مەھكۇم چېچەك، مەزلۇم خەمەكلەر

ئورنى Wikipedia

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئىتىراپ سەۋداسى ئامېرىكىدىكى كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆيىگە ھېيىتلاپ بارماقچى بولدۇق. مەن تەكلىپ بويىچە سەل بۇرۇنراق بېرىپ ساھىپخانغا قارىشىپ بەردىم. ئۆي ئىچىنى رەتلەۋېتىپ بىر گىلەمنى ئېسىشقا بۇيرۇلدۇم. گىلەم ئىچكىرىدە ئاددىيلا توقۇلغان بولۇپ پۈتۈن يۈزىگە مۈشۈك ئېيىقنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنىدى. ھېيىت كۈنلىرىدە ئۆيگە مۈشۈك ئېيىقنىڭ سۈرىتى بار گىلەمنى ئېسىش ماڭا تازا خوپ كەلمىدى. ئاسماسلىق قارارىغا كېلىپ دېدىم.

-ئاسمايلى، بۇ خەنسۇچە گىلەمنى. ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى بولغاندىكىن، ئاللاھنىڭ سۆزى، تەكلىماكان ياكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ رەسىمى، راۋاپ دۇتارنىڭ سۈرىتى، يۇلغۇننىڭ ئوبرازى چۈشۈلگەن بولسا ئاسساققۇ مەيلىتى، دېدىم. -ياق ئاسسىڭىزمۇ ئاسىسىز، ئاسمىسىڭىزمۇ ئاسىسىز. بۇ گىلەمنى ئاپام ئامېرىكىغا مېڭىشىمدا يوللۇق تۇتقان. ئاپام ئامېركىلىقلارنىڭ جوڭگۇنىڭ قەدىمىي، ئەنئەنىۋىي بويۇملىرىنى، مۈشۈك ئېيىقىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا مۇشۇ مۈشۈك ئېيىقنىڭ سۈرىتى بار گىلەمنى ئاتايىن ھەدىيە قىلغان، دېدى. بۇ گەپ ماڭا تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلدى. ”تۆۋە، خۇدايىم ئامېرىكىغا ماڭغان بالىسىغا ئۇيغۇرنىڭ بىرەر ئەستىلىكىنى يوللۇق تۇتماي، ئامېرىكىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ- دەپلا مۈشۈك ئېيىق سوغات قىلغىنى نېمىسىدۇر؟“

شۇندىن كېيىن ”ئامېرىكىلىقلار ياخشى كۆرىدۇ“ دەپ ئۆيىگە مۈشۈك ئېيىق نۇسقىلىق گىلەم ئاسقان ئىشنى پات- پات ئويلاپ قالىدىغان بولدۇم. ئەسلەپ باقسام ئامېرىكىدا يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە جوڭگۇچە رەسىم ۋە ھۆسىن خەتنىڭ ئېسىقلىق تۇرغىنىنى كۆرۈپتىكەنمەن، سەۋەبىنى سورۇسام ”ئامېرىكىلىقلار جوڭگۇنىڭ مۇشۇنداق نەرسىلىرىنى ۋاي دەيدۇ“ دەپ جاۋاپ بەرگىنى ئېسىمدە. 2005-يىللىرى تۈركىيەدە بولغىنىمدا بىر ئۇيغۇر كىشىنىڭ ئۆيىدە خەنسۇچە خەتلەر چۈشۈرۈلگەن بىر لوڭقىنى كۆرۈپ قالدىم. سەۋەبىنى سورىسام ”تۈركلەر ئەتىۋار بىلىدۇ“ دېدى. مېنى ھەيران قىلغىنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئامېرىكىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ مۈشۈك ئېيىق نۇسقىلىق گىلەم ئېسىۋالسا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تۈركلەر ئەتىۋار بىلىدۇ دەپ خەنسۇچە لوڭقىنى تىزىۋالغىنى بولدى. ئەلۋەتتە، ھازىر جوڭگۇدەك مەدەنىيىتى قەدىمىي، ھۆكۈمىتى باي بىر دۆلەتنىڭ تۈرلۈك بويۇملىرى خەلقئارالىق تەسىرگە ئىگە. شۇڭا تۈركىيەدىمۇ، ئامېرىكىدىمۇ جوڭگۇ مەدەنىيىتىدىن زوقلىنىدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپرەك بولۇشى تەبىئىي. لېكىن مەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاتايىن ۋەتىنىدىن ئۆزى ياقتۇرغان نەرسىنى ئەمەس، مەزكۇر ئەلدىكى كىشىلەر ياقتۇرغان نەرسىنى كۆتۈرۈپ كېلىشى، ئۆيىگە ئۆزى قەدىرلەيدىغان بويۇمنى ئەمەس خەقلەر ياقتۇرىدىغان بويۇمنى تىزىپ قويۇشلىرى ۋە بۇلارنى خەقلەر ئۈچۈن ئەتىۋارلىشى ماڭا شۆھرەتپەرەسلىك، داغۋازلىقتەك بىلىندى. بۇنىڭدا ئىتىراپ قىلىنمايۋاتقان بىر توپ كىشىنىڭ ئىتىراپقا بولغان سەۋالىقى ۋە تىرمىشىشلىرى شەلۋەرەپ تۇراتتى. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ قىممىتى، ھۆرمىتى ۋە پەزىلىتى باشقىلارنىڭ باھاسىنىلا ئۆلچەم قىلسا بۇ كىشىنىڭ ياراتقان قىممىتى تۇتۇرۇقسىز قىممەتتۇر، ئېرىشكەن ھۆرمىتى ماغزاپ ھۆرمەتتۇر، يېتىشتۈرگەن پەزىلىتى يانلانما پەزىلەتتۇر. بۇنداق خەقنىڭ نەزىرىگە، ئىشتىھاسىغا لايىقلاشتۇرۇلۇپ يارىتىلغان قىممەت خەقنىڭ نەزىرىدە بىر گېزەك خالاس، ۋاقتى كېلىپ خالىسا داستىخانغا تىزىپ قويىدۇ، خالىمىسا ئەخلەتكە تۆكىدۇ.ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزلۈك لايىھەسى باشقىلارنىڭ سىزغۇچلىرىدا، شۇلارنىڭ ئەندىزىسىگە قاراپ سىزىلسا بۇنداق لايىھەنى بويلاپ ھەرىكەتكە ئۆتكەن كىشى ئۆزى ئارزۇلىغان مەنزىلگە ئەمەس، باشقىلارنىڭ ئەۋەتمەكچى بولغان مەنزىلىگە سەپەر قىلغان بولىدۇ. ئەگەر بىر جەمئىيەتتە، بىر مىللەتتە مۇشۇنداق ئادەملەر ئاۋۇپ كەتسىچۇ؟

مەن تولىمۇ كاتتا بىلىدىغان بىر زىيالى بولىدىغان. بىر كۈنى سۆھبىتىگە داخىل بولۇپ قالدىم. يېقىندىن بېرى تەتقىقات بىلەن ئالدىراش ئىكەن. گەپ ئارىلىقىدا ئۇرغۇلۇق قىلىپ بۇندىن كېيىن ئەسەرلىرىنى خەنسۇچە ئېلان قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. سەۋەبى ”مۇشۇ خەققە كۆرسىتىپ قويۇش“ ئۈچۈن ئىكەن. ئەستەغپۇرۇللاھ ئېيتتىم ئىچىمدە. تەتقىقاتنىڭ مەقسىدى ھادىسىلەرگە يوشۇرۇنغان قانۇنىيەتنى بايقاش، بىسەرەمجان شەيئىلەرنىڭ كەينىدىكى تەرتىپنى تېپىپ چىقىش، پەرقلىق كۆرۈنگەن ئىشلارغا يوشۇرۇنغان پەرقسىز سەۋەبنى ئاڭقىرىش بولمايزە ھاكىمىيەتتىن نەپلىنىپ ياشاۋاتقان بىر توپقا ئۆزىمزنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈنمۇ؟ ئۇنداقتا بۇنداق تەتقىقات ئۆزىمىزنى كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن قىممىتىنى، زۆرۈرىيىتىنى يوقاتمامدۇ؟

مەنچە مەيلى يۇقارقى مۈشۈك ئېيىق ۋە لوڭقا مەسىلىسى بولسۇن ياكى ”مۇشۇ خەققە ئۆزىنى تونۇتۇپ قويۇش“ ئۈچۈن تەتقىقات قىلىش مەسىلىسى بولسۇن ھەممىسىدە بىر ئىتىراپ سەۋداسى ياتىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىتىراپى ئۈچۈن تىرمىشىش ۋە ئۆز ئارزۇلىرىدىن ۋاز كېچىش، باشقىلارنىڭ ئىتىراپى ئۈچۈن ئۆز قىزىقىشىنى قۇربان قىلىش، بارلىق قىلمىش، ئەتمىشلىرىدە باشقىلارنىڭ ئىتىراپىنى ئۆلچەم قىلىش ئۇيغۇرلاردا جەمئىيەتلەشكەن كەمسىنىشنىڭ شەخسلەردىكى ئىپادىسى خالاس.

چوقۇنۇش، نارازىلىق ۋە خەۋپسىرەش قەشقەردە بۇ يىل قۇربان ھېيىتقا بىر قانچە كۈن قالغاندا كوچىلاردا قۇربانلىق قويلار ئاۋۇپ كەتتى. ھېيىت ھارپىسى ۋە ھېيت كۈنى بۇ قويلار شەھەرنى مەرىتىۋەتتى. كىشىنى ھەيران قىلىدىغىنى ئادەتتە ھارۋۇ سۆرەپ باققاللىق قىلىدىغانلارنى قوغلاپ يۈرىدىغان شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ خادىملىرىمۇ بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلدى. كوچىلاردا قاتناش ساقچىلىرىنىڭمۇ قويلار بىلەن كارى يوقتەك ئېدى. ھېيتگاھنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولدا ھېيىت ھارپىسى بىر ماشىنا ئۆتكۈدەكلا ئارىلىق قالغان بولۇپ ماشىنىلارنىڭ قىستاڭدا چىرقىرىغان كارنايلىرى شەھەرنى بىر ئالغانىدى. شەھەر ئارىلاپ كېتىۋېتىپ ”تۆۋە ماۋۇ ئادەمنىڭ كۆپلۈكىنى بۈگۈن، يا يولدا ماڭغىلى بولمىغان قىستىشىپ، مۇشۇ خەنسۇ خەق بولمىسا ئۇيغۇرلار بىر بىرىنى قىستاپ ئۆلتۈرۈپ قويامدۇ نېمە؟“ دېگەن ئاۋاز قۇلىغىمغا كىردى. قارىسام ھۈنەرۋەن چىراي ئىككەيلەن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ سۆھبىتى يەنە مۇنداق داۋام قىلدى،“ كۆرمەمدىلا ھۆكۈمەت ئۇيغۇلارنىڭ ھېيىتى ئىكەن دەپ رەھىم قىلىپ قويۇپ بەرسە ماۋۇ بىزنىڭ يول تالىشىپ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىمىزنى. بىز خەقتە تەرتىپ، ئىنتىزام، يول قويۇش نېمىش قىلسۇن، ئاڭ نېمىش قىلسۇن. بۇ خەنسۇلار بەك تەدبىرلىك بەك ئوبدان باشقۇرىدۇ جۇمۇ شەھەر دېگەننى. بۇلار كۈچلۈك دەيمەن، ھازىر بۇ خەققە تەڭ كەلگىلى بولمايدۇ، ئەگەر خەنسۇلار سىيىپ ئەمەس تۈكۈرۈپ قويسىمۇ بىز غەرق بولۇپ كېتىمىز دەيمەن…“ يول بېسىق بولغاچقا ئۇلارنىڭ قالغان گەپلىرىنى ئاڭلاشقا پۇرسەت بولماي توپنىڭ ئېقىنىغا قېتىلدىم. پەقەت ”خەنسۇلار سىيپ ئەمەس تۈكۈرۈپ قويسىمۇ غەرق بولۇپ كېتىمىز“ دېگەن گەپلا مىڭەمگە تىكەن سانجىپ ئارامىمنى بۇزدى. ھەرقانچە قىلساممۇ خىيالىمغا بىزگە قاراپ سىيىۋاتقان بىر مىلياردتىن ئارتۇق خەنسۇنى زادىلا كەلتۈرەلمىدىم. مەن ئىچكىرىدىكى شەھەرلەردە ئون ئىككى يىلدىن ئارتۇق ياشىدىم. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە خەنسۇلاردا جامائەت ۋە جامائەتچىلىك ھەققىدىكى چۈشەنچە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى بىر ئورگان تەشكىللەپ، سورۇن بىلەن تەمىنلەپ بىر يەرگە يىغمىسا يىغىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشاش تۇغۇلغاندا ئىسىم قويىدىغان موللىسى،ئۆلگەندە قايتىدىغان قەبرىستانلىقى، كۈندە بەش ۋاقىت بارىدىغان مەسجىدى ياكى مەھەللە- ئايماقلارنى بىرلىك قىلىپ يىغىلغاندا گەپ باشلايدىغان خاتىپى بولمىغاچقا يىغىلغان تەقدىردىمۇ كىمنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىشنى بىلمەيدۇ. بۇنداق نە ئىمامى، نە ئاق ساقىلى، نە يىگىت بېشى، نە مەسجىدى بولمىغان بىر مىللەتنى ئۆزلىگىدىن يىغىلىپ ”بىزگە سىيىپ، تۈكۈرۈپ غەرق قىلىۋېتىدۇ“ دېگەن گەپ ماڭا تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ. بۇ ئوخشىتىشتا خەنسۇ خەلقى تولىمۇ قۇدرەتلىك، ئۆم، ھەتتا سىيسىمۇ مەقسەدلىك، تەشكىللىك سىيىدىغان بىر مىللەت تەرىزىدە مەدھىيەلىنىۋاتقان، چوقۇنۇلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

ھېيىتنىڭ ئىككىنجى كۈنى شەنبە ئەتتىگەندە رەھمەتلىك دادامنىڭ توپراق بېشىنى يوقلۇدۇق. بۇ ئوغۇزساق يېزىسى بويىچە ھۆكۈمەت تەرپىدىن بېكىتىلگەن بىردىن بىر قەبرىستانلىق بولغاچقا ئادەم كۆپ ئېدى. قەبرىستانلىقنىڭ يولى بىز ماشىنىنى توختاتقاندا ئانچە قىستاڭ ئەمەس ئېدى. قەبرە بېشىدا دۇئا ۋە قىرائەتلەرنى قىلىپ يانغىنىمىزدا ماشىنىنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمىدى. بۇنى كۆرۈپ چوڭ ئاكامنىڭ ئاسان كېلىدىغان ئاچچىقى مىڭىسىگە تەپتى بولغاي ”زادى بىزنى مۇشۇ خەنسۇلار باشقۇرمىسا بىكار. خەنسۇ بار يەردە بۇنداق قىستاڭچىلىق يوق، تەرتىپسزلىك يوق. بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ قەبرىستانلىقىنىمۇ خەنسۇلار باشقۇرغان بولسا بۇنچە قالايمىقانچىلىق چىقمايتتى“ دەپ سۆزلەپ كەتتى. ”ئاكا، ماۋۇ ئۇلۇغ كۈندە بولسىمۇ مۇنداق گەپلەرنى قىلمايلى. ئاللاھ ھەممە كىشىنى زېمىنغا خەلىپە(ئاللاھقا ۋاكالىتەن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى) قىلىپ ياراتقان. ھەرگىزمۇ بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتكە ھۆكۈمران ياكى خەلىپە قىلىپ ياراتمىغان. ئەمدى قۇرئان تىلاۋەت قىلدۇق، شۇ قۇرئانغا مۇخالىپ گەپ قىلمايلى! “ دېدىم سىلىق قىلىپ. ”ياق زادى ئىدارىلەردىمۇ شۇ. خەنسۇ باشلىق ئىشقا بۇيرىمىغىچە ئۇيغۇرلار خىزمىتىنى تېپىپ قىلالمايدۇ. ئۇيغۇر باشلىقلارغا ھوقۇق بەرسىمۇ ئىشلىتەلمەيدۇ. ئۇيغۇر دېگەن قويغا ئوخشايدۇ. بېشىنى ئىچىگە تىقىپلا بىر يەرگە يىغىلىۋالىدۇ. بىزگە خەنسۇلار پادىچىلىق قىلمىسا بولمايدۇ. قارىمامسەن ماۋۇ تىقىلىشىپ كەتكەن ماشىنىلارغا، خەنسۇلار باشقۇرغان بولسا مۇشۇنداق بولامتى؟“ ئاكامنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىگە قاراپ ئوتتۇرانجى ئاكام پېشىمنى تارتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئارتۇقچە تالاشمىدىم. كۆڭلۈمدە ”ئاكا، خەنسۇ بولمىسا ئەمەس، ئىنتىزام، تەرتىپ، قائىدە دېگەنلەرنى ئادىل ئىجرا قىلىدىغان ئورگان بولمىسا مۇشۇنداق قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. قەبرىستانلىقنى ياساپ، ھەر بىر قەبرىنى نەچچە مىڭ سومدىن ساتقان ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيىت ھارپىسىدا ۋە ھېيىت كۈنى ئەتتىگەندە توپراق بېشىنى يوقلايدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق قىستاڭچىلىقنىڭ چىقىش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىشى كېرەك. ھۆكۈمەت دېگەن مۇشۇنداق خەلقنىڭ تۈرمۇشى قولايسىزلىققا ئۇچرىغاندا لازىم بولىدىغان نەرسە، ئەگەر خەلق ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىدىغان بولسا خەلق باج تاپشۇرۇپ شۇنچە جىق ئەسكەر، ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىمىنى بېقىپ نېمە قىلىدۇ؟“ دېگۈم كەلدى. ئاكام كۆپ كىتاب ئوقۇغان ئادەم. شۇڭا ئالدىنقى مىسالدىكى ساۋادى چالا كىشىلەردىن پەرقلىنىشى كېرەك ئېدى. ئەمما ئۇمۇ ئاچچىقى كەلگەندە قەلبىدىكى خەنسۇلارغا بولغان چوقۇنۇش ۋە ئۆزلىگىدىن بېقىنىش كەيپىياتىنى دەپ سالدى. مەنچە بۇ مىساللاردىن كىشىلەردىكى ھۆكۈمەتنىڭ موھىملىقى ۋە رولىغا بولغان تونۇشنىڭ خەنسۇلارنىڭ موھىملىقى ۋە ئورنىغا بولغان تونۇشقا ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈش مۇمكىن ئېدى.

ماڭا كىشىلەرنىڭ ”بىزنى خەنسۇلار باشقۇرىۋاتىدۇ، خەنسۇلار بولمىسا ئۇيغۇرلار بىر بىرىنى يەيدۇ، ئۇيغۇرلار ئۆم بولمىغاچقا ئۆزىنى باشقۇرالمايدۇ، بىر بىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي ئەكسىچە خەنسۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ“ دەپ قارىشى تولىمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ. بۇ خىل پىكىردە كۈچلۈك چوقۇنۇش پۇراپ تۇرىدۇ. بۇنداق ھۆكۈمەت بىلەن شۇ ھۆكۈمەتتە ھاكىم بولۇۋاتقان خەلقنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىۋېلىش، ھۆكۈمەتنىڭ قۇدرىتىگە بولغا چوقۇنۇشنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى خەلققە بولغان چوقۇنۇشقا كېڭەيتىۋېلىش كىشىگە بېقىندى رىياللىقنىڭ ئاۋام روھىدىكى كىنايىلىك ئاقىۋىتىنى ھىس قىلدۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئاۋام روھىدا ھۆكۈمەتكە بولغان چوقۇنۇشتىن باشقا خەۋپسىرەش ۋە نارازىلىقمۇ ئوخشاشلا خەنسۇلارغا بولغان نارازىلىق ۋە خەۋپسىرەشكە ئايلىنىپ كەتكەن. بۇنداق خاتا چۈشەنچە ئۇيغۇر ئاۋام ئۈچۈن ۋە ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئوخشاشلا ئىنتايىن خەۋپلىك.

ھاكىمىيەت بىلەن شۇ ھاكىمىيەتتە ئەۋزەل ئورۇندا تۇرۇۋاتقان مىللەتنى بىر دەپ چۈشىنىش مۇستەبىت تۈزۈمدىكى ئەللەردە يۈز بېرىدىغان ھادىسە. چۈنكى دېموكراتىك ئەللەردە ھۆكۈمەت ئالمىشىپ تۇرىدۇ. بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ خاتالىقىنى يەنە بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت تۈزىتىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەللەردە ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقمۇ، چوقۇنۇشمۇ، خەۋپسىرەشمۇ مەزگىللىك بولىدۇ. مۇستەبىت ئەللەردە ھۆكۈمەت ئالماشمايدۇ. بۇنداق ئەللەردە ئەگەر ھاكىمىيەت بىر مىللەتكە مەركەزلەشكەن بولسا كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ھەر خىل قارشىلىق كەيپىياتى ھاكىمىيەتتىكى خەلققە قارشى كەيپىيات بىلەن بىرلىشىپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق كەيپىيات ھاكىمىيەت ئالماشقان تەقدىردىمۇ ئۇزاققا داۋاملىشىدۇ. ناۋادا بۇنداق ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق، چوقۇنۇش ۋە خەۋپسىرەش ھەرىكەتكە ئايلانسا كىشىلەر ئەقىلنىڭ تىزگىنىنى يوقۇتىدۇ ۋە ئىرقى زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ. قاتتىق زەربە بېرىش، مۇرەسسەسىز كونترول قىلىش، مىللەتچىلىك ۋەھىمىسى، ئىدولوگىيەنىڭ ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە قارماق سېلىشى ئاممىۋىي كەيپىياتتا كۆرۈلگەن بىپەرۋالىق، نارازىلىق، چوقۇنۇش ۋە خەۋپسىرەشنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل موھىتنىڭ ئاقىۋىتى زەيىپلىك، ئىشەنچىسىزلىك، ئۈمىدسىزلىكتۇر. مەن ئۇيغۇرلاردىكى بىر قىسىم كىشىلەردە ئاشۇنداق پىكىرلەرنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن تەئەججۈپلەنمەيمەن. ئۇيغۇرلاردىكى ئىشەنچسىزلىك ھەتتا ئاللىقاچان چىگرا ئاتلاپ ئۈلگۈردى. ۋەتەندە بىرەر ئىش ۋە ھەرىكەت بولسىلا مەيلى سېپىلنىڭ ئىچىدىكى ياكى سېپىلنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ ياكى ئىشەنمەسلىككە مايىل. ھەممىنى ئوخشاشلا كىملەرنىڭدۇر ئويۇنى دەپ بىلىپ ھاكىمىيەتتىن گۇمان قىلىدۇ. ھەممىنى دائىرىلەرنىڭ رىژىسورلىقغا باغلاپ چۈشىنىدۇ. ھەتتا تۈركىيەدىكى بىر قىسىملار ئۇيغۇردىكى ھەرقانداق بىر پائالىيەتنى ئامېرىكىنىڭ، ماسۇنلارنىڭ ئويۇنى دەپمۇ ئۈلگۈرىشىدۇ. ئۇلار دائىم دۇنياۋىي بىر ئىمپىرىيالىزىمنىڭ ۋە بىر ھاكىمىيەتنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كۈچىنى مۇبالىغلەشتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ تىركىشىشلىرىنى يوققا، ئەرزىمەسكە، نادانلىققا چىقىرىشىدۇ. ئۇلارچە غايە ئۈچۈن يەڭ تۈرگەنلىك نادانلىق، تەنتەكلىكتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار ئۆزىدىكى قورقۇنچنى جەمئىيەتلەشتۈرۈشكە تېرىشىدۇ ۋە بۇنداق خەۋپسىرەشتە تۈگۈلىۋېلىشنىڭ جەمئىيەتلەشكىنىدىن كۆڭلى تەسكىن تاپىدۇ. مەن بۇنداق تەۋەككۈلسىز كىشىلەرگە ئەمەس، ئۇلاردەك كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ پىداكارلىقلىرىنى ئەقىلسىزلىككە چىقىرىشلىرىغا ھەيران. بۇ يەردىكى كەيپىيات ئۆزى تەۋە قەۋمنى ھەر زامان زەيىپ ھىس قىلىپ ئىشەنچىسىزلىككە گىرىپتار بولۇش، نادان دەپ تونۇپ قۇسۇرچىلىق قىلىش ۋە ئۆزىدىكى ئۈمىدسىزلىكنى مىللەتلەشتۈرۈشتۇر .


كۆندۈرۈلگەنلىكمۇ كۆيگەنلىكمۇ ئامېرىكىدىكى چاغلىرىمدا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئوينىغان بىر ئىتوتنى ئىنتېرنېتتىن كۆرگىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئىتوتتا ھەممىگە تونۇش بىر قىزىقچى ياۋرۇپالىشىشقا مايىل ئايالىنى خەنسۇ ئاشخانىسىدىن تاماق يىگەنلىكى ئۈچۈن ھەزىلگە قاتىدۇ. ئىتوتتا ھەتتا يىغىلىشلارغا كەلمىگەنلەرنى خەنسۇ ئاشخانىسىغا سەي قورۇپ يىغماقچىمۇ بولىدۇ. گەرچە بۇ بىر مەسخىرەدەك قىلسىمۇ بۇنىڭدىن گېرمانىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا خەنسۇ ئاشخانىسىدىن تاماق يىيىشنىڭ مەۋجۇدلىقىنى، ھىچ بولمىسا شۇنداق بىر ئىشنىڭ بولغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس. بۇلارنى دېمىگەندىمۇ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خەنسۇلارنىڭ تاللا بازارلىرىدىن دوۇڧۇ، جىلىت، ئاچچىقسۇ ۋە كۈدە ئالىدىغانلىقىنى بىلىمەن. مەنچە بۇنىڭدا كۆنۈپ قېلىشمۇ، قوبۇل قىلىشمۇ مەۋجۇد بولۇپ باشقا مەنە بولۇشى ناتايىن.

ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىككىنجى قۇربان ھېيىتتا بىر دوستىمىز ئۈرۈمچىدىن مىھمانغا كەلدى. ئۇيغۇر ئاشخانا ۋە چايخانىلار ئاساسەن تاقاق بولغاچقا تونۇشلار خەنسۇلارنىڭ قەھۋەخانىسىغا جايلىشىپتۇ. ئۇ دوستىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن غۇدۇراپ تۇرۇپ سورۇنغا داخىل بولماقچى بولۇپ يولغا چىقتىم. يول بويى كۆرگىنىم خەنسۇلار ئاچقان غەرپچە قەھۋەخانىلار، تورتخانىلار ۋە تاماقخانىلارنى تولدۇرۇپ ئولتۇرۇشقان ئۇيغۇر قىز يىگىتلىرى بولدى. بىز كىرگەن قەھۋەخانىنىڭ ئايرىم خانىلىرىنى بىزدىن بولغان مەستلەر مونۇپول قىلىپ ئۈلگۈرۈپتۇ. ئويلاپ قالدىم ”ھېيىت كۈنى ھاراق ئىچىۋاتقان ئۇيغۇر قۇربان ھېيىتنى چاغان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويغانمىدۇ؟ ياكى خەنلەرنىڭ ئادىتىدىكى تەبرىكلەشنى ھاراق بىلەن قىزىتىش ئادىتىنى قوبۇل قىلغانمىدۇ؟ خەنسۇلار بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ ”غەرپچە“ تاماقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار رىياللىقتا قاندۇرالمايۋاتقان باراۋەرلىك ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن خەن ئاشخانىسىغا كىرگەندىمۇ؛ يا زامانىۋىيلىققا يەتكەندەك تۇيغۇغا كېلىش ئۈچۈن كىرگەندىمۇ؛ خەنلەر بىلەن بىللە ئىشلەش، ياشاش جەريانىدا كۆنۈپ قالغاچقا كىرگەنمىدۇ؟“

مەنچە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەن ئاشخانىسىغا بېرىشى ۋە قەشقەر يىگىت قىزلىرى ۋە مەستلەرنىڭ خەن تاماقخانىلىرىغا كىرىشى كۆنگەنلىكتىن ۋە كۆندۈرۈلگەنلىكتىن. يەنە بىرى ئىنساندىكى بايلىققا ۋە پاراغەتكە مايىللىق پاراغەتلىك ياشاۋاتقان خەنسۇلارغا مايىللىقتا ئىپادىلىنىۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. قەشقەردە كىشىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرۇۋاتقان ئامىل مىللىيلىك. قەشقەردىكى مۇتلەق كۆپ ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى مىللىيلىك مىزانلىرىدا چىڭ تۇرۇغلۇق. شۇڭا زابويلارنىڭ تاللىشى خەنسۇ ياكى ئاتالمىش تۇڭگان ئاشخانىلىرى بولىدۇ. ھاراقتا ئۇيغۇرنىڭ مىللىيلىكى كۆيۈپ كۈل بولىدۇ ياكى ئەقىلسىزلىككە يەم بولىدۇ. زابويلار ئەسقاتمايدىغان، خەۋپسىرىتىدىغان،پىشكەللىككە سەۋەب بولۇۋاتقان مىللىيلىكتىن بىر دەم بولسىمۇ قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھاراق ئىچىۋاتقان بولسىچۇ؟ قەشقەردە ئۇيغۇرنىڭ ۋە خەنسۇنىڭ مىللىيلىكىدىن مۇستەسنا غەرپچە تاماقخانىلار بۇ ئىككى مىللەت ياشلىرىنىڭ ئورتاق تاللىشى بولۇپ قالغان. لېكىن شۇنىسى غەلىتەدۇركى، ئۇيغۇرلار ئاچقان غەرپچە تاماقخانىلاردىكى خەنسۇلارنىڭ سانى ئۇيغۇرلارنىڭ ساندىن بەكلا ئاز. ئەكسىچە خەنسۇلار ئاچقان غەرپچە تاماقخانىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خەنسۇلارنىڭكىدىن كۆپ. بۇ بىر قىسىم ياشلاردىكى ئىتىقادنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھالال ھارام چۈشەنچىسىنىڭ چوشقا گۆشى بار يوقلىقى بىلەنلا ئۆلچىنىۋاتقانلىقىغا تۇتىشىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنە تەربىيىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى، مائارىپ ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە داۋام قىلدۇرۇشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنىڭ يىگىلىشى، پەرزەنتلەرنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش يېشىدا ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلىشى، جەمئىيەتتىكى مودا مەدەنىيەتتە خەنسۇلارنىڭ يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقى…قاتارلىق ئامىللار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يۇقارقى ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. كىم چىرايلىق؟

بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ دوستى مالايسىيەدىن قايتىپ كەلگەندە پاراڭلىشىپ قالدىم. مالايسىيەدە خەنسۇلارنىڭ كۆپلىكى، مالايلاردىن بايلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ زادى ھورۇنلىقى ھەققىدە پاراڭ بولدى. ئىچىم پۇشۇپ ”مالايلار چىرايلىقمۇ خەنسۇلارمۇ؟ سىزگە مالايچە چىرايلىق ئاڭلىنامدۇ خەنچىمۇ؟“ دەپ سورۇدۇم. ئەسلىدە مەن بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتتىن گۈزەل ياكى كۆرۈمسىز بولىدىغانلىقىغا ئەمەس بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتتىن گۈزەللىك قارىشى جەھەتتىن پەرقلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. مەنچە ھەممە مىللەتكە ئۆزىنىڭ كىشىلىرىگە ئوخشايدىغان چىراي جەلىپكار، يېقىملىق كۆرىنەتتى. ئەقىل بىلەن ئېيتقاندا ھەممە مىللەتنىڭ تىلى ئۆزىگە ياكى شۇ مىللەتكە دىن ۋە قان قېرىنداش كېلىدىغان مىللەتكە چىرايلىق ئاڭلىناتتى. بۇلانى بىلىپ تۇرۇپ سوراشتىن مەقسىدىم پەقەت راي سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئېدى. مەن ئۇيغۇرلاردىكى ”چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، كۆيگەن چىرايلىق“، ”ئادەم سەتى ئەمەس كىيىم سەتى“ دېگەن ماقاللاردا ئەكىس ئەتكەن ھەقىقەتنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن شۇنداق سورىغانىدىم. بۇ ماقالدىكى ھېكمەتتە گۈزەللىكنى باھالاشتا ئىقتىسادنىڭ، گۈزەللىككە ھۆكۈم قىلىشتا مۇھەببەتنىڭ رولى تەكىتلىنەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا خەنلەرنى مالايلاردىن باي، ئىشچان دەپ تەرىپلەۋاتقان كىشىنىڭ كۆزىگە ئېنىقكى خەنلەر مالايلاردىن چىرايلىق كۆرۈنەتتى؛ خەنچە مالايچىدىن چىرايلىق ئاڭلىناتتى. چۈنكى ”ئادەم سەتى ئەمەس كىيىم سەتى“ ئەمەسمۇ، ”گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن“ ئەمەسمۇ؟ خەنلەر مالايلاردىن باي بولغاندىكىن چىرايلىق ياسىنالايدىغان گەپتە. خەق باي بولغاندىكىن گەپلىرىمۇ چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان گەپتە. خەنلەرنى مالايلاردىن چىرايلىق دەۋاتقان كىشىدە خەنلەرگە بولغان مايىللىق يېتىلىپ بولغان بولىدۇ، شۇڭا كۆزىگە خەنلەر مالايلاردىن چىرايلىق كۆرىنىدۇ، چۈنكى ”چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، كۆيگەن چىرايلىق“ ئەمەسمۇ! ئالى مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنلەرگە ۋە قېرىنداش مىللەتلەرگە بولغان تونۇشىنى سىناپ باقماق بولۇپ“خەن چىرايلىقمۇ قازاقمۇ، خەن چىرايلىقمۇ قىزغىزمۇ…“دېگەندەك سۇئالنى ئېلى قازاق ئوبلاستىنىڭ مەركىزى بولغان غۇلجىدىن كەلگەن ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئوبلاستىغا تەۋە ئارتۇچتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلىرىمدىن سوراپ باققانىدىم. كۆپىنچە بېرىلگەن جاۋاپ ”خەنلەر چىرايلىق“ بولۇپ ھەيران قالارلىق ئوخشاش چىقاتتى.

ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان چېغىمىزدا ئايالىمنىڭ بىر دوستى توي رەسىمىنى ئەۋەتىپ بەردى. رەسىمنى كۆرگەن تۈرك دوستلار ”بۇلار خەنسۇلارمۇ“ دەپ سورىدى. ”ياق“ دېدىميۇ ئويلىنىپ قالدىم. سىنچىلاپ سېلىشتۇرسام ئادەتتىكى رەسىمدە شۇنداق ئۇيغۇرچىراي تۇرغان قىز يىگىت توي رەسىمىدە بەئەينى خەنسۇغا ئوخشاپ قالغانىدى. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ”خەنسۇلار بارغانچە چىرايلىق بولۇپ كەتتى“ دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىدىم. مەنچە بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە خەنسۇلارنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بېرى چىرايلىقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ئەمەس، بەلكى خەنسۇلارنىڭ گۈزەللىك قارىشىنىڭ مودا ئېقىم ئارقىلىق ئۇيغۇلارغا سىڭىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خەنسۇلارنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرگە چىرايلىق كۆرۈنىشى ھازىر خەنسۇلارنىڭ بايلىق، ئىجتىمائىي، سىياسىي ئورۇن قاتارلىق جەھەتتە جەمئىيەتتە يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن خۇش كۆرۈلىۋاتقانلىقىغا باغلىق. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئامېرىكىدا تۈرك دوستلۇرۇم كۆرگەن ھېلىقى دوستىمىزنىڭ تويلۇق گىرىم قىلىپ خەنسۇغا ئوخشۇتۇپ قويۇلغان رەسىمى بىلەن گىرىمسىز ئادەتتىكى ئىككى خىل رەسىمنى كۆرسىتىپ ”قايسىسى چىرايلىق“ دېگەن سۇئالنى جىيەنلىرىم ۋە تۇغقانلارنىڭ بالىلىرىدىن يەنە سورۇدۇم. كۆرگەنلەر توي كىيىمىدىكى خەنسۇغا ئوخشىتىپ قويۇلغان يىگىت ۋە قىزنىڭ رەسىمىنىڭ ئادەتتىكى خەنسۇغا ئوخشىمايدىغان رەسىمىدىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى. بۇ يەردە ”ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىسا چىرايلىق بولىدۇ ئەمەس، كىمگە ئوخشىغان ئۇيغۇر باشقا ئۇيغۇرلارغا چىرايلىق كۆرۈنىدۇ“ دېگەن سۇئال تۇغۇلىدۇ. سۇئالىڭ جاۋابى يۈزەكى بولسىمۇ چىققان بولدى. خەنسۇچە توي گىرىمىدىكى ئۇيغۇر گىرىمسىز ئۇيغۇردىن چىرايلىق كۆرۈندى دېگەنلىك خەنسۇلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى ئۇيغۇرلارغا سىڭىشكە باشلىدى، ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى خەنلەرنىڭكىگە يېقىنلاشتى دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. دېمەك خەنلەر بۇرۇنقىدىن چىرايلىق بولۇپ كەتمىدى، خەنلەر ئۇيغۇرلارغا چىرايلىق كۆرۈنىدىغان بولدى. ئىجتىمائىي ئورۇن، سىياسىي ئورۇن ۋە ئىقتىسادىي ئورۇندىكى ئۈستۈنلۈك ئۇلارنى ئۇيغۇرلارغا چىرايلىق كۆرسەتتى. بايلىق ھەممىنى ئۆزگەرتتى، قۇدرەت ھەممىنى تىگىشتۈ ردى. ئۇيغۇردا گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى ۋە ئۆزگىرىۋاتقانلىقى بۇ خىل تىگىشتۈرۈشنىڭ پاكىت بولسا كېرەك.

مەن ئۇيغۇر قىزلارنىڭ نېمە ئۈچۈن توي گىرىمى قىلدۇرغاندا خەنسۇلارغا ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى سوراشتۇرۇپ باقتىم. ئېگىلىشىمچە بىرى توي گىرىمى قىلىشنى ئۆگەنگەنلەر خەن ئۇستىلاردىن ئۆگەنگەن بولغاچقا خەنچە گىرىم قىلىشتىن باشقىنى ئۇقمايدىكەن، يەنە بىرى ئۇلارچە گىرىم قىلىنغان قىزلار ئۇلارغا خەنلەرگە ئوخشاپ قالغاندەك كۆرۈنمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ خېرىدارلىمۇ بۇنداق بىر گەپنى دەپ باقماپتۇ. دېمەك خەنگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى پەرق ئەتكەن كىشىمۇ كۆپ ئەمەسكەن. بەلكىم بۇ يەردە مەسىلىنىڭ تۈگىنى ياتقان بولۇشى مۇمكىن. يەنى ئەندىزە خەقتىن، رەخت بىزدىن. ھۈنەرنىڭ قېلىپى خەقتىن ھۈنەرۋەن ۋە خېرىدار بىزدىن بولۇۋاتىدۇ. ھەيران قالارلىق يېرى بۇ زىتلىقنى بايقىغان كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ئاز بولۇۋاتقانلىقىدۇر. رەخت ھەرقانچە چىرايلىق بولغان بىلەن، ئۇستام ئۇيغۇر بولغان بىلەن ئەنزىدە ياكى قېلىپ خەقتىن بولغاچقا پۈتۈپ چىققان مەھسۇلات بىزگە خوپ كەلمەيۋاتقان، چىرايلىق كۆرۈنمەيۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

ئىدولوگىيە تۇمانلىرىدا غۇۋالاشقان ئىنسان يەرشارى بىر كەنتكە ئايلانغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز. ئوخشىمىغان مىللەت كىشىلىرىنىڭ بىر ئارادا ياشىشى كۆز ئالدىمىزدىكى رىياللىق ۋە دۇنياۋىي يۈزلىنىش. بۇنداق رىياللىقتا كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادى، ئىجتىمائى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت مىللىيلىكتىن مۇستەسنا ئىنسانىي پىرىنسىپلار ئاساسىغا قۇرۇلغان ئەخلاق ۋە قانۇننى مىزان قىلىشى كېرەك. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ مەنپەئەتى، تىلى، مەدەنىيىتى جەمئىيەتتە ھاكىم بولۇپ ئومۇملاشتۇرۇش ئوبىكتىغا، مۇناسىۋەت مىزانىغا، باشقا مىللەتلەرنىڭ زىممىسىدىكى مەجبۇرىيەتكە ئايلىنىپ قالسا ئەۋزەلسىز ئورۇندىكى مىللەت كىشىلىرىنىڭ قەلبىدە تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىدۇ، نەتىجىدە ئالاقىدە ھاڭ، زىددىيەت، ھەتتا توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ.

ياشاۋاتقىنىمىز پۇقرالىق ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىغا بەرپا قىلىنغان جەمئىيەت ئەمەس. ياشاۋاتقىنىمىز شەخس سۈپىتىدىكى ئىنسان ۋە ئىنسانىي پىرىنسىپ ئاساسىدىكى قانۇن ئەمەس مىللەت مەنپەئەتى ۋە مىللەتچىلىك ئىدولوگىيىسى ھۆكۈمران جەمئىيەت بولغاچقا مىللەت مەسىلىسى ھەرزامان ئاڭقاۋلارچە تەكىتلىنىدۇ. شۇڭا بىر ئادەمنىڭ قىلمىشى ھەمىشە مىللەتلەشتۈرىلىش قىسمىتىگە مۇپتىلا. بۈگۈنكى جوڭگۇ جەمئىيىتى ئەمەلىيەتتە مىللەت پەيدا قىلىدىغان، ھەر بىر ئىنساننى مەجبۇرى مىللەتلەشتۈردىغان جەمئىيەت. مەسىلەن، بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر خەنسۇنى قۇتقۇزىۋېلىشى، ئەمرىگە ئېلىشى، بېقىۋېلىشى، يۆلىشى نورمال ئىنسانىي مۇناسىۋەت مەسىلسى. ئەمما ئاخبارات، تەشۋىقات ۋە ھۆكۈمرانلار بۇنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مۇقۇملۇق بىلەن باغلاپ سىياسىيلاشتۇرۇپ كۆپتۈرىدۇ، ئاۋام بۇنى ئىدولوگىيەلەشتۈرۈپ (مىللەتچىلىكنى ۋاستە قىلىپ ياكى دىننى تۇتقا قىلىپ) قارشى قوپىدۇ. نەتىجىدە ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتى كېلىشتۈرگىسىز ھالغا يېتىدۇ. مەسىلەن، كىمنىڭ ساقىلى بار، كىمنىڭ يوپكىسى قارا بۇ بىر شەخسنىڭ كىيىنىش ئادىتى ۋە ئىددىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. بۇنى ئىدولوگىيەلەشتۈرۈپ قالپايتقاندا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تاقىشىدىغان سىياسىي مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. ئىنسانىي مەسىلىنىڭ سىياسىيلاشتۇرىلىشى ۋە سىياسىيلاىشتۇرۇشقا قارشى ئىدولوگىيەلىك قارشىلىق ئىككى تەرەپنىڭ كۆزىنى مەسىلىنىڭ ماھىيىتىدىن بىر بىرىنىڭ غەزەپلىك، قورقۇنچلۇق، تەھدىتلىك تۇرىقىغا يۆتكىۋېتىدۇ. نەتىجىدە بىر ئىنساننىڭ غەزەپتىن ۋارقىرىشى شۇئار توۋلىغاندەك ئاڭلىنىدۇ. ئىككى ئۈچ ياشنىڭ ئاچچىقىدا تەكشۈرۈشكە قارشىلىق كۆرسىتىشى پىلانلىق، تەشكىللىك ھەرىكەت دېيىلىپ كۆپتۈرۈلۈپ ھاكىمىيەتنى پاچچىلاش، ئاغدۇرۇش. تېرورچىلىق دېگەندەك قورقۇنچلۇق جىنايەتكە ئايلاندۇرىلىدۇ.

ئىنسان ۋە ئىنساننىڭ نىگىزلىك ئىھتىياجى، ھوقۇقى نەزەرگە ئېلىنماستىن مىللەت ۋە مىللەت بويىچە قىلىنىۋاتقان پەرقلىق مۇئامىلە، پەرقلىق تەقسىمات، پەرىقلىق ھۆكۈملەر مىللىي تۇيغۇلىرى مۇجىمەل، مىللىي ھىسسىياتى سۇس پۇقرالارنى مىللەتلەشتۈرىدۇ. ئۇلارنى ئۆز مىللىتىگە تېخىمۇ چىڭ باغلايدۇ. نەتىجىدە ئۇلار ھەر ئىشتا ئۆزىنىڭ مىللىي تەۋەلىكى بويىچە پىكىر قىلىدىغان، ھەرىكەت قىلىدىغان، .ئىنكاس قايتتۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئورتاق ئىنسانىي ھوقۇق ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى نەزەرگە ئېلىنمايدىغان پەرمانلار، يارىدەملەر، سىياسەتلەر، تەشۋىقات ۋە ئورۇنلاشتۈرۈشلار بىر رايۇندىكى كىشىلەرنىڭ ئەقىل كۆزىنى مىللەتچىلىك تۇمانلىرى بىلەن غۇۋالاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەرقانداق پائالىيەت، سورۇن ۋە ئىش ھەرىكەتتە تەبىئىي ھالدا مىللەت بويىچە لاگىرلارغا ئايرىلىدۇ. نەتىجىدە قاتناش ھادىسىسى بولسىمۇ، تەبىئىي ئاپەت…ھەر قانچە دەھشەتلىك قازا بولسىمۇ كىشىلەر دائىم ”قانچە ئادەم قانداق ئۆلۈپتۇ؟“، ”نېمە سەۋەپتىن شۇنداق بولۇپتۇ؟“ دەپ سوراشنىڭ ئورنىغا، ”ئۇيغۇر ئۆلۈپتىمۇ خەنسۇمۇ“ دېگەنگە ئوخشاش ئىنسانىيلىققا يات سۇئاللارنى سورايدىغان بولىدۇ. ھەتتا بۇ بىر تەبىئى پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىدۇ. مانا ئىنساننىڭ ئاللاھ ئاتا قىلغان ئورتاق، تەبىئىي ھوقۇقى ئىنكار قىلىنىپ سۈنئىي مىللەتلەشتۈرۈلگەن رىياللىقنىڭ كىشىلەرنى لاگىرلارغائايرىپ ئۇلاردا بىنورمال روھىي ھالەت، كەيپىيات ۋە تىل ئادىتى شەكىللەندۈرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

جوڭگۇ ئىستىمال بازىرىنىڭ گەۋدىلىشىشى بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئىستىمال پەرقى، مەدەنىيەتتە ئورتاق قېلىپنىڭ ئومۇملاشتۇرىلىشى ۋە مىللىيلىكلەرنىڭ بۇ قېلىپلارغا خوپ كەلمەسلىكى، جەمئىيەتنىڭ ئىدولوگىيەلەشتۈرىلىشى بىلەن ئىددىيەدىن ھالقىغان ئىنسانىي مەۋۇجۇدلۇقنىڭ، ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ سىغىشماسلىقى، ماركىسىزىمنىڭ ئورنىغا مىللەتچىلىكنىڭ دەسسىتىلىشى ۋە بۇنىڭغا قارشى ئورتىغا چىققان يەرلىك مىللەتچىلىكنىڭ توقۇنىشى…قاتارلىق زىددىيەتلەر يۇقارقى ھىكايەتلەرنىڭ تۈگۈنى بولۇشى ۋە بولماسلىقى مۇمكىن. بەزىدە كۆزۈمگە كوچىدىكى قوراللىق ئەسكەرلەر ھۆكۈمەتتەك كۆرۈنۈپ مېنى سۈر باسىدۇ، بەزىدە ئۇلار كۆزۈمگە ئاغىزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان سەبىلەردەك كۆرۈنۈپ ھارغىن چىرايىغا قاراپ ئىچىم ئاغرىيدۇ. بەزىدە قەشقەرنىڭ ھەممە يېرى گەنسۇدەك كۆرۈنۈپ ئۇيغۇرچە گەپنىمۇ خەنسۇچە ئاھاڭدا سۆزلەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن. گاھىدا شۇنچە يات چىرايلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزەمنى سەيياھتەك سېزىپ ئەسلىدىنلا ئىنسانلار مۇشۇنداق ئارىلاش ياشىشى كېرەكتەك تۇيغۇدا بولىمەن.

شۇنداق، بىللە ياشىساق بولاتتى، سېغىزخان، تورغاي، كەپتەرلەردەك. ھەممىمىز ئۆز ئوۋىمىزدا يايراپ، ئۆز تىلىمىزدا سايراپ، ئۆز ئېتىزىمىزدا دانلاپ…


ئالدىنقى: كارۋاننىڭ نەسلى ۋە كېمىچىنىڭ پۇشتى

كـىيىنكى: مىراس نادامەت، مىراس قىسمەتلەر