نوبېل خىمىيە مۇكاپات(2020)

ئورنى Wikipedia

2020- يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. فىرانسىيەلىك بىيو-خىمىيە ئالىمى ئېممانوئېل چاپېنتىيېر (Emmanuelle pentier) ۋە ئامېرىكىلىق بىيولوگ جېننىفېر دۇدنې (Jennifer Doudna) يېڭى بىر ئەۋلاد گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسى CRISPRغا تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىللىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئېممانۇئېل چاپېنتىيېر[تەھرىرلەش]

ئېممانۇئېل چاپېنتىيېر 1968-يىلى تۇغۇلغان، ھازىر ماركس پىلانك جانلىقلار يۇقۇملىنىش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىۋېتسىيە يۇمېئو ئۇنىۋېرسىتىنىڭ زىيارەتچى پىروفېسسورى. جېننىفېر دۇدنې 1964-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىر كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتى بېركلېي شۆبە مەكتىپىنىڭ خىمىيە ۋە خىمىيە قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى.

2011-يىلى دۇدېنا چاپېنتىيېر بىلەن ھەمكارلىشىپ CRISPR تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. بىر يىلدىن كېيىن، ئىككى ئايال بىيولوگ «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان ھەمدە تۇنجى قېتىم CRISPR-Cas 9 سىستېمىسىنىڭ بەدەن سىرتىدا تەجرىبە قىلىش جەريانىدا «بەلگىلەنگەن نۇقتا دا DNAگە قارىتا كېسىش ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىپ، گېن تەھرىرلەش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، بۇ ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالغان . ئىككى ئالىم «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2015 ـ يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 100 كىشى بولۇپ باھالانغان ھەم ھاياتلىق ئىلىمى بۆسۈش مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تۈرلۈك ھاياتلىق ئىلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

CRISPR-Cas9 گېن تەھرىرلەش سىستېمىسى مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم بىيولوگىيەلىك بايقاشلارنىڭ بىرى. 2015-يىلى، «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلى ئۇنى يىللىق بۆسۈش دەپ باھالىغان، بۇ تېخنىكىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان ئالىملارمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئوسكار» دەپ نام ئالغان «بۆسۈش مۇكاپاتى»، مولېكۇلا بىيولوگىيەسى ساھەسىدىكى تەسىرى چوڭقۇر بولغان گىروبېر ئىرسىيەتشۇناسلىق مۇكاپاتى»، شۇنداقلا بىيولوگىيە مېدىتسىناسىدا مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلغان « ۋورن ئالبېرت» مۇكاپاتى قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن.

2014 ـ يىلى 12 ـ ئايدىكى «يەر شارى ئىلىمى» ژۇرنىلىدا «گېن تەھرىرلەش: تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ ئاددىي» دېگەن ماقالىدە بۇ تېخنىكىنىڭ رول ئويناش مېخانىزمى، تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە ئىستىقبالى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. گەرچە تالاش ـ تارتىش مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن شەك ـ شۈبھىسىزكى، 2015 ـ يىلى «ئىلىم ـ پەن» ژۇرنىلى تەرىپىدىن يىللىق ئىلمىي بۆسۈش دەپ باھالانغان، بۇ يېڭى تېخنىكا پۈتۈنلەي يېڭى بىر دەۋرنى ياراتماقتا.

1973- يىلى ستانلېي. ن. كوخن (Stanley N. Cohen)، خېربېرت. ۋ. بويېر (Herbert W. Boyer) قاتارلىقلار جانلىقلار ئورگانىزمىنىڭ گېن گۇرۇپپىسىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، پاقىنىڭ DNAسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا باكتېرىيەگە كىرگۈزىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، بويېرنىڭ گېنتېچ (Genetech) شىركىتى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئادەم مەنبەلىك گېن (بۇ گېن سۈنئىي سىنتېزلانغان) غا ئىگە قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا دىيابېت كېسىلىنى داۋالايدىغان ئىنسۇلىننى ئىشلەپچىقارغان. ناھايىتى تېزلا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لاخويادىكى سورك بىيولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىملىرى تۇنجى گېنى يۆتكەلگەن كىچىك چاشقاننى يېتىشتۈرۈپ چىققان.

گېن قۇرۇلۇشى ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىمىنىڭ مۇساپىسىنى ئۆزگەرتتى. لېكىن، دەسلەپكى مەزگىلدىكى گېن ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنىڭ مۇنداق ئىككى چوڭ ئومۇمىي چېكى بار بولغان، يەنى ئانچە توغرا بولماسلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش تەس بولۇش. ئۇ چاغدا DNAنى گېن گۇرۇپپىسىغا كىرگۈزۈش ھەرىكىتى تاسادىپىي بولۇپ، ئالىملار پەقەت ئامىتى كېلىشىنى تىلەپ، كارغا كېلىدىغان تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىشگە ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتى. 1990-يىلى تەتقىقاتچىلار ھالقىما تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلار ئالاھىدە ئورۇندا DNAنى كېسىدىغان ئاقسىلنى لايىھەلەپ چىقىپ، بىرىنچى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئەمما، ھەر بىر بۆلەك DNAنىڭ تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئۇلار چوقۇم يېڭى بىر ئاقسىل لايىھەلەشگە ئېھتىياجلىق بولۇپ ، بۇ خىل خىزمەت ناھايىتى ۋاقىتنى ئالىدىغان جاپالىق ئىدى.

ئاخىرى 2012-يىلى يېتىپ كەلدى. شىۋېتسىيە يۇمېئو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئېمانۇئېل كاپېنتىيې ۋە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركلېي شۆبە مەكتىپىدىكى جېننىفېر دۇدېنا رەھبەرلىكىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھۈجەيرىدىن بىر خىل ئىرسىيەت مېخانىزمىنى بايقغانلىقىنى دوكلات قىلدى، بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئالىملار ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان سۈرئەت بىلەن گېن گۇرۇپپىسىنى تەھرىرلىيەلەيدۇ، شۇنداقلا جەريانى ناھايىتى ئاددىي. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتى بىلەن ماسساچۇسېتس ئىشتاتى تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتىنىڭ بىر تېما گۇرۇپپىسى بۇ خىل تېخنىكىنى قوللىنىپ، ھۈجەيرە گېن گۇرۇپپىسىنىڭ نۇرغۇن ئورۇنلىرىغا بىر قېتىمدىلا تۈزىتىش كىرگۈزدى.

بۇ خىل ئىلغار تېخنىكا گېن قۇرۇلۇشى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى، شۇنداقلا ئىرسىيەتشۇناسلىق ۋە مېدىتسىنادىمۇ چوڭقۇر تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئالىملار پەقەت بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىلا ئېھتىياجغا ئاساسەن گېن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەجرىبە قىلىنىدىغان ھايۋانلارنى بېكىتىپ چىقىپ، ئالدىنقى بىر يىللىق خىزمەت مىقدارى ۋە ۋاقتىنى تېجەپ قالدى. نۆۋەتتە، تەتقىقاتچىلار بۇ تېخنىكىنى قوللىنىپ، ئەيدىز كېسىلى، ئالزېيمېر كېسىلى، ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. بۇ تېخنىكا جانلىقلار تېنىدىكى گېننى بېزەش جەريانىنى خېلىلا ئاددىي ۋە ئەرزان ھالەتكە ئۆزگەرتىۋەتتى، تەتقىقاتچىلار ۋە ئېتىكاشۇناسلار بۇنىڭ ھەتتا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى.

بۇ خىل تېخنىكىنىڭ نامى CRISPR بولۇپ، (غۇژمەك بولۇپ، قانۇنىيەتلىك ئارىلىقىدىكى قىسقا قايتما تەكرارلىنىش تەرتىپى) نىڭ قىسقارتىلمىسى. بۇ خىل تەرتىپتىن پايدىلانغاندا، باكتېرىيەلەر ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغان ۋىرۇسلارغا قارىتا «خاتىرە» پەيدا قىلىدۇ. ياپونىيە ئالىملىرى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا CRISPRنى بايقىغاندىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە بۇ خىل غەلىتە گېن تەرتىپىنى تەتقىق قىلىپ كەلدى. ئەمما، دۇدنې بىلەن چاپېنتىيېر تاسادىپىي ھالدا Cas9 دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاقسىلغا دىققەت قىلغان، CRISPR ئاندىن ئۇنىڭ گېن گۇرۇپپىسىنى تەھرىرلەش قورالى بولۇشتەك غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرسەتكەن.

RNA نىڭ كۈچى

2011-يىلى، دۇدېنا بىلەن كاپېنتىيې پوئېرتورىكو سان خۇئاندىكى بىر قېتىملىق ئىلىم-پەن يىغىنىدا تونۇشقان. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئورتاقلىقى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قوشۇنىنىڭ ھەممىسى باكتېرىيەنىڭ ۋىرۇسنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىدىن مۇداپىئەلىنىش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئىدى. ئۇلار باكتېرىيەنىڭ ئىلگىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ۋىرۇسنىڭ DNAسىنى ئېسىدە تۇتۇۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق ۋىرۇسنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى، بۇ ۋىرۇس يەنە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، «دۈشمەن»نى دەرھال تونۇۋالىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.

شۇ قېتىمقى يىغىندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، دۇدنې بىلەن چاپېنتىيېر ھەمكارلىشىشنى قارار قىلدى. ئەينى چاغدا، چاپېنتىيېر موئو ئۇنىۋېرسىتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەنىڭ Cas9 ئاقسىلى بىلەن ھۈجەيرە دىۋارىدىكى ۋىرۇسنى« يانجىپ» بۇزۇپ تاشلايدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن دۇدنې بىركلېيدىكى تەجرىبىخانىدىمۇ Cas9 ئاقسىلىنىڭ تەسىر مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ.

نۇرغۇن ئىلمىي بايقاشلارنىڭ ئارقىسىدا بىر قاتار ئۇدۇل كېلىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ، CRISPRنىڭ ھېكايىسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. چاپېنتىيېر تەجرىبىخانىسىدىكى كرىشتوف خېلىنسكى بىلەن دۇدنې تەجرىبىخانىسىدىكى مارتېن يېنىك قوشنا شەھەر-بازارلاردا چوڭ بولغان بولۇپ، ئوخشاش پولشا شېۋىسىدە سۆزلىشىدۇ. دۇدنې: « ئۇلار Skype ئارقىلىق پاراڭلىشىشقا باشلىدى. ئىككىيلەن بىردەمدىلا پۈتۈشۈپ، ئاندىن سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھىرلەپ ، تەجرىبە ئىشلەش ئويىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى. بۇ تۈر مۇشۇنداقلا رەسمىي باشلاندى» دېدى.

ئىككى تەجرىبىخانىدىكى ئالىملار Cas9 ئاقسىلى ئارقىلىق گېن گۇرۇپپىسىنى تەھرىرلىگىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. گېن گۇرۇپپىسىنى تەھرىرلەش گېن قۇرۇلۇشىدىكى بىر خىل ئۇسۇل، ئېنزىم بۇ جەرياندىكى «مولېكۇلا قايچىسى» بولۇپ، DNA نى كېسىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئېنزىمنىڭ نامى نۇكلېئازا (nuclease) بولۇپ، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئورۇندا قوش زەنجىرلىك DNA نى ئۈزۈۋېتەلەيدۇ. DNA ئۈزۈلگەندىن كېيىن، ھۈجەيرە يېرىلغان ئورۇننى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بەزىدە، ھۈجەيرىدىكى بىر قىسىم سۈنئىي كىرگۈزۈلگەن گېن بۆلەكلىرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا بۇ نۇقتىلارنى قىستۇرۇپ قويىدۇ. دۇدنېر بىلەن چاپېنتىيېر دەسلەپ ھەمكارلاشقاندا، ئالىملار ئەگەر بىر گېننى ئۆزگەرتمەكچى ياكى تاقىماقچى بولسا، ئەڭ ئىلغار ئۇسۇل بىلەن DNAنىڭ ئورنىنى تاپالايدىغان ھەمدە ئۇنى پارچىلىيالايدىغان بىر خىل ئېنزىمنى بۇيرۇتۇپ ياساتقۇزاتتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر قېتىم گېن بېزەشتە، ئالىملار بىر خىل يېڭى ئاقسىلنى لايىھەلەشكە مەجبۇر بولاتتى.

ئەمما، دۇدنې بىلەن چاپېنتىيېر Cas9 ئاقسىلىنىڭ بۇ خىل زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەنىڭ ئىممۇنولوگىيەلىك مۇداپىئەدە ئىشلىتىلىدىغان ئېنزىم ئىكەنلىكىنى، RNA ئارقىلىق ئۆزىنى نىشان DNA سىنى تېپىشقا يېتەكلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. تەسىر قىلىش ئورنىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ANR-Cas9 بىرىكمە ماددىسى DNA دا تاكى توغرا ئورۇننى تاپقانغا قەدەر توختىماي« قاڭقىپ» تۇرىدۇ. بۇ جەريان قارىماققا تاسادىپىيدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. Cas9 ئاقسىلىنىڭ ھەر قېتىملىق قاڭقىشى ئوخشاش بىر بۆلەك قىسقا« سىگنال» تەرتىپىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت. Cas9بولسا DNAغا يېپىشىپ، قوشنا قاتارنىڭ يول باشلىغۇچى بولغان RNA بىلەن ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ. بۇ خىل RNA قىسقارتىلىپ يول باشلىغۇچى RNA دەپ ئاتىلىدۇ، پەقەت gRNA بىلەن DNA ماس كەلگەندە، Cas9 ئاقسىلى ئاندىن DNA نى كېسەلەيدۇ. ئەگەر بۇ تەبىئىي RNA يول باشلىغۇچى سىستېمىدىن پايدىلانغىلى بولسا، تەتقىقاتچىلار DNA ئورنىنى كەسكەندە، ھەر قېتىمدا بىر خىل يېڭى ئېنزىم قۇرۇپ چىقمىسىمۇ بولىدۇ. گېن گۇرۇپپىسىنى تەھرىرلەش مۇشۇ سەۋەبتىن تېخىمۇ ئاددىي، تېخىمۇ ئەرزان، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشى مۇمكىن.

ئاتلانتىك ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن بۇ ئەترەت بىرلىكتە Cas9 ئاقسىلىنى نەچچە ئاي تەتقىق قىلغان ھەمدە بۆسۈش ھاسىل قىلغان. دۇدېنا ئۇ ۋاقىتنى ئېنىق ئېسىدە تۇتالايدۇ. ئۇلارنىڭ تەجرىبىخانىسى بېركلېي مەكتىپىنىڭ چېتىدىكى بۈك ـ باراقسان دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان تاغ باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا گىرېتسىيە تىياتىرخانىسى بار ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا يەنە پوستدوكتور تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئېنىك ئۇ يەردە ئىزچىل ھالدا Cas9 ئاقسىلىغا قارىتا تەجرىبە ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. بىر كۈنى، ئۇ دۇدنېنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ تەجرىبە نەتىجىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئېنىك بىلەن خېلىنسكىي ئىزچىل مۇزاكىرە قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە ئالدىدا، ئۇلار چوڭقۇر خىيالغا پاتتى: تەبىئەت دۇنياسىدا، يەنى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە تېنىدە Cas9 ئاقسىلىنىڭ تايانغىنى بىر ئەمەس، بەلكى ئىككى RNA بولۇپ، ئۆزىنى DNA دىكى توغرا ئورۇننى تېپىشقا يېتەكلەيتتى.

ئەگەر ئۇنىڭ يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىككى دانە gRNA نى بىرىكتۈرۈپ بىر دانە RNA زەنجىرى ھاسىل قىلساق، نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر پەقەت بىر RNA تەرتىپىنى بىزىسەك، تەتقىقاتچىلارنىڭ خىزمەت سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. gRNA تەرتىپى بىلەن نىشانلانغان DNA تەرتىپى ئوتتۇرىسىدا نازۇك ئۆزئارا تولۇقلاش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ خىل مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ بىر دانە gRNA بەرپا قىلىش بىر دانە نۇكلېئىك كىسلاتا ئېنزىمىنى بۇيرۇتۇپ ياساشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان.

ـــ بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز ئەقلىمىز ئېچىلىپ قالدى، بۇنداق ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ــ دېدى دۇدنې، ــ بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، ئەمەلىيەتتە بۇ RNA مولېكۇلالىرىنى بىر دانە gRNA قىلىپ لايىھەلىگىلى بولىدۇ. بىر دانە ئاقسىل ۋە بىر دانە gRNA دىن تەركىب تاپقان سىستېما كۈچلۈك گېن بېزەش قورالىغا ئايلىنالايدۇ. ئۇ تىترەپ تۇرۇپ: « ۋاھ..، مەن دەرھال تەجرىبىخانىغا يۈگۈرۈپ بارىمەن، ئەگەر بۇ قىتىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىسام ...» دېدى.

ئۇلار راستتىنلا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. نەتىجە دۇدنېنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتتى (گەرچە ئۇ ئەسلىدىلا ناھايىتى يۇقىرى ئۈمىد كۈتۈۋاتقان بولسىمۇ). 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۇدېنا بىلەن چاپېنتىيېر ئۇلارنىڭ CRISPR-Cas9 نىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندا، بۇ ساھەدىكى ئالىملار دەرھال بۇ تېخنىكىنىڭ ئۆزگىرىش كۈچىنى تونۇپ يەتتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى CRISPR-Cas9 نىڭ زادى نېمە قىلالايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان يەر شارى خاراكتېرلىك مۇسابىقە باشلاندى.

تېز تاۋارلاشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

2013-يىلىدىن بۇرۇن، تەتقىقاتچىلار ئىزچىل CRISPR-Cas9 نى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات ھۈجەيرىلىرىگە ئىشلىتىشنى سىناپ باققان، ئۇلار باكتېرىيەلەرگە قارىغاندا خېلىلا مۇرەككەپ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ نېئاندېرتال ئادىمى بىلەن مامونت پىلغا ئوخشاش كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىدە ئىرسىيەتشۇناس گېئورگې چۇچ (George Church) رەھبەرلىكىدىكى كوللېكتىپ CRISPR تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىپ، كېسەللىكنى داۋالاشنى كۆپ خىل مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

CRISPR-Cas9 ناھايىتى تېزلا مەبلەغ سېلىشتىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. 2013- يىلى دۇ دىنا چۇچ، ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىدىكى جاڭ فېڭ ۋە باشقا تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىشىپ، ئېدىتاس دورا شىركىتى (Editas Medicine) نى قۇرۇپ، 43 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تەۋەككۇل مەبلەغكە ئېرىشىپ، CRISPR ئاساسىدىكى يېڭى دورىلارنى كەشىپ قىلدى. 2014-يىلى 4-ئايدا، 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغكە ئېرىشكەن CRISPR داۋالاش شىركىتى (CRISPR Therapetics) شىۋېيتسارىيەنىڭ باسېل ۋە ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە قۇرۇلدى، ئۇلارنىڭ نىشانىمۇ CRISPR كېسەللىكىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش.

ئېيدىتاس دورا شىركىتى ۋە CRISPR داۋالاش شىركىتى كۆپ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاندىن مۇناسىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلدى، ئەمما تەجرىبىخانىدىكى مال بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خېرىدارلارغا دەرھال ھايۋانلارغا ئوكۇل قىلىنىدىغان CRISPR ماتېرىيالىنى سېتىپ بەردى ھەمدە خېرىدارلارغا CRISPR ئارقىلىق ئۆزگەرتىلگەن كىچىك چاشقان، چوڭ چاشقان ۋە توشقاننى زاكاز قىلىشقا باشلىدى.

2014-يىلى مەن بىر نەم ياز كۈنى سان لۇئىسقا جايلاشقان SAGE تەجرىبىخانىسى (SAGE Labs) نى زىيارەت قىلدىم، ئۇ تۇنجى تۈركۈمدە دۇدنېنىڭ CRISPR تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق غاجىلىغۇچى ھايۋانلارنى ئۆزگەرتكەن شىركەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ يەردە مەن CRISPR نىڭ قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. SAGE تەجرىبىخانىسى تەخمىنەن 20 ئالىي دەرىجىلىك دورا ياساش شىركىتى، شۇنداقلا نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورنى ۋە فوند جەمئىيىتى قاتارلىقلارنى تەجرىبە ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئەنگلىيە كامبىرىج بىيوتېخنىكا شىركىتىنىڭ ئۇپۇق سىزىقى بايقاش گۇرۇھى (Horizon Discoveryy Group) مۇ بۇرۇنلا CRISPR مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا مۇستەقىل قەدەم قويغان؛ 2014-يىلى 9-ئايدا ئۇلار يەنە 48 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن SAGE تەجرىبىخانىسىنى سېتىۋالغان. SAGE تەجرىبىخانىسى بىر سانائەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بىر يولنىڭ بېشىدىكى بىر يۈرۈش پاكار ئىشخانا بىناسى ئىچىگە سېلىنغان. بۇ يەردىكى ئالىملار تەجرىبىخانىدىن كەلگەن بىر توردا زاكاز قوبۇل قىلغان: كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ساكرامېنتو (Sacrament) نىڭ بىر تەجرىبىخانىسى پاركىنسون كېسىلىنى تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، 20 دانە Pink1 گېنىدىن سىرت كىچىك چاشقان زاكاز قىلغان. يېڭىدىن ياسالغان يان بىناغا 2 مىليون دوللار سەرپ قىلىنغان بولۇپ، ئىچىدە خېرىدارلارغا زاكاز قىلىنغان گېن بىلەن چاشقانلارنى ھەمدە CRISPR ئارقىلىق ئۆزگەرتىلگەن غاجىلىغۇچى ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھايۋانلار ناھايىتى پاكىز، تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق قەپەسلەردە ياشايدۇ، قەپەسلەر رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، تاختايدىن تورۇسقىچە تىزىلغان. خىزمەتچى خادىملار زاكاز تالونىنى تولدۇرۇپ، مۇناسىپ 20 چاشقاننى تاللاپ، ئۇلارنى ئاۋايلاپ قۇتىغا سېلىپ ئوراپ، ئاندىن ھاۋا ئارقىلىق كالىفورنىيەگە توشۇيدۇ، پۈتكۈل جەريان مۇشۇنداق ئاددىي. ئەگەر بەزىلەر ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى ياكى ئاغرىقنى كونترول قىلىشنى تەتقىق قىلماقچى بولسا، تەجرىبە ھايۋانلىرىنى مۇشۇنداق زاكاز قىلسىمۇ بولىدۇ.

بىراق، ئەگەر ئىسكىلاتتا خېرىدارلار زاكاز قىلماقچى بولغان ھېلىقى ھايۋان بولمىسا، ئىش تەرتىپى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، بىر خېرىدار پاركىنسون كېسىلى بىلەن بىر خىل يېڭى بايقالغان گۇمانلىق گېن (ياكى بىر گېننىڭ ئالاھىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى) ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلماقچى بولسا، ئۇ SAGE تەجرىبىخانىسىغا بېرىپ غاجىلىغۇچى ھايۋانلارنى زاكاز قىلغاندا، بىر نەچچە خىل تاللاش بار. SAGE تەجرىبىخانىسىدىكى ئالىملار CRISPR تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ نىشان گېنىنى« تاقىۋېتىپ»، تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدۇ؛ ئۇلارمۇ نىشان گېنىنى ئېتىۋېتىپ، ئاندىن ئىچىگە ئادەم مەنبەلىك گېن كىرگۈزسە بولىدۇ. پاركىنسون كېسىلىدىن خالتىلىق تالالىشىش، ئەيدىز كېسەللىكىگىچە بولغان نۇرغۇن كېسەللىكلەر گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىلگىرى ئالىملار بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاندىن بۇ مۇرەككەپ گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى بولغان تەجرىبە ھايۋانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالىغان. لېكىن CRISPR ئىلگىرىكى گېن گۇرۇپپىسىنى تەھرىرلەش تېخنىكىسىغا ئوخشىمايدۇ. بۇ خىل تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، تەتقىقاتچىلار بىرلا ۋاقىتتا ھۈجەيرە ئىچىدە بىر قانچە گېننى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتەلەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن گېن قۇرۇلۇشى ھايۋانلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋاقتى بىر نەچچە ھەپتىگە قىسقاردى.

SAGE نىڭ خادىملىرى ئالدى بىلەن خىمىيەلىك تەجرىبە دورا قۇتىسىنى ئىشلىتىپ، خېرىدارلار زاكاز قىلغان DNA ۋە بۇ DNA غا ماس كېلىدىغان RNA نى سىنتېزلايدۇ. ئۇلار RNA ۋە Cas9 ئاقسىلىنى ئۆستۈرۈش تەخسىسىگە ئارىلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن گېن گۇرۇپپىسى تەھرىرلەش ئىقتىدارىغا ئىگە CRISPR قورالى دۇنياغا كەلدى. ئاندىن ئۇلار تەخمىنەن بىر ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، سىرتقى شەكلى سكاننېرغا ئوخشايدىغان بىر خىل ئەسۋابنى ئىشلىتىپ، بۇ قورالنىڭ ھايۋانات ھۈجەيرىسىدىكى ئىقتىدارىنى سىنايدۇ. بۇ خىل ئەسۋاب توك تارقىتالايدىغان بولۇپ، CRISPR قورالىنى ھۈجەيرىگە كىرگۈزىدۇ. ھۈجەيرىگە كىرگەن CRISPR قورالى دەرھال خىزمەتكە كىرىشىپ، DNA نى كېسىپ، ئاز مىقداردىكى گېنلارنى كىرگۈزىدۇ ۋە ئۆچۈرىدۇ. CRISPRنىڭ %100 ئۈنۈملۈك بولۇشى ناتايىن: بەزى ھۈجەيرىلەردە ئۇلار DNA نى كېسىپ، تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، يەنە بەزى ھۈجەيرىلەردە بولسا پۈتۈنلەي رول ئوينىيالمايدۇ. CRISPR نىڭ ئىپادىسىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى كۆزىتىش ئۈچۈن، ئالىملار ھۈجەيرىدىن DNA نى يىغىپ، ئۇلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشان ئورنى ئەتراپىدىكى DNAنىڭ كۆپ بۆلىكىنى كۆچۈرىدۇ . ئۇلار بۇ DNA لارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە ئانالىز قىلىدۇ، ئاندىن كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈنگەن ئانالىز نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. ئەگەر CRISPR نىشان ئورنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كېسىپ، تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ھاسىل قىلسا، ئېكراندا بىر غۇۋا لېنتا كۆرۈنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە CRISPR كېسىۋالغان DNA قانچە كۆپ بولسا، لېنتا شۇنچە يورۇق بولىدۇ.

ئارقىدىن «خىزمەت» يان بىنادىكى ھايۋانلار تەجرىبىخانىسىغا يۆتكەلدى. ئالىملار بۇ يەردە گېنى ئۆزگەرتىلگەن تۆرەلمىنى ۋە توساتتىن ئۆزگەرگەن غاجىلىغۇچى ھايۋانلارنى ياساپ چىققان. بىيولوگىيە ئالىمى ئاندرېۋ بروۋن (Andrew Brown) تاشقى كېسەللىكلەر پەلىيى، كۆك رەڭلىك ئۇزۇن چاپان، ئاياغ ۋە ئازادە باش كىيىمى كىيىپ، بېلىنى ئېگىپ ئاناتومىيەلىك مىكروسكوپنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇ ئەينەك سۇيۇقلۇق يۆتكەش نەيچىسىنىڭ ئۇچى بىلەن بىر چاشقان تۆرەلمىسىنى سۈمۈرۈپ، ئاندىن ئۆينىڭ يەنە بىر تەرىپىگە بېرىپ، تۆرەلمىنى مېخانىك بىلەك قاچىلانغان يەنە بىر مىكروسكوپقا يۆتكەيدۇ. ئۇ تۆرەلمىنى ئەينەك پارچىسى ئۈستىدىكى بىر تامچە سۇيۇقلۇققا سېلىپ، ئۈستەل ئۈستىگە مۇقىملاشتۇردى. ھازىر CRISPR ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى جارى قىلدۇرىدىغان بولدى: ئۇ ئوڭ قولى بىلەن باشقۇرۇش دەستىسىنى كونترول قىلدى، بىر مېخانىكىلىق بىلەك بىر تال قۇرۇق ئەينەك يىڭنىنى تۆرەلمىگە سانجىدى.

مىكروسكوپنىڭ ئەينىكىدىن قارىغاندا، تۆرەلمىدىكى ئاتا-ئانىسىدىن كەلگەن ئىككى ئىپتىدائىي يادرو (pronucleeus) ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ھالقىسىمان تاغقا ئوخشايدۇ. بروئۇن ھۈجەيرىنى ئاستا ـ ئاستا ئىتتىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىپتىدائىي يادرونى يىڭنە ئۇچىنىڭ يېنىغا يۆتكىدى. ئۇ كومپيۇتېر مائۇسنى چەكتى، تەركىبىدە CRISPR بولغان بىر تامچە سۇيۇقلۇق يىڭنىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ھۈجەيرە پەردىسىدىن ئۆتۈپ ھۈجەيرىگە كىردى. ئىپتىدائىي يادرو دەرھال تېز سۈرئەتتە ئېچىلغان گۈلگە ئوخشاش كېڭەيدى. بروئۇننىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلدى، تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن بىر ھۈجەيرە شۇنىڭ بىلەن دۇنياغا كەلدى. SAGE تەجرىبىخانىسىدا ئۈچ تېخنىك بار بولۇپ، ئۇلار بىر ھەپتىدە تۆت كۈن، بىر كۈندە 300 قېتىم بۇ خىزمەتنى تەكرارلايدۇ.

بروئۇن ئوكۇل قىلىنىپ بولغان چاشقان تۆرەلمىسىنى سۇيۇقلۇق يۆتكەش نەيچىسىگە سۈمۈرۈپ، ئۆستۈرۈش تەخسىسىگە كىرگۈزۈپ، تاكى ھايۋانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىغىچە قىزدۇرۇلغان ئۆستۈرۈش ساندۇقىدا ساقلايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇ 30 ~ 40 دانە بېزەلگەن تۆرەلمىنى ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولىدىغان ئانا چاشقاننىڭ تېنىگە ئوكۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 20 كۈندىن كېيىن، ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولىدىغان چاشقان 5 ~ 20 «بالا» غا ھامىلىدار بولىدۇ، بۇ«بالا»لار 10 كۈنلۈك ئەتراپىدا چوڭ بولغاندا، SAGE تەجرىبىخانىسىدىكى ئالىملار توقۇلما ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، قايسى «بالا» نىڭ ئۆزگەرتىلگەن گېنى بارلىقىنى تەكشۈرىدۇ.

ـــ بۇ ئادەمنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان ۋاقىت، ـــ دېدى بروۋن. 20 تۆرەلمىنىڭ پەقەت بىرىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىن، ئەمما مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگەرتىلگەن ھايۋان دەل بىز دەۋاتقان تۈر مەنبەلىك ھايۋان (founder animal) دۇر. بۇ باسقۇچقا كەلگەندە، ھەممە ئادەم تەبرىكلىشىدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، SAGE تەجرىبىخانىسىدىكى ئالىملارنىڭ RNA ياساش، تۆرەلمىنى ئوكۇل قىلىپ سېلىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، نۇرغۇن تەجرىبىخانىلارمۇ ئوخشاش باسقۇچ ئارقىلىق گېن قۇرۇلۇشى ھايۋانلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ. خۇددى SAGE نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى داۋىد سموللېر (David Smoller) ئېيتقاندەك، بۇ« تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرلىدىغان» گېن گۇرۇپپىسىنى تەھرىرلەش تېخنىكىسىدۇر.

ئىستىقبال ۋە خەۋپ-خەتەر

CRISPR سودا يولىغا باتۇرلۇق بىلەن قەدەم قويدى، تەتقىقاتچىلار ۋە سودىگەرلەر بۇ خىل تېخنىكا ئۈچۈن سودىنىڭ يېڭى ئىشلىتىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئويلار ھەتتا سەل تەلۋىلەشتى. بۇ خىل تېخنىكىنى قوللانغاندا، دوختۇر بەلكىم ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ تېنىدە، دوۋن يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىنورمال خىروموزومىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن؛ ئۇرۇق يېتىشتۈرگۈچى خادىملار تاقابىلچان ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ گېن گۇرۇپپىسىغا ئوت-چۆپ يوقاتقۇچى دورىلارغا سەزگۈر گېننى ئېلىپ كىرسە بولىدۇ؛ بىز يەنە نەسلى يوقالغان تۈرلەرنى قايتا تىرىلدۈرسەك بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە بەزى كىشىلەرنى قورقۇتىدۇ. مەسىلەن، يېقىندا بەزى ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىك باش خەۋەرلەردە، بۇ خىل تېخنىكا «بوتۇلكىدىكى ئالۋاستى» دەپ تەسۋىرلەنگەن.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان«پاشا يوقىتىش تۈرى» نى مىسالغا ئالساق. ئامېرىكا ۋودروۋ ۋىلسون خەلقئارا ئىلىم ئەھلىلىرى مەركىزى (Woodrow Wilson Internatiional Center for Scholars)نىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى ئانالىزچىسى تود كۇيىكېن (Todd Kuiken) : بەزگەك پىلازمودىيەسىنى يېڭىش بىر ئىش، لېكىن بۇ خىل پارازىت قۇرتنى يوقىتىدىغان ۋاسىتە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تۈرلۈك ۋەزىپە، دەپ قارىدى. ئەگەر بىزنىڭ نىشانىمىز بەزگەك كېسىلىدىن ئىبارەت بۇ خىل ھەر يىلى 200 مىليون ئادەمنى يۇقۇملاندۇرۇپ، 600 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈشتەك كېسەلنى يىلتىزىدىن يوقىتىش بولسا، بىز ئېھتىيات قىلماي تۇرالمايمىز، ئۆزىمىز ئون يېڭى ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلالامدۇق ـ يوق، ـــ بىز چوقۇم شۇنى ئېنىق ئويلىشىشىمىز كېرەككى، بىز راستتىنلا مۇشۇنداق قىلامدۇق؟ ئەگەر جاۋابى« شۇنداق» بولسا، بىزدە قانداق ئىشلەتكىلى بولىدىغان سىستېمىلار بار؟ قانداق كاپالەت تەدبىرلىرى بار؟ دېدى.

ئالىملار تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلدى، ئۇلار CRISPR تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ مۇمكىنچىلىكى بولغان زىيىنىنى ئالدىن كۆرۈشنى ھەمدە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى. 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىنىىڭ كوللېكتىپى CRISPR ئارقىلىق بەزگەك پاشىسىنى قانداق يوقىتىش توغرىسىدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغاندا، ئۇلارمۇ ئاممىنى بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشقا مۇراجىئەت قىلغان، شۇنداقلا گېن ئۆزگەرتىشنىڭ تېخنىكا ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى مۈشكۈل ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مەزكۇر ئەترەتنىڭ بىيوئېتىكا ئالىمى تىنىن رېنسخوف (Jeantine Lunshof) مۇنداق دېگەن: «CRISPR نىڭ تەرەققىياتى شۇنچە تېز بولۇۋاتىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل تېخنىكىنى تېخى ئاڭلاپ باقمىغان، لېكىن بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئىشلىتىۋاتىمىز. بۇ بىر خىل يېڭى ھادىسە. ھازىر، بېركېلېينىڭ يېڭىلىق يارىتىش گېن گۇرۇپپىسى پىلانىنىڭ رامكىسى ئاستىدا، دۇدېنا بىر كوللېكتىپ تەشكىللەپ، مەخسۇس CRISPR قوللىنىشتىكى ئېتىكا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ.

ئەگەر ئېتىكا مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشە كىشىلەرنىڭ CRISPRغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئۆچۈرسە، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، 2014- يىلى 6- ئايدا، ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇلار ھايۋانلار تېنىگە قۇيرۇق قىسمىدىن بىۋاسىتە CRISPRنى ئوكۇل قىلىپ، تىروزىنلىق قان كېسىلى ( بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان جىگەر كېسەللىكى)گە گىرىپتار بولغان قۇرامىغا يەتكەن كىچىك چاشقاننى داۋالاپ ساقايتقان. بۇ خىل كېسەلنى بىر خىل تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن ئېنزىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتچىلار كىچىك چاشقاننىڭ تېنىگە ئۈچ خىل gRNA قاتارى ۋە Cas9 ئاقسىلىنى ھەمدە توساتتىن ئۆزگەرگەن گېننىڭ توغرا DNA تەرتىپىنى ئوكۇل قىلغان. كىچىك چاشقاننىڭ ھەر 250 دانە جىگەر ھۈجەيرىسىدىن بىرىگە توغرا گېن قىستۇرۇلغان. كېيىنكى بىر ئايدا «تۈزىتىلگەن» جىگەر ھۈجەيرىسى جۇش ئۇرۇپ ئۆسۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا 1/3 قىسىم كېسەللىك ئۆزگىرىش ھۈجەيرىسىنىڭ ئورنىنى ئالغان بولۇپ، بۇ كىچىك چاشقاننى يۇقىرىقى كېسەللىكتىن قۇتۇلدۇرغان. 2014- يىلى 8- ئايدا، تېمپل ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ۋىرۇسشۇناسى كامال خەلىلىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى تەتقىقاتچىلار CRISPR ئارقىلىق بىر نەچچە ئادەمنىڭ ھۈجەيرە سىستېمىسىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى كەسكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، خەلىلى ئىزچىل HIV/AIDS قا قارشى ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، CRISPR بىر مەيدان كەم-كۈتىسىز ئىنقىلاب. گەرچە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتا غايەت زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى دورىلار پەقەت ۋىرۇسنى كونترول قىلالايدۇ،لېكىن يەنىلا كېسەللىكنى يىلتىزىدىن يوقىتالمايدۇ. بىراق، CRISPR نى ئىشلەتكەندە، خەلىلى كوللېكتىپى ھۈجەيرىدىن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مۇكەممەل DNA كوپىيەسىنى تەلتۆكۈس تازىلاپ، يۇقۇملانغان ھۈجەيرىنى ۋىرۇسسىز ھۈجەيرىگە ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەرنى« تازىلاش» تىن باشقا، CRISPR يەنە بىر بۆلەك ۋىرۇس تەرتىپىنى يۇقۇملانمىغان ھۈجەيرە ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا قارىتا ئىممۇنىتېت ئېلىپ بارىدۇ، خۇددى دۇدېنا ۋە ئۇنىڭ ئەترىتى ئىپتىدائىي باكتېرىيەدە كۆزەتكەندەك. سىز بۇ خىل ئۇسۇلنى گېن ۋاكسىنىسى دەپ ئاتىسىڭىز بولىدۇ. خەلىلى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئاخىرقى داۋالاش ئۇسۇلى، ئەگەر سىز ئىككى يىل ئىلگىرى مەندىن: «سىز ئىنسانلار ھۈجەيرىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى توغرا پارچىلىيالامسىز؟ دېسىڭىز مەن بەلكىم بۇنى بەك تەس دېيىشىم مۇمكىن ئىدى. لېكىن ھازىر، بىز قىلالىدۇق».