نىكولاس II

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
نىكولاس ئىككىنچى

چاررۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرىقى چار پادىشاھى نىكولاس II. ئۇ 1868-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1918-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى نىكولاس II
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە
يۇرتى سانت پېتىرىبۇرگ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1918-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
خەنزۇچە تولۇق نامى 尼古拉·亚历山德罗维奇·罗曼诺夫
خەنزۇچە ئاتىلىشى 尼古拉二世
مىللىتى رۇس
تۇغۇلغان ۋاقتى 1868-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
كەسپى رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھى
چەتئەلچە نامى Николай Александрович Романов

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

چاررۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرىقى چار پادىشاھى نىكولاس II. ئۇ 1868-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1918-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. 1914-يىلى نىكولاس II چاررۇسىيەنى باشلاپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غا قاتناشقان.

جەڭ ئەھۋالىنىڭ رۇسىيەگە پايدىسىز بولۇشى ۋە ئېغىر ئاچارچىلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى ئىزچىل كۈچىيىپ ماڭغان، ئاقىۋەتتە خەلق ئىنقىلابى قوزغالغان. 1917-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى چار پادىشاھ تەختتىن چۈشكەن.

ۋاپاتى[تەھرىرلەش]

1918-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى يېرىم كېچىدە ياكى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى تاڭ سەھەردە چار پادىشاھ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئونغا يېقىن كىشى بولشۋېك مەخپىي ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن كوللېكتىپ قەتلى قىلىنغان. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە كىسلاتا چېچىلغان، ئارقىدىن بېنزىن چېچىلىپ ئوت قويۇۋېتىلگەن.

مەنبە

  1. ئىزدە قامۇسى