مەمتىمىن ئەلا

ئورنى Wikipedia
مەمتىمىن ئەلا

Mamtimin Ala

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نىڭ رەئىسى
ۋەزىپىدە
ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 2016-يىلى 6-نويابىر
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1971-يىلى (47 ياش)

ئاتۇش شەھىرى

مىللىتى ئۇيغۇر
دۆلەت تەۋەلىكى ئاۋسترالىيە
تۇرار جايى سىدنى، ئاۋسترالىيە
ئانا مەكتىپى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى
كەسپى ئۇيغۇر سىياسەتچى، ئىنقىلاپچى
ۋەزىپىسى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نىڭ رەئىسى

مەمتىمىن ئەلا (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mamtimin Ala، تۇغۇلغان 1971-يىل) بولسا شەرقىي تۈركىستانلىق ئىنقىلاپچى ۋە ئۇيغۇر سىياسەتچى. 1971-يىلى ئاتۇشتا دۇنياغا كەلگەن، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاتۇشتا ئوقۇپ، 1989-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات ڧاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1993-يىلى ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرۈپ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات بۆلۈمىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 2000-يىلى بېلگىيە]]نىڭ مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ كېيىن دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان.

بالىلىقى ۋە ئوقۇش ھاياتى[تەھرىرلەش]

مەمتىمىن ئەلا 1971-يىلى ئاتۇشتا دۇنياغا كەلگەن، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاتۇشتا ئوقۇپ، 1989-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات ڧاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1993-يىلى ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرۈپ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات بۆلۈمىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 2000-يىلى بېلگىيە]]نىڭ مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ كېيىن دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. 2008-يىلى ئاۋسترالىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. ھازىر سىدنىدا كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

سىياسىي ھاياتى[تەھرىرلەش]

ئاۋسترالىيەنىڭ سېدني شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆتكەن يەكشەنبە يەنى 6 ‏-نويابىر كۈنى جەمئىيەتنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك سايلىمىنى ئۆتكۈزگەن.

سايلامدا پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەلا جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سايلىمىدىمۇ بىر نۆۋەت رەئىس بولغان ئىدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بەختىيار بۆرە ئەپەندى بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى؛ جەمئىيەت رەئىسى مەمتىمىن ئەلا بولسا، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغانلىقى ۋە جەمئىيەتنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئەلچىخانىسى سۈپىتىدە ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.[1]

ئاۋسترالىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەلا يېقىندىن بۇيان ئاۋسترالىيەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر قىسىم ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلماسلىقى ھەققىدىكى بەزى سەۋەبلەر ۋە شۇنداقلا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ساقلىنىۋاتقان سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئۆزىنىڭ نەزىرىيىۋىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.[2]

باشقىلار[تەھرىرلەش]

ئاۋسترالىيە[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى