشلار كوماندىسىدىكى ۋاقتىدىلا بىللە ياۋرۇپا چېمپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن ، كېيىن ئوخشاش ۋاقىتتا رېئال مادرىدقا قوشۇلغان ، دۆلەت كوماندىسىدىمۇ ئايرىلماس ھەمراھلاردىن . ئارسېنالغا كېلىپ ئۇ دەرھاللا ھەممە سەپداشلىرىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە سازاۋەر بولدى ، گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى پودولىسكى بىلەن مېرتىساكېردىن سىرت ، جىرۇ،فلامىنى،رامسېي،كازورلا،ۋىلشېر قاتارلىقلار ئۇنى دەرھاللا ئارىغا ئىلىپ مەيدان ئىچى-سىرتىدا ياخشى ماسلىشىپ كەتتى .
    شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 13:00 دە ، گارېس بېل ئۆزىنىڭ رېئال مادرىددىكى 11-نومۇرلۇق كىيىمىنى تاپشۇرىۋىلىپ ، بىر ياز پەسلى توختىماي كىشىنىڭ بىشىنى ئاغرىتقان بۇ يۆتكىلىش ئاخىرى پۈتتى . بىراق ئۇ ۋاقىتتا بېرنابۇدىكى 30 مىڭغا يېقىن توپ مەستانىلىرى باشقا بىر ئىسىمنى ئىغىزىدىن چۈشۈرمىدى :«ئۆزىلنى ساتماڭ ! ئۆزىل قېپ قالسۇن !» نۇتۇق ئۈستىلىدە سۆز قىلىۋاتقان فلورىنتىنو قاپىقىنى تۈرگىنىچە ، بارمىقنى كالپۈكىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، «خەپشۈك !» دېگەن ئىشارەتنى قىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى . ئۆتكەنكى ئون كۈن ئىچىدە مەسۇت يېڭى ترېنېر ئەنچېلوتتىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى . گەرچە ئۇ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن سىرتنىڭ ئۇنىڭدىن كەلگۈسى توغرۇلۇق سورالغان سۇئالىغا «مەن چوقۇم مادرىدتا قالىمەن» دەپ جاۋاپ بەرگەن بولسىمۇ ، بېل مادرىدقا قوشۇلۇپ ئون يېرىم سائەتتىن كېيىن ئارسېنالغا يۆتكەلگەنلىكى ئېلان قىلىندى . كرىستئانو بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئاچچىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى :«بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى ، بۇ مۇسابىقىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بىر توپچى ، ئۇ مېنىڭ يۈگۈرۈشۈمنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدىغان توپچى .» ئۇنىڭ ئەڭ يىقىن دوستى بولغان راموسمۇ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى ئېيتتى :« ئۆزىل ناھايىتى ئۆزگىچە بىر توپچى ، ئەگەر قارار چىقىرىش ھوقوقى مەندا بولسا ، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا كۇلۇبدىن ئايرىلاتتى .» باشقا ئەزالار ، پۇتبول ساھەسىدىكى چوڭ-كىچىك ئەرباپلار رېئال مادرىدنىڭ بۇ قىلمىشىنى قەتئىي چۈشەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى . رېئال مادرىد تەرەپ گۇناھنى پۈتۈنلەي مەسۇتقا ئارتىپ قويۇپ ، ئۇنىڭ ئاتالمىش كىچىلىك بەزمىخانا تۇرمۇشىنى قاتتىق ئەيىپلىدى . ئەنچېلوتتى "بېرنابۇ ھەرگىز ئەسلىمەيدىغان بۇ توپچى" نىڭ يۆتلىكىشىپ سەۋەبىنى ئۇنىڭ بىسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي ، باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىشتىن قورقىنى دەپ چۈشەندۈردى . ئەمەلىيەتتە مەسۇتنىڭ پۈتكۈل كەسپىي ھاياتىغا قارايدىغان بولساق ، ئۇ 7 ياشتا غەربىي فالىيا04 كۇلۇبىغا قوشۇلغاندىن باشلاپ ، ئاساسەن زاپاس ئەزا بولۇپ باققان ئەمەس ، شالكې04 كوماندىسىدا ئىپادىسى ياخشى تۇرۇقلۇق سلومكا ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى ، شۇنىڭ بىلەن ۋېردېر برېمېنغا يۆتكەلدى . برېمېندا توماس شاف ئۇنى دىئېگو بىلەن قوش يادرو قىلىپ ئىشلەتتى ، كېيىن ئۇ رېئال مادرىدتا توپ تېپىش ۋە مورىنىيوغا ئەگىشىش ئارزۇسى بىلەن بېرنابۇغا كەلدى ، ھەمدە باشتىن-ئاخىرى مورىنىيونىڭ مۇتلەق ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ كەلدى ، مورىنىيو ھەتتا ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار 10-نومۇر دەپ تەرىپلىدى . شۇنداق خۇلاسە قىلىشقا بولىدۇكى ، مەسۇتنىڭ رېئال مادرىدتىن ئايرىلىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى ئەنچېلوتتىنىڭ ئىشەنچىسىنى ھېس قىلالمىغانلىقتا . بۇ تەرەپتە ۋىنگېر ئۆزى ئۇنىڭغا تېلفون قىلىپ پىلانى ۋە ئۇنىڭغا بولغان زور دەرىجىدىكى ئىشەنچىسىنى بىلدۈردى . بۇندىن باشقا گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپداشلىرى مېرتىساكېر بىلەن پودولىسكىنىڭ خىزمەت ئىشلىشى بۇ يۆتكىلىشتە چوڭ رول ئوينىدى .
    مەسۇت كەلگەندىن كېيىن خەلىپە مەيدانىنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ قويمىدى ، تۇنجى مەيدان ساندېرلاند بىلەن بولغان مۇسابىقىدىلا بىر ياردەم پاس بەردى . ئۇنىڭ كېلىشى جىرۇ بىلەن رامسېينى بىراقلا جانلاندۇرىۋەتتى . 2010-يىلىدىن كېيىنكى ئارسېنال مالىيە ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى ، كىشىلەرگە قۇرال-ياراق زاۋۇتىنىڭ قايتا جانلىنىشىنىڭ شەپىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى ، مەسۇت يىتىپ كېلىشى زەمبىرەكچى توپ مەستانىلىرى ۋە پۈتۈن كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ روھىنى بىراقلا كۆتۈرىۋەتتى ، ئۆزىلمۇ پۈتۈن كۇلۇبنىڭ ئەتىۋارىغا ئايلاندى .