نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسى زادى نەدە؟

ئورنى Wikipedia

نىجات سوپى

19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆتكەن زۇلۇم-زورلۇققا باش ئەگمەي، ئەركىن مۇھەببەتكە ئىنتىلگەن، ئۆز ئېتىقادى ۋە پاكلىقى يولىدا بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان ئۇيغۇر قىزى نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسىنىڭ غۇلجا ناھىيە ئارائۆستەڭ يېزا بۇلاق بېشى مەھەللىسىدىن بايقالغانلىقى ھەمدە قەبرە تېشى تىكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر 2015-يىلى تور ۋە ئۈندىدار سۇپىلىرىدا كەڭ تارقىلىپ، جامائەتچىلىكنىڭ بىردەك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇنىڭغا ئۇلىنىپ، نۇزۇكۇمنىڭ ئەسلى يۇرتى، ئەسلى ئىسمى، تۇغۇلغان ۋاقتى، سۆيگەن يىگىتى… دېگەندەك مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ ھەر خىل كۆزقاراشلار مەيدانغا چىقتى. بۇ ھەقتە تارقىلىپ يۈرگەن ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىق ئاساسى زادى قانچىلىك؟ بۇ ئۇچۇرلارنىڭ قايسىلىرى راست، قايسىلىرى يالغان؟ يالغان ئۇچۇرلار كەڭ تارقىلىپ، «راست»قا ئايلانسا، بىز مۇشۇ دەۋردە ياشاۋاتقان زىيالىلار تارىخ ئالدىدا، كېيىنكىلەر ئالدىدا قانداق جاۋاب بېرىمىز؟ ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يۇقىرىقىدەك سوئاللار ئالدىدا بىزمۇ بۇ ئىشقا ئارىلاشماي تۇرالمىدۇق.

ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا بۇ سوئاللارغا توغرا جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئىككىلا يولى بار: بىرى ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللارغا مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىزدەش، يەنە بىرى ئالاقىدار تارىخي جايلارغا بېرىپ ئەمەلىي دالا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق پاكىتلارنى دەلىللەش.

بۇ ھەقتە بىز تايىنىدىغان بىردىن-بىر تارىخىي ماتېرىيال- 19-ئەسىردە ئۆتكەن رېيالىست شائىر موللا بىلال ئىبىن موللا يۈسۈپ (نازىمى) تەرىپىدىن يېزىلغان «نۇزۇكۇمنىڭ قىسسەسىدۇر» ناملىق تارىخىي داستاندۇر. موللا بىلال يازغان «غازات دەر مۈلكى چىن»، «چاڭموزا يۈسۈپخان» ۋە «نۇزۇكۇمنىڭ قىسسەسىدۇر» ناملىق بۇ ئۈچ داستاننىڭ ۋەقەلىكلىرى تارىخقا ئىنتايىن يېقىن تۇرىدۇ. ھازىرغىچە بىز «نۇزۇكۇمنىڭ قىسسەسىدۇر» ناملىق ئەسەردىن باشقا نۇزۇكۇمنىڭ تارىخىغا ئائىت بىرەر ئىشەنچلىك تارىخىي يازما ماتېرىياللارغا ئېرىشكىنىمىز يوق. شۇڭا، نۇزۇكۇمنىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىي سەرگۈزەشتىلىرىگە ئائىت بىر قەدەر ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا بىز پەقەت مۇشۇ ئەسەر ئارقىلىقلا ئېرىشەلەيمىز، دەپ قارايمىز.

بۇ ئەسەر موللا بىلال تەرىپىدىن مىلادى 1882-يىلى غۇلجا شەھرىدە يېزىلغان ھەمدە رۇس ئالىمى نىكولاي پانتۇسوف تەرىپىدىن توپلىنىپ، 1909-يىلى تاتارىستاننىڭ قازان شەھرىدە مىق مەتبەئەدە بېسىپ نەشر قىلىنغان «تارانچى ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئەسەر رايونىمىزدا دەسلەپ 1980-يىللىرىنىڭ بېشىدا «بۇلاق» ژۇرنىلىدا بېرىلگەن. بىز يېڭى بىر ئەۋلاد كىتابخانلارنىڭ ئەسلى ئەسەردىن تولۇق بەھرلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى تىل ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 6-سانىدا قايتا بەردۇق.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، كېيىنكى چاغلاردا نۇزۇكۇم ھەققىدە نۇرغۇن بەدىئىي ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ يازمىلارنىڭ ھەممىسى موللا بىلال يازغان «نۇزۇكۇمنىڭ قىسسەسىدۇر» داستان ئاساسىدا بېيىتىلغان، بەدىئىلەشتۈرۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەردۇر. مەسىلەن، ئابدۇكېرىم رەھمان تەرىپىدىن توپلىنىپ، 1981-نەشر قىلىنغان نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى» ناملىق توپلامدا بۇ ئەسەرنىڭ خەلق داستانى شەكلىدىكى ۋارىيانتى بار بولۇپ، كېيىنچە قىسقارتىلىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. يازما ئەسەرلەردىن يەنە نەزەرخوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ «نۇزۇكۇم» پوۋېستى، تۇرغان توقتاموفنىڭ «نۇزۇكۇم» رومانى، مەرھۇم شائىر ئابلىز ھوشۇرنىڭ «نۇزۇكۇم» داستانى، ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «نۇزۇكۇم» پوۋېستى، تۇرسۇناي ھۈسەيىن، ھۈسەيىن تاش قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ بالىلارغا لايىقلاشتۇرۇپ يېزىلغان «نۇزۇكۇم» پوۋېستلىرى بار. بۇ ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، نۇزۇكۇمنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئوبرازى بارغانسېرى بېيىپ، كۈچىيىپ باردى.

موللا بىلالنىڭ «نۇزۇكۇمنىڭ قىسسەسىدۇر» ناملىق ئەسىرىدىكى نۇزۇكۇمنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىگە ئائىت رېئال ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىچە. (تۆۋەندە بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئەسلى تېكىست شەكلىدە، بەزىلىرىنى قىسقارتىپ ئۆز تىلىمىزدا قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمىز.)

«مانجۇلار جاھانگىر خوجامنى قەشقەردە تۇتقاندىن كېيىن ئەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، خوتۇنلارنى ئىلى شەھرىگە گۇناھكار قىلىپ ئەۋەتكەندە، بۇ نۇزۇكۇم دېگەن خوتۇن توغرىسىدا چىققان ناخشىلاردۇر.

مانجۇ خانى داۋگۇاڭ خان (چىڭ سۇلالىسىنىڭ 1821-يىلىدىن 1850-يىلىغىچە سەلتەنەت سۈرگەن خانى) بولۇپ ئالتە يىل بولغاندا جاھانگىر خوجام قەشقەرگە كېلىپ، سوقۇشۇپ قەشقەرنى ئۆزىگە تەۋە قىلىپ، ئالتە ئاي سورىغان ئىكەن. ئاندىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدىن چىڭكۇنىكى دېگەن جاڭجۈن نۇرغۇن لەشكەر ئېلىپ بېرىپ، بېيجىندىن نۇرغۇن لەشكەر بىلەن قەشقەرگە كەلگەن بەيخۇزا، ياڭ دارىن دېگەن جاڭجۈنلەر بىلەن بىر بولۇپ، جاھانگىر خوجام بىلەن سوقۇشۇپ، جاھانگىر خوجامنى تۇتۇپ، بېيجىڭغا داۋگۇاڭ خاننىڭ يېنىغا ئېلىپ كېتىپ، قەشقەردىكى ئەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، خوتۇنلىرىنى غۇلجا شەھەرىگە ئېلىپ كېلىپ، ھەر بىر خوتۇننى بىر قالماققا خوتۇن قىلسۇن دەپ تۇتۇپ بەرگەن ئىكەن. نۇزۇكۇم دېگەن خوتۇننى ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە بىر قالماققا بەرگەن ئىكەن. («ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2014-يىل 6-سان 88-بەت)

تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جاھانگىر خوجا ئاباق خوجا باشچىلىقىدىكى ئاق تەقىيەلىك خوجىلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، قوقەنددە تۇغۇلغان. 1826-يىلى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئۇ يەردە تۇرىۋاتقان چىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلارنى بىر مەزگىل ئىدارە قىلغان. 1828-يىلى چىڭ قوشۇنلىرى تەىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلىپ، سوراق قىلىنىپ، ئاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەنلىقى ئېنىق. دېمەك، نۇزۇكۇم ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى شۇ قېتىملىق قوزغىلاڭ سەۋەبىدىن ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان كىشىلەردىن ئىكەنلىكى ئېنىق.

«بۇ نۇزۇكۇم موللا خوتۇن ئىكەن. ئۆزى زىلۋا، بۇغداي ئۆڭلۈك، قارا كۆز، قارا قاش، نازۇك بەدەن بولغانلىقى ئۈچۈن قەشقەر خەلقى “نازۇكۇم” دەپ ئات قويغان ئىدى. كۈنلەردە بىر كۈن نۇزۇكۇم تاغدىكى بولجار قىلىشقان يارنىڭ بېشىغا بارغاندا ئاكىسى ئابدۇللا خوجا ھەم يار بېشىغا بېرىپ، ھەر ئىككىسى يىغلىشىپ-يىغلىشىپ، ھال-ئەھۋالىنى ئېيتىشىپ مەسلىھەت قىلىپ، ئاكىسى ئابدۇللا خوجا: “ئەي سىڭلىم نۇزۇكۇم، سەن بۇ يەردە تۇرمىغىن، بىر تەرەپكە قېچىپ كەتكىن. ئەگەر قاچمىساڭ سېنى قالماقلار ئالىدۇ، تۇغقان پەرزەندلىرىڭ بارچىسى قالماق بولىدۇ، ئۆزۈڭ ھەم مۇسۇلمان بولالمايسەن” دەيدۇ. نۇزۇكۇم يىغلاپ تۇرۇپ: “ئەي جېنىم ئاكا، مېنىڭمۇ قاچىدىغان خىيالىم بار ئىدى. ئەمما، سەندىن جۇدا بولۇپ، مەن ئاجىز قانداق قىلىمەن، دەيتتىم. ئەمدى سېنى خۇدايىمغا تاپشۇردۇم” دەپ، غۇلجا تەرەپكە قاراپ قېچىپ يۈرىۋەردى.» («ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2014-يىل 6-سان 89-بەت)

بۇ مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نۇزۇكۇم ساۋادلىق، ئوقۇغان ئايال بولۇپ، زىلۋا، نازۇك بەدەن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمى «نازۇك» ئاتالغان، كېيىنچە بۇ سۆزگە بىرىنچى شەخس بىرلىك تەۋەلىك قوشۇمچىسى «-ۇم»نى ئۇلىنىپ «نازۇكۇم» شەكلىگە، يەنە تاۋۇشلارنىڭ مەسلىشىش قانۇنىيىتى بويىچە ئۆزگىرىپ «نۇزۇكۇم» شەكلىگە كەلگەن. بىللە پالانغانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ ئاكىسى ئابدۇللا خوجىمۇ بار بولۇپ، ئىككىسى بىر جايغا پالانغان، كېيىنچە ئاكىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن نۇزۇكۇم موڭغۇللار دائىرىسىدىن غۇلجىغا قاراپ قاچقان.

«نۇزۇكۇم شۇ كېچە چوڭ يۇلتۇزدىن قېچىپ تاڭ ئاتقاندا بىر جاڭجالغا كىرىپ، بىر تالنىڭ تۈۋىدە ياتتى. يەنە كەچ بولغاندا يۈرۈپ شۇ تەرىقىدە كۈندۈز يېتىپ، كېچە يول يۈرۈپ، لوڭكو (بۇ خەنزۇچە 龙口 سۆزى بولۇپ، مەنىسى ئېچىق بېشى. بۇ جاي قاش دەرياسى بويىدىكى ئاقئۆستەڭنىڭ باشلىنىش ئاغزى بولسا كېرەك)غا كەلدى. دەريا بويىغا كېلىپ، دەريا بويىدا پىچاق بىلەن قومۇشلارنى قىيىپ، نەچچە باغ قومۇش بىلەن قومۇش سال ياساپتۇ. نۇزۇكۇم سالغا ئولتۇرۇپ، دەريا بىلەن غۇلجا شەھەرىنىڭ قىبلە تەرىپدىكى ئالماتۇغا (بۇ جاي ھازىرقى غۇلجا شەھەر يېڭى يەر يېزىسى ئەتراپىدا) يېتىپ كەلگەندە بىر قالماق نۇزۇكۇمنى كۆرۈپ، قالماقلارغا خەۋەر قىلدى: “بىر خوتۇن دەريانىڭ ئىچى بىلەن سالغا ئولتۇرۇپ، قىبلە تەرەپكە كەتتى” دەپ. قالماقلارنىڭ ئامبىلى ئاڭلاپ، نۇزۇكۇمنىڭ قاچقان خەۋىرىنى خەتكە يېزىپ، كۈرە شەھەرىنىڭ ئۇلۇغى جاڭجۈنگە ئەۋەتتى. جاڭجۈن خەتنى ئوقۇپ، سولانلارغا (سولان: داغۇر، ئېۋىنكۇ، ئېلىنچۈن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدىكى بىرلەشمە نامى) بۇيرۇق قىلدى: “نۇزۇكۇمنى ئىزدەپ تېپىڭلار، قانداقلا بولمىسۇن تېپىپ، ماڭا كەلتۈرۈڭلار” دېدى. ئىككى يۈز ئاتلىق سولۇن بىلەن بۇتە زەنگى دېگەن سولۇنلارنىڭ ئۇلۇغى ئالماتۇغا كېلىپ، ئۈچ كۈن قومۇشلۇقنى ئىزدىدى، تاپالمىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئالماتۇدا قومۇش كۆپ ئىدى، بىر كىشىنى يۈز كۈن ئىزدەپمۇ تاپالمايتتى.» («ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2014-يىل 6-سان 90-بەت)

بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، نۇزۇكۇمنىڭ دەسلەپ سۈرگۈن قىلىنغان جايى «يۇلتۇز» دېگەن جاي. بۇ جاي ھازىرقى ئىلى بىلەن بايىنغولىن (بايانغول) ئارىلىقىدىكى موڭغۇل يايلاقلىرىغا توغرا كېلىدۇ. نۇزۇكۇم قاش دەرياسى بويىدا قومۇشتا سال ياساپ، تۆت كۈن ئېقىپ غۇلجا شەھەرىنىڭ غەربىدىكى ئالماتۇ، يەنى ھازىرقى ئالماتۇيار ئەتراپىغا يېتىپ كەلگەن ۋە شۇ يەردە سېزىلىپ قېلىپ، ئىلى جاڭجۈنى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. بۇ بۆلەكتىكى قوشاقلارنىڭ «كىرسەم قەشقەر يولىغا، قەشقەر يولى يول بولغاي» دېگەن مىسرالىرىدىن ئۇنىڭ قەشقەرگە كېتىدىغان يولنى تاپالماي خاتا نىشان بويىچە قېچىپ يۈرگەنلىكى ئېنىق. شۇندىن كېيىن چېرىكلەر قومۇشلۇققا ئوت قويىدۇ، نۇزۇكۇم قومۇشلۇقتىن چىقىپ تاغ تەرەپكە قېچىپ بېرىپ، بىر چارۋىچىنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرىدۇ. بۇ بۆلەكتە يەنە نۇزۇكۇم «ئاخىر ئاشكارە بولدۇم، يوشۇرۇنغىلى يەر بارمۇ؟ ماڭا قاتتىق كۈن چۈشتى، ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟ تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى سۈزۈپ ئىچەر ئەر قېنى؟ مېنى قەشقەر شەھىرىگە ئېلىپ قاچار ئەر قېنى؟» دەپ، لايىق بىر ئەر كىشى چىقىپ، ئۆزىگە باشپاناھ بولۇپ، قەشقەر شەھىرىگە ئېلىپ كېتىشىگە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاندىن كېيىن چېرىكلەر نۇزۇكۇمنىڭ تاغقا قاچقىنىنى بىلىپ، تاغ تەرەپكە ئىزدەپ ماڭىدۇ، نۇزۇكۇم بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يەنە ئالماتۇيار تەرەپكە قاچىدۇ، يول ئۈستىدە چېرىكلەرگە تۇتۇلۇپ قالىدۇ. سولۇنلار نۇزۇكۇمنى تۇتۇپ كونا كۈرە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ جاڭجۈنگە تاپشۇرىدۇ. جاڭجۈن ئۇنى شىسەن مازا دېگەن بىر ئەمەلدارنىڭ ئائىلىسىگە تاپشۇرىدۇ. بۇ شىسەن دالويىنىڭ خوتۇنى ھەم قەشقەرلىق ئۇيغۇر ئايال بولۇپ، نۇزۇكۇم بىلەن بىر مەھەللىلىك تونۇش چىقىپ قالىدۇ، نۇزۇكۇم دەسلەپ شۇ ئايالنىڭ خىزمىتىگە قويۇلىدۇ. بۇ ئىككى ئايال دالويى يوق چاغلاردا بىر-بىرىگە دەردلىرىنى ئېيتىشىپ يىغلىشىدۇ. بۇ بۆلەكتىكى قوشاقلاردىن قارىغاندا يەنە نۇزۇكۇم ئاتىسىنىڭ قەشقەردىن كېلىپ ئۆزىنى ئېلىپ كېتىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. كېيىنچە، دالويى نۇزۇكۇمنى بىر سولۇنغا خوتۇنلۇققا بەرمەكچى بولىدۇ. نۇزۇكۇم دالويىنىڭ خوتۇنىغا: «مېنى ئەرگە بەرمىسۇن، مەن سىزنىڭ بىر ئۆمۈر خىزمىتىڭىزنى قىلاي» دەپ يالۋۇرىدۇ، دالويىنىڭ خوتۇنى بۇنى دالويىغا ئېيتىدۇ، دالويى: «نۇزۇكۇم يۈرەكلىك خوتۇن، ئۇ سېنى يامان ئۆگىتىپ قويىدۇ» دەپ ئۇنىماي، ئۇنى سولۇنغا تۇتۇپ بېرىدۇ. سولۇن ئۇنى ئۆز يۇرتى سۇمۇنغا ئېلىپ كېتىدۇ. (بۇ يەردىكى «سۇمۇن» سۆزىنىڭ مەنىسى «كەنت، بازار» مەنىلىرىگە يېقىن بولۇپ، ھازىرقى چاپچال ناھىيەسىدىكى بىر سۇمۇن، ئىككى سۇمۇن، …، سەككىز سۇمۇن» دېگەن جايلارنىڭ بىرى بولسا كېرەك.)

ئۇ سولۇن ئۆزلىرىنىڭ رەسىم-قائىدىسى بويىچە توي قىلىپ نۇزۇكۇمنى ئالىدۇ. شۇ كېچىسى نۇزۇكۇم مەست بولغان سولۇننى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈپ، گۈرۈچ، تۇز، مىس قازان، چىنە قاتارلىق لازىمەتلەرنى ئېلىپ جاڭگالغا قېچىپ كېتىدۇ. ئەتىسى سولۇنلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، جاڭجۈنگە مەلۇم قىلىدۇ. جاڭجۈننىڭ بۇيرۇقى بويىچە دالويى ئەمەلدار ۋە يايىلارنى باشلاپ ئىزدەيدۇ. نۇزۇكۇم شۇ قاچقىنىچە ئالتە ئاي قېچىپ يۈرىدۇ. بۇ بۆلەكتىكى قوشاقلاردىن قارىغاندا ئۇ قەشقەر يولىنى تاپالماي، يەنە ئالماتىيارغا كېلىپ، شۇ يەردە پاناھلىنىپ يۈرىدۇ.

بىر كۈنى ئۇ قورسىقى ئېچىپ، تاماق ئەتمەكچى بولۇپ، ئوت قالايدۇ. دەريادىن سۇ ئەكەلگىچە ئارىلىقتا ئوچاقتىكى ئوت قومۇشلۇققا تۇتۇشۇپ كېتىدۇ. يايىلار ئوتنى كۆرۈپ، ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ نۇزۇكۇمنى تۇتىۋالىدۇ. ئۇنىڭ يالۋۇرغىنىغا ئۇنىماي، پۇتىدىن باغلاپ ئاتقا تېڭىپ، دالويىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىدۇ. دالويى ئۇنىڭ قولىغا كويزا، پۇتىغا ئىشكەل سالدۇرۇپ، دوڭ (东 شەرقىي) يامۇلغا سولايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا كونا كۈرە شەھىرىدە دوڭيامۇل ۋە شى (西 غەربىي) يامۇل دەپ ئىككى يامۇل بار بولۇپ، يەرلىك كىشىلەردىن ئادەتتىكى جىنايەتچى بولسا، ئاۋۋال شەرقىي يامۇلغا سولىنىدۇ، ئەگەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغان ئېغىر جىنايەتچى بولسا غەربىي يامۇلغا يۆتكىلىدۇ. بۇ بۆلەكتىكى «ئاياغىمدا ئىشكەل بار، بوينىمىزدا تىڭگانزا، ئېلىپ قاچسا نۇزۇكنى، بولسا ياخشى خوخەنزە» دېگەن قوشاقلاردىن قارىغاندا ئۇنىڭ يەنە ئۆزىنى زىنداندىن ئېلىپ قاچالىغۇدەك بىر قەھرىمان ئەرنىڭ بولۇشىنى بەكلا ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

دالويى جاڭجۈنگە مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، جاڭجۈن ئۇنىڭ جىنايىتى ھەققىدە خەت يېزىپ، بېيجىڭدىكى داۋگۇاڭخانغا مەلۇمات يوللايدۇ ھەمدە ئۇنى غەربىي يامۇلغا يۆتكەپ، كېچىسى تۆت يايى، كۈندۈزى تۆت يايى ساقلايدۇ. بۇ بۆلەكتىكى «مەن كۆرمىگەن مومامنى، مېنى تۇغقان ئانامنى، چەنپەن بېرىپ ئۆلتۈرگەن، ئۈچ ياشتىكى بالامنى» دېگەن قوشاقلاردىن، ئۇ تۇغۇلغاندا مومىسىنىڭ يوقلىقى، ئانىسىنىڭمۇ ئۇ ئېسىنى بىلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، نۇزۇكۇم ئۆزى توي قىلغان چوكان بولۇپ، ئۈچ ياشقا كىرگەن بالىسىنىڭ چەنپەنلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. (بۇ يەردىكى 遣犯 خەنزۇچە سۆز بولۇپ، مەنىسى “پالاندى”، يەنى ئىچكىرىدىن پالىنىپ چىقىپ، بۇ جايدا كۆمۈر كان، مىس كانلىرىدا ئەمگەككە سېلىنىدىغان جىنايەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەينى چاغدىكى بەلگىلىمە بويىچە چەنپەنلەر جازا مۇددىتى توشقاندا ئىچكىرىگە قايتىپ كەتسىمۇ، مۇشۇ جايدا قېلىپ كۈن كەچۈرسىمۇ بولاتتى، ئەمما ئۇرۇش بولغاندا ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ، ئۇرۇشقا سېلىناتتى.)

«جاڭجۇن خانغا ئەۋەتكەن خەت خانغا قىرىق بىر كۈندە يېتىپ بېرىپ، خاندىن ھەم قىرىق بىر كۈندە جاۋاب خەت كەپتۇ. خەتتە: “بۇ خەت كېچە بارسا كۈندۈزگە قويماي ئۆلتۈرۈلسۇن، ئەگەر كۈندۈز بارسا كېچىگە قويماي ئۆلتۈرۈلسۇن” دەپ يېزىلىپتۇ. خانغا بارغان خەتنىڭ جاۋابى سەكسەن ئىككى كۈندە كەلگەن كۈنى نۇزۇكۇمنى يامۇلدىن ئېلىپ چىقىپ، ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ مويتۇڭزىغا ئېلىپ يۈردى. خالايىقلار يۈگۈرۈشۈپ تاماشا ئۈچۈن مويتوڭزا ئەتراپىغا يىغىلدى. نۇزۇكۇمنى ھارۋىدىن چۈشۈرۈپ، قىبلەگە قارىتىپ ئولتۇرغۇزدى. نۇزۇكۇم شاھادەت ئوقۇپ ئولتۇردى. بىر جاللات نۇزۇكۇمنىڭ ئالدىدا قىلىچ بىلىگەن بولۇپ تۇردى، ئارقىسىدىن بىر جاللات كېلىپ چاپتى. نۇزۇكۇمنىڭ بېشى تېنىدىن جۇدا بولۇپ يەرگە چۈشتى. ئىككى يۈزچە تۇنگانلار بار ئىدى، باشنى ئېلىپ تەنگە تىكىپ، نامىزىنى ئوقۇپ يەرگە دەپنە قىلىپ، خەتمە قۇرئان ئوقۇپ ياندى. بۇ ۋەقەلەرنى موللا بىلال ئىبىن موللا يۈسۈپ نازىمى چوڭلارنى ئۆيىگە چىللاپ كەلتۈرۈپ، تەھقىقى بىلەن سوراپ، ئاڭلاپ بىلىپ، رۇسىيە تارىخىدا 1882-يىلى جامادىيۇل ئەۋۋەلنىڭ 5-كۈنى غۇلجا دىيارىدا يېزىپ پۈتتۈردى»  («ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2014-يىل 6-سان 94-بەت).

بۇ بۆلەكتىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، نۇزۇكۇم داۋگۇاڭ خاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە كونا كۈرەدىكى غەربىي يامۇلدىن ئېلىپ چىقىلىپ، شۇ ئەتراپتىكى مويتۇڭزىدا كاللىسى چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن. (بۇ يەردىكى «مويتۇڭزا» خەنزۇچە木墩子سۆزى بولۇپ، «ياغاچ كۆتەك» دېگەن مەنىدە. بۇرۇنلاردا ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان جىنايەتچىنىڭ كاللىسى ياغاچ كۆتەككە قويۇلۇپ چېپىلاتتى، بۇ سۆز ئەمەلىيەتتە جىنايەتچىنىڭ كاللىسى ئېلىنىدىغان سەھنە شەكلىدىكى جازا مەيدانىنى كۆرسىتىدۇ). بۇ بۆلەكتىن يەنە شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، شۇ مەيداندا تۇرغان تۇڭگانلار نۇزۇكۇمنىڭ چېپىلغان بېشىنى تېنىگە ئۇلاپ، دەپنە قىلىپ، قىرائەت قىلىپ قايتقان. موللا بىلال بۇ ئەھۋالنى بىلىدىغان چوڭلارنى يىغىپ، بىر-بىردىن سوراپ، پاكىتلارنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن شۇ ئاساستا 1882-يىلى بۇ تارىخىي داستاننى يېزىپ چىققان.

بىزگە نۇزۇكۇم ھەققىدە يېتىپ كەلگەن بارلىق مەلۇماتلار مۇشۇ، نۇزۇكۇم ھەققىدە بۇنىڭدىن باشقا ئەينى چاغدا قالدۇرۇلغان، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ھېچ بىر مەلۇمات يوق. ھازىرغىچە بىز ئاڭلاپ كېلىۋاتقان باشقا ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى دەۋرلەردە ئەدىبلەرنىڭ بەدىئىي توقۇلمىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى مەزمۇنلاردۇر.

مەسىلەن، «نۇزۇكۇمنىڭ ئەسلى ئىسمى ئۇنداق ئىدى، مۇنداق ئىدى» دېگەن ئۇچۇرلار ئاساسسىز؛ ئىلىغا كەلگەندە نۇزۇكۇمنىڭ باقى ئاتلىق يىگىتى بولغانلىقى ئاساسسىز. نۇزۇكۇمنىڭ قايسى يىلى تۇغۇلغانلىقى نامەلۇم. ئۇ ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىشتىن بۇرۇنلا ئۈچ ياشلىق بالىسى بولغان چوكان ئىدى، بەلكىم ئېرىمۇ شۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەن بولسا كېرەك. دادىسىنىڭ قەشقەردە قالغانلىقى، ئابدۇللا خوجا ئىسىملىك ئاكىسىنىڭ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە سۈرگۈن قىلىنغانلىقى ئەسەردە كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەسەردە نۇزۇكۇمنىڭ قەشقەرنىڭ قايسى مەھەللىسىدىن ئىكەنلىكى ئېيتىلمايدۇ، «بۇلاق بېشى مەھەللىسى» دېگەن ئۇچۇر ئەسلا يوق. ئۇ يۇلتۇزدىن قېچىپ غۇلجا شەھىرى ئەتراپىدىكى ئالماتۇيار قومۇشلۇقىغا كېلىدۇ. كېيىن يەنە شۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى تاغقا قاچىدۇ، بۇ تاغ ئەلۋەتتە دەريانىڭ شىمالىدىكى ھازىرقى غۇلجا شەھەر يېڭىيەر، بايانداي يېزىلىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغقا توغرا كېلىدۇ. نۇزۇكۇمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن جايى ھازىرقى قورغاس ناھىيە كونا كۈرە كەنتىدىكى كۈرە غەربىي يامۇلىنىڭ سىرتىدىكى جازا مەيدانى. بۇ جاي ھازىرقى يېڭى كۈرەدىن 10 كىلومېتىرچە غەربتە، ھازىر دەريا ياقىسىدىكى يارلىقنىڭ تۆپىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئەسلى ئورۇننى سۇ ئېلىپ كەتكەن بولسا، ھازىرقى دەريا قىنىدىكى قومۇشلۇققا توغرا كېلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندىمۇ نۇزۇكۇم ئۆڭكۈرى ۋە نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسى بارمىش. ئەگەر شۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئورنى ھازىرقى ئىلى چېگرىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بولسا، بۇنى ئەمەلىيەتكە بىرئاز ئۇيغۇن دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، نۇزۇكۇم قېچىپ يۈرگەن چاغلاردا بەلكىم شۇ جايلارغا بارغان بولۇشى مۈمكىن. لېكىن، نۇزۇكۇم قەبرىسىنىڭ كۈرەدىن قازاقىستانغا كۆچۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق تارىخىي ماتېرىيال يوق. ئوخشاشلا، موللا بىلالنىڭ ئەسىرىدە ۋە باشقا مەنبەلەردە نۇزۇكۇم قەبرىسىنىڭ ئارائۆستەڭگە كۆچۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

بىز بۇ مەسىلە ھەققىدىكى پاكىتلارنى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىش ئۈچۈن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» توپلىمىنى تۈزۈش ئىشخانىسىدىن دولقۇن روزى، شىنجاڭ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى تەھرىر بۆلۈمىدىن قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى، توققۇزتارا ناھىيە مويۇنگۈزەر مەكتىپىدىن ئابدۇخېلىل مىرخېلىل مۇئەللىم، قورغاس ناھىيەلىك رادىيو، تېلېۋىزىيە، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن كەنجى خۇمار ۋە ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدىن نىجات سوپى قاتارلىق بەش كىشى قورغاس ناھىيە كۈرە بازىرىغا بېرىپ ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسىنىڭ ئورنى، يېڭى كۈرە، كونا كۈرە خارابىسى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ يەردىكى ئابلەت ئاكا، ئابدۇراھمان ئاكا قاتارلىق پېشقەدەملەر بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئابدۇراھمان ئاكىنىڭ ئوغلىنىڭ يول باشلىشى بىلەن نۇزۇكۇم دەپنە قىلىنىش مۈمكىنچىلىكى بولغان جايلارنى تەكشۈردۇق. 95 ياشلىق ئابدۇراھمان بوۋاينىڭ ئېسى جايىدا بولۇپ، ئۆزى بالىلىقىدا پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان، ياشلىقىدا دەسلەپ گومىنداڭغا ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان، كېيىنچە ئۈچ ۋىلايەتكە قېتىلغان، ئازادلىقتىن كېيىن ئۇزۇن يىل ھۆكۈمەت خىزمىتى ئىشلىگەن ئىكەن.

ئۇ 1960-يىلى بىر نەچچە دېھقان بىلەن بىللە كونا كۈرە ئەتراپىدىكى قەبرىستانلىقتىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئېتىزدا تاۋۇزغا چۆنەك چىقىرىۋېتىپ، بىر جەسەتنى بايقىغانلىقى، جەسەتنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ كەتمەنگە ئۇرۇلۇپ چىققانلىقى، جەسەتنىڭ بەدىنىدىكى سۆڭەكلىرىنىڭ ئاجرىماي تۇتاش تۇرغانلىقى، لېكىن ئېغىرلىقى بىر كىلوگىراممۇ كەلمىگۈدەك دەرىجىدە يېنىك ئىكەنلىكى، بۇنىڭ بىر ئايالنىڭ جەسىدى ئىكەنلىكى، ئۇلار بۇ جەسەتنى ئەينى ۋاقىتتا يېقىن ئەتراپتىكى تېخى ئېتىز قىلىنمىغان بىر دۆڭگە ئاپىرىپ قايتا دەپنە قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇلار نۇزۇكۇمنىڭ جەسىدى شۇ بولۇشى مۈمكىن دەپ قارايدىكەن. ئەپسۇسكى، بوۋاي بۇ كۈنلەردە ساقسىز بولۇپ قالغاچقا، ئۇنى نەق مەيدانغا ئېلىپ بېرىپ ئورۇننى دەلىللەش مۈمكىن بولمىدى. بوۋاينىڭ ئوغلى بىزنى كونا كۈرە سېپىلىنىڭ شەرق تەرىپىگە باشلاپ بېرىپ، دادىسىنىڭ ئېيتقان جاينى بىزگە تەخمىنىي ھالدا كۆرسەتتى. ئۇ يەر ھازىر ئورمانلىق قىلىنىپتۇ، تۇڭگانلار ئۇ يەرگە بىر قىىسم لاتىلارنى باغلاپ قويۇپتۇ. تۇڭگانلار يەنە ئۆز نەزىرىدىكى بىر ئايال قەھرىماننى خاتىرىلەش ئۈچۈن ھازىرقى دەريا قىنىغا توغرا كېلىدىغان بىر جايغا بىر كىچىك مۇنار تىكلەپتۇ ھەم ھەر يىلى جاي-جايلاردىن كېلىپ تاۋاب قىلىدىغان بوپتۇ. سېپىلنىڭ غەرب تەرىپىدە يەنە بىر تۇڭگانلارنى ئاساس قىلغان قەبرىستانلىق بار ئىكەندۇق، ئۇ يەر «چوكان مازار»، «نۇ خانىمنىڭ مازىرى» دەپمۇ ئاتىلاتتىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئايال قەھرىمانلارغا باغلىق ئىكەن. بۇ ھەقتە بۇ يەردە بىر قېتىملىق ئارخىلوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇر ئىلمىي تەتقىقات يۈرگۈزۈشكە توغرا كېلىدىكەن.

نۇزۇكۇمنىڭ 1830-يىلى ئەتراپىدا كونا كۈرە غەربىي يامۇل سىرتىدىكى جازا مەيدانىدا كاللىسى چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ بىرەر جايغا يۆتكەلگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق تارىخىي ماتېرىيال يوق. ئۇنداقتا بۇ قەبرە قاچان، نېمە سەۋەبتىن، كىم تەرىپىدىن ئەسلىدىكى ئورنىدىن 100 كىلومېترچە يىراقتىكى غۇلجا ناھىيە ئارائۆستەڭ يېزىسىغا كۆچۈرۈلۈپ قالىدۇ؟ ئەگەر ئارائۆستەڭدىكى بۇ قەبرە نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسى بولمىسا، ئۇنداقتا زادى كىمنىڭ قەبرىسى؟ تور ۋە ئۈندىدارلاردا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىق دەرىجىسى زادى قانچىلىك؟ بىز يەنىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ دەلىلەش ئارقىلىق بۇ ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى ئىككىمىز غۇلجا ناھىيە ئارائۆستەڭ يېزا بۇلاقبېشى مەھەللىسىدىكى «نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسى» دەپ ئاتالغان جايغا چىقىپ زىيارەت قىلدۇق ۋە ئەخمەت پولات ئاكا، رېھىم ئاكا قاتارلىق پېشقەدەملەر بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق.

ئەخمەت پولات ئاكا بۇ يىل 85 ياشقا كىرىپتۇ، رەھبىرىمىز ئابلەت ئابدۇرېشىت ئاكا بىلەن ساۋاقداش ئىكەندۇق، ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى بولغان ئىكەن. ھازىر قۇلىقى سەل ئېغىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئەس-ھوشى، گەپ-سۆزى جايىدا ئىكەن، ئانچە-مۇنچە كىتاب ئوقۇپ تۇرىدىكەن. ئۇ بىزگە بەزى ئەھۋاللارنى ئېيتىپ بەردى. شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت ئىلگىرى ئۇ كىشىنى زىيارەت قىلغان ۋە قەبرىنىڭ ئىگىسىنى شۇ ئاساستا «بېكىتكەن» ئىكەن. ئەخمەت ئاكا شائىر تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ توردىكى ماقالىسىنى ئوقۇپتۇ، ماقالىدا ئۆزى سۆزلەپ بەرگەن ئىككى قەبرىستاننىڭ ئەھۋالىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشتەك بەزى خاتالىقلارغا يول قويۇلغانلىقى، ئۇ بۇ خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن خېلىدىن بېرى شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت بىلەن ئالاقىلىشالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەخمەت پولات ئاكىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ يەردە مەزكۇر قەبرىگە ئائىت بىر قەھرىمان، قاچقۇن قىزنىڭ ھېكايىسى بار ئىكەن. شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت كېلىپ، بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ، بۇ قەبرىنىڭ «نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسى» ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن بۇرۇن بۇ يەردىكى كىشىلەر بۇ قەبرىنىڭ نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىكەندۇق، شۇ ئىشتىن كېيىنلا ئۇلار بۇ قەبرىنىڭ نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلاپتۇ.

ئەخمەت ئاكىنىڭ بۇ يەردىكى قەھرىمان قىز ھەققىدىكى ھېكايىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق:

مانجۇلار جەنۇبتىن ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغانلار قاتارىدا چىرايلىق بىر قىز بار ئىكەن. ئۇ قىز بەك چىرايلىق بولغاچقا، ئېلىپ چىققان ئەمەلدارلاردىن ئىككىسى تالىشىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە بىرى ئۆزىنىڭ ئالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، يەنە بىرىگە چىدىماسلىق بىلەن «ساڭىمۇ يوق، ماڭىمۇ يوق» قىلاي دەپ، دەرۋازىۋەنلەرگە پۇل بېرىپ، توساق تامدىن شورا ئېچىپ، ئۇنى قاچقان كۆرۈنۈش ياساپ، بۇ قىزنى قاچۇرىۋېتىپ: «ئۇدۇل كۈن چىقىشقا ماڭ، كۈن چىقىشقا قاچساڭ ئۇيغۇرلار كۆپ، قۇتۇلۇپ كېتىسەن. قىلبەگە ماڭساڭ تۇتۇلۇپ قالىسەن، سېنى قوغدايدىغان ئادەم يوق» دەپ ئىككى توغاچنى بېرىپ كېچىدە قاچۇرىۋېتىپتۇ. ئۇ قىز ئىككى-ئۈچ كۈن كېچىسى مېڭىپ، كۈندۈزى چۆپلۈككە مۆكۈپ، ھازىرقى غۇلجا ناھىيە خۇدايار يۈزى ھاجى مەھەللىدىكى جىرغىلاڭنىڭ سۈيىنىڭ ئۇ يېقىغا كېلىپ توختاپتۇ. ئۇ يەردىكى خاماندا بىر ئۆي بار ئىكەن، شۇ يەرگە كەپتۇ. قورساق ئاچ، ئۈستى-بېشى پاسكىنا، چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالەتتە ئىكەن. ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قارىسا، بىر جۈپ ياش ئەر-ئايال بالىسىنى ئەركىلىتىپ ئولتۇرۇپتۇ. كېچىدە بۇ ئۆيگە كىرەي دېسە، ئۆيدىكىلەرنى قورقىتىۋېتىشتىن ئەنسىرەپتۇ، كىرمەي دېسە تالادا قالىدۇ. ۋارقىراي دېسە، ئۇلار قورقۇپ ئىشىكنى ئىلىۋېلىپ كىرگۈزمەيدۇ. ئاخىرى «قورقسىمۇ بىردەم قورقار، بىر نەرسە دەپ چۈشەندۈرۈپ قورسۇقۇمنى تويغۇزاي، مۇشۇلارغا يالۋۇرۇپ باقاي» دەپ ئويلاپ، ئىشىكنى ئېچىپ كىرگەندىن كېيىنلا، ئۆيدىكى ئايال سەھپىيە قورقۇپ «ئاپپام» دەپلا ئۆزىنى دۈملا تاشلىۋېتىپتۇ. ئېرى ئەيساجان ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قاپتۇ. ئۇ «قورقماڭلار» دەپ، كەلىمە شاھادەتلەرنى ئېيتىپ: «مەن بىر مۇسۇلمان، بېشىمغا كۈن چۈشۈپ مۇشۇنداق كېلىپ قالدىم، قورقماڭلار مەندىن» دېگەندىن كېيىن، ئەيساجان سەل ئېسىگە كېلىپ: «سىز راست ئادەممۇ؟» دېگۈدەك، «دادىلىرىم ماڭا، مۇشۇ ئەتراپتا ئالۋاستا بار، دىققەت قىلىڭلار دەيتتى، نەق ئالۋاستىغا ئوخشاپ قاپسىز» دەپتۇ. بىر دەمدىن كېيىن ئايالى بېشىنى كۆتىرىپ: «ئادەممىكەن؟» دەپتۇ ۋە ئېسىگە كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر دەم سىر ئېيتىشىپ، بۇ قىزنىڭ باش-كۆزىنى يۇيۇپ، چاي بېرىپ، كونا كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ قويۇپتۇ. ئۇ قىزنى يوشۇرۇپ كۈندۈزى ئۆگزىدە ياتقۇزىدىكەن، كېچىسى ئۆيگە قايتۇرۇپ چۈشۈپ، ئەيساجان ئۆگزىدە ياتىدىكەن. چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەملىرى ئۇنى ئىزدەپ تېپىش ھەققىدە ئېلان چىقىرىپتۇ: «پۇل بېرىمىز، ئات بېرىمىز» دەپ. ئۇنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بۇلارمۇ ئاڭلاپ: «قانداق قىلىمىز، بۇنى باشقا جايغا يۆتكىۋېتەيلى» دەپتۇ، مۇشۇ يەردە (ئارائۆستەڭدە) تۇغقىنى بار ئىكەن. كېچىسى ئۇنى ئەرەنچە ياساپ، ئاتقا مىندۈرۈپ، ئەيساجاننىڭ بىر ئاغىنىسى بىلەن ئۈچى ئۈچ ئاتلىق بولۇپ، سۇدىن ئۆتۈپ، ئارائۆستەڭگە توختى سوپىنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ قويىدىكەن. ئۇلار بىر مەزگىل بېقىپ، بۇ يەردىمۇ سەل تەھدىت بولغاندىن كېيىن، ھازىرقى قازاقىستان تەۋەلىكىدىكى «توقىلىق دېگەن يەرگە يۆتكىۋەتسەك، جاھان تىنجىغاندىن كېيىن شۇ يەر ئارقىلىق قەشقەرگە چۈشۈپ كېتىدىغانغا ياخشى» دەپ ئويلاپتۇ. ئۇلارنىڭ سالى ئاتلىق بىر تۇڭگان قوشنىسى بار ئىكەن، ئۇ ئەسلى سامىيۈزىلىك ئادەم بولۇپ، كېيىن بۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. ئۇنىڭ ئايالى بۇ قىزنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئېرىغا دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سالى ماراپ كۆرۈپ: «ھە راست ئىكەن، بۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟ مەلۇم قىلىش كېرەك، ئەمدى مەن ئات ۋە نۇرغۇن پۇلغا ئىگە بولىدىغان بولدۇم» دەپ ئويلاپ، ئوغرىلىقچە كۈرە شەھىرىگە كىرىپ، بۇنى مەھكىمىگە دەيدىكەن. سالىنىڭ ھەرىكىتىنى بۇلارمۇ سېزىپ قالىدىكەن. مەھكىمىدىن ئادەم چىقىپ سالىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، ئەتراپنى تەكشۈرۈپتۇ. بۇلار «سالى ئۈچ كۈن يوقاپ كېتىۋىدى، مۇشۇ چېقىپتۇ، بۇنى ئوبدان كۆرۈپ قويدۇق، قىزنى بۇ يەردىن يۆتكىۋەتمىسەك بولمايدىكەن» دەپ مۇزاكىرە قىلىپ، بورقومۇشلۇققا يۆتكىمەكچى بوپتۇ: «بۇياقنى ئاختۇرسا، ئۇ ياقتا تۇرۇپ تۇرسۇن، كېيىنچە يىراققا يۆتكىۋېتىمىز» دەپ ئويلاپتۇ. كېچىسى ھارۋا بىلەن چىقىپ، قومۇشلۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە بىر ئورەك كولاپ، ياۋا چوشقىلار ھۇجۇم قىلالمىغۇدەك قىلىپتۇ. كىگىز، جۇۋىلارنى بېرىپتۇ، ئۈستىنى يامغۇر چۈشمىگۈدەك قىپتۇ. بىر پىچاق بېرىپتۇ، ھەمراھ بولىدۇ دەپ، بىر قۇرئان بېرىپتۇ، بېشىڭىزغا قويۇڭ دەپ، بىر كالتەك بېرىپتۇ، چوشقىلار كەلسە ئۇرۇڭ دەپ. ئۇلار بۇ قىزنى قورقۇپ قالمىسۇن دەپ، ئانچە-مۇنچە كېلىپ نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن. بۇ قىز: «مەن قورقمايمەن، بۇنداق دالىدا كۆپ ياتقانمەن» دەپ ئۇلارنى تىنچلاندۇرىدىكەن. بۇ ئەھۋاللارنى سالى يەنە سېزىدىكەن. بېرىپ چىڭ ھۆكۈمىتىگە يەنە دەيدىكەن، ئۇلار يەنە چىقىپ ئايلىنىپ، ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرىدىكەن. ئۇ چاغدا بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە 30 تۈتۈن بار ئىكەن، «قادىر يۈزى» دەپ ئاتىلاتتىكەن. چېرىكلەر ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن سالىنىڭ دېگىنى بويىچە قومۇشلۇققا كەپتۇ. كىرەي دېسە پاتقاق، ياۋا چوشقىلار چېپىپ يۈرگەن، قىزنى تىرىك تۇتىسەن دېگەن بۇيرۇق بار ئىكەندۇق، شۇڭا ئاتاي دېسە ئاتالماي، چېرىكلەر «يوقكەن» دەپ قايتىپ چىقىپتۇ. سالى «بار» دەپ ئۇنىماي تۇرىۋاپتۇ. «ئۇنداق بولسا قانداق تاپىمىز، ئوت قويايلى قومۇشقا» دەپتۇ. كۈز ۋاقتى بولغاچقا قومۇشلار سارغىيىپ كەتكەن ئىكەن. كۈن چىقىش ئابلاش (يەر نامى) تەرەپتىن ئازراق شامال بار ئىكەن. ئەسكەرلەر چۆرىدەپ قورشاپ ئوت قويىدىكەن، قىز ئاخىر بولالماي: «ھامىنى ئۆلىدىكەنمەن، بىرەرىنى ئۆلتۈرۈپ بولسىمۇ ئۆلەي» دەپ، پىچاقنى يەڭ ئىچىگە قولياغلىق بىلەن باغلايدىكەن، بىر پۇتى توكۇر بولغان بولۇپ، كالتەكنى تايىنىپ چىقىدىكەن. چېرىكلەرنىڭ باشلىقى ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ، خاتىرجەم بولۇپ، قىلىچىنى غىلاپقا سېلىپ: «ئۆزى چىقتى مانا، ھەممە چېرىكلەرگە خەۋەر قىلىڭلار، يىغىلسۇن»، دەپ چېرىكىنى يۈگۈرتۈپ كەتكۈزىۋېتىپتۇ. بۇ قومۇش بىرەر يۈز مولۇق چوڭ قومۇشلۇق ئىكەن. قىز چېرىك باشلىقىنىڭ بىخەستەلىكتىن پايدىلىنىپ، كالتەك بىلەن بىر قويغان ئىكەن، بۇرنىنى ماكچايتىپ، سول كۆزىنى قۇيىۋېتىپتۇ. ئۇ «ۋاي» دەپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ، يېنىدىكى چېرىك چىقىشىغا قىز بىقىنىغا پىچاق بىلەن قويغان ئىكەن، ئۇمۇ «ۋاي» دەپ يىقىلىپ، مىلتىقى قولىدىن چۈشۈپ كېتىپتۇ. مىلتىقنى قىز ئېلىۋاپتۇ، ئاتاي دېسە، بەردەڭگە مىلتىق قۇلۇپلاغلىق ئىكەن، ئاتالماپتۇ. چېرىكلەر باشلىقى بۇ قىزنىڭ مىلتىقنى ئېلىۋالغانلىقىنى ئۇقۇپ: «بولدى ئېتىۋېتىڭلار، بولمىسا بىزنى ئېتىۋېتىدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چېرىكلەر مىلتىق بىلەن قىزنى ئېتىۋېتىپتۇ. يىراقتا نۇرغۇن ئەر-ئايال قاراپ تۇرۇپتۇ، ئۇلارنى چېرىكلەر كەلتۈرمەيدىكەن، ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپتۇ. قىز قولىنى شۇنداق بىر كۆتۈرۈپلا ئارقىغا يىقىلىپتۇ. «ئىتلار يەۋەتسۇن بۇنىڭ ئۆلىكىنى، تاشلىۋېتىڭلار بۇنى» دەپتۇ چېرىكلەر باشلىقى. چېرىكلەر قىزنىڭ ئىككى پۇتىنى سۆرەپ ئاپىرىپ پاتقاققا تاشلىۋېتىپتۇ. قىزنى ئېلىپ كېتىشكە ھارۋا ئېلىپ چىققان ئىكەن، يارىدار بولغان ئەمەلدار ۋە چېرىكنى ھارۋىغا سېلىپ، شەھەرگە قايتىپتۇ. ئارا مەھەللىگە بارغاندا پىچاق يېگەن چېرىك ئۆلۈپتۇ. كۈرەگە بارغاندىن كېيىن مانجۇلار ھارۋىنى ھەيدىگەن ھارۋىكەشكىمۇ ھېچنېمە بەرمەي قوغلىۋېتىپتۇ، ئەتىسى ئۇ ھارۋىدىكى قانلارنى يۇيۇپ قايتىپ چىقىپتۇ. قىزنى چاققان سالى شەھەرگە كىرىپ: «ماڭا بېرىدىغان پۇل بىلەن ئات قېنى؟» دەپ تۇرىۋاپتۇ. بىر كۆزى قۇيۇلۇپ كەتكەن ئەمەلدارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ: «سولىۋېتىڭلار بۇنى» دەپ سولىتىۋېتىپتۇ. سالى سولاقتا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋارقىراۋېرىدىكەن: «ئەمەلدارلار ئۇنداق يامان ئىكەن، مۇنداق يامان ئىكەن، مېنى ئالدىدى» دەپ، تۈرمىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشنى ئۇقۇپ كېتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ھېلىقى قارىغۇ ئەمەلدار يەنە بىرسىنى چاقىرىپ، پۇل بېرىپ: «سەن ئىككى ئەسكەر بىلەن بۇنى ئېلىپ چىقىپ، دەرياغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپ، پۇلىنى بۆلۈشىۋېلىڭلار. ئاتماڭلار، ئاتساڭلار ھۆكۈمەت قىلدى دەپ قالىدۇ» دەپتۇ. ئۇلار كىرىپ: «ساڭا ئات بېرىدىغان، پۇل بېرىدىغان بولدۇق» دەپ ئېلىپ چىقىپ، دەريا بويلاپ زايۇمكا دېگەن يەرگە كەلگەندە پۇتىنى باغلاپ، پۇللىرىنى ئېلىۋېلىپ، دەرياغا تاشلىۋېتىپتۇ. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى تاپالماي، ئۆلۈپ قالغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇپتۇ. «چوقۇم مۇشۇ مەھەللىدىكىلەر قىلدى، ئەمدى بىزنىمۇ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ» دەپ ئويلاپ، قورقۇپ بىر كېچىدىلا سامىيۈزىگە كۆچۈپ كېتىپتۇ. تۇردى سوپىلار: «بۇنى بەلكىم قاراقچىلار بۇلاپ ئۆلتۈرىۋەتكەن بولسا كېرەك» دەپ ئويلايدىكەن. ئۇنى ئۆلتۈرگەن چېرىكلەر مەيخانىدا ھاراق ئىچىپ، مەست بولۇپ يۈرۈپ، بۇ گەپنى بىرسىگە دەپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گەپ تارقىلىپ بۇ يەرگىمۇ چىقىپتۇ. كىشىلەر ئۇ قىزنى ھازىرقى كۆلنىڭ ئەتراپىغا قەبرىستانلىققا كۆمۈپ قويۇپتۇ. كېيىنچە قەشقەر بۇلاقبېشىدىكى تۇغقانلىرى چىقىپ قىزنى سۈرۈشتۈرۈپ كېلىپ، كۆمۈلگەن ئورنىنى تېپىپ، مازار ياسايدىكەن. بۇنداق ھەشەمەتلىك مازار ياسىىغانلىقىنى ئاڭلاپ تەرەپ-تەرەپتىن كىشىلەر كېلىپ كۆرىدىكەن. «كىم ياساپتۇ؟ قەشقەر بۇلاقبېشىلىقلار ياساپتۇ» دېيىشىپ، كېيىنچە بۇ يەر «بۇلاقبېشى» مەھەللىسى دەپ ئاتىلىپ قاپتۇ. (ئەمەلىيەتتە، بۇ جايدا بۇلاق ۋە بۇلاق سۈيىدىن ھاسىل بولغان كۆل بار ئىكەن.)

بۇ ھېكاينىڭ يەنە «سۈرگۈن قىلىنغان بىر ئۇيغۇر قىزى بىر قالماقنىڭ ئۆيىگە خىزمەتچى بولۇپ كەلتۈرۈلۈپتىكەن، كېيىنچە قالماقنىڭ ئوغلىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ تويىنى قىپتۇ، توي كېچىسى قىز قالماقنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كېتىپتىكەن» دەپ باشلىنىدىغان ۋارىيانتىمۇ بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئارائۆستەڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۆي تاملىرىغا رەسىملىك، خەتلىك يازغان بىر ھېكايىدە قالماققا خوتۇن بولۇشقا ئۇنىماي، ئۆز سۆيگىنى بارات بىلەن توي قىلغان، زالىملارنىڭ قوغلاپ تۇتۇشى جەريانىدا، ئېرى بىلەن بىللە دەرياغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالغان ئىسيانكار ئايال رابىيەنىڭ ئوبرازى بار ئىكەن. بۇ يېزىدىكى قەھرىمان ئايالغا ئائىت بەزى ھېكايىلەر گۈلەمخانغىمۇ تۇتىشىپ كېتىدىكەن. (بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تارىختىكى ھەقىقىي گۈلەمخان دەرياغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالغان بولماستىن، بەلكى ياشاپ قالغان، كېيىنچە قازاقىستانغا كۆچۈپ كېتىپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ، ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن.)

قىسقىسى، نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسىنىڭ قايسى جايدا ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاندىن ئىلمىي يوسۇندا ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك. ھېسسىياتقا تايىنىپ، ئالدىراپ خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ سېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ئەينى زاماندا نۇزۇكۇمغا ئوخشاش قەھرىمان ئاياللار شۇ بىرلا بولمىغان، ئۇنىڭغا ئوخشاش قانچىلىغان ئاياللار زالىملارغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، قانچىلىغان قەھرىمانلىق ھېكايىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى ئېنىق. ئۇلارنىڭ بىرەرسىنىڭ ھېكايىسى نۇزۇكۇمنىڭ ھېكايىسىگە ئوخشىسىلا نۇزۇكۇم شۇ دەپ تۇرىۋالساق بولمايدۇ. ئەگەر نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسىنى تېپىش، قەبرە تېشى تىكلەش توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن باشقا جايدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن جاي- ھازىرقى قورغاس ناھىيە كۈرە بازىرى كونا كۈرە كەنتىدىن ئىزدەپ تېپىش، قەبرە تېشىنى شۇ جايغا تىكلەش كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭ قەبرىسىنى باشقا جايدا دېمەكچى بولساق، ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ كۈرەدىن قاچان، كىملەر تەرىپىدىن، نېمە سەۋەبتىن يۆتكەلگەنلىكىگە ئائىت تارىخىي پاكىتلارنى تېپىپ كۆپچىلىككە كۆرسىتىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا تارىخقا، پاكىتقا ئۇيغۇن ئىش قىلغان بولىمىز؛ تارىخ ئالدىدىمۇ، كېيىنكىلەر ئالدىدىمۇ جاۋاب بېرەلىگۈدەك توغرا نەتىجىگە ئېرىشىمىز، يۈزىمىز مەڭگۈ يورۇق بولىدۇ.

ماقالىغا ئالاقىدار سىن كۆرۈنۈشلەرنىڭ توردىكى ئۇلىنىش ئادرېسلىرى:

1.        阿尔吾斯塘艾合买提大爷的叙说

http://v.qq.com/boke/page/y/2/6/y0183eau126.html

2.        老惠远阿不都热合曼大爷的叙说

http://v.qq.com/page/l/3/h/l0183s0pm3h.html

3.        老惠远伊犁河边

http://v.qq.com/boke/page/k/4/5/k0183tdcr45.html

(ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئادىمىيەت شۆبە ئىنىستىتۇتىدىن دوتسېنت، دوكتور: نىجات سوپى)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى