نىسپىي ھەرىكەت

ئورنى Wikipedia

سىلىق كېتىۋاتقان بىر پويىزدا ئولتۇرغاندا، تۆمۈريول ياقىسىدىكى دەرەخ، ئۆي - ئىمارەت، سىم تاناب تۈۋرۈكى قاتارلىقلارنىڭ كەينىگە كېتىۋاتقانلىقى كۆرۈنمىسە، پويىزنىڭ ئالدىغا كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر كۆرۈنگىنى دەل سىز ئولتۇرغان پويىز بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە ماڭغان ھەم ھەرىكىتىنىڭ تېز - ئاستىلىقى ئوخشاش بولغان باشقا بىر پويىزنىڭ ۋاگونى بولسا، پويىزنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئىككى پويىز ئارىسىدىكى ئارىلىقتا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىتىن، بۇ، ئىككى پويىزنىڭ تامامەن تىنچ تۇرغاندىكى ئەھۋالىغا تامامەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

بۇ، يول ياقىسىدىكى ئۆي - ئىمارەتلەر، دەرەخلەر ۋە سىم تاناب تۈۋرۈكلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پويىزنىڭ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، ئوخشاش تېزلىكتە ئوخشاش يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان باشقا بىر پويىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىز ئولتۇرغان پويىزنىڭ تىنچ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. دېمەك، جىسىملارنىڭ ھەرىكىتى نىسپىي مەنىگە ئىگە بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان جىسىملارنى تاللاپ ئۆلچەم قىلىپ سېلىشتۇرغاندا، كېلىپ چىقىدىغان خۇلاسىلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. فىزىكىدا ئۆلچەم قىلىپ تاللىۋېلىنىپ سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان جىسىم بەلگە جىسىم (پايدىلىنىش جىسمى) دەپ ئاتىلىدۇ.

كۆپچىلىكتە يەنە مۇنداق تەسىرات بولغان بولۇشى مۇمكىن: ئىككى پويىز بېكەتتە ياندىشىپ تۇرغاندا، بىر پويىزنىڭ دېرىزىسىدىن يەنە بىر پويىزنىڭ ۋاگونىنىلا كۆرگىلى بولىدۇ، يەنە بىر پويىز ئاستا - ئاستا ئالدىغا ماڭغاندا، ئۆزىڭىز ئولتۇرغان پويىزنى كەينىگە چېكىنىۋاتىدۇ، دەپ قالىسىز. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، سىز ئالدىغا ماڭغان يەنە بىر پويىزنى بەلگە جىسىم قىلغان، كەينىگە چېكىنىش بولسا بۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتىلغان. تىنچ تۇرغان پاراخوتتا تۇرۇپ دەريا سۈيىنىڭ ئاققىنىنى كۆزەتكەندە، دائىم پاراخوتنىڭ ئۆزى مېڭىۋاتقاندەك سېزىلىشىنىڭ پرىنسپىمۇ مۇشۇنىڭدا.

بىز ئادەتتە ئۆي - ئىمارەتلەر، دەل - دەرەخلەر، سىم تاناب تۈۋرۈكى، ئۈستەل قاتارلىق جىسىملارنى تىنچ تۇرىدۇ، دەيمىز. بۇنىڭدا يەر شارى بەلگە جىسىم قىلىنىپ ھۆكۈم قىلىنغان بولىدۇ؛ ئەگەر قۇياش بەلگە جىسىم قىلىپ تاللىۋېلىنسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەنە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولىدۇ.

جىسىملار ھەرىكىتىنىڭ تېز - ئاستىلىقىمۇ نىسپىي بولىدۇ.1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيىلىك بىر ئۇچقۇچى m2000 ئېگىز بوشلۇقتا ئۇچۇۋاتقاندا، توساتتىن يېنىدىن بىر كىچىك نەرسىنىڭ ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇچقۇچى بۇنى بىر قوڭغۇز ئوخشايدۇ دەپ، قولى بىلەن ئۇنى تۇتۇۋالغان. ئۇ قولىدىكى نەرسىگە ئەستايىدىل قارىغاندىن كىيىن ھەيران قالغان، ئەسلىدە بۇ ئۇنىڭغا چەنلەپ ئېتىلغان بىر پاي ئوق ئىدى!

ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى مۇنداق: فرانسىيىلىك ئۇچقۇچى مۇئەييەن تېزلىكتە ئۇچۇۋاتقان، كەينىدىن ئېتىلىپ كەلگەن ئوق ھاۋادا بىر بۆلەك ئارىلىق ئۇچقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېزلىكى كىچىكلەپ قالغان. ئوقنىڭ تېزلىكى ئايروپىلاننىڭ تېزلىكىگە يېقىنلىشىپ قالغاندا، گەرچە ئوقنىڭ تېزلىكى يەنىلا ئىنتايىن چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ئۇچقۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوق ئاساسەن تىنچ تۇرغاندەك بولۇپ، قولىنى سۇنۇپلا بۇ ئوقنى تۇتۇۋالىدۇ.

ھازىرقى زامان ئالەم ئۇچۇش ئىشلىرىدا، يۇقىرى تېزلىكتە ئۇچۇۋاتقان ئالەم كېمىلىرىنىڭ تېزلىكلىرى تەڭ، يۆنىلىشلىرىمۇ ئوخشاش بولغاندا، ئۇلار ئاساسەن نىسپىي تىنچ ھالەتنى ساقلايدۇ - دە، ئالەم كېمىسى بوشلۇقتا بىر تەرەپتىن ئۇچۇپ، بىر تەرەپتىن يېقىنلىشىپ، بىر - بىرىگە بىۋاسىتە ئۇلىنىپ بىر گەۋدىنى ھاسىل قىلالايدىغان بولدى.