مەمتېلى توختاجى

ئورنى Wikipedia
مەمتېلى توختاجى
تۇغۇلۇش1901، ئاتۇش
ۋاپاتى1937، ئۈرۈمچى
مىللىتىئۇيغۇر
ئەسىرىئىستىقلال مارشى


مەمتېلى ئەپەندى (1901 — 1937) ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى ، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىلى ، ئوت يۈرەك شائىر مەمتېلى توختاجى ( تەخەللۇسى تەۋپىق ) ئاتۇشنىڭ بويامەت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ قىسقىغىنا 36 يىللىقى ھاياتىدا ئۆز خەلقىنىڭ مائارىپى ئۈچۈن، ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان. ناھايىتى كۆپ بىلىملىك زىيالىيلارنىڭ بېشىغا چىققان قانخور جاللات شېڭ شىسەي مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار ئىدىيىسىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

ئوت يۈرەك ئۇستاز مەمتېلى تەۋپىق مەمتېلى ئەپەندى 1901 - يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە توختاجى ئىسىملىك يېتىشكەن تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرىدىن بولۇپ، ئائىلىسى مەرىپەتنى، ئىلىم - پەننى ھىمايە قىلغۇچى ئائىلە ئىدى. مەمتېلى ئەپەندى دۇنياغا كۆز ئاچقان يىللار ھەممە يەرنى زۇلۇم قاپلىغان، ئىستىئېدات چەككە چىققان، خەلق نادانلىق ۋە قالاقلىق قوينىدا ئېغىر ھالسىراۋاتقان قاراڭغۇ دەۋر بولغاچقا، توختاجى تېۋىپ ئوغلىنىڭمۇ نادان، قالاق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن گۆدەك مەمتېلىنى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. يېڭىچە پەننىي مەكتەپتە ئوقۇش، ئۇستازلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەربىيىسى مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرۈشىدەك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

مەمتېلى ئەپەندى مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن 19201921 - يىللىرى دادىسى توختاجى بىلەن بىرگە ئىلى، بورتالا ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ. ئۇيەرلەردە كۆزى تېخىمۇ ئېچىلىپ جاھالەت ۋە نادانلىق ئىسكەنجىسىدىكى خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچرشىدۇ؛ تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەڭ دائىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، خەلقنى بىلىم بىلەن ئويغىتىش ئىرادىسىنى تىكلەيدۇ. شۇ چاغدا چۆچەكتە كۆپ تەرەپلىمە مەلۇماتلىق دىنىي زات، مەرىپەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان مۇرات ئەپەندىنىڭ بۇ جاسارەتلىك يىگىتكە مېھرى چۈشۈپ قالىدۇ ھەم ئۇنى تەربىيىلەيدۇ.

1924 - يىلى ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان مەمتېلى ئەپەندى «چەكسىز قايغۇ - ئەلەمدە» دېگەن شېئىرىنى يازىدۇ:

ئوقىدى - ئاشتى باشقىلاربىزدىن،ئەي قەدىردانلار،

كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار.

ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇر باشقا مىللەتلەر،

قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا، ئويلا ئۈممەتلەر.

بۇ شېئىر كىشلەر تەرىپىدىن كۆچۈرلۈپ تام - تاملارغا چاپلىنىپ كېتىدۇ، خەلق مەمتېلى ئەپەندىنى تېخىمۇ تونۇيدۇ. مەمتېلى ئەپەندى چۆچەك تەۋەسىدە تەسىرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ياڭ زېڭشىننىڭ ماراقچىسى ئۇنى كېچە - كۈندۈز نازارەت قىلىدۇ. تەقىب ئىچىدە قالغان ياش شائىر ئۇستازى مۇرات ئەپەندىنىڭ سەمىمىي ئاتىدارچىلىقى بىلەن 1926 - يىلى بىر كېچىدىلا چېگىردىن چىقىپ كېتىدۇ. يات ئەللەردىكى سەرسانلىق - سەرگەردانلىق شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ.

مەمتېلى ئەپەندى 1928 - يىلى بىر ئاق كۆڭۈل تۈرك قېرىندىشىنىڭ ياردىمى بىلەن قىرىم ئارىلى ئارقىلىق ئىستانبۇلغا بارىدۇ.

مەمتېلى ئەپەندى 1920- يىلى ئاتۇشتىن چىقىپ كەتكەندىن تارتىپ تاكى ئىستانبۇلغا يېتىپ بارغۇچە بولغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھاياتنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز جاپا - مۇشەققىتىنى تارتىدۇ، ھەرخىل ئىدىيە - ئېقىملار بىلەن ۋە خىلمۇ خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچرشىدۇ. دېمەك، ئۇ ئوتتۇزياشقا قەدەم قويغۇچە پىشىپ يېتىلگەن بىر ئادەم بولۇپ چىقىدۇ. ئۇ تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن يىللىرى، تۈركىيەنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى يېڭىلىنىپ، مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرى گۈللىنىپ، ئىقتىسادى كۈچىيىپ، تەرەققىيات سۈرئىتى تېزلىشىپ تەرەققىي تاپقان ئەلگە ئايلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى.

1929 - يىلدىن 1932 - يىلغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا، مەمتېلى ئەپەندى ھەقىقىي بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلايدۇ . ئۇ تۈركىيە گېزىتلىرىدە كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان، ۋەتىنى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ، خەلقىنىڭ تەقدىرى، يۇرتنىڭ ئىسىقبالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەمتېلى ئەپەندى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قۇشۇنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىگە ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۆۋەندىكى پارچىنى يازىدۇ:

ئاڭلىدۇق ئەي ئانا دىيار سەندىن چۇقان، پارتلىدى زالىمغا قارشى ۋولقان.

پاچاقلاشقا قۇللۇق كىشەن – زەنجىرىنى، ئالغا، ئارتقا قايتما جەڭدىن باتۇر ئىنسان.

مەمتېلى ئەپەندى يۇررتىغا دەرھال قايتىش قارارىغا كېلىپ خەلقنى نادانلىق، قاششاقلىق ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاقارتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە يۇرتىغا ئاخىر قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ بىر يېتىشكەن مەرىپەتچى سۈپىتىدە خەلق ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ مەرىپەت ۋە ئىلىم - ئىرپان ئىدىيىسىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. يېڭى مائارىپ ھەرىكەتلىرى ۋە 3 - قېتىملىق مائارىپ دولقۇنى ئاتۇشتا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەمتېلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ تەشكىللىگۈچى ۋە پائالىيەتچى بولدى. ئۇ تەشكىل قىلغان مەكتەبلەر زۇلمەت دۇنيانى يۇرۇتقۇچى مەشئەل بولۇپ ياندى. ئۇ مەشئەل دىنىي چەكلىمە، فېئوداللىق تەرتىپ ۋە زۇراۋان كۈچلەرنىڭ قاتتىق ئىسكەنجىسىگە ئېلىنغان بولسىمۇ ئۆچۈپ قالمىدى.

مەمتېلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە مۇنداق يازىدۇ:

بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز، خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز.

تالاي يىللار زۇلمەتتە تېنەپ خار بولدۇق، ئىلىم -ئىرپان يۇلىغا شۇنچە زار بولدۇق.

مەمتېلى ئەپەندى ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە 24 باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. ئۇ قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھالدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش، ئاقارتىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈردى.

مەمتېلى ئەپەندى 1935 - يىلى يازدا ئوخشاش فورما كىيگەن يۈز نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ يەنى <<ئىزچىلار ئەترىتى>> تەشكىللەپ ئۆزى باش بولۇپ، مارش ۋە ناخشىلارنى ئېيتىپ پەيزىۋات، توققۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، ۋە قەشقەر شەھەر ئەتراپىنى ئايلىنىپ يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ، مەمتېلى ئەپەندىنىڭ بۇ جەڭگىۋار ھەرىكىتى قەشقەردە تۇرۇۋاتقان قوماندان ۋە مەرىپەت پەرۋەر مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرشىدۇ.

قەتىل قىلىنىپ بولۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن مائارىپچى[تەھرىرلەش]

1937 - يىلى 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەتىگەندە، مەمتېلى ئەپەندى ئادىتى بويىچە سومكىسىنى ئېلىپ ئۇيۇشمىغا بارىدۇ. بۇ چاغدا، قەشقەر شەھىرىدىن كېچىلەپ يولغا چىقىپ، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئاتۇشقا يىتىپ كەلگەن قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۇبۇلقاسىم ئادەملىرى بىلەن مەمتېلى ئەپەندىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى ئۇيۇشمىغا كىرىشى بىلەنلا، ئۇلار مەمتېلى ئەپەندىنى قولغا ئالىدۇ. بۇ مۇدھىش خەۋەرنى ئاڭلىغان مىڭلىغان ئامما ۋە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار يۈگۈرۈشۈپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار ساقچىلارنىڭ قولىغا كويزا سېلىنغان مەمتېلى ئەپەندىنى بىر سوك - سوك ياۋىداق ئاتقا مىندۈرگىنىچە ئارىغا ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇنى كۆرگەن ئەر ئاياللار ئۈنسىز ئۇھ تارتىشىدۇ. ئوقۇغۇچىلار «ئەپەندىم!» دەپ ۋاقىراپ، ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كېتىدۇ. ياۋىداق ئات ئۈستىدە مەھبۇس سۈپىتىدە ئولتۇرغان مەمتېلى ئەپەندى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە يۇرتداشلىرى بىلەن بېشىنى لىڭىشتىپ خوشلىشىدۇ. ساقچىلار مەمتېلى ئەپەندىنى ئوتتۇرغا ئالغان پېتى توختىماي مېڭىپ، قۇمالتاغ تەرەپكە كېتىپ قالىدۇ…

مەمتېلى ئەپەندى ئۇدۇل قەشقەر ساقچى ئىدارىسىگە يالاپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن، ساقچى باشلىقى قادىر ھاجىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىلگەن. قادىر ھاجى مەمتېلى ئەپەندىنى كۆرۈپ، كۆرەڭلىك بىلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن… مەمتېلى ئەپەندى قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدە قىسقا سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋاغ تۈرمىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ 14 - كامېرغا تەنھا سولاپ قويۇلغان…مەمتېلى ئەپەندى ئۆزى يالغۇز سولانغان كامېرنىڭ جەنۇبى تېمىغا ئاتقا مىنگەن بىر ئادەمنىڭ رەسىمىنى سىزىپ ئاستىغا: «مەن1937 - يىل 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سەيشەنبە بۇ يەرگە كىردىم، مېنى ناھەق قولغا ئېلىشتى»دەپ يېزىپ قويغان.

1937 - يىلى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سەھەردە، قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىگە قاماقلىق 300 دىن ئارتۇق سىياسى مەھبۇس تۈرمە ھويلىسىغا يالاپ ئېلىپ چىقىلىپ، بىر تۇتاش ئوققا تۇتۇلغاندىن كېيىن، بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرىۋېتىلگەن. قەشقەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قادىر ھاجىنىڭ باشقۇرىشىدىكى بۇ تۈرمىنى شۇ چاغدا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ قەشقەرگە كىرگۈزگەن قىرغىز ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ تۈەنجاڭى مەۋلانوپ ئۈچيۈزدەك ئەسكىرى بىلەن ساقلايتتى.

1937 - يىلى 12 - ئايدا، شېڭ شىسەي ئومۇمەن ئىلگىرى تۆمۈر سىجاڭ، ئوسمان ئېلى، سابىت داموللام، ماخوسەن ۋە مەھمۇت مۇھىتىغا ئەگىشىپ پاراكەندىچىلىك سالغانلار بىردەك قولغا ئېلىنىپ تازلىنىدۇ، دەپ جاكارلىغان. قەشقەردە 5000 كىشى قولغا ئېلىنغان. ئۇلار بىردەك «خائىن» دەپ جاكارلانغان ھەمدە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان. 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى قەشقەر رايۇنىدا «خائىنلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئېنىقلاش ھەيئىتى» قۇرۇلغان. شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە ستالىندىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، مۇشۇ باھانىدا، شىنجاڭ مىقياسىدا نۇرغۇن چوڭ بايلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان. يەنە بىر جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنگەن ئەمەلدارلارنى ۋە زىيالىلارنى قىرىپ تۈگەتكەن. ئەينى يىللىرى يەكەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە يەكەننىڭ ھاكىمى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن ئابدۇرېشىت يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، (ياۋاغ تۈرمىسىنى ساقلىغۇچى) مەۋلانۇپ، تېرىسىگە سىغماي ھۆكۈرەپ يۈرگەن زامانلىرىدا، ئىنتايىن قەبىھ ئىشلارنى سادىر قىلغان ئىكەن. ئۇ بىر قېتىم، قۇربان ھېيتتا قاتتىق مەست بولۇپ قېلىپ، دادقىباي دېگەن ئاغىينىسى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتە بەسلىشىپ باقماقچى بولۇپ، باشقىلارغا بۇيرۇپ تۈرمىدىن 40 نەپەر مەھبۇسنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئوڭ - سول قىلىپ قاتار ياتقۇزۇپ، يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ، باشقىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «مەن پىچاقنى بىر قېتىمدىن سۈرۈش بىلەن، بۇ ئوڭ تەرەپتىكىلەرنىڭ جېنىنى تېزلىك بىلەن ئالالايمەن، سول تەرەپتە ياتقۇزۇلغانلارنى دادقىباي بوغۇزلىسۇن» دەپ، جاللاتلىق ماھارىتىنى كۆرسەتكەنىكەن… شۇ زامانلاردىكى قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ھازىر بار بولغان شاھىدلىرى مەۋلانوپنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىنى غەزەپ بىلەن ھېكايە قىلىشىدۇ.

مەمتېلى ئەپەندى تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىن، 14 - كامېرنىڭ تاملىرىغا بىر نەچچە پارچە شېئىر يېزىپ قويغان:

نەچچە يىل كەزگەن ئىدىم بۇ دىيارى غۇربەتنى،

كۆرمىگەنىدىم مۇنداق ئازابۇ - ئوقۇبەتنى.

ئاقىۋەت ۋەتەنگە كېلىپ، قىلىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت،

مۇكاپات ئورنىدا ئالدىم بۇ ئازارى كۈلپەتنى.

تاقەتىم تاق بولدى مۇندىكى خەلقنىڭ نىدايىدىن،

قۇلاقلىرىم گاس بولدى كىشەنلەر سادايىدىن.

گۇناھى نە ئىكەن بۇندا قامالغان نەۋقىرانلارنىڭ؟

ھەققە ئويغۇنى يوقتۇر تېڭىلغان شۇ گۇمانلارنىڭ.

روھىم ئەجەپ قىسىلدى يالغۇزلۇقتا،تۇتقۇندا،

سائەتلىرىم ئۆتمەكتە كىشەنلىنىپ زۇلمەتتە.

ياشىم ئوتتۇز ئالتە ياش، تاشتىن بەتتەر قاتتى باش،

ئادا بولار ئوخشايمەن بۇ خىل قايغۇ - ھەسرەتتە.


مەمتېلى ئەپەندى قايناپ تۇرغان غەزەپلىك ھېسسىياتى بىلەن،كامېر تاملىرىغا شېئىرلارنى يېزىپ توشقۇزىۋەتكەن:

بۇلبۇللار تۇتقۇن بولدى،يۇرتنى بۇلغىدى قراغا،

كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئېسىلۇر دارغا.

بۇ قاراڭغۇ يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت،

ئادالەتكە ئىنتىلسەم قولغا ئالدى سىياسەت.

خەلقىم ئۈچۈن ئىلىم-پەن، تەرەققىيات ئىزدىدىم،

نىيىتىم ساپ، دىلىم ئاق، ئۆتكۈزمىدىم جىنايەت!

قادىر ھاجى كىرىپ كەلدى، يېنىدا گۇندىپاي ئالتە،

ھەقىقەت نە؟ ئادالەت نە؟ بىلمەيدۇ ئەقلى بەك كالتە.

كىشەن قىستى سېنى تەۋپىق قىلما زەررىچە پەرياد،

پىدا قىل قاننى سەن ئەمدى، بېشىڭغا كەلدى بۇ ئەرسات.

ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسىيان ئېتەر،

كۈندە مۇشتۇمدەك كېسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر.

خۇدايىم بىلۇر بالىلىرىم قالدى دادۇ - پەريادتا،

دېرىكىمنى ئالالماي سەرسان بولۇپ ھەر ياقتا.

ئەل خائىنى، مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق،

ھۆكۈمەتكە ئۈستۈمدىن خەۋەر بېرىپسەن ساختا.

« ئەل خائىنى ،مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق»دىگەن مىسرادىكى مەمتىمىن 1930 — 1940 - يىللىرى قەشقەر تەۋەسىدە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھاكىميىتى ئۈچۈن ئىشپىيۇنلۇق قىلىپ، ئىككى قولىنى نۇرغۇن خەلقپەرۋەر ئوغلانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويىۋالغان مۇناپىق مەمتىمىن ئاق كىرپىك دىگەن كىشىنى كۆرسىتىدۇ.[1]

ۋاپاتىدىن كېيىن[تەھرىرلەش]

1937 – يىل 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى سەھەردە ياۋاغ تۈرمىسىدىكى ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئوققا تۇتۇلۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ مۇدھىش خەۋەر قەشقەر شەھرىگە ناھايىتى تېزلىك بىلەن تارالغان. شۇ چاغدا، مەمتىلى(تەۋپىق) ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئون نەچچە ياشلىق ئوغلى رىشات قەشقەر شەھىرىدە ئىكەن. مەمتېلى ئەپەندى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، نىزامىدىن ئەپەندى رىشاتنى مەمتېلى ئەپەندىگە تاماق ۋە كىيىم – كېچەك يەتكۈزۈپ بېرىشكە بۇيرۇغان. شۇڭا ئۇ شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ھېيىتكاھغا كېلىپ، كېچىچە بولغان جەڭگە ئائىت خەۋەرلەرنى بىلمەكچى بولغان. لېكىن ئۇنىڭ بىلگىنى «ساقچىلار ياۋاغ تۈرمىسىگە ئوت قويۇۋېتىپ يېڭى شەھەرگە قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن شۇم خەۋەر بولغان. رىشات ھىچنىمىگە قارىماي موللا ئاكىسى (مەمتېلى ئەپەندىنى شۇنداق ئاتايدىكەن) نىڭ خەۋرىنى ئېلىش ئۈچۈن ياۋاغ تۈرمىسىگە كەلگەن. قارىسا بۇ يەر قىزىل قىيامەتنىڭ ئۆزىگە ئايلانغان بولۇپ، كۆيۈپ چۈچۈلە بولۇپ كەتكەن جەسەتلەر ھويلىدا، تامنىڭ تۈۋىلىرىدە، كامېرلارنىڭ بوسۇغىسىدا دۆۋىلىشىپ كەتكەن. رىشات يۈگۈرگەن پېتى مەمتېلى ئەپەندى ياتقان كامېرغا بارغان. شۇ چاغدا، بىرسى ئۇنىڭ مۆرىسىنى تۇتقان، قارىسا دادىسى نىزامىدىن ئەپەندى ئىكەن، يېنىدا مەمتېلى ئەپەندىنىڭ شاگىرتى ئابدۇغۇپۇر قۇناجى، ئاغىنىسى ئابباس چوڭمۇ بىللە ئىكەن. ئەسلى ئۇلار ئابدۇنىياز قىسىملىرىنىڭ قەشقەرگە ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئاڭلاپ كېچىلەپ يول يۈرۈپ قاق سەھەردە قەشقەرگە يېتىپ كەلگەنىكەن. ئۇلار قەشقەرگە كېلىپلا تۈرمىگە ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان، شۇنىڭ بىلەن ھېچنېمىگە قارىماستىن بۇ يەرگە كەلگەن. ئۇلار بىرلىكتە مەمتېلى ئەپەندىنىڭ جەسىتىنى ئىزدىگەن. جەسەتلەر تونۇغۇسىز دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇلار بەك ئىزدەپ كەتكەن. كېيىن رىشات مەمتېلى ئەپەندىنىڭ پۇتىدىكى كۆيمەي قالغان كاراشناۋاي ئايىغىنى تونوۋالغان. ئۇ دادىسىغا: «مەن بۇ ئاياغنى تېخى بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئەكىلىپ بەرگەنىدىم» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن ئابباس چوڭ مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ھەم كىچىكلەپ، ھەم يېنىكلەپ كەتكەن جەسىتىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ كۆينەك، چاپانلىرىغا ئوراپ ئاتقا ئارتىپ، بەشكېرەمگە يېتىپ كېلىپ بىر يېقىن تۇنۇشىنىڭكىگە چۈشكەن. ئۇلار قاراڭغۇ چۈشكەندە ماڭماقچى بولۇشقان. رىشاتنى بولسا ئات بىلەن ئاۋۋال بېرىپ مەخپىي ھالدا يەرلىك تەييارلىتىپ تۇرۇشقا بۇيرىغان. ئۆزلىرى جەسەتنى تاغارغا سېلىپ، ئاتقا ئارتىپ بەشكېرەمنىڭ ئىت يولى ئارقىلىق كېچىلەپ ئاتۇشقا قاراپ يول ئالغان. نىزامىدىن ئەپەندى، ئابباس چوڭ، ئابدۇغۇپۇر ئۈچەيلەن ئۈستىگە جەسەت ئارتىلغان ئاتنىڭ يېنىدا بۇقۇلداپ يىغلاپ ياش تۆكۈپ ماڭغان.

1934 – يىلدىن 1937 – يىلغىچە بولغان تۆت يىل جەريانىدا جەڭگىۋار ئىزچىلىرىنى باشلاپ، نەي – بارانلارنى ياڭرىتىپ، ناخشا – مارش سادالىرى بىلەن تاغۇ – تاشلارنىمۇ لەرزىگە سېلىپ، قەشقەر بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدىكى بۇ تار يولدا نەچچە ئون قېتىم ھەيۋەتلىك سەپەر قىلغان ھەم شۇ خاسىيەتلىك سەپەرلىرىدە مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قەلب كۆزىنى يورۇتۇپ، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن پارلاق سەھىپىلەرنى ئاچقان بۇ مائارىپ سەركەردىسى، بۈگۈنكى كۈندە كۆيۈپ چۈچۈلا بولغان ھالەتتە تاغارغا قاچىلىنىپ، ئاتنىڭ ئۈستىدە قەشقەر بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدىكى بۇ يولدا ئەڭ ئاخىرقى سەپىرىنى بېسىپ كېتىۋاتاتتى...

جاھانغا پاتمىغان سەركە قازانغا قانداق پاتقاندۇ!

قازانغا پاتسا پاتقاندۇ، تۇۋاقنى قانداق ياپقاندۇ؟

مەمتېلى ئەپەندىنىڭ جەسىتى ئەل ئايىقى بېسىققاندا بويامەتكە ئېلىپ كېلىنگەن .ئۇلار مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئىنتايىن مەخپىي پۈتتۈرگەن ،نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەتتا نىزامىدىننىڭ ئايالى زورىخانغىمۇ ئوقتۇرمىغان . ئاخىرەتلىك پۈتكەندىن كېيىن ،سەككىز كىشى نىزامىدىن ،ئابدۇراخمان شائىر ،ئابباس بەگ (1936 يىلىدىن كېيىن ئاتۇشقا بەگ بولغان ،يەنە بىر ئىسمى ئابباس چوڭ) ،قۇۋان شەيخ ،ئابدۇغۇپۇر قۇناجى (تېجەنلىك مەرىپەتپەرۋەر باي قۇۋان ھاجىمنىڭ ئوغلى) ،رىشات ۋە مەمتېلى ئەپەندىنىڭ يەرلىكىنى تەييارلىغان ئىككى نىمكار – تاشمەمەت ،ئىگەمبەردىلەر ئالدىراپ مەرھۇمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ ئۇنى دەپنە قېلىشقان .ئېتىھات يۈزىسىدىن ھەتتا قەبرە ئۈستىگە ئېگىزرەك توپا دۆۋىلەشكىمۇ جۇرئەت قىلالمىغان . مەرھۇمنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن .سەككىزەيلەن نىزامىدىننىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ،بۇ سىرنى ئەبەدىي ساقلاشقا ،تۇققۇزىنچى بىر كىشىگە بىلدۈرۈپ قويماسلىققا قەسەمياد قىلىشقان . مەمتېلى ئەپەندىنىڭ تۈرمە تاملىرىغا يېزىپ قويغان شېئىر – قوشاقلىرى قانداق ساقلىنىپ قالغان ؟ سەمەر باينىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان سەمەر مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ئوڭئېرىقتىكى «ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش كۇرسى» نىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى،.. «ساقچىلار ياۋاغ تۈرمىسىگە ئوت قويىۋىتىپ يېڭى شەھەرگە قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان ئابدۇراخمان سەمەر ئۇستازىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ،ئەمەت مەخسۇم قاتارلىق بىرنەچچە ساۋاقدىشىنى باشلاپ دەرھال قەشقەرگە يېتىپ بارغان .ئۇلار يېتىپ كەلگەندە ،تۈرمىنىڭ ئىچى بىر قىزىل قىيامەتكە ئايلانغان بولۇپ ،ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ جەسىتىنى ئىزدەۋاتقان ۋە تاپقانلارنىڭ يىغا – زارى پەلەكنى قاپلىغانىكەن .ئابدۇراخمان سەمەر باشلىق بىرنەچچەيلەن مەمتېلى ئەپەندىنىڭ جەسىتىنى ئىزدىگەن .ئۇلار ئىزدەپ بىر كامېرغا كىرىپ ،تامدا مەمتېلى ئەپەندىنىڭ چالما بىلەن يازغان شېئىرلىرى تۇرغانلىقىنى كۆرگەن .ئۇلار پۇچۇركىسىغا قاراپلا ،مەمتېلى ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرى ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلغاندىن كېيىن ،ھەممىنى كۆچۈرۈۋالغان .ئۇلار كۆچۈرۈۋالغان شېئىرلار قىرىق كۇپلىت ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ شېئىرلارنى كېيىن ئابدۇراخمان سەمەر يادلىۋالغان.

1937 – يىل 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بۇ مىسلىسىز پاجىئەنىڭ مۇدھىش خەۋىرى بىر – ئىككى كۈن ئىچىدە پۈتۈن قەشقەر تەۋەسىگە پۇر كەتكەن . بۇ خەۋەر ئاتۇشتا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن ،مەمتېلى ئەپەندىنىڭ بالىچىلاپ بېقىۋالغان مۇنەۋۋەر شاگىرتى مىرئەھمەت سېيىت دەرھال دادىسىدىن روخسەت ئېلىپ، تېجەنلىك سۇلايمان دىگەن بالا بىلەن ئىككى ئېشەككە مىنىپ قەشقەرگە قاراپ يول ئالغان. ئۇلار قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئېشەكلىرىنى تۆشۈك دەرۋازىسىنىڭ تېشىدىكى بىر سارايغا قويۇپ ،ئازراق تاماق يەپ ياۋاغ تۈرمىسىگە يېتىپ بارغان .ئۇلار تۈرمىگە يېتىپ بارغاندا ،بۇ يەر ئاساسەن جىمىققان بولۇپ بوران ئۇچۇپ تۇرغانىكەن .بۇ ئىككىسى بارلىق كامېرلارغا كىرىپ ئاخىرى مەمتېلى ئەپەندى ياتقان تۈرمىنى تاپقان .ئۇلار تۆت تامغا ئالا قويماي يېزىلغان شېئىرلارنى خاتىرىلىرىگە بىر – بىرلەپ كۆچۈرۈۋالغان .ئۇلار بۇ كامېردىن چىقىپ ،يەنە باشقا كامېرلارنى ئايلانغان .قارىسا يەنە بىر كامېردىمۇ مەمتېلى ئەپەندىنىڭ بىرنەچچە كۇپلېت شېئىرى يېزىقلىق تۇرغان .ئۇلار ئۇنىمۇ كۆچۈرۈۋالغان . مىرئەھمەت سىيىت بىلەن سۇلايمان تۈرمىنىڭ ئىشىكىنى ساقلايدىغان گۇندىپاينىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشۈپ ،ئۇنىڭ مەمتېلى ئەپەندىگە ئائىت ئىشلارنى بىلىدىغان – بىلمەيدىغانلىقىنى سورىغان .بۇ ئايال بۇ ئىككەيلەنگە:«مەمتېلى ئەپەندىنى ھەممىدىن بۇرۇن ئەكەلگەن ،ئاۋۋال يالغۇز كامېرغا سولىغان ،كېيىن ھىسامىدىن ئەپەندى بىلەن بىر كامېرغا سولىدى .بۇلار مەمتېلى ئەپەندىنى بەك تولا سوراق قىلدى ،بەك قىينىدى . ھېلىقى مەۋلانبېك (مەۋلانوپنى دېمەكچى) دېگەن قىرغىز بەك تولا سوراق قىلاتتى .ھېلىقى كۈنىمۇ مەمتېلى ئەپەندىنى ئاشۇ ئۆز قولى بىلەن ئاتتى .بىز بىرنەچچە ئايال ئېتىشۋازلىقتا ئوق تېگىپ كېتىشتىن قورقۇپ ،بالىلىرىمىزنى ئېلىپ بىر ئۆيگە كىرىۋالغانىدۇق .شۇ ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن ،تاڭ يۇرۇقىدا بولغان ئاشۇ قىزىل قىيامەتنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق ،دوزاقنىڭ ئۆزى بولدى ،خۇدا بەندىسىگە ئۇنداق كۈننى كۆرسەتمىسۇن .شۇ كۈندىن باشلاپ ئېغىزلىرىمغا قوقاق چىقىپ كەتتى . . .» دەپ سۆزلەپ بەرگەن .مىرئەھمەت سىيىت بىلەن سۇلايمان ئېشەكلىرىگە مىنىپ ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەن.[1]

مىرئەھمەت سىيىت شېئىر يېزىۋالغان دەپتەرنى بىرەرسىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ، شېئىرلارنى يادقا ئېلىۋالغان. مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇققان ئاتۇش خەلقى قوشاق قېتىپ يىغلىغان :

ئىشىك ئالدىدا تۆت ئورۇس ،

تۆتىلىسىدە پاپىرۇس .

ئەپەندىمنى ئۆلتۈرگەن ،

قادىر ھاجى جا ئورۇس .

مەمتېلى ئەپەندى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ،پۈتكۈل ئاتۇشنى قاپلىغان مائارىپ ھەرىكىتىنى سۇسلىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ،نىزامىدىن ئەپەندى ،ئابدۇراخمان شائىر ،ئەمەت مەخسۇم ،تاشاخۇنۇمنىڭ ئوغلى لىۋاھىدىن قارى ،ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ،ئىزچىلار سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن يار مۇھەممەت ،سۇلتان مامۇت قاتارلىق ئوننەچچەيلەن يىغىن ئېچىپ«مەمتېلى ئەپەندى تۈرمىدىن چىققۇچە،ئاتۇش مائارىپىنى ئاقسىتىپ قويمايلى» دەپ ،ئابدۇراخمان شائىرنى مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ئورنىغا ئاتۇش مائارىپىغا مەسئۇل قىلىپ بېكىتكەن .بۇ ئاي – بۇ كۈنلەردە ،ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرغاچقا ،خائىن – مۇناپىقلارنىڭ ،ئىشپىيۇن – چېقىمچىلارنىڭ كۈنى تۇغۇلغان . ئۇلارنىڭ خورىكى ئۆسۇپكۆرەڭلەپ كەتكەن .مەمتېلى ئەپەندى قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەن .ئەينى يىللىرى مەمتېلى ئەپەندىنىڭ يېنىدا مەرىپەت مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان كىشىلەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دىققەت ئوبيېكتى بولۇپ قالغان … ۋەزىيەت كەسكېنلەشكەنسىرى گۇناھسىز كىشىلەر ئۇشتۇمتۇت كېچىسى ئۆيىدىن چاقىرىپ ئېلىپ چىقىلىپ ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن .ئۇزۇن ئۆتمەي مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندى ،ئابباس چوڭ مۇئەللىملەردىن ئابدۇراخمان شائىر ،لىۋاھىدىن قارى ،ئەمەت مەخسۇم ،ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ،ئىزچىلاردىن يار مۇھەممەت قاتارلىقلار ئارقا – ئارقىدىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەن .ئۇلارنىڭ شۇ پېتى ئىز – دېرىكى بولمىغان. مەمتېلى ئەپەندى كۆتۈرگەن مەرىپەت بايرىقىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلار خەلقپەرۋەر شەخىسلەر بىر – بىرلەپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ،ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولغان .دېمەك ئۇلار شېڭ شىسەينىڭ ئادەت قىلغان ئۇسۇلى بىلەن يوشۇرۇن ئۆتۈرۈلگەن . 1937 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ،ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى بىر قەدەر چوڭراقلىرى مەكتەپلەردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىلغان .دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىنى ئېلىپ قېلىپ ،ئۇلارنى ئۆز مۇددىئاسى بويىچە ئوقۇتقان .ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىمۇ باشقىدىن تۈزۈلگەن .مەمتېلى ئەپەندى ئۆگەتكەن ناخشا – مارشلارنى ئوقۇش چەكلەنگەن . ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى كۈنسېرى چېكىنگەن ۋە چاكىنىلاشقان . مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان بىردىنبىر فوتو سۆرىتى قانداق ساقلىنىپ قالغان؟ مەمتېلى ئەپەندى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن،مەمتېلى ئەپەندىنىڭ قەشقەر قوغانلىق باجىسى ئوبۇل ھەسەن مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ئايالى مەلىكىزاتنى يېشىغا توشمىغان قىزى ئەدىبە بىلەن قەشقەرگە ئېلىپ كەتكەن.شۇ چاغدا ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئوقىغان چاغدىكى ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى مەمتېلى ئەپەندىنىڭ مىراس قالغان نەرسىلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ،ھازىرقى سۆرەت شۇ كېنىشكىغا چاپلانغان ئىكەن. مەلىكىزات خېنىم بۇ قىممەتلىك مىراسنى ئەتىۋارلاپ ساقلىغان. ئەپسۇسكى مەمتېلى ئەپەندىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى بىلەن كېلىپ چىققان جۇدالىق ھەسرىتىنىڭ دەردىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن مەلىكىزات خېنىم ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن. قارا يىتىم بولۇپ قالغان يالغۇز قىزى ئەدىبەنى قەشقەر شەھىرىدىكى ھاممىسى خەلىچە خېنىم بېقىپ چوڭ قىلغان. ئەدىبە بويىغا يەتكەندىن كېيىن تۇرمۇشلۇق بولۇپ، تۆت پەرزەنتكە ئانا بولغان.[1]

1960 — 1970 - يىللىرى «خائىننىڭ پۇشتى»دەپ چەتكە قېقىلىپ،ئەدىبە خېنىمنىڭ كۆرمىگەن كۈنى قالمىغان. شۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن غۇلجىغا كۆچۈپ كەتكەن. ئۇ ھازىر غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرق مەھەللىسىدە ئولتۇرىدۇ. مەلىكىزات خېنىمدىن مىراس قالغان سۈرەتنى مەمتېلى ئەپەندىنىڭ باجىسى ئوبۇل ھەسەن ساقلاپ، 1960 - يىللىرى مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ پەرزەنتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلار بۇ سۈرەتنى قايتا فوتوغا ئالغۇزۇپ، كۆپەيتىپ يۇيغۇزۇپ، ئۇرۇق تۇققانلىرىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدۇ. شۇ سۈرەتتىن بىر پارچىسى 1982 - يىلى قۇربان باراتنىڭ شەخسى ئادېرسىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. قۇربان بارات بۇ سۈرەتنى «بۇلاق» جورنىلىنىڭ 11 - سانىدا ئېلان قىلىپ، جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. شۇندىن بۇيان بۇ سۈرەت كۆپلىگەن كىتاپ-جورناللاردا ئېلان قىلىندى.[1]

مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى — مەمتېلى ئەپەندى»ناملىق ئەسلىمىسى 1996 - يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسىدىكى كومپىئوزىتور مىھمانجان روزىنىڭ قولىدا ساقلىنىپ تۇرغان. كېيىن 1997-يىلى 8-ئايدا«مىرئەھمەت سېيىت،يالقۇن روزى،ئابلىكىم زۇردۇن»لارنىڭ نامىدا رەسمى نەشىردىن چىققان.[1]

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. 1.0 1.1 1.2 1.3 1.4 «مەمتىلى ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز!»، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تورى، ئۇلىنىش 2020-11-10