Jump to content

نىياز چۈشىنىش ئاساسىي باشلانسۇن

ئورنى Wikipedia

نىكاھ چۈشىنىش ئاساسىدا باشلانسۇن

بۇرادەر، توي قىلدىڭىز. دېمەككى، ئىلگىرىكى تۇرمۇش بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئائىلە مۇھىتى ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتى شەكىللەندى. بۇ ئائىلىنى قانداق قىلىپ چىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئەڭ زور دەرىجىدە سىزگە، ئاندىن قالسىلا ئايالىڭىز ۋە سىزلەرنى ئوراپ تۇرغان مۇھىتقا باغلىق. سىز بۇ ئوخشىماسلىقنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئايالىڭىزدىن بايقىشىڭىز مۇمكىن. بەلكىم ئۇ تويدىن بۇرۇن سىز تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇنچىۋالا چىرايلىق، ئەدەپلىك، كەم - كۈتىسىز، چېۋەر، ئەقىللىق، دىيانەتلىك بولماي قېلىشى مۇمكىن.

بۇ بىر مۇقەررەر ھەمدە تەبىئىي ھادىسە. چۈنكى، تويدىن بۇرۇن يىگىت - قىزنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىش ۋاقتى ئىنتايىن ئاز، ھەتتا بەزىدە يوق بولىدۇ. سىز ئۇنىڭ بىردەملىك ھالىتىنى، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆزىنى ھەر تەرەپتىن قاتتىق چەكلەپ، تۈزەپ تۇرغان، ئەڭ ئېسىل تەرىپىنى نامايان قىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆرىسىز. دېمەككى، تويدىن ئىلگىرىكى ھەرقانداق تەرەپ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بولىدۇ. كەمچىلىك - نۇقسانلىرىنى ئامالنىڭ بارىچە قارشى تەرەپتىن يوشۇرىدۇ. نىكاھتىن ئىلگىرىكى يىگىت - قىز خۇددى چىرايلىق، رەڭدار پەيلىرىنى يېيىپ، كۆز - كۆز قىلىپ تىنىمسىز جورا ئىزدەۋاتقان توزغا ئوخشايدۇ. ئەمما رەڭدار پەي توزغا مەڭگۈلۈك باقىۋەندە ئەمەس. ئۇنىڭ قوتۇر ئەتلىرى كۆرۈنۈپ قالىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا چىرايلىق نازىنىڭىزنىڭ كۆرۈمسىز تەرەپلىرى، كەم - كۈتىسىز پەرىشتىڭىزنىڭ ناچار قىلىق - ئادەتلىرى بولۇشى تەبىئىي. شۇنداقلا سىزدىمۇ تويدىن بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان بەزى بەدقىلىق ئادەتلەر قارشى تەرەپنى تويدىن كېيىن ئاز - تولا ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. تويدىن كېيىنكى شېرىن دەملەرنىڭ مەستخۇش كەيپى تارقىغاندىن كېيىن ھەرقانداق بىر ئادەم قارشى تەرەپنىڭ ئادەتكە ئايلانغان قىلىق - ھەرىكەتلىرى بىلەن كۈندە دېگۈدەك ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. بۇ چاغدا سىز تەبىئىيلا قارشى تەرەپنىڭ كەم - كۈتىسىز، مۇكەممەل، چېچەن، تاماققا ماھىر، رەتلىك، ئىللىق چىراي، خۇشپېئىل، ئەستايىدىل، ئوچۇق - يورۇق، قىزغىن، چىقىشقاق، تەقۋا، ئىتائەتچان، جانلىق... ئەمەسلىكىنى بايقاپ يېتىسىز. بۇ جەزمەنكى شۇنداق بولىدىغان ئىش. ئەمما بىزدە «تويدىن بۇرۇن ئىككى كۆزۈڭنى يوغان ئاچ، تويدىن كېيىن  بىر كۆزۈڭنى يۇم» دەيدىغان ھېكمەت بار. دېمەككى، بۇنى قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىقى، ساختىپەزلىكى، ياسالمىلىقى ياكى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى دەپ قارىماستىن، ئۇنىڭ ئەسلى، ھەقىقىي خاراكتېرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، بۇ خىل خاراكتېرنى ئاندىن ئايالىڭىزنىڭ ھەقىقىي بەشىرىسى دەپ بىلىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئىلمىي، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق پۇرسەت تېپىپ، ئايالىڭىز بىلەن تەپسىلىي سىردىشىپ چىقىڭ.

ئايالىڭىزدىن نېمىلەرنى كۈتىسىز؟ ئۇ ئەتىگەندە قانداق - قانداق ئىشلارنى قىلسا بەكرەك خۇش بولىسىز ھەمدە ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق ئىشلار قايسى؟ قايسى خىل تاماقلارنى ياخشى كۆرىسىز؟ نېمىنى ياقتۇرمايسىز؟ ئۇنىڭ قانداق كىيىنىشى سىزنى خۇش قىلىدۇ؟ قانداق كىيىملەرنى كىيمەسلىكى كېرەك؟ سىزگە ياردەملىشىپ نېمە - نېمە ئىشلارنى قىلىشىپ بەرسە بولىدۇ؟ قايسى نەرسىلىرىڭىزگە چېقىلماسلىقى كېرەك؟ ئاتا - ئانىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە قانداق قىلسا رازى بولىسىز؟ پۇراقلىق بۇيۇملاردىن قاندىقىنى ياقتۇرىسىز؟... دوستلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز؟...

ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئارازلىشىش ئەمەلىيەتتە چوڭ ئىشلاردىن كېلىپ چىقمايدۇ. بەلكى ئەڭ ئادەتتىكىچە، ئۇششاق ئىش - كۈشلەرگە سەۋرسىزلىك قىلىش چوڭ - چوڭ جېدەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى يۇقىرىقىغا ئوخشاش ھەر ئىككىيلەننىڭ قىزىقىشى ۋە مەنپەئىتىگە، كۆڭۈل مايىللىقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ئىشلارنى ھەر ئىككى تەرەپ كەڭ - كۇشادە سۆزلىشىپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانغا، ئاندىن كېيىن شۇ بويىچە ئىش كۆرگەنگە ھېچنەرسە يەتمەيدۇ. بۇنداق بولغاندا، بىر - بىرىنىڭ ئارزۇ - قىزىقىشى ۋە نەپسى - خاھىشىنى ئورتاقلاشتۇرغىلى، قارشى تەرەپنىڭ ئوي - كويىنى چۈشىنىپ، بىر - بىرىگە ئازار بېرىدىغان ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ ھەمدە بىر ئورتاق ئادەت، ئەمەل – ئۆلچەم تۇرغۇزغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئۆلچەمنىڭ بولۇشى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى، ئوي - خىيالىنى تەرتىپكە سالىدۇ. قارشى تەرەپ ياقتۇرىدىغان ئىشلار ئارقىلىق ئارىدىكى كۆيۈنۈشنى تېخىمۇ كۈچەيتكىلى، ياقتۇرمايدىغان ئىشلار ئارقىلىق نىزادىن نېرى تۇرغىلى بولىدۇ. بىر - بىرىنى چۈشىنىش ئاساسىدىكى ھۆرمەت، مۇئامىلە ۋە ئالاقە شۈبھىسىكى، ھەرقانداق ئىشنى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئوڭاي، قولاي قىلىۋېتىدۇ. چۈشىنىشتىن ئورتاق تىل، تۇتاش تىل تېپىلىدۇ. بەختلىك ئائىلە دەل مۇشۇنداق تىل - دىلدىكى بىرلىك ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

تۆۋەندىكى بىر تەربىيەتلىك ئايالنىڭ ھۇجرىغا كىرىپ كەلگەن ئېرىگە ئېيتقان سۆزلىرى:

_ جانابىم! مەن سىزنىڭ تەبىئىتىڭىز ۋە مىجەزىڭىزدىن بىخەۋەر بىر قىزمەن، نېمىلەرنى ياقتۇرۇشىڭىزنى ۋە خۇش كۆرۈشىڭىزنى ماڭا ئېيتسىڭىز، سىزنىڭ رازىلىقىڭىزغا قاراپ ئىش قىلىمەن، خىزمىتىڭىزدە بولىمەن. يەنە ياقتۇرمايدىغان نەرسىلىرىڭىزنى ھەم ئېيتسىڭىز، ئۇلاردىن ساقلىنىمەن، رەنجىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئالىمەن. سىز ھەم باشقا بىر ئايال بىلەن، مەن ھەم باشقا بىر ئەر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىمىز مۇمكىن ئىدى. لېكىن، تەقدىرنىڭ ھۆكۈمى شۇ ئىكەن، بىرگە ئائىلە قۇردۇق. بۇ ئىلاھىي ئەمىرنى يا لۇتفى ۋە كەرەم بىلەن قوبۇل قىلىڭ ياكى ھەقنىڭ بۇيرۇقىنى بېجىرىڭ. ئاللاھتائالادىن ئىككىمىزنى ھەم مەغپىرەت قىلىشنى سورايمەن!

ھەر ئىككى تەرەپكە ئازادىلىك ۋە راھەتبەخش تۇيغۇ بېغىشلايدىغان مۇنداق گەپلەرنى سىزمۇ قىلالايسىز ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايسىز. شۇنداق قىلالىسىڭىز، جەزمەنكى بەخت بوسۇغىڭىزدىن داجىماي ياتىدۇ.

نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ «كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.