مەشھۇر مىليادىرلار پەلسەپىسى
مەشھۇر مىليادىرلار پەلسەپىسى
رىچارد بىرئېنسون پەلسەپەسى
بىرئېنسون دۇنياغا ناھايىتى داڭلىق شەخس. چۈنكى، ئۇ ھەرقانداق ئىشقا كىرىشسە، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. ئۇ كۆپلىگەن كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى، تېلېۋىزىيە ۋە رادىيولاردا پات – پات كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز تەجرىبىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ساھەدە قانداق قىلغاندا ئۇتۇق قازانغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىپ تۇرىدۇ.
* ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا ۋاقىتنى زايە قىلىشنى ياقتۇرمايمەن. بايرام كۈنلىرى ئىشنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، كۆڭۈللۈك ھاردۇق چىقىرىمەن. لېكىن، خىزمەت ۋاقتىدا بىر مىنۇت ۋاقتىمنىمۇ بىكار كەتكۈزمەيمەن. ئىشخانىغا يېتىپ بارغۇچىمۇ، ئىشتىن قايتىپ ئۆيگە كەلگۈچىمۇ خىزمەت ھەققىدە ئويلايمەن، پىلان تۈزىمەن.
* دائىم سەھەر تۇرىمەن، ئاندىن چېنىقىش بىلەن شۇغۇللىنىمەن.
* چۈشلۈك تامىقىمنى ئوبدان يەيمەن. خىزمەت چارچىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن قورساقنى ئوبدان تويغۇزۇش لازىم.
* باشقىلار بېجىرىشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق، دەپ ھېسابلىغان ئىشنى بېجىرمەكچى بولسسىڭىز، ئوبدان ھېساب – كىتاب قىلىپ كۆرۈڭ. ئەگەر ھەممىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولسا، بۇ ئىشنى بېجىرىشكە كىرىشىڭ. ئۆز ساھەيىڭىزدە بىرىنچى بولۇشقا ئىنتىلىڭ. بىر چاغلاردا ئادەملەر كۆك قەرىدە ئۇچۇشنى ئىمكانىسىز دەپ ھېسابلىغان. ھازىر بولسا، كائىناتقا پەرۋاز قىلىش ئاددىي ئىشقا ئايلاندى.
* ھەرقانداق ئىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ھېسابقا ئېلىش كېرەك. لېكىن، چۈشكۈنلۈككە بېرىلمەسلىك لازىم. چۈنكى، ئاقىۋېتىدىن قورققان ئادەم ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
* مېنىڭ پەلسەپەم ئاددىي: ھاياتقا بىر قېتىم كېلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال ياشاڭ. بىر ئۆمۈر تېنىم تاپماستىن ئىشلەشتىن كۆرە شۇنىسى ياخشى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۆزىڭىزگە ياقىدىغان ئىش بىلەن شۇغۇللىنىڭ.
* ھەربىر ئىشنىڭ، ھەربىر كۈننىڭ پىلانىنى تۈزۈڭ. پىلان بىلەن ئىش قىلغان ئىنسان ۋاقىتنى ئۇتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆز ئىشىنى ياخشى بىلىدىغان خادىملارنى ياللاڭ ۋە ۋەزىپىلىرىنى توغرغ تەقسىملەڭ.
* ئائىلىڭىز ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىشىڭىز شەرت. بۇ بولۇپمۇ مېھرىڭىزگە مۇھتاج پەرزەنتلىرىڭىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئائىلە− ھايات مەزمۇنىدۇر.
بېل گېيتسنىڭ پەلسەپىسى
بېل گېيتس− ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ باي ئادىمى سۈپىتىدە تونۇلغان. ئۇ ئۆز ئەقلى ۋە ھەرىكىتى بىلەن شۇ دەرىجىگە يېتىشكەن. تۆۋەندە ئىتىبارىڭىزغا بېل گېيتسنىڭ ئىقتىساد پەلسەپىسىنى ھاۋالە قىلىمىز:
* رىقابەتچىلىرىڭىزنى تەتقىق قىلىڭ. مەن ھەركۈنى سەھەردە ئالدى بىلەن رىقابەتچىلىرىمنىڭ ئىشلىرى بىلەن تونۇشىمەن.
* قەتئىي بولۇڭ. رەھبەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى ئېغىر جاپانىمۇ مەردانە قارشى ئېلىشتۇر. سوغۇققان بولۇڭ، شۇندىلا ھەممە مەسىلە تېزرەك يېشىم تاپىدۇ.
* مۇۋەپپەقىيەتكە ئېتىبار مەرمەڭ. ئۇ ئالدامچى ۋە ئۆزگىرىشچاندۇر. مەقسەتكە يەتتىڭىزمۇ، جايىڭىزدا ئولتۇرۇۋەرمەڭ، يېڭى مەنزىلنى كۆزلەڭ. رىقابەتچىلەر قول قوۋۇشتۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ.
* راۋاجىلىنىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىڭ. تەجرىبىلىك رەھبەر قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئىشلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىدۇ.
* بىر ئىشنى بېجىرىشنى نىشانلىدىڭىزمۇ، ئۇنىڭغا بۈگۈنلا كىرىشىڭ. ۋاقىتنى ئارقىغا سۇزماڭ.
* مەغلۇبىيەتتىن قورقۇڭ. قەدەم تاشلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ توغرىلىقىغا تولۇق ئىشەنچ ھاسىل قىلىڭ، قەدەم تاشلىغاندىن كېيىن بولسا، خۇلاسە چىقىرىڭ.
* يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىڭ. ئېلېكترون ۋاسىتىلەر مۆجىزە يارىتىشقا قادىر.
* ئاۋامدىن ئايرىلىپ تۇرۇڭ. چۈنكى، ئۇ ھەر دائىم كىرەكلىك يۈنۈلۈشتە ماڭمايدۇ. شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۆز ئالدىڭىزغا تاللىغان يولىڭىز بولسۇن.
* سىز مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا يىلىغا 60 مىڭ دوللار مائاش ئالمايسىز. ئۆزىڭىز ئېرىشمىگۈچە دۇنياۋىي سودا گۇرۇھلىرىنىڭ پىرزېنتى بولالمايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن مېھنەت قىلىش كېرەك.
* ئەگەر سونجاققا ئولتۇرۇپ قالسىڭىز، بۇنىڭدا ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئەيىبى يوق. يىغلامسىراپ ئولتۇرماستىن، خاتالىرىڭىزدىن خۇلاسە چىقىرىڭ.
* سىز تۇغۇلغانغا قەدەر ئاتا – ئانىڭىز ھازىرقىدەك ئەسەبىي، ياۋاش، ياردەمگە مۇھتاج ئەمەس ئىدى. ئۇلار سىزنىڭ كىيىملىرىڭىزنى يۇيۇپ، يىدۈرۈپ – ئىچۈرۈپ، كىيدۈرۈپ، ئەركىلىك ۋە قارغىشلىقلىرىڭىزغا چىداپ شۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان. شۇڭا ئۇلارغا چېچىلىشنىڭ ئورنىغا «ئاتا – ئانام بولمىغان بولسا، كىم بولار ئىدىم؟» دېگەن سوئالنى ئېسىڭىزگە ئېلىڭ.
* سىز ئوقۇغان مەكتەپتە ھېچكىم يولباشچى ۋە مەغلۇبىيەتچىگە ئاجرىتىلماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، ھاياتتا ئۇنداق ئەمەس. بەلكىم، مەكتەپتە ئالدىراپ ناچار باھا قويۇلماس، توغرا جاۋابنى بېرىش ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم ئىمكانىيەت بېرىلەر. لېكىن، ھەقىقى ھاياتتا بۇنداق بولمايدۇ.
* كۆزئەينەك تاقىغان تاكى سالپاڭ قۇلاق بالىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلمەڭ. بىر زامانلار كېلىپ، ئۇنىڭ قولىدا ئىشلەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
كارلوس سلىمنىڭ پەلسەپەسى
دۇنيانىڭ ئەڭ باي شەخسلىرىدىن بىرى بولغان مېكسىكىلىق داڭلىق ماگنات، مىليادىر كارلوس سلىم ئىنسانىيلىق، ئېزگۈلۈك ھەقىدە شۇنداق دەيدۇ:
* بايلار پەقەت بايلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى لازىم. ھايات سىزگە ئوقۇپ ئۆگىنىش، ھېس قىلىش، مەنىلىك ئۆمۈر كەچۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئىمكانىيەتلەرنى سوۋغا قىلىدۇ.
* مېنىڭچە، سودا – تىجارەتتە ئۇتۇق قازانلار مەنبەلەردىن پايدىلىنىش ۋە باشقۇرۇشتا باشقىلارغا قارىغاندا كۆپرەك تەجرىبىگە ئىگە.
* ئۆزگىلەرنىڭ پىكىرى بىلەن ياشايدىغان ئادەم ئادەم ئەمەس.
* سىز كېلەچەكنى كۆرەلىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بولسا، ئۆتمۈشنى ياخشى بىلىش لازىم.
* ئىمكانقەدەر چوڭ خاتالارغا يول قويماڭ.
* ئىقتىسادىي ساھەگە كىرگەنلەر ئەۋرىشىم بولۇشى شەرت.
* ھەرقانداق تىجارەتتە 15-16 سائەتلەپ ئىشلەش شەرت ئەمەس. ئۇنداق قىلىنسا، ئۆزىڭىز، ئائىلىڭىز ۋە پەرزەنتلىرىڭىز ئۈچۈن ۋاقتىڭىز قالمايدۇ.
* كارخانىچى− ئۆزى ۋاقتىنچە باشقۇرۇشى مۇمكىن بولغان بايلىقنى ياراتقۇچىدۇر.
* ئەڭ ياخشى دەسمايە− يېڭىدىن ئىش ئورنى يارىتىش. ئىنسانلارنى زامانىۋىي بازار ئىقتىسادىغا جەلپ قىلىش.
* مېھنەت قىلىش پەقەت ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتلا ئەمەس، يەنە مەنىۋىي ئېھتىياجدۇر.
* بەختكە ئېرىشىشنىڭ يولى ئۆز قەدرىڭىزنى بىلىشتىن باشلىنىدۇ.
* دائىم ياخشىلىقنى ئويلاش تاتلىق مېۋە بېرىدۇ.
* مەن ھېلىھەم سوراشتىن، ئۆگىنىشتىن توختىمايمەن.
* بايلىققا ئىگەن بولغاندىن كېيىن، ئۇنى بىھۇدە سەرپلەش تەلۋىلىكتۇر. بايلىقىڭىزنى ياخشىلىق يولىدا سەرپ قىلىڭ.
* كارخانىچى− راھەتلىنىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى مېھنەت دېگەنلىكتۇر.
* ئىشلەپ تاپقان پۇلىڭىز، شەخسىي ئىگىلىكىڭىز ئامەت ئەمەس. ئامەت – سىزنىڭ ھاياتىڭىز. ئامەت− ئائىلىڭىز، دوستلىرىڭىز. شۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى ئامەتلىك دەپ ھېسابلايمەن.
روكفېللېرنىڭ پەلسەپىسى
مىسلىسىز دەرىجىدە ئۇتۇق قازانغان ئامېرىكىلىق ماگنات جون روكفېللېر ھەممىگە ئۆز ئەمگىكى بىلەن ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئاتىسى كەمبەغەل ئەمەس ئىدى، لېكىن ئوغلىنىڭ ئۆز ئالدىغا پۇل تېپىشىنى خالىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا مۇستەقىل ياشاشقا قويۇۋەتكەن. جون روكفېللېر مايلامچىلىق بىلەنمۇ، كوچىدا گېزىت سېتىش بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئاخىرقى ھېسابتا بولسا كاتتا ماگناتقا ئايلانغان.
* باي ئادەمدە ھېچقاچان ئارتۇق پۇل بولمايدۇ. كەمبەغەلدە بولىدۇ.
* كەمبەغەل ھەممە نەرسىنى ئەسلى باھاسىدا سېتىۋالىدۇ. باي بولسا، ئەرزانراقىنى ئىزدەيدۇ.
* باي ئادەم ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىدىن ئىزدەيدۇ. كەمبەغەل بولسا باشقىلاردىن كۆرىدۇ.
* كەمبەغەل پۇل ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. پۇل بولسا بايلار ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.
* كەمبەغەل باينى كۆرەلمەيدۇ. باي بولسا كەمبەغەلنى سەزمەيدۇ.
* كەمبەغەل ھېچقاچان پۇلنىڭ نېمىگە كەتكەنلىكىنى سەزمەيدۇ. باي بولسا خىراجەتلىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ.
* كەمبەغەلگە مىليون دوللار بەرسەڭ، ئىشلىتىپ تۈگىتىدۇ. بايغا ئون مىڭ دوللار بەرسەڭ مىليون دوللارغا يەتكۈزىدۇ.
* پۇلۇڭ بولسا تىجارەت قىل. ئەگەر پەقەت پۇلۇڭ بولمىسا، ئۇنداقتا تېزلىك بىلەن تىجارەت قىل.
* 24 سائەت ئىشلەپ، بىراق كاللىنى ئىشلەتمىسەڭ، پۇل تاپالمايسەن.
* ئادەملەرگە چىن كۆڭلۈڭ بىلەن مىننەتسىز ياردەم بەر. بىراق، ھۇرۇن ۋە ئىش خۇشياقمايدىغانلارغا ئەمەس.
بودۇ شېفېرنىڭ پەلسەپىسى
بودو شېفېر — ياۋروپادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مالىيەۋىي مەسلەھەتچى، يازغۇچى ۋە مىليادىر. ئۇ ئوتتۇز يېشىدىلا كاتتا بايلىققا ئېرىشىپ، پەقەت ئۆسۈمنى خىراجەت قىلىپ ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى، ئىقتىسادىي ھاياتقا بولغان پەلسەپىسى ئەكس ئەتكەن گۈزەل سۆزلىرىدىن ھۇرۇزلىنىمىز:
* ياخشى دىققەت قىلسىڭىز، ئامەت ئېغىر ئەمگەك ۋە جىددىي تەييارگەرلىكنىڭ نەتىجىسى بولۇپ چىقىدۇ.
* ئەگەر سىز بىرەر ئىش قىلىشنى پىلانلاپ، بۇ ئىشنى 72 سائەت ئىچىدە بېجىرمىسىڭىز، دېمەك، بۇ ئىشنى بېجىرىشىڭىز 85 پىرسەنت يوق گەپ دېگەنلىك بولىدۇ.
* ئىش قىلىۋاتقان ئادەم ئامەتنى كۈتىدۇ. شۇنچىكى سىناپ كۆرگەن ئادەم بولسا، ئۇنىڭغا بىرەر ئىشنىڭ تۇسالغۇ بولۇشىنى كۈتىدۇ. يېرىم ھەرىكەت يېرىم نەتىجە ئەمەس، نۆل نەتىجە بېرىدۇ.
* پۈتۈن كۈن ئىشلەيدىغان ئادەم پۇل تېپىشقا ۋاقىت تاپالمايدۇ.
* ئەڭ كاتتا ئىقتىدار ئۆز ھەرىكەتلىرىڭ ئۈچۈن تۈرتكە تاپالىشىڭدۇر.
* ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەت ئىقتىسادىي چەكلىمىلەر ۋە خىراجەتلەرنىڭ پىلانغا سالماي تۇرۇپ قولغا كەلمەيدۇ. ئىقتىسادىي مۇستەقىللىككە ئىقتىسادىي چەكلەشلەر ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ.
* ياخشى ھەرىكەتسىز تۇرغاندىن يامان باشلاش ياخشىراقتۇر.
* بۇرۇنقى ئورنۇڭدا تۇرغانلىقىڭنى ئاقلاش ئۈچۈن نۇر تېزلىكىدە باھانە تاپقاندىن كۆرە نىشانىڭغا قاراپ تاشپاقىدەك سىلجىغىنىڭ ئەۋزەل.
* پۇلنى ياخشى تېپىش ئۈچۈن ياخشى بىلىم كېرەك. دائىم ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە، دۇنياقارىشىڭىزنى كېڭەيتىشكە ھەرىكەت قىلىڭ. تەنتەكلەرگە پەقەت قىمارخانىدا ئامەت كۈلۈپ باقىدۇ، ئەمما بۇمۇ ھەر دائىم ئەمەس.
* بايلىق سىزنىڭ قىمارخانا، رېستوران ياكى ماگېزىندا سەرپلىگەن مەبلىغىڭىز ئەمەس، بەلكى سىز ئاسراپ قويغان مەبلەغدۇر.
* ئامەت تەنتەكلەرگە پەقەت بىر قېتىم، ئەقىللىقلەرگە بولسا ھەر دائىم كۈلۈپ باقىدۇ.
* سىز بارچە ۋەقەلەر ئۈچۈن جاۋاپكار ئەمەس. ئەمما ۋەقەلەرگە بولغان مۇناسىۋېتىڭىز ۋە تەلقىنلىرىڭىز ئۈچۈن جاۋاپكاردۇرسىز.
* ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئامەت كۈتۈش خۇددى تەنھەرىكەتچى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، تېلېۋىزور ئارقىلىق ئۇلومپىك مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈپ، شۇ مەيدانغا ئالتۇن مېدال ئىلىشنى كۈتكەنگە ئوخشاش ئەخمىقانە ئىشتۇر.
* پۇلغا قانداق مەزمۇن ۋە قەدىر بەرسەك، ئۇلار ئەنە شۇنىڭغىلا ئىگە بولىدۇ.
* پۇل ئۆزىچە ھېچكىمنى بەختلىك ياكى بەختسىز قىلمايدۇ. پۇل ئەينەككە ئوخشاش ئېگىسىنىڭ خاراكتېرىنى ئاشكارىلايدۇ.
* ھېچكىم كۆپ پۇل تاپقانلىقى ئۈچۈنلا باي بولۇپ قالمايدۇ. سىز ئىشلەشكە مۇھتاج بولماي، تاپقان پۇللىرىڭىزغا ياشىيالسىڭىزلا باي ھېسابلىنىسىز، پۇل سىزگە ئىشلىشى كېرەك.
* سىز ئىگە بولماقچى بولغان كەسىپنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭ.
* جاۋابكارلىقسىز ياشاش− سىز ئۈچۈن باشقىلار تۈزگە قائىدىلەرگە چۈشۈپ ياشاش دېمەكتۇر.
* بىز گۈللەرنى كۆرىمىز، ئەمما تىكەننى كۆرمەيمىز. بىز ئامەتنى كۆرىمىز، ئۇنىڭغا لازىملىق تەييارگەرلىكنى كۆرمەيمىز. ناۋادا بىز «ئامەتلىكلەر»نىڭ ئۆز ئامەتلىرىگە قانچىلىك تىرىشچانلىق بىلەن تەييارلانغانلىقىنى كۆرسەك ئىدى، ھەيرەتتە قالغان بولاتتۇق.
* سىز ئۈچۈن ئۆزىڭىز ئويلىغاندەك مائاش بەرمەيۋاتامدۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىزنىڭ ئەسلى نەرقىڭىز ئەنە شۇنچىلىك. ئەگەر بۇنى توغرا تاپمىسىڭىز، خىزمەتنى، تۇرمۇش تەرزىڭىزنى، ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ.