Jump to content

نائەھلىلىك ۋە سالاھىيەتسىزلىك سىرتماقلىرىدا بوغۇلۇۋاتقان مۇستەقىللىق كۈرىشى

ئورنى Wikipedia

نائەھلىلىك ۋە سالاھىيەتسىزلىك سىرتماقلىرىدا بوغۇلۇۋاتقان مۇستەقىللىق كۈرىشى

(1)

ۋەتەن مۇستەقىللىقى ھەرىكىتى شەرەپلەر ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ، بەدىلى ئېغىر، تەۋەككۈلچىلىكلىرى كۆپ بولغان قۇتلۇق ھەرىكەتتۇر. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇنىڭدىكى ئۇنىڭ يولىدا ئۆلۈش شەھىدلىكنى، ساق قېلىش غازىيلىقنى، قالدۇرغان ئىزلار قەھرىمانلىقنى بەخشەندە قىلىدۇ. قازانغان شەرەپلەر ئۆز نۆۋىتىدە مىللەتكە، خەلققە كەلتۈرگەن شان - شەرەپ سۈپىتىدە تەقدىرلىنىدۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دۇئايى - سالاملار بىلەن، مەدھىيە - ئالقىشلار بىلەن ياد ئېتىلىدۇ. مىللىي خاتىرىگە ئۆچمەس تارىخ بولۇپ پۈتۈلۈش مانا بۇ تەرزدە روياپقا چىقىدۇ.

بۇ ھەرىكەتنىڭ بەدىلىنىڭ ئېغىر بولۇشى شۇنىڭدىكى، ھەر تۈرلۈك يەككە ۋە كوللېكتىپ مەنپەئەتلەر ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدۇ.  شەخس دائىرىسىدىن ھالقىمايدىغان مال، ئائىلە، يۈز - ئابرۇي، مەنسەپ، جان قاتارلىق تۆلەشكە تېگىشلىك بارچە بەدەللەر ئۇنىڭ يولىدا پىدا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئازادلىقى يولىدا كىشىلىككە چېتىلىدىغان بارچە ئەركىنلىكلەر بوغۇلۇشقا تەييار تۇرىدۇ. گېزى كەلگەندە ئۇنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن ماماتلىق ۋەزىپىگە ئايلىنىدۇ.

بۇ ھەرىكەتنىڭ تەۋەككۈلچىلىكلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى شۇنىڭدىكى، ئۇنىڭ يولى باغۇ - بوستانلىققا تۇتاشقان تىكەنلىك يولدۇر. بۇ يول ئىرادىنى تاۋلايدىغان، تاكى نەپەستىن قالغانغا قەدەر كۈرمىڭلىغان سىناقلار، ئىمتىھانلار، پېشكەللىكلەرگە تولغان، گويا پىلسىرات كۆۋرۈكى مىسالى قىلدىن ئىنچىكە يولدۇر. بۇ يولدا سەللا ئىرادىسى بوشىغان، كۆزى قورققان، مەنزىلىگە قاراپ ئىلگىرىلەشتە تەمتىرىگەن، ئالدى - ئارقىسىغا قاراپ ئەندىككەن ھامان تېيىلىش، يېقىلىش، دومىلاپ چۈشۈش ھېچ گەپ ئەمەس. مەنزىلگاھنىڭ يولى بولغان فىردەۋسكە تۇتاشقان رېلىسنىڭ ئەسفەلە سافىلىن (مۇناپىقلار چۈشىدىغان ئەڭ ئاستى قەۋەتتىكى دوزاخ) نىڭ رېلىسىغا ئالمىشىپ قېلىشى، يىللاپ قىلىنغان ئەجىرنىڭ بىرلا ئاندا كۆپۈككە ئايلىنىشى ھەر زامان مۇمكىنچىلىك دائىرىسىدىدۇر. شۇڭا بۇ يول كىشىدىن دائىما ساق تۇرۇشنى، شوئۇرلۇق بولۇشنى، باسقان قەدەملىرى ئۈچۈن پاراسەت نۇرىنى چىراغ قىلىۋېلىشنى تەلەپ - تەقەززا قىلىدۇ. بۇ يولغا قەدەم ئالماق مەلۇم مەنىدىن ئالدىن كېپەنلىكىنى ھازىرلاپ قويۇپ ئاتلىنىشنى شەرت قىلغان بولىدۇ. ۋەتەننى ماددىي ۋە مەنىۋى  ئىشغالدىن ئازاد قىلىش كۆرۈشىدىن ئىبارەت بۇ قۇتلۇق يول ۋەزنى، خاراكتېرى ۋە ئىستىقبالى ئېتىبارى بىلەن يۇقىرىقى ئۈچ نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرگەن چاغدا، ۋەتەن يۈكىنى زىممىسىگە ئارتىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە بۇ يولنىڭ شەرت ۋە تەقەززالىرىغا ئۇيغۇنلۇقىنى ئىددىئا قىلغۇچىلار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنداقلا مەزكۇر شەرت ۋە تەقەززالارغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارنىڭ بۇ يولغا قىسىلىۋېلىشىنىڭ ئۆزىگە ۋە ۋەتەنگە زۇلۇم قىلغۇچى بولۇپ قالىدىغانلىقى، كىشىنىڭ ئەسلىدە پەقەتلا چامى يېتىدىغان ئىشقىلا مۇكەللەف ئىكەنلىكى، شەرتكە ئۇيغۇنلاشمىغانلارنىڭ ۋەتەن يۈكىنى زىممىسىگە ئېلىش سالاھىيىتى يوق بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە ۋەتەنگە يۈك بولۇشتىن باشقىغا يارىمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىشى، ھەددىنى بىلىشى، دەڭسىشى كېرەك بولىدۇ.

(2)

چىن مەدەنىيىتىنىڭ قۇرغۇچى ئاتىلىرىدىن بىرى بولغان مەشھۇر مۇتەپەككۇر كۇڭزى شۇنداق دەيدۇ: «ئىنتىقام يولىغا كىرەي دېسەڭ، ئىشنى ئالدى بىلەن ئىككى كىشىلىك گۆر كولاشتىن باشلا!». بۇ تەلىماتتا چىن پەلسەپەسى دەيدۇكى، جان ئېلىش بار يولدا جان بېرىشنىڭمۇ مۇمكىنلىكىنى ئەسلا نەزەردىن ساقىت قىلما! ئىنتىقام ئېلىشقا ھەقلىقمەن دېسەڭ، ھەقلىقلىقىڭ سېنىڭ چوقۇم بۇ يولدا غەلىبە قىلىدىغانلىقىڭدىن، ھايات قېلىشىڭدىن دېرەك بەرمەيدۇ. لېكىن سەن ئۆلسەڭ ھەق ئىگىسى سۈپىتىدە ئۆلۈشۈڭ مۇمكىن، قارشى تەرەپ ئۆلسە ئۆلۈشكە ھەقلىق بولۇپ ئۆلىدۇ. چوقۇم بۇ يولغا قەدەم ئېلىشقا نىيەتلەنسەڭ، ھەممىدىن ئاۋۋال ماڭغان يولۇڭ ئۆلۈشىڭگە ئەرزىمدۇ – يوق، بۇنىڭغا قارا!

دەرۋەقە، يۇقىرىقى ھېكمەتنى كۈرەش خاراكتېرىنى ئالغان ھەرقانداق ئىشنىڭ خاراكتېرىگە تەتبىقلاشقا بولىدۇ. ھالبۇكى، يۇقىرىقى ئاددىي، ئەمما مېغىزلىق سۆز شەخس بىلەن شەخس ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشكە ئېيتىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ تۈردىكى ئىنتىقام ياكى قىساس ئېلىشنىڭ نە مۇقەددەسلىكتىن، نە ئۇلۇغۋارلىقتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ. ئەڭ ئالىي شەرەپ قاتارلىقلار تۈرىگە كىرىشىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىلىك پەزىلەت بىلەن ھەق - ھوقۇق ئارىسىدا مادارا قىلىش ياكى تاللاش مەسىلىسى  بولۇپ، ئاقىۋىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم قىلىمەن دېگۈچىنىڭ ئالدى بىلەن رەقىبىگە قاراتقان تىغ ئۇچىنىڭ ئۆزىگىمۇ قادىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى ۋە شۇنىڭغا بېقىپ جان تىكىشكە ئەرزىمدۇ يوق، ئويلىشىپ ئىش قىلىشى مەقسەت قىلىنغان.

ۋەتەن مۇستەقىللىقى يولىدىكى ھەرىكەت بولسا، يۇقىرىقى قىساس تېمىسىدىن پەرقلىق بولغان، كىشىلىك ۋە كوللېكتىپ ئىنتىقامدىن ھالقىغان ئۇلۇغۋارلىقى كۈچلۈك ھەققانىي دەۋا مەسىلىسىدۇر. بۇ ھەرىكەتنىڭ نەپەرلىرىدە ئىنتىقام ۋە قىساس ئوتى لاۋۇلداپ تۇرغان بولۇشى تەبىئىي. ئەمما يالغۇز بۇلارلا ھەرىكەتنىڭ تۈپكى ئىدېئالىنى شەكىللەندۈرگۈچى ئامىللار بولۇشتا كۇپايە قىلمايدۇ. قىساس ۋە ئىنتىقام روھى ھەرىكەتنىڭ قەدىمىنى جىددىيلىككە ئىگە قىلسىمۇ، ئەمما بۇ كۈرەشنىڭ ئۇلۇغۋارلىقىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە، ئەبەدىي سائادەتنى بەخش ئەتكۈچى شان - شەرەپنى قۇچۇشقا يېتەرسىزدۇر. بۇ يولنىڭ ئۇلۇغۋارلىقى، قۇتلۇقلۇقى شەخسلىكتىن، ئىنتىقام تۇيغۇسىدىن ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتتىن ھالقىغان رەببانىي ھەرىكەتتۇر. شۇڭا بۇ يول ھەرقاچان خەتەرگە دۇچ كېلىشكە، سىناققا دۇچ كېلىشكە ئوچۇق. ئۆلۈم ھەر ۋاقىت يۈزلىشىش مۇمكىن بولىدىغان پوتېنسىيال ۋەزىيەتلەرنىڭ ئاۋۋىلىدۇر. يالغۇز ئىنتىقام ياكى قىساس مەقسەت قىلىنغان كىشىلىك كۈرەش بىلەن ئىنتىقام ۋە قىساس روھى يۇغۇرۇلغان ۋەتەن مۇستەقىللىقى كۈرىشى ئوتتۇرىسىدا قىممەت ۋە مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن ئالەمچە پەرقلەر بار. كىشىلىك ئىنتىقام ياكى قىساستا كىشىنىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ ۋاز كېچىش ياكى كەچۈرۈۋېتىش ھەققىنى ئىشلىتىشى ھەرقاچان ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىنچى تاللاش بولالايدۇ. بەزىدە بۇلار ماددىي تۆلەم ياكى بەدەل قارشىلىقىدا ئەپۇ قىلىنىپ توختىشى، ئەھدىدىن قايتىپ ئارقىغا چېكىنىشى ھەم مۇمكىن. تېخى مۇشۇنداق قىلىش بەزىدە بىر پەزىلەت ياكى ئالىيجانابلىق سانىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا يالغۇز قىساس ۋە ئىنتىقامنىڭ خاراكتېرىدە ئۇلۇغۋارلىق، ئەڭ ئالىي شەرەپ، مىللەتكە شەرەپ ئېلىپ كەلگۈچى قەھرىمانلىققا ئوخشاش بىر قاتار يۈكسەك قىممەتلەرمۇ ئورۇن تۇتۇپ كەتمەيدۇ. مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە بولسا، ئىش ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىكى قىساس ۋە ئىنتىقام مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كەتسە كېتىدۇكى، ئەمما تۈپكى ئامىلى بولالمايدۇ. بۇ ھەرىكەت ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلۇغۋارلىقنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ۋازكەچمەسلىكنى، ئاداققى نەپەس توختىغانغا قەدەر ئەسلا يولدىن قايتماسلىقنى ئەھدە قىلىشنى، جان تەندە بولغان مۇددەتچە ئەھدىگە شەرتسىز ۋاپا قىلىشنى شەرت قىلىدۇ. تۆلەم ياكى ھەرقانداق بىر ماددىي قىممەت باھاسىغا ساتقىلى، كېلىشىم ياكى سودىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە ياكى پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلماسلىققا يول چىقارغىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، بۇنداق قىلىشلارنىڭ ھەممىسى خائىنلىق، مۇناپىقلىق ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا ئۆلۈم جازاسىمۇ ئۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ، گۇناھىنى يۇيۇپ، خىيانىتىنى ئاقلاپ تۈگىتىپ بولالمايدۇ.

دېمەك، شەخسىي ئىنتىقام ۋە قىساس كەبى كىشىلىك كۈرەشكە چېتىلىدىغان بىر يولغا قەدەم ئېلىشتا ئۆلۈمنى ھېساب - كىتابنىڭ ئەڭ بېشىغا كەلتۈرۈپ ئىش باشلاش ئەقەللىي بىر ئىش ئىكەن، ۋەتەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىن ئىبارەت شەخس ۋە كوللېكتىپتىن ھالقىغان بىر دەۋاغا قەدەم ئېلىشتا بۇنى دىققەتكە ئېلىپ قەدەم ئېلىش، ھەرقاچان ئىدىيەدە تەييارلىق بولۇش نەچچە يۈز ھەسسە مۇھىم، ئەلۋەتتە! بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، غەلىبە قىلغاندا قىساسنىمۇ، ئىنتىقامنىمۇ تەڭ ئادا قىلغىلى بولىدىغان بۇنداق بىر يولغا كىرىشتە ئۆلۈمنىڭ ھەرقاچان دۇچ كېلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بىرىنچى ئۆتكەل، يۈزلىشىش مۇقەررەر بولغان چوڭ سىناق ئىكەنلىكىنى ھېسابقا ئېلىپ تۇرۇپ دەۋا سېپىگە قەدەم ئېلىش ئەقەللىي ساۋاتتۇر. شۇنداقلا مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە ئالدىن ئىدراك قىلىشقا تېگىشلىك ئىدىيەۋى تەييارلىق ۋە سالاھىيەت ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاۋۋالقى شەرتلەر جۈملىسىدىندۇر.

ئىسلام مەپكۇرىسى نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندىمۇ ۋەتەن مۇستەقىللىقى دەۋاسى كەلىمەتۇللاھنى ئۈستۈن قىلىشنىڭ مۇقەررەر شەرتى بولۇش ئېتىبارى بىلەن ئەڭ ئالىي جىھاد پەرزىدۇر. بۇ يول خۇددى ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقاندەك، ئەبەدىيلىك ھاياتقا تۇتاشتۇرىدىغان شەرەپلىك ئۆلۈمگە ۋەسىيلە بولىدىغان مۇقەددەس يولدۇر. ئۇ شۇنداق ئېيتىدۇ: «شۇنداق ئۆلۈم باركى، ئۇ ساڭا ئەبەدىي ھايات بەخش ئېتىدۇ، سەن شۇنداق ئۆلۈمگە ھېرىسمەن بول».

شۈبھىسىزكى ۋەتەن مۇستەقىللىقى ئەنە شۇنداق ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارچە شەخسىي مەنپەئەتلەردىن، يولىغا توسالغۇ ياكى پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان بارچە باغلىنىشلاردىن ئۆزىنى ئۈزۈل - كېسىل قىلىشنى شەرت قىلىدۇ. بۇ يولدا ئۆلۈم ئۆتكىلىنى ھېچقاچان ۋاز كېچىش ياكى چېكىنىشنى يوللۇق قىلىدىغان يېشىل چىراغقا ئايلاندۇرۇشقا بولمايدۇ. بەلكى ئۆلۈم بۇ يولدا ئاخىرقى نەپەستە ئارزۇلىنىدىغان، پىدا قىلىشقا توغرا كەلگەندە ئىككىلەنمەي تەسەددۇق قىلىنىدىغان ئەڭ بىباھا نەرسە قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال باشقا كېلىش مۇمكىن بولىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى ئەزىيەتلەردىن تارتىپ جاندىن جۇدا بولۇشقا قەدەر بولغان بارچە پىداكارلىقلارنى ھېساب - كىتابقا ئېلىشنى، بۇنى ئاللاھ رىزاسىغا ئېرىشتۈرىدىغان سىناق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش باسقۇچىدىن ئۆتكەن بولۇشنى، بۇنى بىر ئىمانىي زۆرۈرىيەت سۈپىتىدە ئەقىدە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مانا بۇ ۋەتەن مۇستەقىللىقى دەۋاسىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئىسلامىي شوئۇردۇر.

  يەنە بىر نۇقتىدىن كۆزىتىپ كۆرىدىغان بولساق، بىر ئىنساننىڭ تەڭرى ئالدىدا مۇكەللەف (مەسئۇلىيەتكار) ئىنسانغا ئايلىنىشى ئۈچۈن  ئاقىل ۋە بالىغ بولۇشى ئالدىنقى شەرتتۇر. خۇددى شۇنىڭدەك يۇقىرىقىلارنىمۇ كىشىنىڭ ۋەتەن مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ بىر نەپىرىگە ئايلىنىشى، داۋانىڭ مۇكەللەفلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئاساسىي شەرتلەردىن، دېيىشكە بولىدۇ. ۋەتەن مۇستەقىللىقى خۇسۇسىدا بۇنچىلىك ئەقەللىي شەرتنى ھازىر قىلمىغان، ۋەتەننى دۈشمەن قولىدىن قايتۇرۇۋېلىشتەك جىھاد پەرزىنىڭ مەيلى ئۈستەلدە، مەيلى جەڭگاھتا بولسۇن، مەيلى قەلەم، مەيلى ئەلەم بىلەن بولسۇن جاننى ئالىقانغا ئېلىپ تۇرۇپ قىلىنىدىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىمىغان بىر دەۋاچىنىڭ دەۋا قىلىش سالاھىيىتى بولمىغاندەك، ئۇنىڭ بۇ يولدا قىلىۋاتقانلىرىنىڭمۇ ھېچبىر قىممىتى بولمايدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئىماننى، دىننى، جىھادنى پەش قىلىپ دەۋاتقانلىرى، ئىددىئا قىلىۋاتقانلىرىمۇ شوئارۋازلىق قىلىشتىن، رىياكارلىق قىلىشتىن، سۇيىئىستېمالچىلىق قىلىشتىن چەتنىمەيدۇ. شوئۇرسىز، ئاڭسىزلارچە قىلىنغان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى، تەدبىرسىز بېسىلىۋاتقان قەدەملەر مانا بۇ سالاھىيەتسىز دەۋاچىلىقنىڭ قولىدا پايخان بولۇشتىن، دائىما مەغلۇبىيەتنى تېتىشتىن قۇتۇلالمايدۇ. بۇنداق دەۋاچىلىقنىڭ تۇتۇملىرىدا جاننى ئالىقانغا ئالغانلىق ئىپادىلىرى تۈگۈل، سېسىق جېنىنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قېلىش، قانداق قىلىپ ئەتىۋارلىنىشقا ئېرىشىش تۇتۇملىرى كۆرۈلىدۇ. يۆلەنچۈكسېراش خاھىشى ئەۋج ئالىدۇ. قىلمىشلىرى رىياكارلىقتىن، كۆز - كۆزچىلىكتىن خالىي بولمايدۇ. قەيسەرلىك، شىجائەت، باتۇرلۇق، پىداكارلىق ۋە قەھرىمانلىق قاتارلىق سۈپەتلەر بۇنداقلار توپىدا ئەسلا رېئاللىق يۈزى كۆرمەيدۇ. بۇنداقلارنىڭ قولىدا دەۋا مەيدانلىرى قورقۇنچاقلىقىنى قانداق قىلىپ يوشۇرۇشنىڭ تىياتىر نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش سەھنىسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇ سەھنىدە ئىش چىڭغا چىقاي دېگەندە قانداق قىلىپ ئارقىغا قاراپ چېكىنىش تاكتىكىلىرى، ئەندىشىلىكتىن قۇتۇلالماسلىق، ئۆزۈمچىلىك، شەخسىيەتچىلىك، ئابرۇيپەرەسلىك قاتارلىق ئەكس ئەتتۈرمىلەرنى قانداق قىلىپ سىياسىي پۇراققا ئىگە قىلغىلى، دەۋا ماركىسىغا ماسلاشتۇرۇپ قانداق پىششىقلاپ ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقنىڭ نەيرەڭ - چارىلىرى مەشىق قىلىنىدۇ. قىسقىسى، مۇستەقىللىق دەۋاسى بۇ تۈر دەۋاچىلىقنىڭ سايىسىدە ئۇلۇغۋارلىقنىڭ نامايەندىلىرىنى كۆرۈش، شىرمەت ئەزىمەتلەرنىڭ قەھرىمانلارچە ئىش - ئىزلىرىنى نامايان قىلىش، داھىيلارنىڭ ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش سەھنىسى بولۇشتىن چىقىدۇ. دەۋا سەھنىسى ئەسلىدىكى يا شەھىد ياكى غازىي، يا ئۆلۈم يا كۆرۈم كەبى ئوت يۈرەكچە شوئارلار سىمفونىيەسى ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىغان سەھنە بولۇشتىن بىراقلا دۈشمىنىنىڭ پەلسەپەسىدىكى ئىنتىقام روھىچىلىك ئەقەللىي تۇتۇمدىنمۇ يوقسۇزلاشقان ناتىۋان بىر سەھنىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ۋەتەن مۇستەقىللىقى ھەرىكىتى خاراكتېرى يوق قىلىنغان، بۇلغانغان، دۇنيالىقنىڭ، جانباقتىلىقنىڭ ۋاسىتىسگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن، شەكلى ئۆزگەرگەن  شەخسىي ھەۋەس - ئىستەكلەرگە سېتىلغان بىر ھەرىكەت بولۇپ پۈتۈپ چىقىدۇ. مۇستەقىللىق دەۋاسى مۇشۇ خىل ئىدراكسىز، سالاھىيەتسىز دەۋاچىلىقتىن توختاۋسىز زىيانغا ئۇچراپ ئۆتىدۇ. ئالغا باسمايدۇ، خورلىنىدۇ، ھاقارەتلىنىدۇ ۋە دائىما بىرىلىرىنىڭ ئالدىدا تىزى پۈكۈك جىنايەتكارغا، تاسمىلىق ئاپشاركىغا ئايلاندۇرۇلۇش قىسمىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

(3)

جانابى رەسۇل ئەكرەم ئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىسلەردىن بىرىدە «ئىش ئەھلى ئەمەسلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغاندا قىيامەتنى كۈت» دەپ كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى كىرىزىسىمىزدە ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىنى كۆزەتكەن ۋاقىتتا، بۈگۈنكى پالاكىتىمىزنىڭ ئىچكى قاتلىمىدا دەل نائەھلىلىكتىن ئىبارەت مەرەزنىڭ ياتقانلىقىغا قىل سىغمايدۇ. بۇ تۈر ئىللەتنىڭ نۆۋەتتە ھەر ساھەدە يامرىشى، توپلۇمدا ئىشنىڭ ئەھلى بولغانلارنىڭ ئالدىراپ قارشى ئېلىنماسلىقى، ئەمەلىي كۈچ ۋە دەستەك مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان خەلقنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالماس بولۇپ قىلىشى، كېلەچىكىگە چېتىلىدىغان جىددىي مەسىلىلەردە ئۆز ئىشىنى كىمگە تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئاڭقىرىماي ئۆتۈپ كېتىشى، ئۆز تەقدىرى ۋە مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىش ئىشىنى ساھەنىڭ ئەھلى بولغانلارغا تاپشۇرۇش ۋە ئۇلارنى دەستەكلەشتەك ئەقەللىي تۇتۇمنى كۆرسىتەلمەسلىكى قاتارلىقلار مەزكۇر ئىللەتنىڭ كۈچلۈك يامراۋاتقانلىقنىڭ رېئال ئىپادىلىرىدىندۇر. ئىللەت بار ئىكەن، ئۇنىڭ يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى سەۋەب بولغان ئامىللارنىمۇ تەكشۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئىللەتنىڭ راۋاج تېپىشىغا ھەسسە قوشقان ئامىللارغا قارايدىغان بولساق، ئەڭ ئالدىدا كۆزگە چېلىقىدىغىنى ئىشنىڭ ئەھلى بولغانلارنىڭ بۇ خۇسۇسنى داۋالاشقا، چارە كۆرۈشكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى، قىلىدىغان ئىدىيەۋى خىزمەتلەردە مەزكۇر خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويماسلىقى، بۇ ھەقتە قول - قولچە كاللا قاتۇرمىغانلىقى، خەلقنى ئاقارتىش ۋە ئۇلارنىڭ پوتېنسىيال كۈچلىرىنى توغرا تەرەپكە ئىشلىتىشكە يېتەكلەشنى مۇھىم بىلمىگەنلىكى، بىلگەن تەقدىردىمۇ مۇۋاپىق تەشۋىقات مېتودى، تەدبىر ئىشلەپ چىقىرىشقا سەل قارىغانلىقى قاتارلىقلار بولۇپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ بۇ ئىشلارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنىڭ خەلقنىڭ كۆزىگە رەسىملىك ۋە ۋىدىيولۇق قىلىپ تىقىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش دەۋا خىزمەتلىرىدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمەسلىكى، تۈگەل پىروپاگاندا ئۇسۇللىرىغا تايىنىپ ئۆزلىرى تەرەپكە مايىللىقنى ئاشۇرۇشقا، تەرەپدارلىرىنى مۇخالىپچىلىرىنىڭ سانىدىن كۆپرەك قىلىپ ئارتتۇرۇشقا بېرىلىپ كېتىشى قاتارلىقلار ئىللەتنىڭ يامرىشىغا يوچۇق شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللاردىن، دېيىشكە بولىدۇ. تۈگەل ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي دەۋاچى ئىكەنلىكىنى خەلققە ئىشەندۈرۈش ياكى ئۆزلىرىنىلا  خەلقنىڭ غېمىنى يەۋاتقان كۆرۈنۈشكە يارايدىغان ئىشلارغا بېرىلىشلار، كۆڭلىنى چۈشەنمىگەن خەلقتىن يامانلاپ باتناش ياكى گېپىمىزنى ئاڭلىمىغانكىن تويۇشە، دېگەن مەنتىقىدە سىياسەتچىلىك قىلىشلار ئىللەتنىڭ يامرىشىغا قارشى چارە - تەدبىر ئىشلەپچىقىرىشتىن مۇھىم بىلىندى. ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتقان خەلقنى لاياقەتلىك قىلالمىغاندىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشقا بولسىمۇ چارە - تەدبىرلەر سۇنۇلمىغان بىر ئاتموسفېرانىڭ مەيدانغا كېلىشىمۇ مەلۇم مەنىدىن سەھنىنى ئىش ئەھلى بولغانلاردىن كۆپرەك نائەھلىلەرنىڭ ئىگىلەپ كېتىشىگە يوچۇق بولۇشقا، ھېلىھەم شۇنداقلارنىڭ ھاكىم سىنىپتا پۇت تىرەپ تۇرالىشىغا ئەسقىتىۋاتقان ئامىللاردىن دېيىشكە بولىدۇ.

مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە ئىشنىڭ ئەھلى بولۇش دېگەنلىك ئۆز نۆۋىتىدە خەلقتىن كۈتۈلۈۋاتقان ئىشلاردا ئالدى بىلەن ئىشنى قولغا ئالغان، سەھنىدە دەۋا قىلىۋاتقانلىقى بىلەن بوي كۆرسىتىپ يۈرۈۋاتقانلارنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئۆرنەك بولۇپ بېرىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما كۈنىمىزدىكى ئۆرنەكلەردىچۇ؟ سەھنىدە كۆرۈلۈۋاتقان، مېدىيالاردا ياپسالىنىۋاتقان ئۆرنەكلەرگە ئات قويىدىغان بولساق، بۇ ئۆرنەكلىكلەر يالاقچىلىق ئۆرنەكلىكى، چاكىنا مەنپەئەت ۋە تۇتامسىز ۋەھىمىگە تايانغان ئېغىز - بۇرۇن يالىشىش ئۆرنەكلىكى، ھەقكە ئەمەس، تونۇش - بىلىشچىلىككە يان بېسىش ئۆرنەكلىكى، خاراكتېرسىزلىك ئۆرنەكلىكى، دەۋاسىدا سەمىمىيەتسىزلىك ئۆرنەكلىكى، مىللىي مەنپەئەتنى جېنى ۋە ئابرۇيىدىن ئاشقاندا ئاندىن قوغداش ئۆرنەكلىكى ۋە باشقا ۋەھاكازا ئۆرنەكلەر بولۇپ چىقىدۇ. ھالبۇكى، ۋەتەن ھۆرلۈكى يولىدا قۇربان بولۇۋاتقانلارمۇ، قۇربانلىق بېرىۋاتقانلارمۇ، جاسارەت كۆرسىتىۋاتقانلارمۇ، ئاكتىپلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلارمۇ، زالىمغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئوتقا تاشلاۋاتقانلارمۇ يەنىلا خەلق ئىچىدە، خەلقتە نامايان بولۇپ تۇرۇپتۇ. دېمەك سەركە دېيىلىۋاتقانلاردىن ئىزدىسىمۇ ئالدىراپ تېپىلمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان بۇ ئۆرنەكلەر يەنىلا خەلق ئارىسىدا. ھالبۇكى ئىش تاپشۇرۇلغانلار خەلق ئەمەس، سەركىلەردۇر. ئېچىنارلىقى خەلقتە بار مەردانىلىق، خەلقتە بار روھ، خەلقتە بار جاسارەت، خەلقتە بار شوئۇر ئىش ئەھلى سۈپىتىدە مەيدانمۇ مەيدان كېزىۋاتقانلاردا ئېزىپ - تېزىپ تېپىلىشى بەكلا قىيىن. خەلق بىلەن سەركە ئارىسىدا بۇ قەدەر ھاڭ، بۇنچە مۇرەككەپ ئۇيۇشماسلىقلار ئورۇن تۇتۇپ ياتقان بىر ۋەزىيەتتە مىللەتنىڭ قارا كۈنلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە شىددەتلىنىشى، قىيامىتىنىڭ يېقىنلىشىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولماي تۇرالىسۇن؟!

ھەقىقەتنى سۆزلىسەك ۋەتەن بارغانچە بىزنىڭ ۋەتەن بولۇشتىن چىقىشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. مەدەنىيەت ئىزنالىرىمىز بارغانچە ئۆچۈرۈلۈۋاتىدۇ. مەدەنىيەتنى ياشنىتىدىغان ۋە ياشاۋاتقان مىللەت سىرتماق نۆۋىتىنى كۈتۈپ ئۆي ئۆيلەردە ھەپسىگە سولۇنۇپ بولدى. ھەپسىخانىلار بولسا قۇشخانىلارغا ئايلاندۇرۇلدى. قىسقىسى مىللەت قىيامىتىنى ياشاشنى باشلىۋەتتى. ھەر تۈرلۈك قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. ۋەتەن سىرتىدىكىلەر مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ قانداقلا كۈن تەرتىپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىگە ئوتتەك قىزىپ پوقتەك سويۇشتەك خاراكتېرنى جارى قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئادەتلەنگەن كۆنۈكۈش بويىچە كۈن كەچۈرۈش ئۆز ئىزىدا داۋام قىلىۋاتىدۇ. نەچچە ئاي ئاۋۋال بىر رايوننىڭ تاقالغىنىغا ئاللا - توۋا قىلىۋاتقان توپلۇم ئەمدىلىكتە بىر پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنى تاقىلىپ مىللەت ئاچلىق ۋە قەھرىتان سوغۇقنىڭ سىرتماقلىرىدا سەكرات باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتسىمۇ بولار ھالىمىز ئورتادا. مانا بۇلار بىزنىڭ مۇستەقىللىقنى «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» پەدىسىگە ئاغزاكى ئارزۇلايدىغان، رېئاللىقىدا بولسا «مېنى چاقمىغان يىلان مىڭ يىل ياشىغاي» مەنتىقىسىنى ھايات تەرزىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئەبگا توپلۇمغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشكە يېتىپ ئاشىدىغان رېئاللىقلاردىندۇر.

خاتىمە

پەيغەمبەر ئېيتتى: شۇنداق كۈنلەرگە دۇچار بولىسىلەركى، بارچە ئۈممەت سىلەرگە قارشى خۇددى غىزا ئۇسۇلغان لېگەن ئەتراپىغا ئولاشقان تائاملانغۇچىلاردەك يوپۇرۇلۇپ كېلىشىدۇ. بۇ سۆزگە سامى بولۇپ تۇرغان ساھابىلەردىن بىرى سورىدى:

- بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمىز سانىمىزنىڭ ئازلىقىدىنمۇ؟

پەيغەمبەر جاۋاب بەردى:

- ئەكسىچە ئۇ كۈندە سانىڭلار كۆپ. بىراق سانىڭلارنىڭ كۆپ بولۇشى خۇددى سەل ئاقتۇرۇپ كەلگەن كۆپۈككە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئاللاھ دۈشمەن نەزىرىدىكى ھەيۋىتىڭلارنى ئۇلارنىڭ يۈرىكىدىن تارتىۋەتكەن، قەلبلىرىڭلارغا بولسا زەئىپلىكنى تاشلاپ قويغان.

ساھابە سورىدى:

- ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، زەئىپلىك دەپ نېمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىلا؟

-پەيغەمبەر جاۋاب بەردى:

- دۇنيا سۆيگۈسىگە مۇپتىلا بولۇشنى، ئۆلۈمنى يامان كۆرىدىغان بولۇپ قىلىشنى. [ئەبۇ داۋۇ رىۋايىتى]

مەلۇم بولغىنىدەك، بىر ھادىسىنىڭ ياكى نەتىجىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان تاشقى ۋە ئىچكى ئامىللار بولىدۇ. بۇ ئامىللارنىڭ ئارقىسىدا بولسا، ئۇنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن ياكى ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە يول ئاچقان تۈپكى سەۋەبلەر بولىدۇ. ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن چىقىپ تۇرغىنىدەك بىر قەۋمنىڭ داستىخان ئۈستىدىكى يېمەككە، دۈشمەنگە يەم بولۇشقا تەييار ھالغا كېلىپ قالغان ئولجىغا ئايلىنىپ قېلىشى ئارقىسىدا دۈشمەن نەزىرىدە ھېچبىر تەپتارتقۇچىلىكى، ھەزەر ئەيلىگۈچىلىكى قالمايدىغان دەرىجىدە بوشاڭلىشىپ كېتىش، قارشىلىق كۆرسىتىش روھى ئۆلۈك ھالغا كېلىپ قېلىش، گالغا سېلىپلا يۇتۇۋەتكىلى بولىدىغان دەرىجىدە تەييار تاماق ئورنىغا چۈشۈپ قېلىش، زەيپانىلىشىپ كېتىش قاتارلىق تاشقى ۋە ئىچكى ئامىللار ياتقان بولىدۇ. ھالبۇكى بۇلار مەسىلىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئەجەللىك نۇقتىنىڭ مەسىلىنىڭ تاشقى ئامىلى ياكى كۆرۈنۈشىدە ئەمەس، بەلكى شۇ قەۋمنىڭ روھىغا، زېھنىيىتىگە چاپلاشقان ئىللەتكە مۇپتىلا بولۇشتا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ئورۇندا دۇنيا سۆيگۈسىنى زېھنىيەتكە چاپلاشقان ئىللەتكە ۋەكىللىك قىلىش، ئۆلۈمدىن قورقۇش پىسخىكىسىنى بولسا روھىيەتكە چاپلاشقان ئىللەتكە ۋەكىل قىلىشقا بولىدۇ. دۇنيا سۆيگۈسى ئىللەت دەرىجىسىگە بارغاندا قارشىلىقىدا سېتىلمايدىغان نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ. دۇنياپەرەسلىك بار يەردە ئاخىرەتكە ئورۇن بېرىلمەيدۇ. ئاخىرەتلىك ھېساب - كىتاب، مەسئۇلىيەت، تەڭرى ئالدىدىكى مۇكاپات - جازا پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىنغان ھالدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ئۆلۈمنى يامان كۆرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قىلىشنى بولسا، روھىي قۇللۇققا، زېھنىي ئاسارەتكە، دۈشمەننى تونۇش ئورنىغا ئۇنى ئەسلا يېڭىلمەيدىغان ئەبەدىي غالىب ماقامىدا كۆرۈۋېلىشقا تەتبىقلاش مۇمكىن. بۇنداق بىر روھتا قارشىلىشىش ئېڭى سۇسلايدۇ، غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى تىكلەنمەيدۇ، ئەكسىچە ئىرادىسى سۇسلاپ تەسلىمچىلىكتىن باشقا تاللاش يوقتەك ئاڭغا كېلىپ بولىدۇ. قىسقىسى، دۇنيالىق مەنپەئەتكە ھەممىنى ساتالايدىغان، ئېرىشكەنلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى ئالدىدا ھەممىنى دوغا تىكەلەيدىغان بىر زېھنىيەتلىك قەۋم ئۈستەلدىكى تاماققا ئوخشاش ئولجىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇقەررەر بولغاندەك، ئۆلۈشنى ئۆلگۈدەك يامان كۆرىدىغان، شەرەپلىك ئۆلۈم بىلەن نومۇسسىزچە ئۆلۈم ئوتتۇرىسىنى ئايرىمايدىغان، ئۆلۈمگە دۇچ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ھەممە ئىددىئاسىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان، گېزى كەلگەندە ئادالەت يولىدا ئۆلۈشتەك ئەقەللىي قىممەتتىن يوقسۇزلىشىپ كەتكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەرقانداق ۋەزىيەتتە ئالدى بىلەن جېنىنى كاپالەتكە ئېلىۋېلىپ ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان ھالدىكى قورقاق زېھنىيەتلىك قەۋمنىڭ يۇقىرىقىدەك تەييار ئولجىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇقەررەرلىك، ھەتتا قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. دېمەك ھەدىس بۇ يەردە ئولجا ھالغا چۈشۈپ قېلىشنىڭ تاسادىپىيلىقتىن ياكى نوقۇل دۈشمەننىڭ ماددىي كۈچىنىڭ ئۈستۈنلۈكىدىن ئەمەسلىكىنى، ئەسلى مەسىلىنىڭ ئىشنى ئاشۇ خىل تىراگېدىيەلىك ۋە خەتەرلىك باسقۇچقا كېلىشىگە يول ئاچقان ئىچكى ئامىلغا، زېھنىي ۋە روھىي ئىللەتتە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. دېمەك مەسىلىنىڭ ھەل بولۇش چارىسى ئىللەتنى يىلىتىزىدىن ساقايتىشتا، زەيپانىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئىككى مەلئۇن ئىللەتتىن پاكىزلىنىشتا.

دەرۋەقە، بۈگۈن مەيلى قەلەم ياكى ئەلەمدە قىلىنىۋاتقان ھەرىكەتتە بولسۇن، ۋەتەننى بۈگۈنكى ئولجا ھالغا ئېلىپ كەلگەن ئەجەللىك ئىللەتلەردىن تازلاشقا، ئىسلاھات قانات يايدۇرۇپ يادرولۇق ئۆزگىرىش ئىنقىلابىنى ئەمەليلەشتۈرۈشكە تارىخىمىزدا بۇنچىلىك موھتاج بولغان بىر ۋەزىيەت كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس. بىز ئېتىراپ قىلايلۇق ياكى قىلمايلۇق ئورمان قانۇنى ئىجرا بولۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيا سىستېمىسىدا يىقىلىشىمىز، قىرىلىشىمىز، مىللەت سۈپىتىدە يەم بولۇشىمىز پەقەتلا تاماشا قىلىنىدىغان سېرك ئويىنى تۈسىنى ئېلىپ مېڭىۋاتىدۇ، خالاس! بىزگە ئىگە چىقىۋاتقاندەك كۆرۈنگەنمۇ، زالىم مۇستەملىكىچىنى ئاشكارا قوللاۋاتقانمۇ ھەممىسى ئۆزىنىڭ تاماشاسىنىڭ تەقەززاسىنى قىلىۋاتىدۇ، خالاس. قوللىغان ياكى قارشى تۇرغان بولۇش دىرامىسىنىڭ نەچچە يىلدىنقى مىزاجىغا قارايدىغان بولساق ئىشنىڭ خۇلاسىسى «گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن» بولۇۋاتقىنىنى، بىر مىللەتنىڭ قىيامىتىنى تىياتىر قىلىپ ئويناشتەك شەپقەتسىزلىكنىڭ يۇقىرى چېكىنى تارىخقا پۈتۈپ مېڭىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئاچچىق بولسىمۇ كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. ئىشنىڭ پايدىمىز ياكى زىيىنىمىزغا قاراپ مېڭىشىغا تەسىر كۆرسىتىش، پۇرسەت تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ تىياتىرچىلارنى غېمىمىزنى قىلىش تەرىپىگە مايىللاشتۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن چىقارغان پۇرسەتلىرىگە پېشكا بولۇپ ئۆتۈش، ئۆز ئىرادىمىز ۋە تۇتۇمىمىزنىڭ قەتئىيلىكىنى نامايان قىلىش ياكى سېرك ھايۋانلىرىدەك قايسى كۆندۈرگۈچىنىڭ قولىدا سەھنىگە چىقىۋېلىش پۇرسىتى بولسا شۇنى ئىزدەپ ئەخمەق بولۇشنى دەۋا چاغلاپ ئۆتۈش يەنىلا ئۆزىمىزگە باغلىق بولۇپ قالدى. بۇ يولدا ئالدىن كۆرەرلىكىمىز بولمايدىكەن، ئۆزىمىزگە سەمىمىي بولۇپ يادرولۇق ئۆزگىرىشنى، ئۆلۈك دەۋاچىلىقنى تەرك قىلىپ ئىدراكلىق ھەرىكەتچان جانىۋارغا ئايلىنىشنى تاللىمايدىكەنمىز، نائەھلىلىكلەرگە قارىتا ئاۋاز چىقىرىشنى، ئۆز ئىشىمىزنى، يەنى ھۆر كېلەچىكىمىز ۋە مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىزنىڭ بىردىنبىر كاپالىتى بولغان ۋەتەن ئىستىقلالىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك چوڭ مەسئۇلىيەت ۋە سالاھىيەتنى ئىشنىڭ ئەھلى بولغانلارغا تاپشۇرۇشنى، نائەھلىلەرنى يېتىم قالدۇرۇش چاغلىق ئەقەللىي تۇتۇمنى كۆرسىتىشنى بىلمەيدىكەنمىز، ئۇيۇشقان ساغلام بىر قۇرۇلمىنىڭ ئەزالىرىغا ئايلانغان ھالدا ئورتاق قەدەم ئالىدىغان بولمايدىكەنمىز ھالىمىزنىڭ نۆۋەتتىكىدىنمۇ بەتتەرلىشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشقىنى داۋاملاشقان، سېرك ھايۋانلىرى تىرى - پىرەن بولغىچە بۇ تىياتىرنىڭ ئوينالغىنى ئوينالغان بولۇپ كېتىۋەرگۈسى.

-بۇرھان مۇھەممەد

2022-11-07

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى