Jump to content

ناپالىئون خېئول: ئويلا، باي بول

ئورنى Wikipedia

ناپالىئون خېئول: ئويلا، باي بول


— بۇ ئەسەرنى ئوقۇيدىغانلار ئارىسىدىمۇ بېيىشقا ئىشەنمەيدىغانلار بار. چۈنكى، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى نامراتلىق، كەمبەغەللىك ۋە تەلەيسىزلىك شارائىتىدا شەكىللەنگەن.

— ناپالېئون خېئول


پىكىر− بايلىقتۇر

بىر كۈنى ئېدۋىن بۇرنس ھاياتىدىكى مۆجىزىگە ئوخشاش بىر قاراشقا دۇچ كەلدى: «باي بولۇشنى ئارزۇ قىلامسەن، ئويلا!» مەزكۇر قاراش ئۇنىڭدا بىردىنلا ئويغانغىنى يوق، ئەلۋەتتە. بۇرنس ئۇنىڭغا ئاستا - ئاستا يېقىنلىشىدۇ، ئەسلىدە بۇ پىكىر بۈيۈك ئىنسان ئېدىسونغا شېرىك بولۇش ئارزۇسىنى قىلىۋاتقىنىدا باشلانغانىدى.

بۇ ھەقتىكى ئاساسلىق ئامىل شۇكى، بورنسنىڭ نىشانى پۈتۈنلەي ئېنىق، روشەن ئىدى. ئۇ ئېدىسون ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىمەكچى ئىدى. ئۇنىڭ ئۆز نىشانىغا قاراپ قانداق قەدەم تاشلاپ كەلگىنىگە دىققەت بىلەن قاراڭ، ئەنە شۇ چاغدا مۇۋەپپەقىيەت يولىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز.

شۇنى ئېيتىش كېرەككى، بۇرنس ئارزۇسىنى بىراقلا ئەمەلگە ئاشۇرالمايتتى. ئۇنىڭغا ئىككى ئىش توسالغۇ بولاتتى: بىرى، بۇرنس ئېدىسوننى تونۇمايتتى، يەنە بىرى جېرسى ئىشتاتىدىكى ئىستارىنج شەھىرىگە بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭدا كىراغا تۆلىگۈدەك پۇل يوق ئىدى.

كۆپىنچە ئادەملەر ئۈچۈن ئارزۇ - ئارمانلىرىدىن ۋاز كېچىشكە ئەنە شۇنچىلىك سەۋەب يېتەرلىك. بۇرنس ئۈچۈن بولسا، ئارزۇ – ئارمان، ئىرادىگە شۇنچىلىك باغلىق ئىدىكى، ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئارزۇ - ئارمان يىپىغا يېپىشتى.


ئېدىسون ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىگە تىكىلدى...

بۇرنس ئېدىسوننىڭ تەجرىبىخانىسىغا كېلىپ، بۈيۈك كەشپىياتچى بىلەن بىرگە ئىشلەش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئېدىسون كېيىنچە تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشنى شۇنداق خاتىرىلەيدۇ: «ئۇ ئادەتتىكى ساياقلارغا ئوخشاش كۆزگە تاشلىناتتى. ئەمما يۈز ئىپادىسى گۇمانلىنىشقا ھەرگىز يول قويمايتتى. كىشىلەر بىلەن يىللاپ بىرگە ئىشلەش ماڭا ناھايىتى كۆپ ئىشلارنى ئۆگەتكەن. ئەگەر ئىنسان نېمىنىدۇر ناھايىتى كۈچلۈك ئارزۇ قىلسا، كېلەچىكىنى خەرىتىگە سىزىشقا تەييار تۇرسا، سۆزسىزكى، ئۇ تەقدىرنى يېڭىدۇ. مەن ئۇنىڭغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردىم، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشىش يولىدا پۈتۈن ئېڭىنى ئىشقا سالدى. ۋاقىت مېنىڭ خاتالاشمىغانلىقىمنى ئىسپاتلىدى.»

ئەلۋەتتە، ياش يىگىتنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئېدىسونغا بەك يېقىپ كەتمىگەنىدى. ئەمما، ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ يۈزىدە پىكىر نامايان بولۇپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە، بۇ قېتىملىق تۇنجى ئۇچرىشىش بىلەنلا بۇرنس ئېدىسونغا ھەمراھ بولۇپ كەتكىنى يوق. ئەمما ئېدىسون ئىش بىلەن تەمىنلىدى، يوقنىڭ ھېسابىدا بولسىمۇ مائاش بېرىلىدىغان بولدى.

ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتتى. سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ھېچنەرسە ئۆزگەرمىدى: بۇرنسنىڭ ئارزۇسىغا بىرەر نەرسىمۇ يېقىن كەلمىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئېڭىدا ئەڭ مۇھىم جەريان يۈز بەردى: ئېدىسونغا ھەمكارلاشقۇچى بولۇشتىن ئىبارەت ئارزۇسى ئىزچىل كۈچىيىۋەردى.

