Jump to content

نىشانىمىز خەلق ئىچى بولسۇن!

ئورنى Wikipedia

نىشانىمىز خەلق ئىچى بولسۇن!

بۇ ئون يىگىرمە يىللىق تارىختا يېڭىلىق، مەكتەپ، بىلىم يۇرتلىرى قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە جەمئىيىتىمىزدە «ياشلار»، ياكى بولمىسا «زىيالىيلار»، خەلق تىلى بىلەن بەلەنراق قىلىپ ئېيتقاندا «ئەپەندىلەر» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىجتىمائىي قاتلام يېتىشىپ چىقتى. يېڭى مەدەنىيەتنىڭ جەمئىيىتىمىزگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ جىددىي نەتىجىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن بو قاتلام مىللىتىمىز ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قايتىدىن بىر گۇرۇپپىلاپ چىقتى. ئىلگىرى ئىجتىمائىي قاتلاملار دېھقانلار قاتلىمى، ھۈنەرۋەنلەر قاتلىمى، تۇججارلار (سودىگەرلەر) قاتلىمى، ئۆلىمالار قاتلىمى ۋە بەگلەر قاتلىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. جەمئىيىتىمىزدە ھاكىملىق ئورنىدىكى قاتلاملار بەگلەر قاتلىمى بىلەن ئۆلىمالار قاتلىمى بولۇپ، بۇ ئىككى قاتلامدىكىلەرگە دېھقانلار قاتلىمى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە توججارلار قاتلىمى بويسۇناتتى.

نۆۋەتتە يېڭىدىن شەكىللەنگەن ياشلار قاتلىمى ئۆزىنىڭ يېڭىلىقى، ياشلىقى، ئۈندۈرمە ھالىتىدە (پىشىپ يېتىلمىگەن بىر ھالەتتە) تۇرۇۋاتقان تۇرۇپ، جەمئىيىتىمىزگە بېسىپ كىرگەن يېڭىلىق ھۇجۇمىنىڭ قۇدرەتلىك تاشقىن دەۋرى بولغان شىڭ شىسەي دەۋرىدە، زامان شارائىتىنىڭ ئۇيغۇنلۇقى سەۋەبلىك جەمئىيىتىمىزنىڭ ھاكىم قاتلىمى ئورنىغا كۆتۈرۈلدى. شىڭ دوبەن ھاكىمىيىتى بىلەن چىڭ ئالاقە باغلاپ ماڭغان مەزكۇر زىيالىلار قاتلىمىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئەزالىرى بولمىش مۇئەللىملەر، ئۇيۇشما خىزمەتچىلىرى، مەمۇرى خىزمەتچىلەر، بولۇپمۇ ساقچىلىق خىزمەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە نوپۇزى قاتارلىقلار بۇنى ئوچۇق ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ. شىڭ دوبەن ھاكىمىيىتىنىڭ تەھدىدى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى كۆرۈنۈشتە ياشلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن بەگلەر تەبىقىسى بىلەن ئۆلىمالار تەبىقىسى چار ياكى ناچار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆرۈنۈشتە يېڭى ھاكىم تەبىقە بولغان ياشلار ۋە ئەپەندىلەر تەبىقىسىگە «ئىتائەت» قىلسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ جەمئىيىتىدىكى نوپۇزىنى ئۇنچىۋالا يوقىتىپمۇ قويمىغان ئىدى. ياشلىرىمىزمۇ خەلقنى ئۆزىنىڭ ئارقا تېرىكى قىلماي، شىڭ دوبەن ھاكىمىيىتىنى ئارقىسىغا ئېلىشقان ئىدى. خەلق شىڭ دوبەننىڭ ھاكىمىيىتىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ياشلارنى ھۆرمەت قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، نەتىجىدە بۇ ياشلار (زىيالىيلار) خەلق كۆڭلىدىن ھەقىقىي رەۋىشتە قايناپ چىققان بىر نوپۇزغا، بىر سۆيگۈگە تېخىچە ئىگە بولالماي كەلدى.

ياشلىرىمىزنىڭ مەكتەپ ۋە ئوقۇشتا كاللىسىغا تىزىۋالغان ئالدىنقى نىشانىمۇ كۆپىنچە ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى (كادىر) بولۇش، توغرىسى، شىڭ دوبەن ھاكىمىيىتىنى ئارقا تېرەك قىلىپ تۇرۇپ كۆتۈرۈلۈپ چىققان مەزكۇر زىيالىلار تەبىقىسىدىن بىر كىشلىك ئورۇن ئىگىلەش بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆپچىلىك ياشلىرىمىزدا خەلقنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىش، ئوقۇپ ئادەم بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن باشقا خىزمەتلەردىمۇ ئىشلەش دېگەن چۈشەنچىلەر بولمىدى. مەكتەپلىرىمىزنىڭ تولىسىمۇ ياش - ئەۋلادلارغا ھۆكۈمەت خىزمىتى ۋە مۇئەللىملىكتىن باشقا ساھەلەردە كېرەكلىك بولىدىغان بىلىمنى بېرىشنى يا ئويلاشمىدى ياكى ئويلاشقۇدەك بولمىدى.

شىڭ دوبەن ھاكىمىيىتىمۇ يىقىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا كەلگەن مۇتەئەسسىپ ۋۇجۇڭشىن ھاكىمىيىتى شىڭ دوبەن ۋاقىتدا يېتىشىپ چىققان، ھاكىم تەبىقىگە ئايلىنىپ ئۈلگۈرگەن ياشلار تۈركۈمىنىڭ ئورنىغا، تارىخنىڭ قارا كۈچلىرى بولغان مۇتەئەسسىپ سىنىپلارنى قايتىدىن تىكلىدى. بۇ مۇتەئەسسىپ سىنىپلار ياشلارنىڭ خەلق ئىچىدە تايانچى يوقلۇقىنى بىلگەچ ئۇلارنى ئاسانلا يەرگە ئۇردى. ھەر يەردە مۇئەللىملەر، ئەپەندىلەر، ياشلار خار بولۇشقا باشلىدى.

ئىلگىرى جەمئىيەتتە خەلقنىڭ قورقۇنچ ۋە تەھدىت ئاستىدا قىلغان ھۆرمەت - ئېھتىرامىغا كۆنۈپ قالغان زىيالىيلىرىمىزغا بۇ خارلىق تېخىمۇ يامان تەسىر ئېلىپ كەلدى. كۆپلىگەن ياشلار ئۈمىدسىزلىككە پاتتى. دېمىسىمۇ خەلقنى ئۆزىگە ئارقا تېرەك قىلالمىغان ھەرقانداق بىر قاتلامنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بۇنىڭدىن باشقىچە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ۋۇجۇڭشىننىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى سىياسىتى گەرچە ياشلارنى يەنە بىر قەدەر ئۆستۈرۈپ، يۆلەپ كۆرگەن بولسىمۇ، مەركىزىي شەھەرلەردىن باشقا جايلاردا ياشلار تېخىچە ئۆز ئورنىنى تىكلەپ بولالمىدى.

بۇ ئاچچىق تەجرىبە ياشلىرىمىزغا ئەسلى توغرا يولنى، يەنى جەمئىيەتتە تەۋرەنمەس ئورۇنغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تەۋرىنىپ، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان سىياسىي ھاكىمىيەتنى ئەمەس، بەلكى كەڭ خەلق ئاممىسىنى تايانچ قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ھۆكۈمەتكە ئىشلىسە قورساق توق، ھۆكۈمەتكە ئىشلىمىسە تايانچىسى يوق ئاچ قالدىغاندەك ئويلىۋالىدىغان بۇ ئاچچىق تەجرىبىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ياشلىرىمىز بەلنى قايتىدىن باغلىشى، ھۆكۈمەتكە تايانمايمۇ كۈن كەچۈرگىلى بولىدىغان يوللارنى تېپىپ چىقىشى لازىم. ھازىرقى ۋاقىتتا بۇنىڭ يېگانە يولى خەلق ئارىسىغا قايتىپ كېلىشتۇر. ياشلىرىمىز خەلق ئارىسىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلاردىن مۇستەقىل كۈن كەچۈرۈش يوللىرىنى ئۆگەنسە، خەلقىمىزمۇ ياشلاردىن يېڭى ئاڭ، يېڭى بىلىم ئۆگىنىدۇ. ياشلار خەلقنى بېسىپ چۈشىدىغان بىلىمىگە تايىنىپ خەلقنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈشى ھەققىدە ئويلانسا، تىرىشسا، بىرىنچىدىن تۇرمۇشى ئۆزىگە تەۋە مۇستەقىل بىر تۇرمۇش بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، خەلققە پايدا يەتكۈزۈپلا قالماي، جەمئىيەت سىرتىدىكى يات ئادەمگە ئايلىنىشتىن قۇتۇلىدۇ ۋە جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەقىقى ئۆز ئەزاسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.

ئەگەر بۇ ياشلار خەلقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ يىلتىز تارتالىسا، خەلق ئىچىدىن يېڭىۋاشتىن ئۆسۈپ چىقسا، قىلماقچى بولغان پۈتكۈل مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتى ۋە سىياسىي تەرەققىياتلارنى خەلق ئىچىدە تۇرۇپ قىلسا، بۇنداق بىر ياشنى ھېچقانداق بىر سىياسىي بوران خەلق ئىچىدىن يۇلۇپ ئېلىپ كېتەلمەيدۇ ۋە ئىگە - چاقىسىز پېتى كوچىغا تاشلىۋېتەلمەيدۇ.

بۇنداق بولغاندا، ياشلىرىمىزنىڭمۇ ھۆكۈمەتكە يۆلىنىپ ياشاشتىن ئالىدىغان زەربىلىرىمۇ تۆۋەنلەيدۇ [ئوقۇغۇغىلى بولمىدى]… شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنى ئالدىنراق ئويلىشىپ، خەلق ئىچىگە كىرىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىشىمىز، ئۆگەنگەنلىرىمىزنى مەتبۇئات ئارقىلىق پۈتكۈل ياش دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشىمىز زۆرۈر ۋەزىپىلەردىندۇر.

مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 206 - سان، 1948 - يىل، 1 - ئۆكتەبىر.

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد