نۇزۇگۇم

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
نۇزۇگۇم
مىللىتىئۇيغۇر

نۇزۇگۇم. ۋەتەنپەرۋەر، قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى. ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل بولۇپ، قەشقەردە تەخىمىنەن1806-،1807-يىللىرى تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن چىچەن ھەم نازۈك قىز بولعاچقا باشقىلار ئۇنى«نازۈك» ياكى «نۇزۇگۇم» دەپ ئاتىۋالغان.نۇزۇگۇم 1825-يىلىدىكى قەشقەر حەلقىنىڭ چىرىك چىڭ ئەمەلدارلىرىعا قارشى قوزعىلىڭعا قاتنىشىدۇ. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ، چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى قەشقەر ئاھالىسىدىن ئون مىڭلىغان كىشنى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىدۇ. پالانغانلار قاتارىدا ئىلىغا كەلگەن نۇزۇگۇمنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرالمىغان چىڭ سۇلالىسى ھۆكۇمرانلىرى ئۇنى سۇلۇن ئەمەلدارىغا ستىۋىتىدۇ. ياتلارغا حوتۇن بولۇشنى نومۇس بىلگەن نۇزۇگۇم كىچىسى سۇلۇن ئەمەلدارىنى ئۆلتۇرۇپ قىچىپ كىتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تۇتۇلۇپ قىلىپ دارغا ئىسىپ ئۆلتۇرۇلىدۇ.(1827-يىلى). بۇ ئوت يۈرەك شائىرەنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىسيانكارلىق، ۋەتەنپەرۋەلىك روھ بىلەن تولغان شىئىر قوشاقلىرى خەلقىمىز ئارىسدا كەڭ تارقالغان[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. گۆھەربان ئۆمەر، ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئايال ئەدىبلەر