ھوقۇق ساھەسىدىكى روھشۇناسلار شۇنداق قارايدۇ: «ئەگەر ئىنسان نېمىنىدۇر چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلسا، بۇ ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىدە ئەكس ئېتىدۇ.» بۇرنس ئېدىسون بىلەن ئىشلەش جەھەتتە رىقابەتكە كىرىشىشكە تەييار: ئۇ ئېيتقانلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قەتئىي بولۇش قابلىيىتىگە ئىگە ئىدى.

بۇرنس ھېچقاچان ئۆز - ئۆزىگە: «بولدى ئەمدى، باشقا ئىش قىلىمەن» دېگىنى يوق. ئەكسىچە، «مەن بۇ يەرگە ئېدىسون بىلەن بىرگە ئىشلەش ئۈچۈن كەلدىم. ھاياتىمنى تىكىپ بولسىمۇ، شۇ ئارزۇيۇمغا چوقۇم ئېرىشىمەن» دېگەن نىيەتتە بولغان. ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قىزغىن ئىشتىياقى يالقۇنلاپ تۇرغان ۋە  ئېنىق نىشانغا ئىگە بولغان كىشىلەر ئاجايىپ ۋە تۈرلۈك - تۈمەن ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن.

شۇنىسى ئايانكى، ياش بۇرنس بۇ ھەقتە ئويلاپ كۆرمىگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ ئوتتەك ئىشتىياقى، ئۆز نىشانى ئۈچۈن جاھىلانە تىركىشىشى ئۇنىڭ ھەرخىل ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، كۈتمىگەن ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىگە سەۋەب بولدى.


ھادىسە يوشۇرۇن جايدا يۈز بەردى

شۇنداق، ھادىسە بۇرنس پەقەت كۈتمىگەن تەرەپتىن يۈز بەردى. ئەمەلىيەتتە بۇ مۆجىزىنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىلىرى ھېسابلىناتتى. مۆجىزە يوشۇرۇن يولدىن پايدىلىنىشتەك «ھىيلىگەرلىك»كە، شۇنداقلا ۋاقىتلىق خاتالىق، بەختسىزلىك، ھەتتا مەغلۇبىيەت ئاستىغا يوشۇرۇنۇشتەك ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىدى. ئېھتىمال، شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، كۆپىنچە ئادەملەر ئۇنى تونۇيالماي قالاتتى.

بۇ چاغدا ئېدىسون ئۆزىنىڭ «ئېدىسوننىڭ ئېيتىپ تۇتۇش قۇرۇلمىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۈسكۈنىسىنى تەكشۈرۈش بىلەن بەنت ئىدى. ئەلۋەتتە، سودا دەللاللىرى بۇنىڭدىن ئۇنچە خۇش ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە كۆزلىرى يەتمەيتتى.

بۇرنس بۇ ئۈسكىنىنى بازارغا سالسا ئۈنۈم قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنىدى. شۇڭا ئۇ ئېدىسونغا ئۆزىنىڭ ئويىنى ئېيتىپ، بۇ ئۈسكىنىنى سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزىگە بېرىشنى ئۆتۈندى. ئېدىسونمۇ شۇ ھامان ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. ئۈسكۈنە شۇنچىلىك تېزلىك بىلەن بازار تېپىشقا باشلىدىكى، ئېدىسونمۇ ھاياجانلىنىپ، بۇرنس بىلەن بۇ مەھسۇلاتنى پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە تارقىتىش ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا توختام ئىمزالىدى. بۇ ھەمكارلىق ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە ئۆزلىرىمۇ ئويلاپ باقمىغان بايلىق سوۋغا قىلدى. بولۇپمۇ بۇرنس ھەر قانداق ئادەم ئويلاشنى ئۆگەنسە، باي بولۇشى مۇمكىنىلىكىگە تولۇق ئىشەندى.

بەلكىم، شۇ چاغدا بۇرنس ئىككى ياكى ئۈچ مىليون دوللار كىرىم قىلغان بولسا كېرەك. ئەمما بۇ مىقدار ھەقىقىي بىلىم بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ: مەلۇم قائىدىلەرگە رىئايە قىلىنغاندا، پىكىرنى چەكسىز ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن.


باشلىدىڭمۇ، تاشلاپ قويما

غەلىبىگە ئېرىشەلمەسلىكنىڭ ئەڭ كۆپ تارقالغان سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىشتىن يۈز ئۆرۈش ياكى تۇنجى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئۇنى تاشلاپ قويۇشتۇر.

ئۆز ۋاقتىدا دېربى ئەپەندىنىڭ تاغىسى «ئالتۇن ۋەسۋەسىسى»گە بېرىلىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئالتۇن قېزىپ، بېيىش مەقسىتىدە غەربكە يول ئالدى. ئەمما تەبىئەتتىكى ئالتۇننىڭ زاپىسى ئۇنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھېكايىلىرىگە قارىغاندا ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكى ئۇنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەنىدى.

ئۇ يەر سېتىۋالدى. بىر نەچچە ھەپتىلىك ئېغىر ئەمگەك ئۇنىڭغا مۇكاپات ئاتا قىلدى: سېتىۋالغان يېرىدىن رۇدا چىقتى! بۇ قىممەتباھالىق يالتىراق رۇدا ئىدى! دېمەك، بۇ يەردە تىللا كانى بار، دېگەن گەپ! ئەمما ئۇنى كۆپ مىقداردا قېزىۋېلىش ئۈچۈن يەنە باشقا ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەر لازىم بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كاننى چانمىغىدەك يۆرگەپ قويۇپ، مېرىلېند ئىشتاتىدىكى يۇرتى ۋىليامىسبۇرگقا قايتىپ باردى. ئۇ يەردە بىر قىسىم قېرىنداشلىرى ۋە قوشنىلىرىنى ئۆزىنىڭ «بەخت-ئامىتى»دىن خەۋەردار قىلدى. ئۇلار ئەسۋاب - سايمانلار ۋە ئۇلاغلار ئۈچۈن پۇل توپلاشتى. ئاندىن ئۇ دېربى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە كانغا قاراپ يولغا چىقتى.  

قېزىۋېلىنغان تۇنجى ۋاگون رۇدا قايتا تەكشۈرۈشكە يوللاندى ۋە ئىنتايىن سۈپەتلىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ ھەممىنى خۇش قىلىۋەتتى. دېمەك، يەنە بىر نەچچە ۋاگون رۇدا ماڭدۇرۇلسا، بۇرۇنقى بارلىق قەرزلەرنى ئۈزۈشى، ئاندىن تىللا كانى چىراي ئېچىپ، پۈتمەس - تۈگىمەس بايلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىدى.

ئەمما، ئۇزاق ئۆتمەي ئويلىمغان ئىش يۈز بەردى: كاندىن رۇدا چىقماي قويدى. ئۇلار تىللا كانىنى تېپىش ئۈچۈن قېزىشنى داۋام قىلدى، ئاخىرقى پاسىلغا قەدەر باردى. ئەپسۇس!

ناھايەت، دېربىلار ئىشنى توختىتىش كېرەك، دېگەن قارارغا كېلىشتى. ئۇلار ئەسۋاب - سايمانلىرىنى ئەسكىپۇرۇشلارغا نەچچە يۈز دوللارغا سېتىپ، بۇ يەرنى تاشلاپ كەتتى. ئەسكىپۇرۇش بولسا، تاغ مۇتەخەسسىسىنى تەكلىپ قىلدى، ئۇ كاننى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ، بەزى ھېساب - كىتابلارنى قىلغاندىن كېيىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدى: كاننىڭ ئالدىنقى ئىگىلىرى «ساختا كان» توغرىسىدا ھېچقانداق بىلىمگە ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. تاغ مۇتەخەسسىسىنىڭ ھېسابلاشلىرىغا قارىغاندا، تىللا كانى دېربى قازغان جايدىن ئەڭ يىراق بولغاندىمۇ 12 مېتىر نېرىدا بولۇشى كېرەك! ھەقىقەتەنمۇ ئۇ دەل ئەنە شۇ جايدىن تېپىلدى!


مۇۋەپپەقىيەت مەغلۇبىيەتتىن بىر قەدەم نېرىدا، خالاس

ئارزۇ - ئىستەكنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن. دېربى بۇ قاراشنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن بىر نەچچە قېتىملىق مەغلۇبىيەتلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇردى. ئۇ ئۆمۈر سۇغۇرتا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ياشلىقىدا يول قويغان ئەپسۇسلىنارلىق خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئالدى. بۇ ئاددىيلا ساۋاق ئىدى: «ئالتۇن ئايىغىم ئاستىدىلا تۇرغاندا، مەن ئىشنى تاشلاپ كەتتىم. شۇڭا مەندىن ھېچكىم سۇغۇرتا سېتىۋالمىسىمۇ، قىلىۋاتقان ئىشىمدىن زادى ۋاز كەچمەيمەن!»

شۇنداق قىلىپ دېربى بىر يىلدا بىر مىليون دوللارلىق سۇغۇرتا كىرىمى قىلالايدىغان كىشىلەردىن بىرى بولۇپ قالدى.

سىزنىڭمۇ ھاياتىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەت كىرىپ كەلگەندە، ۋاقىتلىق مەغلۇبىيەتلەرگە چىدىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ! ئەمما، بىزنى ئۇتۇق قازىنالماسلىق تەقىب قىلغاندا، ئەڭ ئاددىي مەنتىقە− قىلىۋاتقان ئىشنى تاشلاش بولىدۇ. كۆپىنچىمىز ئەنە شۇنداق يول تۇتقان. راست ئەمەسمۇ؟

ئۇشبۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى ئامېرىكىدا يېتىشىپ چىققان 500 دىن ئارتۇق مۇۋەپپەقىيەت ساھىبىدىن پىكىر ئالغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئەڭ كاتتا مۇۋەپپەقىيەت مەغلۇبىيەتكە بىر قەدەم قالغاندا كېلەر ئىكەن.

ئاھ، مەغلۇبىيەت… ئۇ مۇلايىم نىگاھ، نازۇك قاراش ۋە ھەزىل ئارىلاش شەپقەتسىزلىك بىلەن كىرىپ كېلىدۇ، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت چېگراسىدا ئادەمنى ئوۋلاپ، قاپقىنىغا چۈشۈرگەندىن كېيىن مەسخىرە قىلىدۇ...


بۇيرۇقۋاز داداىنىڭ بالىلىرى

ئالتۇن كاننى ئىزدەشتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، دېربى بۇ ئىشتىن تېگىشلىك خۇلاسە چىقىرىۋالدى. ئۇ تەقدىرنىڭ ئۇنىڭغا «يوق» دېيىشىنىڭ ھەمىشە «يوق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالدى.

ئاشۇ كۈنى ئۇ تاغىسىغا بۇغداي تارتىشتا ياردەم بېرىۋاتاتتى. تاغىسى چوڭ بىر فېرمىنى باشقۇراتتى، فېرمىدا نەچچە يۈزلەپ قارا تەنلىك ئىشچىلار ياشايتتى. تۈگمەننىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. كىچىككىنە بىر قىزچاق كىرىپ، بوسۇغىدا توختاپ قالدى.

دېربىنىڭ تاغىسى بېشىنى كۆتۈرۈپ قىزچاقنى كۆردى ۋە سورىدى:

− نېمە گەپ؟

قىزچاق قىسقا قىلىپ:

− ئانامغا 50 سېنت بەرگەن بولسىڭىز،− دېدى.

− بىر تىيىنمۇ بەرمەيمەن،− دەپ تېرىكتى دېربىنىڭ تاغىسى،− يوقال بۇ يەردىن!

− خوپ، ئەپەندى،− دېدى قىزچاق. ئەمما ئۇ ئورنىدىن سىلجىماي تۇردى.

دېربىنىڭ تاغىسى ئىشىنى داۋام قىلىۋەردى. قىزچاق بولسا كەتمەي كۈتۈپ تۇراتتى. دېربىنىڭ تاغىسى بېشىنى كۆتۈرگىنىدە، ئۇنىڭ تېخىچە ئۆز ئورنىدا ئىكەنلىكىنى كۆردى-دە، غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى:

− مەن ساڭا يوقال، دېدىمغۇ؟ ماڭە ئۆيۈڭگە!

− خوپ، ئەپەندى،− دېدى قىزچاق ماقۇل بولغاندەك. ئەمما ئۇ يەنىلا ئورنىدىن بىر قەدەممۇ قوزغالمىدى.

دېربىنىڭ تاغىسى بۇغداي ئۇسۇلغان تاغارنى يەرگە تاشلىدى، ئۇنى خامپىغا تۆكمەكچى ئىدى، ئەمما ئۇنداق قىلمىدى، ياندىن بىر تال ئۇزۇن كالتەكنى ئالدى-دە، قىزچاققا قاراپ شىددەت بىلەن ئېتىلدى. دېبرىنىڭ نەپىسى توختاپ قالدى. ئۇ تاغىسىنىڭ ئادىتىنى ياخشى بىلەتتى، شۇڭا ھازىر قانداقتۇر كۆڭۈلسىزلىكنىڭ يۈز بېرىشىگە كۆزى يېتىپ قالدى.

دېربىنىڭ تاغىسى يېقىنلاشقاندا، قىزچاق ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قېچىشنىڭ ئورنىغا ئالدىغا بىر قەدەم  ماڭدى-دە، سەل چىڭقالغان، ئەمما بوغۇق ئاۋازدا:

− ماڭا 50 تىيىن بەكمۇ زۆرۈر ئىدى!− دەپ ۋارقىرىدى.

دېربىنىڭ تاغىسى توختاپ قالدى ۋە بىر مىنۇتتەك قىزچاققا تىكىلىپ تۇردى. ئاندىن قولىدىكى كالتەكنى ئاستاغىنا يەردە قويدى، قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ، يېرىم دوللار چىقىرىپ، ئۇنىڭغا سۇندى.

قىزچاق پۇلنى ئالغاندىن كېيىن ئالدىرىمايغىنە ئارقىسىغا بۇرۇلدى. ئۇ ئۆزى بوي سۇندۇرغان ئادەمدىن كۆزىنى ئۈزمەيتتى. قىزچاق چىقىپ كەتكەندىن كېيىن دېربىنىڭ تاغىسى تاختاي ئۈستىدە ئولتۇردى-دە، يىراقلارغا تىكىلدى. ئېھتىمال، شۇ دەقىقىلەردە «مېڭىسىگە يېتىپ بارغان گەپ - سۆزلەر»نى مۇلاھىزە قىلىۋاتقان بولسا كېرەك.

دېربى ئەپەندىمۇ نېمىنىدۇر ئويلاۋاتاتتى. ئۇ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم قاراتەنلىك قىزچاقنىڭ چوڭ ياشلىق ۋە ئاق تەنلىك ئادەمگە بۇيرۇق چۈشۈرگىنىنى كۆردى. بۇنىڭغا قىزچاق قانداق قىلىپ ئېرىشتى؟ تاغىغا نېمە بولدى؟ قەھر - غەزەپنىڭ سۇنۇشىغا، ھۆركىرەۋاتقان شىرنى مۆمىن - مۇلايىم قوزىچاققا ئايلىنىپ قېلىشقا نېمە مەجبۇر قىلدى؟ قىزچاق ۋەزىيەتنى باشقۇرۇپ تۇرۇپ قانداق مۇلايىم كۈچتىن پايدىلاندى؟

مانا مۇشۇنداق سوئاللار دېربى ئەپەندىنىڭ كاللىسىدا غەلىيان كۆتۈرگەنىدى. ئەمما، ئۇ تاكى مۇئەللىپكە شۇ چاغدىكى تۇيغۇلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن چاغقىچە بۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپالمىغانلىقىنى ئېيتتى.


«ياق»نىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان «ھەئە»

بىز ئەسكى تۈگمەننىڭ ئالدىدا تۇراتتۇق. دېربى ئەپەندى ھېلىقى ئادەتتىن تاشقىرى «قامال» توغرىسىدا سۆزلەپ بولۇپ، سورىدى:

− بۇنىڭدىن قانداق خۇلاسە چىقىدۇ؟ قىزچاق قانداق كۈچكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن تاغامنى پۈتۈنلەي باش ئەگدۈردى؟

ھەرقانداق ئادەم قىزچاق تەرىپىدىن تاسادىپىي قوللىنىلغان كۈچنى چۈشىنىشلىك ھېس قىلالايدۇ ۋە ۋاقتى كەلگەندە قوللىنىپ بېقىشمۇ مۇمكىن.

مەن دېربى ئەپەندىگە كىچىككىنە قىزچاق تەرىپىدىن ئىختىيارسىز قوللىنىلغان مىجەز - خاراكتېرنىڭ كۈچىنى سۆزلەپ بەرگىنىمدە، ئۇ سۇغۇرتا خادىمى بولۇپ ئۆتكەن ئون ئۈچ يىللىق تەجرىبىسىنى كۆڭلىدە تاسقاپ كۆرۈپ، ئاشۇ كىچىككىنە قىزچاق بەرگەن ساۋاق ئالدىدا ئۆزىنىڭ قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن قەرزدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دېربى ئەپەندى شۇنداق دېدى:

− مەن ھەر قېتىم سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىدىغانلارغا دۇچ كەلگىنىمدە، كونا تۈگمەن يېنىدىكى ئاشۇ قىزچاقنى، ئۇنىڭ دەۋەت قىلىپ باققان كۆزلىرىنى ئەسكە ئالىمەن ۋە ئۆز ئۆزۈمگە: «بۇ سۇغۇرتا توختامىنى چوقۇم تۈزۈش كېرەك!» دەيمەن. ئەنە شۇ تەرزدە سۇغۇرتا توختاملىرىنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىنى ئادەملەر «ياق» دەپ باش چايقىغاندىن كېيىن تۈزگەنمەن!

دېربى ئالتۇن بىلەن باغلىق ۋەقەدە يول قويۇلغان خاتالىقىنىمۇ ئېسىدىن چىقارمىغانىدى.

− ئاشۇ ساۋاق،− دېگەنىدى ئۇ،− ناھايىتى ئىزگۈ ئىش بولغانىدى. ئۇ مېنى ئىشلەۋاتقاندا، ئىشنىڭ بېھەدە بولماسلىقىغا كۆندۈردى. مەن بىرەر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم يۇقىرىقىدەك ئىشنى بېشىمدىن كەچۈرۈشۈم كېرەك ئىدى.

دېربىنىڭ تەجرىبىلىرىدە ئادەتتىن تاشقىرى نەرسىلەر يوق، ئەلۋەتتە. ئېھتىمال، تەقدىر شۇنداق پۈتۈلگەندۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى.

دېربى يۇقىرىقى ئىككى ۋەقەدىن ئوبدانلا ساۋاق ئالدى، ئۇنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندى. ئەمما ئۆزىنىڭ تەلىيى كەلمەسلىكنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ۋاقتىمۇ، ئىمكانىيىتىمۇ بولمىغان ئادەم نېمە قىلىشى كېرەك؟ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېلىپ بارىدىغان كۆۋرۈككە ئايلىنىدىغان مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئېلىش سەنئىتىنى قانداق ۋە قەيەردە ئۆگىنىش كېرەك؟

مەن دەل مۇشۇنداق سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى يازدىم.


مۇۋەپپەقىيەت− چوڭقۇر غايىلەردىن بېرىدۇر

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن كۈچلۈك غايە بولسىلا كۇپايە. بۇ يەردە بايان قىلىنغان قائىدىلەر ئەسلىدە پايدىلىق غايىلەرنىڭ بىخلاپ چىقىشى ئۈچۈن ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ.

ئۇنى تۇلۇق بايان قىلىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى نۇقتىلار ئۈستىدە ئويلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمەن: «باي بولۇشقا باشلىغان ھامان پۇل شۇنچىلىك تېز ۋە كۆپ مىقداردا ئېقىپ كېلىدۇكى، ھەيرانلىققا پېتىپ: ‹بۇرۇن قەيەدە قالغان بولغىيتتىڭ؟› دەپ سالىسىز.» كىمكى، ئۇزاق ۋە ئىجتىھات بىلەن مېھنەت قىلسا، ئەنە ئاشۇ كىشى باي بولۇشى مۇمكىن، دېگەن ئومۇملاشقان قاراشمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

ئويلاشقا باشلىغان ھەمدە بېيىغانسېرى ئاستا - ئاستا شۇنى بايقايسىزكى، سىزنىڭ ئۇتۇق مۇساپىڭىزگە ئېڭىڭىزنىڭ ھالىتى، نىيىتىڭىزنىڭ قەتئىيلىكى ۋە ئېغىر ئەمگەكلىرىڭىزنىڭ ئاز بىر قىسىمىلا قوشۇلغان بولىدۇ. شۇڭا سىز ۋە شۇنداقلا ھەرقانداق ئادەم  بايلىقنى ئۆزىگە  تارتىدىغان تەرزدە ئېڭىنى بەند قىلمىقى، ئۇنىڭغا «يۈك» ئارتىشنى ئۆگىنىشى كېرەك. مەن بۇ مەسىلە بىلەن يىگىرمە يىل مەشغۇل بولدۇم. ئەمدى  ئۇنىڭ باي كىشىلەرگە قانداق مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن.

«ئىلاجى يوق» دېگەن سۆز ئىنسانىيەت ئاپىرىدە بولغاندىن بىرى مەۋجۇت. ئۇ ئىشلىمەيدىغان قائىدىلەرنىڭ جەملەنمىسىدۇر.

كىمكى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بەلگىلىرى ۋە باغلىنىشلىرىنى ھېسابقا ئېلىپ پىكىر قىلسا، ئەنە شۇ ئادەم مۇۋەپپەقىيەتكە مۇيەسسەر بولىدۇ. كىمكى مەغلۇبىيەت بەلگىلىرى ھەمدە باغلىنىشلىرىنى ھېسابقا ئېلىپ پىكىر قىلىدىكەن، ئۇنى ھەمىشە مەغلۇبىيەت تەقىپ قىلىۋېرىدۇ.

ئەمما كۆپىنچىمىزنىڭ بىر ئاجىز تەرىپىمىز بار: بىز بارچە تەسىرات ۋە ئىشەنچىمىزنى ئۆز غېرىچىمىز بىلەن ئۆلچەيمىز. شۇ سەۋەبلىك ئىشىنىمەنكى، بۇ ئەسەرنى ئوقۇيدىغانلار ئارىسىدىمۇ بېيىشقا ئىشەنمەيدىغانلار بار. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى نامراتلىق، كەمبەغەللىك ۋە تەلەيسىزلىك شارائىتىدە شەكىللەنگەن.

بۇ بەختسىزلەر ئامېرىكىغا بىلىم ئۈچۈن كەلگەن جۇڭگولۇقنى ئەسلىتىدۇ. ئۇ چىكاكو داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. بىر كۈنى مەكتەپ مەسئۇلى خارىئېر ئەپەندى ئۇنى كارىدوردا ئۇچرىتىپ قېلىپ، سورايدۇ: «سىزنىڭچە ئامېرىكىلىقلارغا خاس بولغان بەلگىلەر نېمىدىن ئىبارەت؟» «نېمىدىن ئىبارەت بولاتتى؟ كۆزۈڭلار باشقىچە، چۈنكى ئۇلار قىسىق ئەمەس-تە!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ ئۇ.

بىز نېمىنى چۈشەنمىسەك، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيمىز. ئۇنى رەت قىلىمىز. ئۆزىمىزنىڭ  غېرىچىمىزنى ھەممە ئۈچۈن ئاساسلىق ئۆلچەم دەپ قارايمىز. ئەلۋەتتە، بۇ يىگىتنىڭ كۆزلىرى بىزنىڭكىدەك «چاقان» ئەمەس...


ئارزۇ قىلدىممۇ، دېمەك رويابقا چىقىدۇ

ھېنرى فورد «V-8» ماركىلىق مەشھۇر ماشىنىنى ئىشلەپچىقىرىش قارارىغا كەلگەندىن كېيىن، بىر بىرىكمىگە سەككىز سىلىندىرنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولىدۇ. ئەمما، بۇ پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سىناق باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن بارلىق تېخنىك - تەتقىقاتچىلار «سەككىز سىلىندىرنى بىرلەشتۈرۈش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس» دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ.

«قانداق قىلىپ بولسۇن بىرلەشتۈرۈڭلار!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ فورد. ئەمما تېخنىك - تەتقىقاتچىلار «بۇ قەتئىي مۇمكىن ئەمەس» دېگەن پىكىرىدە چىڭ تۇرىدۇ. فوردمۇ تەلىپىدە چىڭ تۇرىدۇ: «قانچىلىك ۋاقىت، قانچىلىك مەبلەغ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر تاكى نەتىجىسى كۆرۈلگىچە ئىشلەۋېرىڭلار!»

ئامالسىز قالغان تېخنىك - ئىشچىلار يەنە ئىشلەۋېرىشكە باشلايدۇ. چۈنكى، ئۇلار «ئامال يوق» دەپ پېشىنى قېقىپ چىقىپ كېتەلمەيتتى، «فورد»تا داۋاملىق ئىشلەشنى خالايتتى.

ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتتى، ھېچقانداق نەتىجە كۆرۈلمىدى. يەنە ئالتە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار بارچە ئۇسۇللارنى پىكىر چىغىرىقىدىن ئۆتكۈزۈشتى، ئەمما «ئامال يوق!» دېگەن ۋەزىيەت بويۇن ئەگمىدى. شۇڭا يىل ئاخىرىدا ئۇلار بىر قارارغا كېلىپ، فوردقا بۇنىڭ ئىلاجى يوقلۇقىنى ئېيتىشتى.

«ئىشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىڭلار! مەن شۇنى ئارزۇ قىلدىممۇ، دېمەك ئەمەلگە ئاشىدۇ!» دېدى فورد.

تېخنىك - تەتقىقاتچىلار يەنە ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇشتى. ناھايەت، كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئۇلار ئۇتۇق قازاندى− ئارزۇ ئەمەلگە ئاشتى، فوردنىڭ قەتئىي نىيىتى مېۋە بەردى.

بەلكىم، مەن بۇ ۋەقەنىڭ قىسمەن ئۇششاق - چۈشەك ھالقىلىرىدا خاتاغا يول قويغان بولۇشۇم مۇمكىن. ئەمما نەتىجە ۋە شارائىتى ئۈچۈن بارچە جاۋابكارلىقنى زىممەمگە ئالىمەن. سىز بولامسىز ياكى باشقىلار بولامدۇ، ئىشقىلىپ باي بولماقچى بولغان ئادەم «فورد»تا سادىر بولغان ساۋاقنى ياخشى چۈشەنسۇن. سىز ئۇنىڭ مەنىسىنى بەك كۆپ ئاقتۇرماي تاپالايسىز، دەپ ئويلايمەن.

ھېنرى فورد مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، چۈنكى ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قائىدىلىرىنى چۈشەنگەن ۋە قوللانغانىدى. شۇلاردىن بىرى «نېمىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىشنى قەتئىي بىلىش»تۇر. فورد توغرىسىدىكى ۋەقەنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ ھەيران قالارلىق ئۇتۇقلىرىنى بايان قىلىدىغان قۇرلارنى سىزىپ قويۇڭ. ئەگەر سىز بۇ ئىشنى بېجىرىپ، فورد باي بولۇش ئۈچۈن پايدىلانغان قائىدىلەرنى ئاجرىتىۋالالىسىڭىز، ئۇنداقتا... نېمە ئۈچۈن سىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت جەھەتتە ئۇنىڭ بىلەن تەڭلىشەلمىگىدەكسىز؟


ھەقىقەتنى پەملىگەن شائىر

ھېنلى ئاجايىب قۇرلارنى تىزىپ: «مەن ئۆز تەقدىرىمنى ساماغا يەتكۈزىمەن»، «مەن ئۆز قەلبىمنىڭ دەرىزىسىمەن» دېگىنىدە، ئۆز پىكىرلىرىنى نازارەت قىلىشقا كۈچى يەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقانىدى.

ئېھتىمال، ئۇنى ئېڭىدا ئۈستۈن تۇرغان پىكىرلەر «ماگنىت»لىۋالغان بولسا كېرەك. بۇ «ماگنىت» كۈچ - قۇۋۋەتنى، ئادەملەرنى، شارائىتلارنى ئۈستۈن تۇرغان پىكىرلەر بىلەن ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە تارتىدۇ.

بەلكىم، ھېنلى بىزنىڭ ئېسىمىزگە سان - ساناقسىز بايلىقنى جەملىگۈچە پىكىرىمىزنى، ئېڭىمىزنى، بايلىق ئارزۇسى بىلەن «ماگنىت»لىشىمىز كېرەكىلىكىنى سالسا ئەجەب ئەمەس.


ئۆز تەقدىرىنى كۆرگەن ئۆسمۈر

كۆپ يىللار بۇرۇن ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى سالېم مەكتىپىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىگەنىدىم. كەمىنە بايان قىلىدىغان قائىدە ئۆز نۇتقۇمدا ئىخچام شەكىلدە ئەكس ئەتكەنىدى.

مېنىڭ بىلىشىمچە، ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى ئۇنى پەقەت ئۆزلەشتۈرۈپلا قالماي، ھەتتا دۇنياقارىشىنىڭ بىر قىسىمغىمۇ ئايلاندۇرۇۋالدى. كېيىنچىلىك بۇ ئوقۇغۇچى پېرزدېنت روزۋېلت مەمۇرىيىتىدە ئېتىبارلىق خادىمغا ئايلاندى. ئۇ ماڭا خەت يېزىپ، بۇ قائىدە توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەنىدى. مەن ئۇنى ئۆز پېتى كەلتۈرۈشنى لايىق تاپتىم:

«قەدىرلىك ناپالېئون! مېنىڭ پارلامېنتتىكى ئىشىم ئەر - ئاياللار دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش ئىمكانىيىتىنى بەردى. كەمىنە سىزگە خەت يېزىشتىن ئارقىلىق، مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغان مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى سورايمەن. 1922- يىلى، يەنى مەن سېلىم داشۆسىنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، سىز بىزگە نۇتۇق سۆزلەپ،  مۇراجىئەت قىلغانىدىڭىز. سىز ئېڭىمغا غايە بەردىڭىز، ئۇ سەۋەبلىك شىتاتىمدىكى خەلققە خىزمەت قىلىش ۋە كېيىنكى مۇۋەپپەقىيىتىم بىلەن ئۇنى باغلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇم.

