Jump to content

نۇرئالىم ۋارىسوۋ

ئورنى Wikipedia

نۇرئالىم مامۇتوۋىچ ۋارىسوۋ (كرىل: Нуралим Варисов، تو. 1964-04-09، س س ج ئى، قازاق س س ئى ج ئۇيغۇر ناھىيەسى، ئاۋات يېزىسى)، قازاقستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئەرباب. يالغۇز كىشىلىك ناخشىچى، «ناۋا» فولكلور ئانسامبىلىنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى.[1]

كەچمىش

[تەھرىر]

نۇرئالىم ۋارىسوۋ، ئۇيغۇر، قازاقستان ۋەتەندىشى.

1971 - 1981 - يىللىرى ئاۋات يېزىسى ھېزىم ئىسكەندەر نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. كېيىن ئۇيغۇر ناھىيەسى ئارزۇ خەلق ئانسامبىلىدا ئىشلىگەن.

1982 - 1984 - يىللىرى ھەربىي خىزمەت ئ‍ۆتىگەن.

ھەربىيلىكتىن قايتىپ 1986 - يىلىغىچە ئارزۇ ئانسامبىلىدا داۋاملىق ئىشلىگەن.

1986 - يىلى چايكوۋىسكى نامىدىكى مۇزىكا مەكتىبى ئۇيغۇر سىنىپىنىڭ 2 - قارارلىق ئوقۇغۇچىسى سۈپىتىدە ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇيغۇر چالغۇلىرىدىن چاڭ ۋە غېجەك بويىچە تەلىم ئالغان.

1988 - يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئىشلەپ كەلمەكتە.[2]

ئورۇندىغان ئەسەرلىرى

[تەھرىر]

2023 - يىلى 21 - 23 - ئاپرېل كۈنلىرى ق.غوجامىياروۋ نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيالىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق-كومېدىيا تىياتىرىدا يەككە سەنئەت كېچىلىكى بولۇپ ئۆتتى.

«ناۋا» ۋە «رۇخسارە» ئانسامبللىرى تەرىپىدىن زور ئىشتىياق بىلەن ئىجرا قىلىنغان «شايار» مەشرىپىدىن كېيىن، ئۇشبۇ كونسېرتنىڭ ئېلىپ بارغۇچىسى گۈلباھار ناسىروۋا ئۆزىنىڭ قەلب سۆزلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئىزھار قىلدى: «ئۇيغۇر تېئاترىدا چارەك ئەسىردىن بېرى ئۆزىگە خاس يۈكسەك ماھارەت ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مۇقەددەس سەنئىتىنى مىڭلىغان ئىخلاسمەنلىرىمىزگە تەقدىم قىلىپ، كۆڭۈللەرگە مەلھەم بېرىپ كېلىۋاتقان ھەممىمىزنىڭ سۆيۈملۈك سەنئەتكارى، قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى نۇرئ‍الىم ۋارىسوۋ ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق ئىجادىي پائالىيىتىدە بىرنەچچە قېتىم يەككە كونسېرتلىرىنى مۇخلىسلىرىغا ھەدىيە قىلدى. بۇنىڭدىن 13 يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ «تۈگىمەس ناخشام» ناملىق يەككە كونسېرتى ئۆتكەن ئېدى. مانا بۈگۈن ئۇيغۇر سەھنىسىنىڭ بۇلبۇلى مۇخلىسلىرى بىلەن يەنە يۈز كۆرۈشۈۋاتىدۇ. نۇرئ‍الىمنىڭ ھەربىر ناخشىسىنى ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، دوست بىلەن دۈشمەن، ئاتا بىلەن ئانا، سۆيگەن يار، قېرىنداش، تۇغۇلغان يۇرۇت، ھەرخىل تەغدىرلەر، ھايات، ۋەتەن قەدرىنى مەدھىيىلەپ ھېكايە قىلىدىغان بىرپۈتۈن سەھنە ئەسەرى تەرىقىسىدە قوبۇل قىلىمىز. شۇڭلاشقا نۇرئ‍الىم ۋارىسوۋ ئىجراسىدىكى ناخشىلارنى بىز تەشنالىق بىلەن كۈتىمىز، ئۆزىمىزنى قىيناۋاتقان تۈرلۈك سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدەيمىز، تەسەللا تاپىمىز. ئۇ ناخشىلاردىن كۆڭلۈمىز قېنىپ سۇ ئىچىدۇ. چۈنكى زامانىۋىي شېئىرىيىتىمىزنىڭ ژىرىك نامايەندىلىرى شېئىرلىرىغا نەپىسلىك بېرىپ، نازۇك لىرىكا بىلەن سۇغىرىلغان ئەجايىپ ناخشىلار نۇرئ‍الىمنىڭ بۈگۈنكى باي رېپېرتۇئارىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئاندىن مەزكۇر مەدەنىي مەراسىمنىڭ ئاساسىي قەھرىمانى نۇرئ‍الىم ۋارىسوۋ سەنئەت كېچىلىگىنى جامالدىن روزىيېۋنىڭ سۆزىگە يېزىلغان «ئانا» ناخشىسى بىلەن باشلىدى. تالانتلىق ناخشىچى «ناۋا» فولكلور ئانسامبلىنىڭ ۋە «سادا» ياشلار ئېسترادا ئانسامبلىنىڭ جور بولۇشىدا خەلقىمىزنىڭ بىر يۈرۈش ناخشىلىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئىجرا قىلىپ، كۆپچىلىككە ئارامبەخش دەملەرنى ھەدىيە قىلدى. «بۇ دۇنيا»، «ئۇيغۇرۇم»، «ئۆمۈر ئۆتەر»، «سېغىنغانلىرىم»، «يولۇڭغا قاراپ»، «ئۆمۈر دېگەن قىزىق، ھە»، «ئېسىل چاغلار»، «تىلەك»، «ئەۋلىيا دوستۇم»، «بىزنىڭ ناخشىمىز» كەبى ناخشىلار نۇرئ‍الىمنىڭ ئىجراسىدا باشقىچە ياڭراپ، پەقەت ئۇيغۇرغا خاس مۇڭ، سىرلىق لىرىكىنى ئۇ ئەجايىپ ماھارەت بىلەن تىڭشىغۇچى قەلبىگە يەتكۈزۈپ بېرەلىدى. ساھىب ئابدۇمايىن («كۆرەي دەپ كەلدىم»)، مېھرات رەخمەتجان («خاھ ئىنان، خاھ ئىناما»)، لۇئىزا روزاخۇنوۋا (نۇرالىم بىلەن بىللە — «بەرگىن خەۋەر») كەبى شاگىرتلىرى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان يېقىملىق ناخشىلار بىلەن ئۇيغۇر تىياتىرى دراما ترۇپپىسىنىڭ بىر تۈركۈم ياش ئاكتېرلىرى تەرىپىدىن زور ماھارەت بىلەن ئورۇنلانغان ئاتۇش چاتما ناخشىلىرى ۋە «رۇخسارە» ئۇسسۇل ئانسامبلىنىڭ ئەۋرىشىم ئۇسسۇللىرى «باھاردىكى ناخشا» كونسېرتىنىڭ تېخىمۇ تەسىرلىك ئۆتۈشىگە زېمىن ياراتتى. كونسېرت داۋامىدا تالانتلىق ناخشىچىلار ساھىدەم مەشرەپوۋا، لۇئىزا روزاخۇنوۋا، دىلبەر بۇرھانوۋا، ئېمىنا رەخمەتجان، سالامەت ھېۋۇللايېۋا قەشقەر چاتما ناخشىلىرىنى ئىجرا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تالانت - قابىلىيىتىنى كۆرسىتىشنى بىلدى. تەكىتلەش لازىمكى، كونسېرتنىڭ تۈگۈنىنى يەشكۈچى «ئاخىرقى قار» ناخشىسى (مۇختەر بۇغرانىڭ ئىجادىدىن) نۇرئ‍الىمنىڭ ئىجراسىدا ياڭراپ، تالاي قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى. نۇرئ‍الىم بۇ ناخشىنى ئۇ كۈنى شۇنداق ئىجرا قىلدىكى، پۈتۈن ئوي - خىيالى، ھەربىر قەدىمى، سۆزلەردىكى ئۇرغۇ، تاماشىبىن زالىغا مەيۈس بېقىشلىرى ناخشىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتقان ھالدا، پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا خاس يۈكسەك ماھارەت بىلەن ياڭرىدى. ناخشىدىكى چوڭقۇر مەزمۇننى نۇرئ‍الىم يۈرەكتىن ھېس قىلغان ھالدا تاماشىبىنغا تولۇق يەتكۈزەلىدى.

كونسېرت ئاخىرىدا نۇرئ‍الىمنىڭ قەلىمىگە مەنسۈپ «يولۇڭغا قاراپ» نى تاماشىبىنلار ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، چاڭ كەلتۈرۈپ ئېيتتى - دە، زالنى كۆتۈرۈۋەتتى! تاماشىبىنلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، گۈلدىراس ئالقىشلار بىر ھازاغىچە سەنئەتكارلارنى سەھنىدىن قويۇپ بەرمىدى. ھېچكىم زالدىن چىققۇسى كەلمەي، سۆيۈملۈك ناخشىچىلىرى بىلەن تەسلىكتە خوشلاشتى...

خۇللەس، «باھاردىكى ناخشا» كونسېرتىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆتۈشى، ئەلۋەتتە، ئۇنى سەھنىلەشتۈرگەن «ناۋا» ئانسامبلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى نىيازجان تۇرسۇنوۋنىڭ، سېنارىيە مۇئەللىپى گۈلباھار ناسىروۋانىڭ ۋە باش بالېتمېيستېر زوھرا كەرىموۋانىڭ، بالېتمېيستېر ئېلدار ئابدۇللايېۋنىڭ، رەسساملار گۆزەل مەمېدىنوۋا (كىيىم-كېچەكلەر بويىچە) ۋە رۇستەم مۇسايېۋنىڭ، شۇنداقلا چىراقچى رەسساملار گالىنا سوروچىنسكايا بىلەن مېھراتجان شېرىيازدانوۋنىڭ شىجائەتلىك ئەجرىنىڭ نەتىجىسى ئېكەنلىگى ئېنىق. بۇ جەھەتتىن ئاۋاز رېژىسسېرلىرى ئىۋان فېدوتچېۋ بىلەن ئارسلان جالالدىنوۋ ۋە باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە ئەرزىيدۇ.[3]

مەنبەلەر

[تەھرىر]
  1. НУРАЛИМ ВАРИСОВ، ئاتلىق ئارخىۋدىن 2025-02-06 كۈنى مۇقىمدالغان.
  2. Қазақстанниң хизмәт көрсәткән әрбаби Нуралим Варисов 60 яшта ئاتلىق ھۆججەتلىك فىلم، 2025-02-06 كۈنى مۇقىمدالغان.
  3. Баһар нахшилири яңриди، ئاتلىق يازما، 2025-02-06 كۈنى مۇقىمدالغان.