نوسال
نوسال نويان (خەنچە: ؛ فارسچە: نوسال، ؟— 1239) موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن دۆلەت ئەربابى. موڭغۇل ئىمپېرىيەسى خوراسان ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى چىنتۆمۈرنىڭ ئۆلۈمدىدىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتىگەن دارۇغاچىسى (1235—1239). موڭغۇل قانۇنى بويىچە ئەمىرلەر ۋە دىۋان كاتىپلىرى چىنتۆمۈرنىڭ قەسرىدىن ئۇنىڭ قەسرىگە كېلىپ دىۋان ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش بىلەن مەشغۇل بولغان. جۇۋەينىي ۋە رەشىدۇددىن نوسال نويان دارۇغاچىلىققا ئولتۇغاندا 100 ياشتىن ئاشقانلىقىنى قەيت قىلغان. نوسالنىڭ دارۇغاچىلىقى دەۋرىدە بەيھەقنى باشقۇرۇش ھەققىدە باھائەددىن مۇھەممەد جۇۋەينىي بىلەن مۇھەممەد شاھ سەبزىۋار ئوتتۇرىدا تالاش - تارتىش چىقىدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باھائەددىن ئۆگەدەيخاننىڭ ھۇزۇرىغا بارىدۇ ۋە بىر يارلىق بىلەن قايتىدۇ. يارلىقتا خوراساننىڭ ئىدارەسى كۆرگۈزگە تاپشۇرۇلۇپ، نوسال نويان ئەمارەتى لەشكەر تەيىنلىنىدۇ.[1] نوسال 1239 - 1240 - يىللىرى ئۆلگەن.
خوراسان ۋالىيلەرى
[تەھرىر]ئارغۇن ئاغا
پايدىلانما
[تەھرىر]- ↑ Fadime ÖKSÜZ KOÇAK (2021), MOĞOL VALİ VE NOYANLARI(1206-1259 Yıllar Arası), KARAMANOĞLU MEHMETBEY ÜNİVERSİTESİSOSYAL BİLİMLER ENSTİTÜSÜ Tarih ABD, Yüksek Lisans tezi, Karaman, s. 29.
مەنبەلەر
[تەھرىر]جۇۋەينىي: «تارىخى جاھانگۇشا»؛
رەشىدۇددىن: «جامىئتتەۋارىخ»؛
ئىقبال: «موڭغۇل تارىخى».