شۇ قېتىملىق نۇتۇق خۇددى تۈنۈگۈن بولۇپ ئۆتكەندەك ئېسىمدە. سىزنىڭ مېنى ھەيرانلىققا سالغان بايانىڭىزغا قارىغاندا، تۈزۈك مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، يول تاپالمىغان، ساداقەتمەن دوستى بولمىغان ھېنرى فورد شۇ قەدەر كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنىكەن. شۇ چاغدا مەن تېخى نۇتقىڭىز ئاخىرلاشماي تۇرۇپ، شۇنداق يول تاللايمەنكى، مەيلى قانداق قىيىنچىلىق، توسقۇنلار ئۇچرىسۇن، ئۇنى چوقۇم يېڭىپ ئۆتىمەن، دېگەن قارارغا كەلگەنىدىم. بۇ يىلمۇ، كېيىنكى يىلىمۇ مىليونلىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن دەل ئەنە شۇنداق روھلاندۇرغۇچى سۆزلەر ئىنتايىن مۇھىم بولىدۇ. مەن ئۇنى سىزدىن ئالغانىدىم. ئۇلار قاياققا بۇرۇلۇش، كېيىنكى ھاياتنى نېمىدىن باشلاش كېرەكلىكىنى بىلىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىدۇ. سىز بۇنى ئۇلارغا تەقدىم قىلالايسىز. شۇ قاتاردا يەنە كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەملىشىسىز. ھازىرقى كۈندە ئامېرىكىدا مىڭلىغان كىشىلەر ئۆز غايىلىرىنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشنى، مىڭلىغان كىشىلەر ئىشنى نۆلدىن باشلاشنى، بۇرۇن سادىر بولغان مەغلۇبىيەتلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلارغا سىزدىن باشقا ئادەم ئەسلا ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئەگەر كىتابىڭىز نەشر قىلىنسا، ئۇنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى بېغىشلىمىڭىز بىلەن ئالسام، دېگەن ئۈمىدىم بار.

ئەڭ ياخشى تىلەكلەر بىلەن چىن يۈرەكتىن سىزنى قۇچاقلاپ: جېننىنگس رېندولف.»

1957- يىلى، يەنى مەزكۇر نۇتۇق سۆزلىنىپ، 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن كەمىنە يەنە شۇ مەكتەپكە باردىم ۋە باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولدۇم. شۇ چاغدا ماڭا ئۇلار «ئەدەبىيات دوكتورى» دېگەن پەخرىي ئۇنۋاننى بەرگەنىدى.

جېننىنگس رېندولفنىڭ ھاياتىغا بولسا، 1922- يىلىدىن باشلاپ قىزىققانىدىم. ئۇ كاتتا گۇرۇھلاردىن بىرىنىڭ ئىگىسى، جۇشقۇن ناتىق ۋە غەربىي ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقلىقىغا سازاۋەر بولدى.


خۇلاسە پىكىرلەر

* بۈگۈن سىز قانداق كىيىندىڭىز، قانچە پۇلىڭىز بار، بۇنىڭ ئەسلا ئەھمىيىتى يوق. خۇددى ئېدۋىن بۇرنستەك كىمكى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىنتىلسە، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت شۇنىڭغا كېلىدۇ.

* سىز موۋەپپەقىيەت ئۈچۈن قانچىلىك ئالدىغا بارسىڭىز، ئۇ شۇنچىلىك يېقىن كېلىدۇ. كۆپلىگەن ئادەملەر غەلىبىگە بىر قەدەم قالغاندا، ئىشنى تاشلاپ كېتىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ قەدەمنى باشقىلار باسىدۇ.

* مەقسەت ئۈچۈن ئىنتىلىش− مەيلى كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن، ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىناق تېشى ھېسابلىنىدۇ. ھەرقانچە كۈچلۈك ئەركەكمۇ مەقسىتى ئۈچۈن ئىنتىلگەن گۆدەكتىن يېڭىلىشى مۇمكىن. ئۆزىڭىزنىڭ تۇتقان ئورنىڭىز ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرنى ئۆزگەرتىڭ، ئەنە شۇندىلا سىز ئەمەلگە ئاشمىغان نەرسىلەرگە ئېرىشىسىز.

* ئىشەنچىڭىز ۋە قەتئىيلىكىڭىزگە باشقىلارنىمۇ ئىشەندۈرۈڭ. ئۇنتۇماڭكى، ھېنرى فورد ۋە سىزمۇ ئوخشاش، بېجىرىش  مۈشكۈل بولغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.


(ئاپتورنىڭ «ئويلا، باي بول» ناملىق كىتابىدىن زىياكار تەرجىمىسى)