Jump to content

مەغپىرەت كۈنلىرىدىكى نىدا

ئورنى Wikipedia

مەغپىرەت كۈنلىرىدىكى نىدا

تەقدىرىمىز قىل ئۈستىدە، نىجاتلىققا ئېرىشىشكە تەشنامىز. غەپلەتتىمىز، ئويغىنىشقا مەجبۇرمىز. ئاسارەتتىمىز، ھۆر بولۇشقا موھتاجمىز. دەرلەركى، بۇ ئاينىڭ ئىبتىداسى رەھمەت، ئوتتۇرى مەغپىرەت، ئىنتىھاسى نىجات.

دەرھەقىقەت، بۇ ئاي ھۆرمىتى بىلەن ياراتقۇچىدىن رەھمەت سورىدۇق، ئەجەبا رەھمەتكە نائىل بولۇشقا ئەرزىدۇقمۇ؟ مەغپىرەت كۈتىۋاتىمىز، ئەجەبا مەغپىرەتكە يۈزىمىز بارمۇ؟ رەھمىتى چەكسىز ئاللاھقا ھەمدە بولسۇنكى، بىزنى رەھمەت ئېيىغا يەتكۈزدى. ئۇنىڭ ئۈچۈنلا تۇتۇلىدىغان رامىزان روزىسىغا مۇيەسسەر قىلدى. شۈكرانە ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە رەھمەتكە سازاۋەر بىرەر ئەمەل قىلالمىغىنىمىزدىن، قىلالمايۋاتقىنىمىزدىن مەغپىرەت تىلەيمىز.

دەرۋەقە، تەڭرىگە ئىپادىلىنىدىغان ئەڭ چوڭ سەمىمىيەت كىشىنىڭ ئۆز چېگراسىنى، بەندىلىك ھۇدۇدىنى بىلىشىدۇر. چېگرا ۋە ھۇدۇدنى بىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولسا، ئىنساننىڭ ئۆزىنى بىلىشىدىن، رەببىنى تونۇشىدىن ۋە رەببىنىڭ كامالىتى ئالدىدا بىنۇقسان ئەمەسلىكىنى تەن ئېلىشىدىن باشلىنىدۇ. كامالەتسىز تۇرۇپ بىنۇقسانلىقنى دەۋا قىلىشىدىن ئارتۇق سەمىمىيەتسىزلىك بولسۇنمۇ؟!

ئىنسان باركى خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ. خاتالاشقۇچى ئىنسان باركى، گۇناھتىن ساقلىنالمايدۇ. ئىنساننىڭ بۇ خىل ساقلىنالماسلىق تەبىئىتىنى بىلگۈچى زات ئۇنىڭغا رەھمىتىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭغا ئاشۇ نۇقسانىي تەبىئىتى بىلەن ئۆزىگە يېقىنلىشىش، ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنۇتىش پۇرسىتى ئاتا قىلدى. بۇ ۋەجىدىن ھەر بىر ئىنسان ئۆز ياراتقۇچىسى بىلەن ئايرىم – ئايرىم مۇناسىۋەت قۇرالايدۇ، دەردىنى تۆكەلەيدۇ، ئۆزىنى ئاتىيالايدۇ، بېغىشلىيالايدۇ، ئۆزىگە كۈچ ئالالايدۇ.

ئىستىغپار ئېيتىش، مەغپىرەتكە تۇتۇنۇش بەندىلىكنىڭ تىپىك ئالامىتى. شۇنداقلا بەندىلىك شوئۇرىنى تىرىك تۇتۇشنىڭ مۇھىم يولى. ئۆزىگە سەمىمىي بولۇشنىڭ، بۇ سەمىمىيەت بىلەن تەڭرىگە يۈزلىنىشنىڭ ۋاسىتىسى.

سوراپتۇلەركى، دۇنيانىڭ دوزىخى نېمە؟ جاۋاب شۇكى، ۋەتەن ھىجرانى. سوراپتۇكى، ئازابىچۇ؟ جاۋاب شۇكى، جۇدالىق.

شۇنداق، ئىككىنچى بىر تەڭتۈشى بولمىغان ئىبادەتنىڭ مەۋسۇمى بولغان بۇ مۇبارەك ئايدا تىلەشكە، مەغپىرەت سوراشقا قەترە چاغلىق تەڭرى ئالدىدا يۈزىمىز بار دېيىلسە، ئەنە شۇ قەترە بەلكىم ئۈستىمىزدىكى جۇدالىق سىنىقى بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا مىللەت سۈپىتىدە «رەببىم ئاللاھ» دېگەنلىكى تۈپەيلى ھەيدەپ چىقىرىلغان قەۋم بولغانلىقىمىز بولۇشى مۇمكىن.

خاتالىقلىرىمىز كۆپ، گۇناھلىرىمىز ئاز ئەمەس، شۇنداقتىمۇ بىز ئىنسانمىز، رەھمەتتىن، مەغپىرەتتىن نائۇمىد ئەمەسمىز. بولۇپمۇ بىز جۇدالىق سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بەندىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رەببىمىزدىن ھەر ۋاقىت ئۈمىدۋارمىز. ئۇنىڭغىلا ئىلتىجا قىلىمىز، ئۇنىڭ فەزلى – مەرھەمىتىگە نائىل بولۇشنى سورايمىز. ئاجىزلىقىمىزنى تەن ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە شۇنى سەمىمىيەت بىلەن سورايمىزكى، بىزگە دۇنيانىڭ دوزىخىنى ياشىتىۋاتقان تاجاۋۇزچى زالىملار ۋە ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى بىز تارتىۋاتقان ئازابقا تەڭتۈش كەلمىگۈدەك قاتتىق ئازاب بىلەن ۋابالىنى تارتقاي!

تەڭرىنىڭ قەھرى ۋە ئادالىتى تاجاۋۇزچى دۈشمەن ئۈستىدە پاتراق تەجەللى بولغاي، نالايىق بولساقمۇ ئۈستىمىزدىكى بۇ ھىجران ئازابى پاتراق دەفئى بولغاي، ئەرزىمىسەكمۇ بۇ جۇدالىق توسۇقلىرى تېزراق كۆتۈرۈلۈپ كەتكەي، ئۆز ئانا تۇپراقلىرىمىزدا تەكبىر سادالىرى ئىچىدە تەڭرىنىڭ «ۋەتەن» ئىنئامى ئۈچۈن شۇكرانە ئېيتىش، شۈكۈر سەجدىسى قىلىش، شۈكۈر روزىسى تۇتۇش نېسىپ بولغاي! ئانا ۋەتەن قۇدرەت تاپقان، تەڭرى كەلىمىسى ئۈستۈن بولغان ھۆر ۋەتەندە ئابا – ئەجداد مىراسلىرىنى يېڭىدىن ئىھيا قىلىش، پارلاق كەلگۈسى يارىتىش بۇ مىللەتكە تەكرار نېسىپ بولغاي!

-بۇرھان مۇھەممەد

2025-03-18


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى