مەھمەت رىزا بېكىن
d
مەھمەت رىزا بېكىن | |
---|---|
تۇغۇلغان ۋاقتى | 1925-يىل 1-يانۋار |
تۇغۇلغان ئورنى | خوتەن |
ۋاپات بولغان ۋاقتى | 2010-يىل 17-فېۋرال (85 ياش) |
ۋاپات بولغان ئورنى | ئەنقەرە ، تۈركىيە |
مىللىتى | ئۇيغۇر |
مائارىپ سەۋىيىسى | ھەربىي ئاكادېمىيە (تۈركىيە) |
كەسپى | ئەسكەر ، يازغۇچى |
مەھمەت رىزا بېكىن (2010-1925) پېنسىيەگە چىققان بىرىگادا كوماندىرى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى (1986-2010).
ھاياتى
[تەھرىرلەش]شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان مەھمەت رىزا بېكىن 1925-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 8 ياشقا كىرگۈچە خوتەندە تۇرغاندىن كېيىن ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھىندىستان ۋە ئافغانىستانغا كۆچۈپ كەلگەن.
ئۇ ئوقۇش ھاياتىنى ئافغانىستاندا باشلىغان ۋە ئىنگلىز تىلى ۋە پارس تىلىنى ئۆگەنگەن. مەھمەت رىزا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان تاغىسى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ تەشەببۇسلىرىدىن كىيىن ، 1937-يىلى تۈركىيەنىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىسى مەمۇد شېۋكەت ئېسېندالنىڭ ( Memduh Şevket Esendal) تۆھپىلىرى بىلەن ھەربىي ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە تۈركىيەگە كەلگەن ۋە ۋاپات بولغانغا قەدەر (2010-يىلغىچە) تۈركىيەدە تۇرغان.
1946-يىلى ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، زەمبىرەك مەكتىپىدە ئوقۇشقا باشلىغان ۋە تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىدا ( Türk Silahlı Kuvvetleri) ۋەزىپىگە باشلىغان. كورىيە ئۇرۇشىدا لېيتېنانت ئۇنۋانى بىلەن بىرىنچى تۈرك بىرىگادى توپچىلار باتالىيونىغا قاتناشقان. كورىيە ئۇرۇشىدىن كىيىن غازىلىق مېدالى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئالاھىدە خىزمەت ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلانغان.
ئۇ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىدىكى ھەر قايسى قىسىم ۋە ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان ۋە ئىراندا ھەربىي قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ 1965-يىلى ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋە شىتاپ قوماندانى بولغان. بېكىن 1973-يىلى بىرىگادا كوماندىرىلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن ۋە مەركىزى شەرتنامە تەشكىلاتى (CENTO)ھەربىي پىلان مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياردەمچىسى ۋە پىلان بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
بېكىن 1977-يىلى تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىدىن پىنسىيەگە چىققان ، 1986-يىلغىچە باش مىنىستىرلىقتا مۇتەخەسسىس بولغان. 1986-يىلى ئۇ باشقا ۋەزىپىلىرىنى تاشلاپ ، 1978-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەقفىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇ ۋەقفنىڭ رەئسلىكىنى قىلىۋاتقان مەزگىلدە ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەلىپى ۋە زامانىنىڭ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى گىنىرال نەجىپ تورۇمتاينىڭ تەكلىپى بىلەن ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىقتىسادىي ياردەم پىلانى ئچىدە پاكىستاندا قۇرۇلغان مىنالارنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە تازىلاشنى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ باشلىقى بولغان.
ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتلىرىنى بىر مەركەز ئاستىدا توپلاش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مىللى مەركىزىنىڭ قۇرىلىشىغا باشچىلىق قىلغان. ئۇ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ 2010-يىلى ۋاپات بولغۇچە شەرقىي تۈركىستان ۋەقفىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرى ئېلان قىلىنغان كىتابمۇ بار ( Doğu Türkistan Vakfı Başkanı M. Rıza Bekin'in Anıları)
2010-يىلى 16-فېۋرال ۋاپات بولغان بېكىن ئەنقەرەدىكى كارشىياكا غازىلەر قەبرىستانلىقىغا (Karşıyaka Gaziler Mezarlığı) دەپنە قىلىنغان.