Jump to content

مەۋجۇتلۇق مۇجادىلىسىدە ئۈچ ئەسەبە (جان ھالقا): مىللىيە، دىينىيە ۋە ۋەتەنىيە

ئورنى Wikipedia

مەۋجۇتلۇق مۇجادىلىسىدە ئۈچ ئەسەبە (جان ھالقا): مىللىيە، دىينىيە ۋە ۋەتەنىيە

1. ئەسەبە مىللىيە

ئۆز مىللىتىنى قىزغىنىش، يەنى ھەر مىللەتنىڭ ئۆز مىللىتىنى ياتلارنىڭ تەسىرى ئاستىغا چۈشۈپ قېلىشىدىن قىزغىنىشى، مىللىتىنىڭ ھۆر ۋە ئەركىن ياشىشى ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنى قوغدىشى، مىللىتىنىڭ يوق بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ چارىلەرنى ئىزدىشى «ئەسەبە مىللىيە» دېيىلىدۇ. ياۋروپاچە چۈشەنچىلەردە بولسا، ئەسەبە مىللىيە: ھەر مىللەتنىڭ ئۆز مىللىتىنى دۇنياغا ھاكىم قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك قوراللارنى ئىجاد قىلىپ ئاجىز مىللەتلەرنىڭ مۈلكىنى بېسىۋېلىشنى (ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشىنى) كۆرسىتىدۇ. مىللىي تىلىنى ۋە قېنىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ (ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ) يۇتۇۋېلىشنى، ئېزىپ يوقىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

نۆۋەتتە (شەرقىي) تۈركىستان مىللەتچىلىرى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆزىگە ئۇيغۇن بىر مۇھىت ۋە شەرت – شارائىت ھازىرلاپ، ئەۋلاد – نەسلىنى ئەبەدىي ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن «مىللەت»، «ۋەتەن» دەپ ئۈنلۈك توۋلىماقتا. بىزنىڭ مىللەتچىلىك توغرىسىدىكى دەۋايىمىز دۇنيادىكى جاھانگىر دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئاجىز مىللەتلەرنىڭ مۈلكىنى بېسىۋېلىپ، قېنىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش ئەمەس. بەلكى پۇتىمىزدىن زەنجىرنى، بوينىمىزدىن بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ تاشلاپ ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت.

2. ئەسەبە دىينىيە

بۇ بولسا، دىننىڭ ئاياق ئاستى بولۇپ يوق بولۇشىدىن قىزغىنىش، دىنغا قارشى سۆزلەش، قارشى تەنقىد قىلىشلاردىن ئېچىنىپ نارازى بولۇش دېمەكتۇر. ياۋروپاچە چۈشەنچىدە بولسا، ئەسەبە دىينىيە: ھەرقايسى دىندىكىلەرنىڭ ئۆز دىنىنى باشقا دىنلاردىن ئۈستۈن كۆرۈشى، باشقا دىنلارنى ھاقارەت قىلىشى، دېگەننى كۆرسىتىدۇ. ياۋروپا خىرىستىيانلىرى ئىيسەۋى دىنىنى دۇنياغا تارقىتىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەربىر بۇلۇڭ – پۇچقىقىغا مىسسىيونېرلىرىنى ئەۋەتىپ، نادان خەلقنى ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن ئالداپ ناسارا دىنىنى قوبۇل قىلدۈرۈشتى ۋە دۇنيا خەلقىنى خىرىستىيان بايرىقى ئاستىغا جەملەپ باشقا دىنلارنى يوقاتماقچى بولدى. لېكىن بىز (شەرقىي) تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى دىنىمىزنىڭ ئاياق ئاستى بولۇپ يوق بولۇپ كېتىشىدىن قىزغىنىپ، دىنىمىزنى ھىمايە قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. چۈنكى كۆپ يىللاردىن بىرى ئىسلام دىنى قان ۋە تىلىمىزغا قارىتا ياتلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇپ كەلدى. مىللىي ھاياتىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا كۆپ جەھەتتىن سەۋەب بولدى. ئىككىنچى تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، (شەرقىي) تۈركىستان خەلقى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن دىن ئارقىلىق غەربىي تۈركىستان، ئىران، ئەرەبىستان ۋە مىسىر مەدەنىيەتلىرىگە ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە (شەرقىي) تۈركىستاننىڭ مەدەنىي مائارىپى قەدەممۇقەدەم ئالغا باستى.

بىر قىسىم زەھەرلىك تەلىماتلارنى ئالغان ئاڭسىزلار بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىدىمىزنى چۈشەنمەستىن بىزگە «دىنچى»، «ئىسلامچى» دېگەن باھانى بېرىشىدۇ. گەرچە قۇرئان تەلىماتى شۇنداق بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى كۈندە بۇنداق بولۇش ئىمكانىيەتنىڭ سىرتىدا. ھازىرقى كۈندە مۇسۇلمانلار ياۋروپالىقلاردەك ئەڭ ئىلغار كۈچكە ئىگە بولمىغان بىر ئەھۋالدا، قايسى كۈچكە تايىنىپ بۇنچە كۆپ خەلقنى يىغالىسۇن؟! مەسىلەن بىر ئادەمنىڭ تۆت بالىسى بولۇپ، بۇ بالىلار ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىتتىپاقلىشىپ ياشىيالمىسا، تۆت بالا بىر ئانىدىن تۇغۇلغان تۇرۇپ بىرلىكتە ياشىيالمىغان يەردە، تۆت يۈز مىليون مۇسۇلمان قانداقمۇ ئىتتىپاقلىشىپ ياشىيالار؟!

بۇندىن 45 يىل بۇرۇن پان تۈركىزم، پان ئىسلامىزم نەزىيەلىرى بار ئىدى. ئۇ چاغلاردا ھەر تەرەپ ئ‍ۆز ئەتراپىغا تەرەپدار يىغىش ئۈچۈن پىروپاگاندالارنى قىلاتتى. ياۋروپالىقلار مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قورقۇشۇپ مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرمەسلىك ئۈچۈن نۇرغۇن تەدبىر – چارىلەرنى ئىشقا سېلىشتى. ئاخىرىدا بۇ ئوسمانىيە دۆلىتىنى يىقىتىشقا سەۋەب بولدى. بەزىبىر ئىلىمسىز، نادان تائىپىلەر چىرىغان بىر نەزەرىيەنى تۇتۇۋېلىپ مىللەت سېتىش بىلەن ئاۋارە بولماقتا.

دۇنيادا ئىنساننىڭ كۆڭلى دائىم يېڭىلىقنى خالايدۇ ۋە يېڭىلىقلارنى ئىجاد قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ يىل بىر يېڭى نەرسە ئىجاد قىلىنسا، كېلەر يىلى ئۇنىڭدىن ئوبدانراق يېڭى بىر نەرسە ئىجاد قىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئاۋۋالقىسى قىممىتىدىن چۈشۈپ ئېتىبارىنى يوقىتىدۇ. دېمەك ھەر ۋاقىت يېڭى نەزەرىيەلەر تۇغۇلۇپ، كونا نەزەرىيەلەرنىڭ قىممىتى چۈشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ نەزەرىيەلەرگە قۇربان قىلىنىشى توغرا ئەمەس. لېكىن ئۆز يۇرتىنى، مىللىتىنى ۋە دىنىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت يېڭى نەزەرىيەلەرنى ئىجاد قىلىش، ۋەتەن ۋە ئار – نومۇسنى ساقلاش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم.

ئىسلام دىنى قايسى مەملىكەتكە كىرسە، شۇ يەردىكى دىن ئەھلىنىڭ ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىپ ئەركىنلىك بەرگەن ئىدى. بىزمۇ ھەم ئىسلام تەلىماتى بويىچە يۇرتىمىزغا بىز بىلەن دىنداش بولمىغان دىن ئەھلىلىرى بىلەن بىرلىكتە قولنى قولغا تۇتۇشۇپ يۇرتنى ئاۋات قىلىشقا تىرىشىمىز. ئىران دۆلىتىنىڭ نوپۇسى 15 مىليونغا يېتىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەرەب، جوھۇت (يەھۇدىي)، ئەرمەن، تۈرك، كورد، فارس، ھىندى ۋە يەنە باشقا مەزھەپتىكى خەلقلەر بار. ئەمما بۇلار تارىختىن بېرى ئىران دۆلىتىنى تەشكىل قىلىپ، گويا بىر تەن بولۇشۇپ ياشاشماقتا. بىزنىڭ مەقسىتىمىزمۇ ئىرانلىقلاردەك بىرلىكتە ئۆز ۋەتىنىمىزنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت.

3. ئەسەبە ۋەتەنىيە

ھەربىر ۋەتەن ئەۋلادى ئۆز ۋەتىنىگە ياتلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرنىڭ كىرىپ قېلىشىدىن قىزغىنىدۇ. مانا بۇ «ئەسەبە ۋەتەنىيە» دېيىلىدۇ. ياۋورپا چۈشەنچىسى بويىچە بولغاندا، ئەسەبە ۋەتەنىيە: ھەر دۆلەتنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا ئىشلەپ چىقارغان فابرىكا ماللىرىنى ئاجىز مىللەتلەردىن بىرىگە توشۇپ ئاپىرىپ، ئۇ يەردە سېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ مۇستەملىكە قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ۋەتىنىنى قىزغىنىش پەقەت ئىنسانغىلا خاس بىر ئىش بولماستىن، بىر قىسىم ھايۋانلار ئارىسىدىمۇ بار بولغان ئورتاق بىر ئىشتۇر. مەسىلەن، قارغا قىشتا قېلىن تېرەكلىكتە ياكى قارا ياغاچلىقتا قىشلايدۇ. ياز ۋاقتىدىمۇ شۇ يەردە بالا چىقىرىش ئۈچۈن چاڭگا سالىدۇ. ناۋادا چاڭگىسىغا بىرەر دۈشمەن قەست قىلغۇدەك بولسا، قارغىلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە مۇداپىئە قىلىدۇ ۋە چاڭگىسىنى بەرمەيدۇ. كۆگەرچىن (كەپتەر) نىمۇ ئەگەر ئىككى – ئۈچ كۈنلۈك يىراقلىققا ئېلىپ كېتىپ قويۇپ بېرىلسە، يەنە ئۆزى ئۆسۈپ چوڭ بولغان يېرىگە قېچىپ كېلىدۇ. مۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھايۋانلار بار. ئۇلار قىشتا ئىسسىق يەرگە كېتىپ قىشلايدۇ، ياز كەلگەندە قايتىپ كېلىپ ئۆزى ئۆسكەن جايلارغا قايتىپ بالا چىقىرىدۇ. ھايۋانمۇ تۇغۇلغان يېرىنى ئۇنتۇمايدۇ. ھالبۇكى ئارىمىزدا شۇنداق بىر خىل كىشىلەر باركى، دىنسۆيەرلىك ۋە مىللەتچىلىك مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقسىلا ئاچچىقلىنىدۇ. «ئاتوم ۋە تېخنىكا دەۋرىدىمۇ مىللەتچىلىك قىلىشنىڭ، دىنچىلىك قىلىشنىڭ نېمە مەنىسى بار، بىزگە ۋەتەن كېرەك» دەيدۇ. يەنە بىر پىرقە چىقىپ «بىزگە دىن كېرەك، ۋەتەن – مىللەتنىڭ، ئىلىم – مائارىپنىڭ كېرىكى يوق، دىنىمىزنى ھاكىم مىللەت ئۆزى ساقلاپ بەرسە بولدى» دەپ ھاكىم مىللەتنىڭ توزىقىغا ئۆز پۇتىنى ئۆزى تىقىپ بەرمەكچى بولىدۇ. يەنە بىر پىرقە بولسا «مىللەت نېمە بولسا بولمامدۇ، شەخسىي ئىززەت - ئابرۇيۇم ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئالدىدا يۈكسەلسە بولدى. مەن ئاۋۋال شەخسىي مەنپەئەتىمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋالاي» دەيدۇ.

ئەجەبا، يۇقىرىقى ئۈچ پىرقىنىڭ مەپكۇرىلىرى ۋەتەن، مىللەت ۋە دىن ئۈچۈن پارلاق ئىستىقبال يارىتىپ بېرەلەرمۇ؟ بۇنى مەن ئېيتىپ ئولتۇرمايمەن.

كائىناتتا بارلىق نەرسىنى تەسەررۇپ قىلىپ ئىشلەتكۈدەك ھۆرمەت ۋە پەزىلەت ئىگىسى بولۇپ تۇرۇپ، بىر نەزەرىيەنى دەپ بىر – بىرىمىزنى ۋە مىللىتىمىزنى ئۇنتۇساق، بەزىمىزنى دەپ يەنە بەزىمىزنى ئۇنتۇساق، بىر قىسمىمىز ئىززەت – ھۆرمەت يولىدا ئاۋارە يۈرسەك، بۈگۈن قىلىۋاتقان ھەق – ھوقۇق دەۋاسىغا قانداق مەنە بەرگىلى بولىدۇ؟

بىز ئەگەر دىن ۋە مىللەت دېمىسەك، ھايۋانغا قوشۇلۇپ ياشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ قىلىۋاتقان پۈتۈن بۇ شوئارلىرىمىزدىن مەقسەت ئاچ – يالىڭاچ ۋە قۇل ھالەتتە ياشاۋاتقان مىللىتىمىزنى قۇتقۇزۇپ زامانىۋى بىر ھاياتقا باشلاشتۇر. يات ياۋىلارنىڭ چىرىگەن نەزەرىيەسىنى دەپ مىللەتنى قۇربان قىلىشتىن قوغداپ، زامانىۋى ئىنسان قىلىشتۇر. بىز بىر قىسىم پىروپاگانداچىلارغا ئوخشاش (سىياسىي) مەسلەكنى قورال قىلىۋېلىپ مىللەتنى پارچىلاشنى خالىمايمىز. بەلكى خەلق راھەتتە ياشىسا، بىزمۇ راھەتتە، خەلق زۇلۇم ئاستىدا ئېزىلسە، بىزمۇ شۇلارغا ئوخشاش ئىزىلىشتە بولىمىز. ئەسلا شەخسىي راھىتىمىزگە رازى بولمايمىز. ۋەتەننى، مىللەتنى ۋە دىننى ئۇنتۇپ ھايۋاندىنمۇ پەس ھالدا ياشىساق، مۇنقەرزلىككە سەۋەبچى بولساق، ئەۋلادلار ئالدىدا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمىز؟

ئاپتورى: ئەسئەدۇللاھ شەيخزادە

مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 99 - ۋە 100 - سانلار، 1947 - يىل، 5 – ۋە 8 - نويابىر.

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد